大数跨境

بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن قامالنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز؟

بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن قامالنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز؟ Nepkar
2021-09-29
2
导读:كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ كونا ۋەزىيەتنى چۆرىدىگەن ھالدا غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى بارلىق

ئىلاۋە:

ئىككى كۈندى بىرى مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسى ناھايىتى چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، مەيلى دۆلىتىمىز بولسۇن ياكى خەلقئارادا بولسۇن، بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرى، دۆلىتىمىزگە بولغان ئاكتىپ رولى جەھەتلەردە بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ قارىماققا شەخس بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك كۆرۈنگەن ۋەقە ئەمەلىيەتتە بولسا دۆلىتىمىز ۋە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ كۈچ سىنىشىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ ھەقتە سالونىمىز ناھايىتى ئەتراپلىق يازمىلارنى تەييارلىدى، مەزكۇر ۋەقەنى تولۇق چۈشۈنۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى يازمىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرسىڭىز، ئاندىن پۈتۈن ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ماھىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە نىسبەتەن ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز. 

1. مېڭ ۋەنجۇنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدى كەينىدە (بۇ يەرنى بېسىڭ)

2. مېڭ ۋەنجۇنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئوبزور (بۇ يەرنى بېسىڭ)

3. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى (بۇ يەرنى چېكىڭ)

4. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟ (بۇ يەرنى چېكىڭ)
5. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟ (بۇ يەرنى بېسىڭ)

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ يازمىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئېرىشىڭ!


------------------------------------

بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن، ئاندىن قامالنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز؟ 

بۇ دۇنيادا جۇڭگونى قامال قىلىشقا جۈرئەت قىلغۇچىلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت ئامېرىكىلا بار. 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئالماشتى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي لىنىيەسى بارغانسېرى روشەنلەشتى: ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى چەكلەش بىلەن ئىتتىرىش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى قامال قىلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۇقىرى بېسىم، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئىدېئولوگىيەنى ئاغدۇرۇشنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇكى، جۇڭگو بىلەن تاللاش ئاساسىدا ئالاقىنى ئۈزۈشتىن ئىبارەت.

 

يۇقىرىدىكى سۆزلەر يېتەرلىك ئىخچام بوپتۇ، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، ھەتتا خەلقئارا مۇناسىۋەت دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىدۇق، قايتا-قايتا سۆزلەشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. 

بۇ يەردە بىزنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنىمىز يۇقىرى پەن-تېخنىكىنى چۆرىدەپ قامال قىلىش ۋە قامال قىلىشقا قارشى تۇرۇش، بۇمۇ جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيىتىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ ئاساس. 


يۇقۇم كۆرۈلگەندىن بۇيان، جۇڭگو 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەت، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت، ھەتتا ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە جەھەتتە جۇڭگو تېخىمۇ زور ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى. 


يۇقۇم ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يېقىنلاشتى (يەنى كۈچ پەرقى كىچىكلىدى)، بۇ خىل يېقىنلىشىش قىسقا ۋاقىتلىق تېشىش (爆发) ياكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىكى يېقىنلىشىش ھەتتا ھالقىش بولۇپ، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا يۇقىرى پەن-تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتۇر. 

بۇمۇ مەركەزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى. بۇ ساھەدە سۆزلىگۈدەك نۇرغۇن گەپ بار، بۈگۈن (2021-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى) ۋېن شياۋجۈننىڭ تاشقى پوزىتسىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزەكتىكى بۆسۈش ئۈستىدە توختىلىمىز. 


ئالدىنقى كۈنى (2021-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى)، جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋېن شياۋجۈن ئاشكارا ھالدا مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: «دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 28 نانومېتىرلىق ئۆزەك، 14 نانومېتىرلىق ئۆزەك ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ يىل ۋە كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.» 

بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەر، گەرچە ھازىر خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە 7 نانومېتىر ياكى 5 نانومېتىر ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي قوللىنىش داۋامىدا 14 نانومېتىر يېتەرلىكتۇر، قۇۋۋەت سەرپىياتىغا بولغان تەلىپى ئەڭ يۇقىرى يانفونغىمۇ ئەمەلىيەتتە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى. 


لېكىن كەمىنە ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ ئۆزەك مەسىلىسىنى يەنىلا ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. 


ئۆزەك ساھەسىدە، مەھسۇلات مىقدارى ئۆلچىمى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئادەتتە كرىستال دۈگىلەك (晶圆) زاۋۇتى 500pcs كە يەتسە، مەھسۇلاتنى مىقدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ دېيىلىدۇ، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر ھەر ھالدا بۇنىڭغا يەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا ياخشى مەھسۇلات نىسبىتى، ئامېرىكىسىزلاشتۇرۇش دەرىجىسى، زاۋۇت قۇرۇش، ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەشنى تاماملاش، بۇ ئارقىلىق سىجىل، مۇقىم مال بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. 

لېكىن بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، جۇڭگونىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە پارلاق. بۇنىڭ ئارقىسىدا، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى بار. 

ئۆزەك ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىن نۇقتا ياساش بولۇپ، ياساش جەھەتتە جۇڭگو بىر توسالغۇ--تەيجىدىيەن (台积电)گە دۇچ كەلدى. 


تەيجىدىيەن دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزەككە قارىغاندا ئۇزاق مۇددەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 2-3 ئەۋلاد ئالدىدا تۇرىدۇ، بۇ ئەۋلاد پەرقى بولسا، تەيجىدىيەن ئاساسىي ئېقىم ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۇپراش، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ خام ماتېرىيال باھاسىغا چەكسىز يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، جۇڭگو ئەمدى مىقدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 

جاڭ جۇڭمو تەيجىدىيەن ۋە نىڭبو تەۋەلىكىدىن بولغان قۇرغۇچىسى (1931-يىلى تۇغۇلغان) 


جۇڭگو ئۆزىكىنىڭ رىقابەت كۈچى كەمچىل، يەر شارىلاشقان دەۋردە سېتىپ چىقارغىلى بولمايدۇ، مۇكەممەل يېپىق ھالقا ھاسىل قىلالمىغاچقا، داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا كىرىشكىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشىمۇ ناھايىتى تەس. گەرچە بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۆزەك چوڭ فوندىغا ھەر يىلى 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. 


لېكىن ئامېرىكىنىڭ قامال قىلىشى تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەتنى ياراتتى. نۇرغۇن چەتئەل كارخانىلىرى ئامېرىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىش ياكى جۇڭگو بازىرىدىن ۋاز كېچىش قارارىنى چىقىرىشقا دۇچ كەلدى. 

ئامېرىكىنىڭ نەرسىلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ سودىسىنى قىلغىلى بولمىغاندا قانداق تاللايمىز؟ سودا قىلمامدۇق ياكى ئامېرىكىنىڭ مېلىنى ئالماشتۇرامدۇق؟ 

ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە شۇكى، ئامېرىكىنىڭ قامال قىلىشى نۇرغۇن غەيرىي ئامېرىكا كەسىپ زەنجىرى كارخانىلىرىنى ئامېرىكا مېلىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى، ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا شارائىت يارىتىپ بەردى؛ تېخىمۇ كۆپ ئۆزەك كەسىپ زەنجىرى چەتئەل كارخانىسىدىكى جۇڭگولۇق ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلىتىمىزدە قوزغىتىلغان غايەت زور كىشىلىك ھاياتلىق پۇرسىتىنى كۆرۈپ، بەس-بەستە ۋەتەنگە قايتىپ بايلىق ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى.


بۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن، جۇڭگونىڭ ئۆزەك ياسىشى ھالقىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشتى. قانداقلا بولمىسۇن يەر شارى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى بازىرىنىڭ %40 ى جۇڭگودا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى ئاران %15، يەنە %85 ھەتتا تېخىمۇ كۆپ تولدۇرۇشقا بولىدىغان بوشلۇق بار، بۇنداق ئەھۋالدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۆزەكنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقىمۇ ناھايىتى تەس. 

ئامېرىكىلىقلار ئۆزىچە ناھايىتى گۈزەل ئويلاپتۇ، ئۇلار «قامال قىلىپ، يۇقىرى ئېقىننى تاقىساق، كەسىپ زەنجىرى ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىدۇ.» دەپ ئويلاپتۇ. لېكىن رېئال ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، كەسىپ زەنجىرى جۇڭگودىن ئايرىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە يۇقىرى ئېقىندىكى تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى ئېقىننى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. 

جۇڭگو ئۆزىكىنىڭ ھالقىش شەكلىدىكى تەرەققىياتى مەركەز رەھبەرلىرىنى ھەيران قالدۇردى. 

ئامېرىكا ئەمدىلا پەن-تېخنىكىنى قامال قىلىش كالتىكىنى پۇلاڭلىتىشقا باشلىغاندا، بىر دۆلەت رەھبىرى ئالاقىدار زاتلاردىن: «جۇڭگو ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان 14 نانومېتىر ئۆزەكنى قانچىلىك ۋاقىتتا ياساپ چىققىلى بولىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، شۇ چاغدىكى جاۋاب: «10 يىل.» دەپ بېرىلگەن ئىدى. 

بۇ جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەركەز بوشىشىپ كەتمىدى، بەلكى تەننەرخ بىلەن ھېسابلاشماي، تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى. 2020-يىلغا بارغاندىلا، يېڭى باھالاش نەتىجىسىدە يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ جاۋابى ئىككى يىلغا ئۆزگەردى.  

يات ئادەملەرگە تايانغاندا مەڭگۈ ئورنىدىن تۇرغىلى بولمايدۇ، تەيجىدىيەنگە تايىنىشقىمۇ بولمايدۇ. 

ئەسلىدە نەنجىڭ ھۆكۈمىتى يادرولۇق كەسىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن، تەيجىدىيەنگە 7 نانومېتىرلىق ئىلغار ئۆزەك ياساش كەسپىنى كىرگۈزۈشنى دېيىشىپ قويغان، شۇڭا تەيجىدىيەنگە 1000 مودىن ئارتۇق يەر ۋە بىر قاتار ھەقسىز ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئالاھىدە تەستىقلاپ بەرگەن. 


نەتىجىدە ئامېرىكىلىقلار بېسىم ئىشلىتىپ، تەيۋەن دائىرىلىرى چوڭ قۇرۇقلۇققا تەمىنلىنىدىغان ئىلغار ھۈنەر-سەنئىتىنى 1-2 ئەۋلاد تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە بېكىتىلگەن 7 نانومېتىر مەجبۇرىي ھالدا 28 نانومېتىرغا ئۆزگىرىپ قالدى، ھەتتا 28 نانومېتىرمۇ ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچرىدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئۆزەك ياپراقچىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ھالقىلىق پەيتتە يەرلىكتە ياساش ھالقىسىدىكى تەرەققىيات رىتىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. 

لېكىن ھېلىمۇ ياخشى، بىزدە ھەقىقەتەن دۆلەت ھەرىكىتى بار. 

جۇڭگونىڭ ئۆزەك ساھەسىدە 28 نانومېتىرلىق لىنىيە كېڭەيتىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش، پات ئارىدا كەڭ كۆلەمدە مال سېتىشقا باشلىغاندا، ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر قىسىم ئىلغار كارخانىلار 28 نانومېتىرلىق قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋەتتى، بۇ دەل كونا ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش، يېڭىدىن تەسىس قىلىشتىكى ھالقىلىق مەزگىل ئىدى. 

بىر مەيدان يۇقۇم سەۋەبىدىن جۇڭگودىن باشقا ئۆزەك ياساش كەسپىنىڭ دەرىجىسى ئېغىر دەرىجىدە ئاستىلاپ، توختاپ قالغان 28 نانومېتىرلىق ئۆزەكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مۇمكىن بولماي قالدى، يەر شارىدا ئۆزەك كەمچىل. 

ئىككى، ئۈچ يىللىق يۇقۇم ئەھۋالى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، جۇڭگودا 28 نانومېتىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، قىسمەن 14 نانومېتىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىش باشلاندى، كورېيە، تەيۋەندىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت (رايون)نىڭ ئىشى ئاقمىدى. 

تېخىمۇ توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، جۇڭگو زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان فوتوۋولت ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، شۇنداقلا باشقا ئالاقىدار رەقەملەشكەن كەسىپلەر ئېھتىياجلىق بولغان ئۆزەك دەل پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان 28 نانومېتىرلىق ئۆزەككە توغرا كېلىدۇ. 

ئېھتىمال «تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش» دەپ سۈپەتلەشكە بولماسلىقى مۇمكىن، بارلىق تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولسا تەرتىپلىك ۋە سىستېمىلىق بولغان مۇقەررەرلىكتۇر. 

قانداقلا بولمىسۇن 1989-يىلىلا بىر مويسىپىت ئېنىق قىلىپ: «بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يادرولۇق تېخنىكىنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، چوقۇم ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك. پەقەت ئەۋلادمۇئەۋلاد يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كىرگۈزۈش دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يېتىشەلمەيدۇ. بىز تەتقىقاتچىلار شەرەپ قۇچۇشىمىز كېرەك، بولمىسا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر يادرولۇق تېخنىكا جەھەتتە ھەمىشە بىزنىڭ كېكىرتىكىمىزنى قىسىۋالىدۇ.» دېگەن ئىدى. 

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە «2020-يىلىغا بارغاندا، خەلقئارادىكى مىكرو ئېلېكتىرون تېخنىكا سەۋىيەسىنى 14 نانومېتىر (0.014 مىكرومېتىر)غا يەتكۈزۈش»نى توغرا مۆلچەرلىگەن. 

بۇ ئۇنىڭ 16 يىل بۇرۇن يازغان مەزمۇنى 


شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا، 531 قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو كەينى-كەينىدىن 908 قۇرۇلۇشى، 909 قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، مەركەز مالىيەسى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا يەنىلا شاڭخەي خۇاخۇڭنى ساقلاپ قالدى، شۇ چاغدىكى زۇڭلى جۇ رۇڭجى خۇاخۇڭنى قۇرۇشقا مەسئۇل خۇ چىلىغا: «بۇ گوۋۇيۈەن مالىيەسىدىكى قىزىل رەقەمنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ سىزگە كارخانا قۇرۇپ بەرگىنى، ماڭا قايتۇرۇپ بېرىشىڭىز كېرەك!» دېگەن ئىدى. 

21-ئەسىرگە كەلگەندە، گەرچە ئىزچىل تۈردە سان توشقۇزۇش دېگەندەك ھەر خىل شاۋقۇن بولسىمۇ، لېكىن بىز ئىزچىل جۇڭگو ئۆزىكىنى ئېچىشنى قەتئىي قوللىدۇق، تاكى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگىچە، تېخىمۇ مۇھىمى 2018-يىلىدىن كېيىن جۇڭگو ئۆزەك كەسپىنى يۆلەش سالمىقىنى مىسلىسىز كۈچەيتتۇق. 

1977-يىلىدىن ھازىرغىچە توپتوغرا 44 يىل بولدى، ئۆزەكنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىپ، چەتئەلنىڭ تەھدىتىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پەقەت مالىيە سېلىنمىسىلا نەچچە تىرىليون يۈەنگە يەتتى، تارتقان زىيانلار، ماڭغان ئەگرى -توقاي يوللار بىر كۇتۇپخانىغا پاتمىغۇدەك ھالەت شەكىللەندى.

لېكىن بارلىق ئىشلار ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ. 14 نانومېتىرلىق ئۆزەكنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىپ، ئامېرىكا ئۆزىكىنى قامال قىلىدىغان كۈننى ئۈزۈل كېسىل بۇزۇپ تاشلاش كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىمۇ ئەمەس، 2025-يىلى بولسىمۇ كېچىكمەيدۇ، ئۇ چاغدا ھەممە نەرسە ئوخشاش بولمايدۇ. 

كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ كونا ۋەزىيەتنى چۆرىدىگەن ھالدا غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى بارلىققا كېلىدۇ. 

دۆلەت بىلەن تەقدىرداش بولۇشتىنمۇ ئارتۇق ئىش بولمايدۇ.

مەنبە: داشۇشياڭجاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

ئەجىركار: نەپكار 

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0