大数跨境

كومپيۇتېردا ئېلاندىن بەك بىزار بولدىڭىزمۇ؟

كومپيۇتېردا ئېلاندىن بەك بىزار بولدىڭىزمۇ؟ Nepkar
2021-09-28
1
导读:مەزكۇر يازمىدىن نەپ ئالغان بولسىڭىز، بۇ يازمىنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ....
تۆۋەندىكىدەك تەڭشىگەندىن كېيىن، سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا ئېلان قايتا چىقمايدۇ.
بىرىنچى خىل ئۇسۇل: كۆزنەكتىن ئېتىلىپ چىقىپ پروگرامما تەڭشەشنى توسۇش  
بىز ئاۋۋال «Internet تاللاش تۈرى (Internet选项)»نى تەڭشەيمىز، مەشغۇلات ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي: 

1. كومپيۇتېرنىڭ «كونترول تاختىسى (控制面板)»نى ئېچىپ «تور ۋە Internet (网络和Internet)» نى چېكىڭ؛ 


2. «Internet تاللاش تۈرى (Internet选项)»نى چېكىڭ-«شەخسىيەت (隐私)»نى چېكىڭ، ئاندىن « چەكرىمە كۆزنەكنى چېكىپ پىروگراممىنى توسۇش (启用弹出窗口阻止程序)»نى تاللاڭ؛ 


3. ئوڭ تەرەپتىكى «تەڭشەك (设置)»نى چېكىپ، «ئۇقتۇرۇش ۋە توسۇش دەرىجىسى (通知和阻止级别)»نى «ئوتتۇرا ھال: مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاپتوماتىك چىقىپ كېتىش كۆزنىكى (中:阻止绝大多数自动弹出窗口)»نى تەڭشەڭ؛ لازىم بولغان تور بەت سەكرىمە ئۇچۇرلىرىنىڭ خاتا ھالدا توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىك قىلىپ تەڭشەش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.



ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: ۋەزىپە باشقۇرغۇچتىن چەكلەش تەڭشىكى مەشغۇلاتى قىلىش
ئالدى بىلەن ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى ئېچىڭ، ئالدى بىلەن تېز كۇنۇپكا «Windows كۇنۇپكىسى + R كۇنۇپكىسى (Windows键+R键)»نى بېسىپ، ئاندىن كىرگۈزۈش رامكىسىغا «msconfigg»نى كىرگۈزۈپ، كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن «جەزملەشتۈرۈش» نى چېكىڭ. 


ئاندىن «سىستېما سەپلەش (系统配置)» كۆرۈنمە يۈزىگە كىرىپ، «قوزغىتىش (启动)» پروگراممىسىنى تاللاپ، ئاندىن «ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى ئېچىش (打开任务管理器)»نى چېكىڭ. 


ۋەزىپە باشقۇرغۇچنىڭ ئىچىدە، «قوزغىتىش (启动)» تۈرىنى چېكىپ، دائىم ئېلان پەيدا بولىدىغان ئەپلەرنى تاللاپ، دائىم كۆزنەك ئېلانى بېرىدىغان يۇمشاق دېتالنى «چەكلەش (禁用)» قىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.



ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل: ئېلان ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى 
ئالدىنقى ئىككى باسقۇچلۇق مەشغۇلات ئارقىلىق، كۆپ قىسىم كۆزنەك ئېلانلىرىنى ئاساسەن توسىغىلى بولىدۇ، لېكىن يەنىلا ئاز بىر قىسىم ئىنتايىن جاھىل بولغان كۆزنەك ئېلانلىرى بار بولۇپ، يەنىلا چىقىۋالىدۇ، شۇ خىل جاھىل ئېلانلار قايتا سەكرەپ چىققاندا، ئالدىراپ ئېتىۋەتمەيلى، بىز ئالدى بىلەن تېز كۇنۇپكا «Ctrl + Shift + Esc»نى ئىشلىتىپ، ئالدى بىلەن «ۋەزىپە باشقۇرغۇچ (任务管理器)» نى قوزغىتىمىز. 


ئاندىن ئېلاننىڭ قوللىنىشچان پروگراممىسىنى تاللاپ، مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىدا «ھۆججەت تۇرۇشلۇق ئورۇن (打开文件所在的位置)»نى ئېچىپ، ئاندىن ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى «ئۆچۈرۈش (删除)» قىلساقلا بولىدۇ. ئەگەر خاتا ئۆچۈرۈپ قويۇشتىن قورقسىڭىز، ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى «bak.» دەپ ئۆزگەرتىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، كېيىن بۇ ھۆججەتتىن قايتا ئېلان چىقمايدۇ.


قانداق مەشغۇلاتنى توغرا قىلالىدىڭىزمۇ؟ مەزكۇر يازمىدىن نەپ ئالغان بولسىڭىز، بۇ يازمىنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ، بەلكىم ئۇلار سىزنىڭ مۇشۇ ئىشىڭىزدىن سىزدىن ئالەمچە سۆيۈنۈپ كېتىشى مۇمكىن.


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىت»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئۆلمەس كىتاب «باي دادام، نامرات دادام (قايتا تەرجىمىسى)» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسىمى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 


ئەگەر يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۈندىدار 345760552 نى قوشۇپ ئېرىشىڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0