大数跨境

سىز كىم بولسىڭىز، شۇنىڭغا يولۇقىسىز

سىز كىم بولسىڭىز، شۇنىڭغا يولۇقىسىز Nepkar
2020-09-27
0
导读:كىشىلىك ھايات قىممەتلىك، چوقۇم ئۆزىنى مۇنەۋۋەر قىلىش ھەمدە مۇنەۋۋەر كىشىلەر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش كېر


سىز كىم بولسىڭىز، شۇنىڭغا يولۇقىسىز 

1
تۇرمۇشتا شۇنى بايقاش تەس ئەمەسكى، قىزىقىشى ئوخشاش، مىجەزى ئوخشاش كىشىلەر كۆپ ھاللاردا بىر-بىرىنى تېخىمۇ ئاسان جەلپ قىلىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئىش قىلغاندا ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدىمۇ ئوخشاش پەزىلەتلىك بولىدۇ.
خۇددى مۇنۇ جۈملىدە ئېيتىلغاندەك: «ئادەمدە ئوخشاش بولمىغان سالاپەت بولىدۇ، سىز قانداق سالاپەتتە بولسىڭىز، شۇنداق ئادەمنى جەلپ قىلىسىز».
مەن مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان:
بىر ياش قاچا سېتىۋالغىلى بېرىپ، دۇكاندىكى بىر قاچىنى قولىغا ئېلىپ تەرتىپ بويىچە باشقا قاچىلار بىلەن يېنىك سوقۇشتۇرۇپ كۆرگەندە، چىقارغان ئاۋاز تولىمۇ بۇرۇقتۇرمىلىق، يېقىمسىز ئاڭلىنىپتۇ. بۇ ياش توختىماي سىناپتۇ. دۇكاندىكى قاچىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك سىناپ بولۇپتۇ، لېكىن كۆڭۈلدىكىدەك بىرسىمۇ چىقماپتۇ.
خوجايىن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىككى قاچىنى سوقۇشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەپتۇ، ئۇ خوجايىنغا جاراڭلىق، يېقىملىق ئاۋاز چىقىرالايدىغىنى چوقۇم ياخشى قاچا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. خوجايىن بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر قاچىنى سۇنۇپ، كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ قاچىنى ئېلىپ سىناپ بېقىڭ، كۆڭلىڭىزدىكىدەك قاچىنى تاللىيالىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىمەن.» دەپتۇ!
ياش يىگىت خوجايىننىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرۈپتۇ، نەتىجىدە ھەر بىر قاچىدىن زىل ئاۋاز چىقىپتۇ، ئۇ گۇمان بىلەن خوجايىنغا قاراپتۇ.
خوجايىن كۈلۈپ تۇرۇپ: «دەسلەپتە سىز سىناپ باقماقچى بولغان قاچىنىڭ ئۆزى بىر سۈپەتسىز مەھسۇلات، ئۇنىڭ بىلەن سىناپ باقسىڭىز، پەقەت يېقىمسىز ئاۋاز چىقىدۇ، سىز ياخشى قاچىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئاۋۋال قولىڭىزدىكى قاچىنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىلشىڭىز كېرەك.
ئادەم بىلەن ئادەممۇ شۇنداق. سىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىز، قانداق ئادەمگە يولۇقىدىغانلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

2
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم قانچىلىك يىراققا بارالايدۇ، ئۇنىڭ كىم بىلەن بىللە ماڭغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش ۋە كۆزگە سىڭىپ قېلىش كۈچىنى ھەرگىز سەل چاغلىماڭ، ئادەم دەل مۇشۇنداق كۈچ ئىچىدە ئاستا-ئاستا بارلىققا كېلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ياخشى ئادەم بولغۇڭىز بولسا، ياخشى ئادەملەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇڭ؛ مۇنەۋۋەر بولۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر كىشىلەرگە يېقىنلىشىش كېرەك».
بىر ئادەم تاماكا تاشلىماقچى بولدى، لېكىن تاشلىيالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورىدى. دوختۇر ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ھېچنېمە دېمەي، ئۇدۇللا بىر رېتسىپ يېزىپ ئۇنىڭغا سۇندى. رېتسىپتا: «تاماكا تاشلىغان بىر دوستىڭىزنى يوقلاپ بېرىڭ، ئەتىگەن، چۈش، كەچتە بىر قېتىمدىن.» دەپ يېزىلغان ئىدى.
بۇ ئادەم بۇنىڭ قانداق داۋالاش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىگە ھەيران قالدى. دوختۇر ئۇنىڭ گۇمانىنى كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈپ: «تاماكا تاشلىماقچى بولسىڭىز، ھېچقانداق دورىنىڭ بىر دوستىڭىزنىڭ ياخشى تەسىرىدىنمۇ بەكرەك داۋالاش ئۈنۈمى بولمايدۇ.» دېدى.
بۇ ئادەم بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي قايتىپ كەتتى. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، دەرۋەقە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماكىنى تاشلىدى.
يامانغا يولۇقساڭ يارىسى يۇقار، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى. ئادەم بىلەن ئادەم بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قانچە ئۇزۇن ۋاقىت بىللە ئۆتسە، بىر ئادەمگە بولغان تەسىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، كىم بىلەن بىللە بولۇشىڭىز، راستتىنلا بەك مۇھىم.

3
مەن مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى كۆرگەن: «بىر ئاتنى قوغلىماڭ، ئات قوغلىغان ۋاقىتتا ئوت-چۆپ تېرىڭ، باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، بىر تۈركۈم تۇلپارلارنى خالىغانچە تاللاڭ.» بىر ئادەمگە مەجبۇرەن خۇشامەت قىلماڭ، ۋاقتىنچە دوستىڭىز يوق ۋاقىتتا ئەخلاق-پەزىلىتىڭىزنى ياخشىلاڭ، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە، نۇرغۇن دوستلىرىڭىز سىز بىلەن بىللە بولىدۇ .
ئادەمگەرچىلىك بىلەن تۇتۇلغان دوست ۋاقىتلىق بولىدۇ، ئەخلاق بىلەن جەلپ قىلىنغان دوست ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. ئۆزىنى بېيىتىش، باشقىلارنى خۇشال قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۆزى چىنار بولسا، سۇمرۇغ ئاندىن كېلىپ ماكانلىشىدۇ؛ ئۆزى دېڭىز بولسا، ھەممە دەريالار ئاندىن يىغىلىدۇ. مۇنەۋۋەر ئادەمگە ئۇچراشنى ئويلىسىڭىز، سىزمۇ چوقۇم ئۆزىڭىزنى مۇنەۋۋەر قىلىشىڭىز كېرەك.
يېقىندا بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بەھرىمەن بولغان. ئالىي مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودىغا قىزىقىپ، پائالىيەتكە قاتناشقاندا بىر نەچچە داڭلىق شەخس بىلەن تونۇشقان. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا، ئۇ ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قانچە داڭلىق شەخس بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ پەقەت ئۆزى ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئاخىرى بىر نەتىجە ياراتقاندا بولسا، ئۇنى ئىزدەپ سۆھبەتلىشىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەينى يىللاردىكى داڭلىق شەخسلەرمۇ بار ئىدى.
مۇنەۋۋەر كىشىلەر تېخىمۇ مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى ئۇچرىتىدۇ؛ ئەڭ ياخشى ئۆزى بولغاندىلا، ئاندىن ئەڭ ياخشى باشقىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. سىزنىڭ ھاياتىڭىز قانداق بولىدۇ، يېنىڭىزدىكى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۈمىداۋار ئادەملەر بىلەن بىرگە بولغاندا، كۆڭلى تۇتۇق بولمايدۇ؛ ئالغا ئىنتىلىدىغان ئادەم بىلەن بىللە بولغاندا، ھەرىكەتتە ئارقىدا قالمايدۇ؛ مەردانە كىشىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا، ئىش قىلغاندا پىخسىقلىق قىلمايدۇ؛ دانا كىشىلەر بىلەن بىللە بولغاندا، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا گاڭگىراپ قالمايدۇ.
سىز كىم بولسىڭىز، شۇنىڭغا ئۇچرايسىز. كىشىلىك ھايات قىممەتلىك، چوقۇم ئۆزىنى مۇنەۋۋەر قىلىش ھەمدە مۇنەۋۋەر كىشىلەر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش كېرەك.

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408