大数跨境

لى كەيفۇ: مەن 20 ياش ۋاقتتا بىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان يەتتە ئىش

لى كەيفۇ: مەن 20 ياش ۋاقتتا بىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان يەتتە ئىش Nepkar
2020-09-30
1
导读:سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى مەغلۇبىيەت، ھەرگىزمۇ سىزگە خاتا ئىش قىلغاننىڭ جازاسى ئەمەس...

مەن 20 ياش ۋاقتتا بىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان يەتتە ئىش

لى كەيفۇ

تېخىمۇ كۆپ نادىر نۇتۇقلار (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ):
نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 1-بۆلەك
نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 2-بۆلەك
ستېۋ جوبسنىڭ داڭلىق نۇتۇقى: بىلىمگە ئىنتىل، كەمتەر ياشا
جۇ چىرېن: «سۇ كۆپ، بېلىق چوڭ» بولۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى 1-بۆلەك
جۇ چىرېن: «سۇ كۆپ، بېلىق چوڭ» بولۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى 2-بۆلەك
----
يېقىنقى بىر مەزگىل ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش پەسلى بولۇپ قالدى، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ۋە كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشى ئېنىق. مەن 20 ياش ۋاقتىمدا، ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئېلىشنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولغان ئىدىم، ئەلۋەتتە، ياشلىقتىكى گاڭگىراش، ئازغۇنلۇقمۇ كەم بولمايتتى.
بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرمىشلىرىمنى ئورتاقلاشقۇم بار، بىر ئۆمۈر سۆيگەن خۇشاللىقىمنى تاپقۇم، خاتا ئىش قىلىپ قويغان چۈشكۈنلۈكۈم، يەنە ھازىرغىچە ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ كەلگەن تەسىرلىك ئىشلارنىمۇ تېپىۋالغۇم بار. ئەگەر كىشىلىك ھاياتنى قايتىدىن باشلىغىلى بولسا، مەن ئۆزۈمنىڭ 20 ياش ۋاقتىمدىلا بۇلارنى بىلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىرىنچى، «ئاجايىپ ئورۇن ئالمىشىپ قېلىش» ماڭا كىشىلىك ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببەتنى تېپىپ بەردى
20 ياش ۋاقتىمدا، مەن كولۇمبىيە داشۆسىنىڭ ئىجتىمائىي-تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. مەن ئەينى ۋاقىتتا ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى بىلەن قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پەرقىنى بىلمەيتتىم، مەن بىر ئىنژېنېر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدۇم. 
ئەمما مانا مۇشۇنداق «ئاجايىپ بىر خاتا ئورۇن» مېنى نۇرغۇن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش، قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىدا ئەسلا ئۆگەنگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەدەبىيات بىلىملىرى مېنىڭ ئوقۇش-يېزىش ئىقتىدارىمنى بېيىتىپ، مېنىڭ نۇرغۇن يېزىقچىلىق ۋە نۇتۇق جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇمغا مەلۇم دەرىجىدە ياردەم بەردى. 

كولومبىيە داشۆسىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەكتەپنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان لى كەيفۇ

ئۇ يىللاردا، ئادۋوكاتلىق ۋە دوختۇرلۇق كۆپچىلىك ئەڭ ئىنتىلىدىغان كەسىپ ئىدى. مەن ئەسلىدە ئۆزۈمنىمۇ «ئادۋوكات بولىمەن.» دەپ ئويلىغان، شۇڭا ئەڭ دەسلەپتە قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان. لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن، مەن قانۇننىڭ ماڭا ئانچە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم. مەن دائىم دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قالاتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەتىجەممۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرىدىغان مەزمۇنلارغا قىزىقمايتتىم. 
شۇنىڭ بىلەن، 20 ياشقا كىرگەندە مەن بىر قارارغا كېلىپ، كومپيۇتېر كەسپىگە يۆتكىلىپ، پروگرامما تۈزۈش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىدراك ئۆگىنىپ، ئاخىرىدا ئۆمرۈمدە قىزغىن سۆيىدىغان ئىشنى تاپتىم.
بىر ياش ئىنژېنېر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كومپيۇتېر مېنى مەپتۇن قىلدى. مەن كومپيۇتېر ئىلمىگە ناھايىتى ئۇستا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم، كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايلا A نەتىجىنى ئاسانلا ئالالىدىم. 

كەسىپ ئالماشقاندىن كېيىن، مەن ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك ھاياتىمدىكى ياخشى كۆرىدىغان ئىشىمنى تاپتىم

كومپيۇتېر ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ناھايىتى قالتىس پەن بولۇپ، كەسپىي تەرەققىياتىمغا ئاساس سالدى. كۇڭ زى تەلىماتىدا: «سىز ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئۆزىڭىزنى خىزمەت قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلمايسىز.» دەيدىغان بىر جۈملە سۆز بار، كۇڭ زى تەلىماتىدا يەنە: «بىلگەنلەر ياخشى بىلگەنلەرگە يەتمەيدۇ، ياخشى بىلگەنلەر خۇشال ئادەمگە يەتمەيدۇ.» دېيىلگەن.
بۇنىڭغا چوڭ ئەقىل-پاراسەت يوشۇرۇنغان: «سىز ياخشى كۆرىدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئۇخلاش، تاماق يېيىش، يۇيۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە سىز بۇ ئىشنى ئاڭسىز ھالدا مۇلاھىزە قىلىسىز؛ ئوخشاشلا، سىز بارغانسېرى ئۇستا بولۇپ كېتىسىز، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ، ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرىسىز.»


كارنېگ مېللون داشۆسىدە دادىسىغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنىڭ تاۋۇش پەرقلەندۈرۈشىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ

ئىككىنچى، «مەن سىزگە قوشۇلمايمەن، لېكىن مەن سىزنىڭ قىلىشىڭىزنى قوللايمەن»
كولومبىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەن كارنېگ مېللون داشۆسىگە بېرىپ تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىدراكنى ئۆگەندىم. 
ئۇ چاغدىكى AI تەتقىقات ۋەزىيىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، گەرچە مېنىڭ ئۇستازىم پىروفېسسور راج رەددى (Raj Reddy، تۇرىڭ مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، كارنېگ مېللون داشۆسى كومپيۇتېر فاكۇلتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پىروفېسسورى) مېنىڭ «مۇتەخەسسىسلەر سىستېمىسى»نى قوللىنىشىمنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئانچە ئېتىراپ قىلىپ كەتمەيتتىم. 
مېنىڭچە، ماشىنا ئۆگىنىشتە كومپيۇتېرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئويى بويىچە ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن غەيرەتكە كېلىپ، پىروفېسسور رەددىغا: «يېتەكچىلىك قىلغىنىڭىزغا رەھمەت، لېكىن مېنىڭ يەنە داۋاملىق مۇتەخەسسىسلەر سىستېمىسىنى تەتقىق قىلغۇم يوق، مەن ئىستاتىستىكا ئىلمى ئاساسىدىكى ماشىنىلىق ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدىم. 
مەن پروفېسسور رەددىنى «ئازراق ئۈمىدسىزلىنىدۇ.» دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئازراقمۇ خاپا بولمىدى. پروفېسسور چۈشەندۈرۈشۈمنى تەپسىلىي ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا: «كەيفۇ، سىزنىڭ مۇتەخەسسىسلەر سىستېمىسى ۋە ئىستاتىستىكىغا بولغان قارىشىڭىزنى مەن ئېتىراپ قىلمايمەن، لېكىن مەن سىزنىڭ ئىستاتىستىكا ئۇسۇلى بىلەن قىلىشىڭىزنى قوللايمەن، چۈنكى مەن ئىلىم-پەننىڭ مۇتلەق توغرا-خاتالىقى يوقلىقىغا ئىشىنىمەن، بىز ھەممىمىز باراۋەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن بىر قايناق ھېسسىياتى بار ئادەمنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تاپالايدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشىنىمەن.» دېدى. 
شۇ دەقىقىدە، مېنىڭ تەسىرلەنگىنىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. بۇ پەقەت بىر خىل مەردلىك بولۇپلا قالماي، يەنە پەن-تەتقىقات يېڭى كىشىلىرىگە بولغان ھۆرمەت ئىدى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە مېنى سانلىق مەلۇمات، ئۈسكۈنە ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىشىمغا زور ياردىمى بولدى. پىروفېسسور رەددى ھەم مېنىڭ AI ئىلمىي تەتقىقاتىمنىڭ يېتەكچىسى، ھەم مېنىڭ ھاياتلىق يولۇمدىكى يېتەكچىم. 

«AI Superpowers» ناملىق كىتابىمدا راج رەددىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن

«مەن قارىشىڭىزغا قوشۇلمايمەن، لېكىن مەن سىزنى قوللايمەن.» دېگەن سۆزنى ناھايىتى ئۇزۇن ئەستە ساقلىدىم. مەن كارخانا ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن، ھەر قېتىم خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئوخشىمىغان پىكرى بولغاندا، ئۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن ئۆز ئويىنى سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرىمەن: بۇ ئوي مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندا، ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە كارخانىسىغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ خىل ئوي مەغلۇپ بولغاندا، بۇ خىل ئىشىنىش ۋە قوللاش تۇيغۇسى ئۇلارنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئەمەس، قوللىنىشچان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، مەن ئالما شىركىتىگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدىم، شۇنداقلا بۇ خىل تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قوللاندىم. ھازىر Siri تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ ئەينى يىللاردىكى خىزمەتداشلىرىم. ئاندىن كېيىن SGI شىركىتىگە باردىم. بۇ شىركەتنىڭ ھازىر نامى چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدىكى كىرىمنىي جىلغىسىدا SGI گۇگول بىلەن تەڭ نام چىقارغان شىركەت ئىدى. SGI دا مەن ياسىغان مەھسۇلاتنىڭ ئىسمى «3D تور كۆرگۈچ» ئىدى. كۆپچىلىك بەلكىم ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر توپ ئالىملارنىڭ ئويى: تور كۆرگۈچكە 3D دۇنياسى قۇرۇش، يول باشلاش، جىسىملارنى يۆتكەش ۋە ئىنتايىن قالتىس ئېلان ئىشلەش. 

قارىماققا ئىنتايىن قالتىس كۆرۈنىدىغان 3D تور كۆرگۈچ

بىز ئەينى ۋاقىتتا مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغان، ھەمدە خېلى ياخشى يۈرۈشكەن. بىز ئۆزىمىزچە «پەقەت يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارساقلا، تەبىئىيلا خېرىدار ۋە بازار بولىدۇ.» دەپ ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ كېتىپتۇق. لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى، ھېچكىم بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى خالىمىدى.
كېيىن SGI يېڭى CEO ئالماشتۇردى، ئۇ بۇ تۈر ۋە سەرپ قىلغان شىركەت بايلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى. مەن ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى VR تېخنىكىسى، ئەگەر سىزنىڭ ئېلىپ قالغۇڭىز بولمىسا، ھېچ بولمىغاندا بىز ئازراق پۇلغا ساتساق بولىدۇ دېدىم. 
يېڭى CEO ماڭا بىر مۆھلەت بەردى، مېنى سېتىۋالغۇچى ئىزدەشكە بۇيرىدى. مەن ئەسلىدە ياخشى باھادا ساتالايمەن دەپ ئويلىغان، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بىر قەدەر ئەرزان باھادا ساتتىم. مەن ئىنتايىن ئۆكۈندۈم، ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم، ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق بىر تۈرنى تەشكىللىمەسلىكىم كېرەك ئىدى، قارىماققا ناھايىتى قالتىس كۆرۈنەتتى. ئەمما ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى ئويلاشمىغان. 
ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ياشلار ئىگىلىك تىكلىگەندە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ، شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ بۇ يېڭىلىق يارىتىش ئويىنى قايتا-قايتا ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. يېڭىلىق يارىتىش ئەڭ مۇھىم ئەمەس، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە يېڭىلىق يارىتىشلا مۇھىم. سىز بىرەر تېخنىكا، مەھسۇلات لايىھەلىگەن ياكى بىرەر شىركەت قۇرغان ۋاقتىڭىزدا، مەبلەغ سالغۇچىلىرىڭىزنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور خەۋپ-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاڭ.


تۆتىنچى، ئەگەر ئېرىشكۈڭىز بولسا، ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈڭ
SGI دىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەن جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، مىكروسوفت جۇڭگو تەتقىقات يۇرتى (كېيىنكى مىكروسوفت ئاسىيا تەتقىقات يۇرتى)نى قۇردۇم. «ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تېخنىكىسى ئوبزورى» ئۇنى يەر شارىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلىق كومپيۇتېر تەجرىبىخانىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ باھالىغان. ئەينى چاغدا تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى، بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچىسى جۇڭگودىكى داڭلىق پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ CTO ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولۇپ قالدى، بەيدۇ، ئەلى بابا قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

مىكروسوفت جۇڭگو تەتقىقات يۇرتىدىكى خىزمەتداشلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش

ئالاقە تورى قەد كۆتۈرگەندىن كېيىن، مېنىڭ بۇ سىرلىق دۇنياغا بولغان قىزىقىشىم كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئالاقە تورى شىركىتى گۇگول بولۇپ، كۆپچىلىك چاقچاق قىلىپ: «ئەگەر سىز گۇگولنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسىڭىز، سىزنىڭ يېتەرلىك ئەقىللىق ئەمەسلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ.» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن گۇگولنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى CEO سى ئېرىك سىمىتقا ئېلخەت يېزىپ، يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدىم. 2005-يىلى، مەن رەسمىي ھالدا گۇگولغا قوشۇلۇپ، جۇڭگو رايونىنىڭ باش لېدىرى بولدۇم.
سىلەر بەلكىم: «سىز شۇنچە نوپۇزلۇق تۇرۇپ يەنە ئۆزىڭىز خەت يازامسىز؟ ئۇلار سىز بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ، بىر خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىمەمدۇ؟» دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. 
بۇ دەل مەن سىلەرگە دېمەكچى بولغان باشقا بىر ئىش. ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا گۇگول بىلەن مىكروسوفت ئىختىساسلىقلار رىقابىتى كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۇلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كولاشنى چەكلىمەكچى بولغان. گەرچە بۇ كېلىشىم ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشۇم بولمىغان بولسا، گۇگول مېنى ئەسلا بايقىيالمىغان بولاتتى، شۇنداقلا كېيىنكى خىزمەت پۇرسىتىمۇ بولمىغان بولاتتى. شۇڭا، ئەگەر سىز ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈڭ. 

گۇگولنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى CEO سى ئېرىك سىمىت بىلەن بىللە

بەشىنچى، ئۆزىنىڭ قەلبىگە ئەگىشىپ، قەلبىدىكى قىزغىن مۇھەببەتنى تېپىش
كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، زور بىر تۈركۈم ئىگىلىك تىكلەش شىركەتلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى، مەن جۇڭگونىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، خۇددى ئەينى چاغدا ئالما، مىكروسوفت قاتارلىق شىركەتلەر قۇرۇلغان چاغدىكىگە ئوخشاش، بېيجىڭ جۇڭگونىڭ كىرىمنىي جىلغىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىدى. 
مەن ستېۋ جوبىس سىتانفورد داشۆسىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە قىلغان بىر جۈملە سۆزنى ئەسلەپ قالدىم، ئۆزۈمنىڭ يۈرىكىگە ئەگىشىپ، قەلبىمدىكى قىزغىن مۇھەببەتنى تاپتىم. بىزنىڭ ھاياتىمىز سانسىزلىغان تۈگۈنلەردىن تەركىب تاپىدۇ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىگە ئەگىشىپ، كۆپ يىللاردىن كېيىن ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىڭىزدە، ھەر بىر نۇقتىدىكى ھەر بىر تاللاشنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
سىز كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيسىز، ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، پەقەت قەلبىڭىزدىكى ساداغا قۇلاق سالسىڭىزلا، بۇ تاللاشلار سىزگە ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2009-يىلى، مەن يەنە بىر قېتىم كىشىلىك ھاياتنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا دۇچ كەلدىم

2000-يىلى ئەتراپىدا، مەن جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يەتتە پارچە خەت يازدىم، بۇمۇ قەلبىمگە ئەگەشكەنلىك، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەرگەنلىك. 
(ئەگەر لى كەيفۇنىڭ بۇ 7 پارچە خېتىنىڭ مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئوقۇڭ!)

(ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ)


مەن ئىلگىرى تەخمىنەن 500 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن نۇتۇق سۆزلىگەن، 10 پارچە كىتاب نەشر قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە بەش پارچىسىنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان. 

ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا داشۆسىدە نۇتۇق سۆزلەش

مىكروسوفتنىڭ جۇڭگو، SGI ۋە گۇگولدىكى خىزمىتىم مېنى پەن-تېخنىكىغا بولغان چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى، شۇڭا مەن پەن-تېخنىكىغا مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان پەن-تېخنىكا شىركىتىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن «يېڭىلىق يارىتىش مەيدانى»نىڭ قۇرۇلۇشى تەبىئىي ھالدا بولدى.

يېڭىلىق يارىتىش مەيدانى قۇرۇلغان تۇنجى يىلى مەكتەپكە ئېلان قوبۇل قىلىش

بۇ سۈرەت «يېڭىلىق يارىتىش مەيدانى» قۇرۇلغان تۇنجى يىلدىكى مەكتەپ قوبۇل قىلىش ئېلانى بولۇپ، ئۈستىگە «شىركىتىڭىزگە قوشۇلۇڭ!» دەپ يېزىلغان. بىزنىڭ نىشانىمىز ياشلارنى ئىنژېنېرلىق سالاھىيىتى بىلەن «يېڭىلىق يارىتىش مەيدانى»غا كىرگۈزۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىپ، كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىش. 
بۇ ئېلاندا ئىختىيارىي تاللانغان سەككىز ئادەمنىڭ ئىچىدە بازار قىممىتى 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بەش شىركەتنىڭ CEO سى بار. شۇڭا مەن ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىمىزنىڭ نەتىجىسىدىن يەنىلا پەخىرلىنىمەن.
AI دەۋرى يېتىپ كەلگەندە، «يېڭىلىق يارىتىش مەيدانى» نەچچە ئون AI شىركىتىگە مەبلەغ سالدى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش «كەركىدان» شىركىتىمۇ بار، بىز يەنە AI قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنى قۇردۇق ھەمدە ئۇنىڭدىن AI ئېنېرگىيەلەش ۋە تېخنىكا لايىھەسى شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاجايىپ ئەقىل-پاراسىتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتۇق. بۇ تۈگۈنلەر مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىمنى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئۆتكەن 10 يىللىق ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى تۇتاشتۇردى.

ئالتىنچى، دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەمنىڭ ئىگە بولغىنى ئەڭ كۆپ ئادەم ئەمەس، بەلكى ئېرىشمەكچى بولغان ئەڭ ئاز ئادەم
ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، مەن ھەقىقەتەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتىم، مەن مەلۇم دەرىجىدە بىر خىزمەت مەستانىسى ھېسابلىنىمەن، شۇڭا مەن بىر قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كوللېكتىپنىڭ قوللىشى ۋە تاشقى دۇنيانىڭ ماختىشىغا ئېرىشتىم، مېنىڭچە بۇنداق ئۆزۈم ئىنتايىن تەلەيلىك. 

مېنىڭ كارۋىتىمنىڭ ئۈستى خىزمەت سۇپىسى

ئۈستىدىكى بۇ رەسىم 2000-يىلى تارتىلغان، ئۇ چاغدا مەن ئەمدىلا بىر ئوپېراتسىيەدىن چىققان، كارىۋاتتىن چۈشسەم بولمايتتى، شۇنىڭ بىلەن كوللېكتىپ ماڭا مۇشۇنداق بىر جازىنى ياساپ بەردى، مەن كارىۋاتتا يېتىپ كومپيۇتېر ۋە خىزمەتنى داۋاملىق كۆرەلەيمەن. 
بۇ قىزغىنلىق ئالتە يىل ئىلگىرى، ماڭا لىمفا راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغانغا قەدەر داۋاملاشتى. تارقالغان راك ھۈجەيرىلىرى «ئاچكۆزلۈكۈم»نىڭ ئورنىنى ئالدى. مەن ھاياتىمدا پەقەت بىر نەچچە ئايلا قالغان رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرى بولدۇم. دوستۇم مېنى كۆرۈپ بەك ئازابلاندى، ئالايىتەن مېنى شىڭيۈن ئۇستاز بىلەن كۆرۈشتۈرگىلى ئاپاردى. 
بىر قېتىم ئۇستاز تۇيۇقسىز مەندىن: «كەيفۇ، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، سىزنىڭ ھاياتلىق نىشانىڭىز نېمە؟» دەپ سوراپ قالدى. 
مەن ئويلانمايلا جاۋاب بەردىم: «ئەڭ چوڭ تەسىر كۈچى، دۇنيا مەن سەۋەبلىك ئوخشىمايدۇ!» بۇ مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى كىشىلىك ھايات ئەقىدەم.
بىر ئادەم دۇنيانى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتەلەيدۇ، بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ قانچىلىك تەسىر كۈچى بارلىقىغا قاراش كېرەك؛ تەسىر كۈچى قانچە چوڭ بولسا، قىلغان ئىش ئۈنۈمىنى شۇنچە جارى قىلدۇرالايدۇ .... 


ئۇستاز بىر پەس سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن: «دۇنيانى ئۆزگەرتىش دېگەن بۇ خىيال بەك تەلۋىلىك، بەلكىم پەقەت ئاچكۆزلۈكنىڭ باھانىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ چوڭ تەسىر كۈچى دېگەن نېمە؟ ئەگەر بىر ئادەم ھەمىشە ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشنى ئويلىسا، ئويلاپ بېقىڭ، ئۇ ئەمەلىيەتتە نام-مەنپەئەت قوغلىشىشتۇر! كىشىلىك ھاياتتا بىر قېتىم كېلىش ئاسان ئەمەس، دۇنيانى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەڭ ياخشى ئۆزى بولۇش ئاسان ئەمەس. 
مەن ئۇنىڭغا رەددىيە بېرەلمىدىم، مېنىڭ ئاشۇ ئاڭلىماققا ئۇلۇغۋار نىشانىم، ئەمەلىيەتتە پەقەت ئاچكۆزلۈك ۋە نەپسىمنىڭ باھانىسى ئىدى. ئۇ ماڭا دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەمنىڭ ئىگە بولغىنى ئەڭ كۆپ ئادەم ئەمەس، بەلكى ئېرىشمەكچى بولغان ئەڭ ئاز ئادەمدۇر.» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى سوۋغا قىلدى. 
بۇ گەپ مېنى سەگىتتى. كېيىن ھەر قېتىم نەپسىم كۈچىيىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلغىنىمدا، بۇ سۆز ئېسىمگە كېلىدۇ؛ ھەر قېتىم دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئويۇم كەلگەندە، ئۆزۈمنى ئويلاپ باقىمەن، مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم نام-مەنپەئەت قوغلىشىش ئۈچۈنمۇ-يوق ......
مەن بۇ دەرسنى بەك كېچىكىپ ئۆگەندىم، ئىلگىرىكى تىرىشىپ خىزمەت قىلىش مېنى ئائىلەمدىكىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. دادام ئالەمدىن ئۆتتى، مەن ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم؛ ئانام ئەقلىدىن ئادىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، مېنى تونۇيالمىدى؛ بالىلىرىم چوڭ بولدى، مەن ئۇلارنى ئانچە چۈشەنمەيمەن ......

لىمفا راكى خۇددى قىپقىزىل يىگىرمە نەچچە ئوت شارىغا ئوخشاش، قورسىقىمدا كۆيمەكتە

مەن خىمىيەلىك داۋالىنىش مەزگىلىدە Bronnie Ware يازغان «جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان بەش ئىش» ناملىق بىر كىتابنى ئوقۇدۇم. خۇددى كىتابتا يېزىلغىنىدەك، جان ئۈزۈش ئالدىدا، ھېچكىم تىرىشىپ خىزمەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلمايدۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى سۆيگەن ئادەم بىلەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىللە بولالمىغانلىقى.
مەن شىڭيۈن ئۇستاز ۋە Bronnie Ware دىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ خىزمەت ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدىم، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆيدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇشنى ئۆزۈمگە نىشان قىلدىم. ئانام ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن، مەن ئۆيگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدۈم؛ بالىلار ماڭا ئېھتىياجلىق بولغاندا، مەن ئۇلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن، خىزمەتنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىمەن؛ مەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە بولىمەن، مەسىلەن سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش ......

ئانام بىلەن بىللە

يەتتىنچى، سۆيگەن ئادىمىڭىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن سۆيۈڭ
بۇ ھايات كەچۈرمىشى مېنىڭ ئويۇمنى ئۆزگەرتتى، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى باشقىلارغا شەرتسىز مۇھەببەت ئاتا قىلىش بولۇشى كېرەك. AI دەۋرىدە بۇ خىل مۇھەببەت تېخىمۇ قىممەتلىك.
AI تەكرار خىزمەت ئىشلەش جەھەتتە بىزدىن ئەۋزەللىككە ئىگە، ئەمما ئىنسانلارنى AI دىن پەرقلەندۈرىدىغىنى مۇھەببەت ۋە ئىجادىيەت. فانتازىيەلىك روماندا قانداق تەسۋىرلەشتىن قەتئىينەزەر، AI دا يەنىلا ھېسسىيات بولمايدۇ. AlphaGo شاھمات ئويناشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇ مۇسابىقىدە ئۇتسا خۇشال بولمايدۇ، مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويسىمۇ كۆڭلى يېرىم بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن شاھمات ئوينايدىغانلىقىمىزنى ئەسلا بىلمەسلىكى مۇمكىن.
AI نىڭ تەكرارلىنىش خاراكتېرلىك خىزمەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئادەمگەرچىلىك ۋە مۇھەببەتكە موھتاج خىزمەتنى يەنىلا ئىنسانلارلا قىلالايدۇ. مەسىلەن، ساياھەت يېتەكچىسى، مېھمان كۈتۈش، سېسترا، ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلار. 

ئىنسانلار بىلەن AI نىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش پىلانى

يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، مەن 30 يىلدىن كېيىن AI نىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ بەختكە يارىشا ئىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشنى تېخىمۇ خالايمەن: ئۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى تارتىۋالمايدۇ، بەلكى ئىنسانلارنى مۇرەككەپ، تەكرارلىنىش خاراكتېرلىك خىزمەتلەردىن ئازاد قىلىپ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە ماھىر ئىشلارنى قىلىشىمىزغا ۋاقىت چىقىرىدۇ. ئىنسانلار بىلەن AI ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان گۈزەل پىلاننى بەرپا قىلىش كېرەك. 
بۇ دەل مەن ئۆتكەن ھاياتىمدا ئۆگەنگەن يەتتە ئىش. SGI شىركىتىنىڭ تۈرى مەغلۇپ بولغاندا، يېڭىلىق يارىتىشتا ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم؛ مەن ئۆلۈمگە دۇچ كەلگەندە، سۆيگەن ئادىمىمنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ياخشى كۆرۈشنى ئۆگەندىم. 
One more thing--بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بەلكىم مېنىڭ ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھايات ساۋىقىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتتىن ئەمەس، بەلكى مەغلۇبىيەتتىن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى مەغلۇبىيەت، ھەرگىزمۇ سىزگە خاتا ئىش قىلغاننىڭ جازاسى ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھايات دەرسىنى ئۆگىنىدىغان قىممەتلىك پۇرسەت.

بۈگۈنكى تەۋسىيە كىتاب: كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر
ئەگەر لى كەيفۇنىڭ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابى (مەزكۇر يازمىدا تىلغا ئالغان 7 پارچە خەت ۋە كېيىن قوشۇلغان مەزمۇن توپلىمى)غا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئوقۇڭ ياكى ئاڭلاڭ!
يېزىقچە نۇسخىسى


ئاۋازلىق نۇسخىسى

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408