大数跨境

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 2-بۆلەك

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 2-بۆلەك Nepkar
2020-09-28
2
导读:داۋامى:ئۆزىڭىزنى تونۇڭساۋاقداشلار بەلكىم مېنى «ئۆزىگە
داۋامى:

ئۆزىڭىزنى تونۇڭ
ساۋاقداشلار بەلكىم مېنى «ئۆزىگە بەك ئىشىنىدىكەن.» دەپ قارىشىڭلار مۇمكىن، مەن كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچى، مېنىڭ بىلىم ئېلىۋاتقان چاغدىكى ئۆزۈمنى كەمسىتىشىم ھازىر يوق، پەقەت ئاندا-ساندا ئەنسىرەش (insecurity) تۇيغۇسى بار. لېكىن مەن بىلىم ئېلىش جەريانىدا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكىچە، ئالىي مەكتەپتىن دوكتورلۇققىچە بولغان جەرياندا، ئىزچىل ئۆزۈمنى كەمسىتىدىغان ئادەم ئىدىم.
بەلكىم كۆپچىلىك تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن. مىسال ئالساق، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا خىمىيە ئوقۇتقۇچۇم «لې چاتېلىېر قائىدىسى (Le Chatelier's principle)»نى چۈشەندۈرىۋاتاتتى، مەن ئۇ چاغدا دىققەت قىلمىغانلىقتىن، چۈشىنەلمىگەن ئىدىم. كېيىن كىتاب كۆرۈپمۇ چۈشىنەلمەي، تۈگىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. مەن ھەمىشە سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلارنى مەندىن ئەقىللىق دەپ ئويلايتتىم.  راستتىنلا ئۆزۈمنى كەمسىتىش ھېس قىلاتتىم.
ئەتراپىڭىزغا نەزەر سالسىڭىز، باشقىلار سىزدىن كۆپ ئەقىللىق بولۇپ كەتكەندە، باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىن ئەقىللىق ھېس قىلىسىز. شۇڭا باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىن ئەقىللىق ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇنىڭ سىزدىن ئەقىللىق بولۇشى ناتايىن، ئۆزىڭىزنى بەك كەمسىتىپ كەتمەڭ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېنىڭ يەنە بىر خاراكتېر ئالاھىدىلىكىم بولسا ئاسان بەسلىشىش ئىدى.  بۇ يەردە ئولتۇرغان ساۋاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ماڭا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر غەلىبە قىلالمىسا، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىسا بۈگۈنكى كۈنگە كەلمىكى تەس، ئەمما ئالاھىدە ئاسان غەلىبە قىلىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان زەربىگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى تېخىمۇ ئاسان كەمسىتىدۇ. 
تولۇق ئوتتۇرىدىن بۇيان مەن دائىم ئۆزۈمنى ئەقىللىق ئەمەستەك ھېس قىلاتتىم، شۇڭا دائىم جاپاغا چىدايتتىم. ھەمىشە ئۆزۈمنى «دۆت قۇش ئاۋۋال ئۇچۇشى كېرەك» دەپ ئويلايتتىم. 
مىسال كەلتۈرسەم:
مەن ھەممە يەردە بەسلىشىشكە ئامراق ئىدىم، چىڭخۇا داشۆسىدە سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، بويۇم ئېگىز ئەمەس، پۇتۇمنىڭ ئۇچى بىلەن دەسسەشكە بولمايتتى. شۇڭا ئولتۇرۇش ئىگىزلىكىنى ئۆلچىگەندە مەن جېنىمنىڭ بارىچە يۇقىرىغا ئېڭىشتىم، نەتىجىدە بوي ئېگىزلىكىم سىنىپ بويىچە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن ئولتۇرۇش ئېگىزلىكىم سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولدى.
ئەينى چاغدا مەن تېخى چۈشەنمىگەن ئىدىم، «ئاخىرى بىر تۈردە بىرىنچى بولدۇم.» دەپ تېخى ئۆزۈمگە تەمەننا قويۇپ يۈرگەن ئىدىم، بىر ساۋاقدىشىم ماڭا ئەسكەرتكەن چاغدا، مەن تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى كەمسىتىپ قالدىم. مەن ترېنېرىمدىن: «سۈن مۇئەللىم، مېنىڭ پۇتۇم قىسقىمۇ؟» دەپ سورىدىم. 
سۈن مۇئەللىمنىڭ جاۋابى ئىنتايىن بەدىئىي بولۇپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: «يىگۇڭ، سىز بەك جاپالىق مەشىق قىلىۋاتىسىز، سىزنىڭ بەدەن شارائىتىڭىزنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىگە ئېرىشىشى ئاسان ئەمەس.
بىزنىڭ ئۆيدىن ئەزەلدىن تەنھەرىكەتچى چىقىپ باقمىغان، مەن بىرلا ئادەم بۇ جەھەتتە ئازراق نەتىجە قازانغان. ئاكام، ئاچام، ئاتا-ئانام تەنھەرىكەتچى ئەمەس، مەن ئىككىنچى دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى. ئەمەلىيەتتە بەك مەنىلىك ئىدى، بەلكىم بۇ مېنىڭ مىجەزىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ياخشى كۆرۈش بىلەن بىللە بولۇشى مۇمكىن.
مەن تولۇقسىز 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، سىنىپ مەسئۇلىمىز مېنى 1500 مېتىرغا تىزىملىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇ چاغدا مەن ئىتتىپاققا كىرىش ئىلتىماسى يازدىم، مۇئەللىم «ئىپادە بىلدۈرىدىغان ۋاقىت بولدى. تەشكىل سىزنى سىناۋاتىدۇ.» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن 1500 گە تىزىملاتتىم. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تۆت كۈن قالغاندا تىزىملىتىپ، تىزىمغا ئالدۇرغان كۈنى كەچتە بىر ھاياجانلىنىپلا يوتامنىڭ پېيى تارتىشىپ، پۇتلىرىمنى مىدىرلىتالماي، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى ئاندىن ئەسلىگە كەلگەن ئىدى.
بۇيرۇق تاپانچىسى ئېتىلىشى بىلەنلا مەن توپتوغرا 100 مېتىر ئالدىغا ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى بولۇپ، توپتوغرا 300 مېتىر چۈشۈپ قالدىم. مەن مەكتەپ بويىچە، بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش ساداسى ئىچىدە ئاخىرقى نۇقتىغا يۈگۈرۈپ باردىم. تولۇقسىز 3-يىللىقتىكى مەن ھېچنېمىنى ياخشى كۆرمەيتتىم ئەمما ئابروينى بەك قوغلىشاتتىم، ئەينى چاغ ياشلىق مەزگىلىدىكى يېتىلىش باسقۇچۇم بولۇپ، يۈز-ئابرويغا ئەڭ ئامراق چاغلىرىم بولغاچقا، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈم چۈشۈپ، غۇرۇرۇم زەربىگە ئۇچرىغان ئىدى.
لېكىن مەن ئۇ چاغدا بەكلا بەسلىشىشچان ئىدىم. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى مەن يۈگۈرۈشنى مەشىق قىلىشقا باشلىدىم. بىر يىلدىن كېيىن مېنىڭ 800 مېتىرغا يۈگۈرۈشۈم 2 مىنۇت 17 سىكونت، 3000 مېتىرغا 10 مىنۇت 35 سىكونتتا يۈگۈرۈپ بولغان ئىدىم. سۈن تىرېنېر مېنى مەكتەپ كوماندىسىغا تاللاپ، بىرىنچى سەپتىكى كوماندا ئەزاسى قىلىپ، چىڭخۇا داشۆسىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭچە، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز كەلگۈسىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. مەن ئۆزۈمنى بەك كەمسىتەتتىم، لېكىن مەن يەنە بەك بەسلىشىشچان ئىدىم، 

مېنىڭچە ئاسپىرانتلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا
ئاۋۋال نېمە دېيىشىم مۇھىم ئەمەس: ئەڭ مۇھىم بولمىغان ساپا سىزنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىڭىز. مەيلى قايسى پەن بولسۇن، فىزىكا، قۇرۇلۇش، بىئولوگىيە، ئىجتىمائىي پەن بولسۇن، مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسى (ئەقلىي قابىلىيەت، ئەقلىي ئىدراك)تۇر.

بىرىنچى، ۋاقىت بەدىلى
بىلەرمەنلىك قىلالايمەن دەپ قالماڭ. دۇنيادا ھەقسىز كەچلىك زىياپەت يوق، بۇ قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە. شۇڭا بەزىدە بەزىلەرنىڭ مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمنى پۈتۈنلەي پۇرسەت دېيىشىدىن بىزار بولىمەن، بۇ چوقۇم قۇرۇق گەپ. ئەلۋەتتە ھازىر ئومۇمەن بۇنداق دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى كەمتەرلىك ئۈچۈن دەيدۇ، لېكىن بۇنداق كەمتەرلىك نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ. مەن ھەر قانداق بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئالىمنىڭ زور بەدەل تۆلىمىگەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن. چىڭخۇا 84-يىلىدىن 86-يىلىغىچە بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پۇ مۇمىڭ، ئامېرىكىدا داڭلىق ئۆمۈرلۈك لېكسىيە سۆزلەش پروفېسسورى بولۇپ قالدى.
ئۇ ئامېرىكىدا گۇرۇپپا يىغىنى ئاچقاندا ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: «مېنىڭ ئىلمىي ھاياتىمدا، مېنىڭ ئەڭ چوڭ سىرىم خىزمەتنى قېتىرقىنىپ ئىشلەش، ھەر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتىم 60 سائەتتىن ئېشىپ كېتىش. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش جاپاغا چىداپ ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن، لېكىن مەن سىلەردىن ھەر ھەپتىدە 50 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەشنى تەلەپ قىلىمەن، بۇ ئەگەر سەككىز سائەت بىر كۈن بولسا، سىزنىڭ ئالتە كۈندىن ئارتۇق خىزمەت قىلىشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەتىگەن سائەت سەككىزدە بارىمەن، ئايلىنىپ يۈرۈپ تەجرىبە ئىشلەيمەن، كەچ سائەت سەككىزدە كەتسەملا بولىدۇ.» دەپ قالماڭ. ئۇ پەقەت سىزنىڭ كونكرېت تەجرىبە ئىشلىگەن ۋاقتىڭىز ۋە سىزنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئاددىي بولغان تەجرىبىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى كۆرۈش ۋاقتىڭىزنى ھېسابلايدۇ.
تاماق ۋاقتىڭىز، ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنكى بىرەر سائەتلىك ئارام ۋاقتىڭىز بولسىمۇ چىقىرىۋېتىدۇ. بىر ھەپتىدە 50 سائەت خىزمەت قىلىش ئىنتايىن چوڭ خىزمەت مىقدارى بولۇپ، ئەگەر سىز شۇنداق قىلالىسىڭىز، مېنىڭ تەلىپىمنى قاندۇرغان بولىسىز. سىز تەجرىبىخانىدا تۇرسىڭىز بولىدۇ؛ ئەگەر سىز بۇنداق قىلالمىسىڭىز، تەجرىبىخانىدىن ئايرىلىڭ.»
ئەمەلىيەتتە پۇ مۇمىڭنىڭ دېگىنى راست گەپ، ھەقىقىي ۋىجدانلىق بىر ئالىمنىڭ دېگەن گېپى. مەن بۇ مىسال ئارقىلىق كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، ھەرقانداق ئادەم ۋاقىت چىقارمىسا، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.

ئىككىنچى، مېتودولوگىيەنىڭ ئۆزگىرىشى
مېنىڭ دوكتور ئاشتى ئۇستازىم ئۆز ئالدىغا بايراق تىكلىگەن ئالىم، ئۇ پەقەت مەندىن بىر يېرىم ياش چوڭ، ناھايىتى ياش. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان ئون يىل جەريانىدا ئۇ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن تەجرىبىخانىدا «تەبىئەت»، «ئىلىم-پەن» ژۇناللىرىدا 30 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان، دۇنيادىكى بىرگە بىر كېلىدىغان ماھىر.
مەن ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن، تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن ئۇنىڭدىن ئۆگەنمەكچى بولدۇم، ئۇنىڭدىن مېتودولوگىيە، تەپەككۇر ئۇسۇلى، تەنقىدىي تەپەككۇرنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلدىم. لېكىن كەينىدە يۈز بەرگەن ئىشلار مېنى بەك گاڭگىرىتىپ قويدى، مەن شۇندىلا ھەقىقىي تەنقىدىي تەپەككۇر، ھەقىقىي مېتودولوگىيەنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن سۆزلىگەن مىساللارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن چېكىدىن ئاشقان، كۆپچىلىكنىڭ ئاددىيلا قوبۇل قىلىۋالماي، بەلكى پىكىر يۈرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى سىزنىڭ كەسپىڭىزگە ماس كېلىشى ناتايىن.
مەن بىر مىسال كەلتۈرەي: تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىسى ھۆججەتلەرنى كەڭ دائىرىدە ئوقۇپ، بىلىمىنى كېڭەيتىپ، زامانىۋى ئىلىم-پەننىڭ قەيەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى بىلىشى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئوقۇشى، ۋەھاكازالار. ئەمەلىيەتتە مەن خوپكىنستا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مۇئەللىممۇ شۇنداق دېگەن. «تەبىئەت»، «ئىلىم-پەن» ژۇرناللىرىنى، بىر قىسىم مەتبۇئاتلارنى ئوقۇشنى تاپىلايتتى، مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم.
ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىغا بارغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئۆزۈمنى كۆرسىتىش ئىستىكىم ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇستازىمغا كېيىن پروفېسسور بولغۇم بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدۇم. مەن ئۇستازىمغا ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى قابىلىيەتلىك، كۆز قارىشىم بارلىقىنى قانداق بىلدۈرۈشۈم كېرەك؟ كېيىنكى سان «تەبىئەت» ژۇرنىلى چىققاندا تەپسىلىي ئوقۇپ، چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۇستازىمنى ئىزدەپ بېرىپ مۇزاكىرە قىلسام، مېنىڭ خېلى چۈشەنچەم بارلىقىنى بىلدۈرەلەيتتىم. 
شۇڭا بىر قېتىم «تەبىئەت» ژۇرنىلى ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بىر ماقالىنى يوللاپتىكەن، مەن يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇمنى ئىزدەپ باردىم، لېكىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم: «بۇ ماقالىنى تېخى ئوقۇمىدىم، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىر گەپ بولسۇن.» دېدى، مېنىڭچە يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم يېقىندىن بۇيان سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇ چاغدا مەن ئازراق مەنپەئەتپەرەسلىك قىلىۋاتاتتىم، شۇڭا بىكارغا شۇنچە تەپسىلىي ئوقۇپ قويدۇممۇ قانداق دەپ ئويلىدىم؟
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە يەنە بىر پارچە ماقالە ئوقۇدۇم، بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغىلى بىر ئايغا يېقىن بولغان ئىدى، شۇنداقلا بىزنىڭ ساھەدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر پارچە ماقالە ئىدى. مەن يەنە ئۇنىڭ بىلەن مۇزاكىرە قىلماقچى بولدۇم، ئۇستازىم يۈزى قىزىرىپ تۇرۇپ قېلىپ: «بۇ ماقالىنى مەن تېخى ئوقۇمىدىم.» دېدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا گۇمانلىنىشقا باشلىغان، ئۇ ئوقۇمامدۇ نېمە؟ سوراشقا پېتىنالمىدىم.
1996-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، داڭلىق بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى زىيارەتكە كېلىپ، ئۇستازىمنى بىر سائەت بىرگە بىر ئىلىم ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. مېنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم كاتىپقا: «ئۇ كۈنى دەل كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن.»لىكى ھەققىدە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئېيتتى. ئەمما لېكسىيە كۈنى ئۇستازىم خېلى بۇرۇنلا كېلىپ، ئۆزىنى ئىشخانىغا سولاپ، قۇرۇلمىنى يېشىپ، كۆرۈپ، تەھلىل قىلىپ، ماقالە يېزىۋاتاتتى.
مەن ئەينى ۋاقىتتا بەك گۇمان قىلغان. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئادىتى بويىچە بولغاندا «بۇنداق داڭلىق ئادەملەر كەلسە، نېمىشقا  ئۇنىڭغا ياخشىراق يېپىشمايسىز؟ سىز يەنە بىر قېتىم ئىپادە بىلدۈرمەمسىز؟» دېگەندىن ئىبارەت بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇستازىمدىن: ئاشۇنداق داڭلىق ئادەملەر كەلسە، سىز نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمايسىز؟» دەپ سورىسام، يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، ئۇ «مېنىڭ ۋاقتىم يوق.» دېدى. 
ھەرقانداق نەرسىنى قايتا ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ، ۋاقىتنى قايتا ھاسىل قىلىشقا بولمايدۇ. مەن شۇ چاغدا دادىللىق بىلەن ئۇنىڭدىن: «ماقالە ئوقۇيدىغانغا ۋاقتىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ «مەن ماقالە ئوقۇمايمەن.» دەپ جاۋاب بەردى. مېنىڭ كۆپچىلىككە شۇنداق دېگۈم بار، كۆپچىلىك دوكتورلۇقتا ئوقۇغاندا ماقالە ئوقۇيدۇ، لېكىن ھازىر مەن ئۇنچە كۆپ ماقالىلەرنى ئوقۇمايدىغان بولدۇم، يىغىن، تېلېفون، يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش قاتارلىق نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا بەكرەك تايىنىمەن.
شۇ چاغدا مەن يەنە: «ماقالىنى ئوقۇماي تۇرۇپ ئىلىم-پەن ساپاسىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟» دەپ سورىدىم، ئۇ «ئىلىم-پەن ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن ئەڭ يېڭى ماقالىلەرنى ئوقۇشنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.» دەپ جاۋاب بەردى.  ئىلمىي مېتودولوگىيەنىڭ يېتىلىشى ئىلىم-پەن تارىخى بىلەن شۇنىڭدەك زور بايقاشنىڭ سانلىق مەلۇمات مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بىلىملەرگە يېتىشى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى پەقەت سىز تەتقىق قىلغان ۋاقىتتا، سىزگە ساھە ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى، سىزنىڭ ئىلىم-پەننىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىكەنلىكىڭىزنى، باشقىلار قىلىپ بولغان نەرسىلەرنى قىلىۋاتقان-قىلمىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، پەقەت مۇشۇلا خالاس. شۇڭا دېيىشىپ قويغان ئاسپىرانتلار دەرسلىكى سىزگە ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئالدىنقى مەزمۇنىنى ئېيتىپ بېرىشى ناتايىن.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0