搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ يۈزلىنىشى
>
مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ يۈزلىنىشى
Nepkar
2020-12-19
2
导读:مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ يۈزلىنىشى ھەر يى
مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ يۈزلىنىشى
ھەر يىلى بىر قېتىم يىل ئاخىرىدا ئېچىلىدىغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېلىمىزنىڭ ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى ئىقتىساد يىغىنى، شۇنداقلا ئىككىنچى يىللىق ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى تەڭشەشتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كۆرسەتكۈچ.
2021-يىللىق ماكرولۇق ئىقتىسادىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى قارار قىلىدىغان بۇ يىغىن 16-دېكابىردىن 18-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى.
بۈگۈن كەچتىكى مەركەز خەۋەرلىرىنىڭ قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جېڭشىتاڭ سالونى خەۋەر مەزمۇنىغا ئاساسەن، دوستلارنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ئۆزگىرىشلەرنى قىسقىچە تەھلىل قىلىشىغا، شۇنىڭدەك غۇلغۇلا قىلىشتىكى بەزى پۇرسەتلەرنى تەھلىل قىلىشىغا ياردەم بېرىش، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ خەۋەر تېكىستىنى يەنىمۇ ئوقۇپ چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر يازمىنى تەييارلىدى.
بىرىنچىدىن، پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپ زەنجىرىگە پايدىلىق
2019-يىلىدىكى مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىغا سېلىشتۇرغاندا، پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپلەر زەنجىرى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش»تىكى 5-تارماق ئەسلىدىكى كۆپ تەرەپلەرنىڭ بىرى بولۇشتىن، بۇ قېتىمقى پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپلەر زەنجىرى مۇستەقىل ئورۇنغا ئىگە بولدى.
تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش»نى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش» ئالاھىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى ھەمدە «كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىنىشىنى كۈچەيتىش» ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇلدى، ئەسلىدىكى «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» تۆتىنچى ئورۇنغا قويۇلدى.
بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرتىپى ۋاقىتلىق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇنداق كۈچلۈك سىگنالدىن مەركەزنىڭ ئىرادىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇستەقىل كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك ئىچكى بازار شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ۋە كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش كېرەك.
2020-يىلى 12-ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى
بىرىنچىدىن، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئىككىنچى، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
تۆتىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش.
بەشىنچى، ئۇرۇق ۋە تېرىلغۇ يەر مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.
ئالتىنچى، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
يەتتىنچى، چوڭ شەھەرلەردە تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.
سەككىزىنچى، كاربوننى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش، نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
2020-يىللىق مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى
ئىككىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە داۋاملىق باھا قويۇلىدۇ
2018-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى ماقۇللىنىپ، «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش» دېگەن سۆزنىڭ ئالدىغا «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش» دېگەن سۆز قوشۇلدى.
بۇلتۇر 12-ئايدىكى سىياسىي بيۇرو يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش» گەرچە يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن 2020-يىلى 4-ئايدىكى سىياسىي بيۇرو يىغىنىدا ئاجىزلىشىپ «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش»قا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ.
لېكىن جۇڭگونىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدىن باشلامچىلىق بىلەن قۇتۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 2020-يىلى 7-ئايدا ئېچىلغان سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدا، «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش» يەنە قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
شۇڭا، بۇ قېتىمقى 12-ئايلىق سىياسىي بىيۇرو يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى سۆزلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئېنىقكى يەنىمۇ كۈچەيدى.
مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش.
2020-يىلى 12-ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى
يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش.
2020-يىللىق مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى
ئۈچىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات، پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپ زەنجىرى كۈچەيدى
بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىلگىرىكى زىيادە قىزىپ كەتكەن ئىستېمال ئىسلاھاتىنىڭ مۆلچەرى سەل تۆۋەنلىدى.
ئىلگىرىكى سىياسىي بيۇرو يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات»قا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بۇ «ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق باشقۇرۇش»قا ئۆزگەرتىلدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدىكى مۇھىم نۇقتا «تەمىنلەش ئىسلاھاتى بىلەن ئېھتىياج ئىسلاھاتى»نىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى»گە چۈشتى.
تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئېھتىياج ھالقىسىدىكى ئىسلاھاتقا ئەھمىيەت بېرىپ، توسالغۇلارنى ئېچىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئېھتىياج تەمىنلەشنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنلەش ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
2020-يىلى 12-ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى
دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ئېھتىياج ھالقىسىنى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، توسالغۇلارنى ئېچىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئېھتىياج تەمىنلەشنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنلەش ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بەزى ئاچقۇچلۇق نۇقتىلاردا كۈچەپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بىرگە چېقىلسا، ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىش كېرەك.
2020-يىللىق مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى
بۇ 2021-يىلى بىر مەھەل يۇقىرى مۆلچەرلەنگەن چەت ئەل مەبلىغى ۋە ئىستېمالنىڭ ئورنىنى بوشىتىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىچكى يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يەنىلا كېلەر يىللىق ئاساسىي لىنىيە بولىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونى
ئىقتىسادنىڭ كۈچىگە ۋە ئىقتىسادى قانۇنىيەتلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئىقتىساد چېتىلمايدىغان ساھە يوق، ھەم ئىقتىسادتىن خالىي بۇلۇڭ-پۇچقاقمۇ يوق. مەيلى مەزكۇر يازمىدىكى باش قەھرىمانلار «ئىنتېرنېت ماگناتلىرى» بولسۇن ياكى ئالدىنقى كۈنلىرىدىكى يازمىلىرىمىزدىكى كىچىك ما يۈن ياكى دىڭ جېنلار بولسۇن، ھەممىسى ئىقتىسادنىڭ كۈچى بىلەن ئايلىنىۋاتقان بۇ جەمئىيەتنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان.
بۈگۈنكىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئۇچۇرلىشىش كەسكىنلىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تۈپتىن چۈشىنىمىز دەيدىكەنمىز، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەپەككۇرىمىزنى يېڭىلىشىمىز، ئىقتىسادى ئېڭىمىز جەمئىيەت بىلەن تەڭ رېلىستا مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك كىتابىمىز: ئىقتىساد تەپەككۇرى ۋە ئىقتىساد ئېڭى پاراۋۇزى (شۆ جاۋفېڭنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقچە نۇسخىسى)
ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاڭ ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0