大数跨境

خوش خەۋەر: ئايلىقى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغان باج تاپشۇرغۇچىلار

خوش خەۋەر: ئايلىقى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغان باج تاپشۇرغۇچىلار Nepkar
2021-09-28
0
导读:پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلېكتىرونلۇق تالونى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنى يولغا

ئايلىق سېتىش سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغان كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلار تالوننى قانداق كېسىشى كېرەك؟ 

يېقىندا، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئەڭ يېڭى بىر قارارلىق «باج دەرسخانىسى» دەرسلىكىنى يولغا قويدى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى مال ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت بېجى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شياۋچياڭ كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. بۈگۈن بىز ئايلىق سېتىش سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغان كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تالوننى قانداق كېسىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئۆتىمىز.

سىياسەتتە مۇنداق بەلگىلەندى: «ئالتۇن باج تاختىسى (金税盘)»، «باج كونترول تاختىسى (税控盘)» قاتارلىق باج كونترول قىلىش مەخسۇس ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى كېسىدىغان كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئايلىق سېتىش سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشمىسا، ھازىرقى ئۈسكۈنىلەرنى داۋاملىق ئىشلىتىپ تالون كەسسە بولىدۇ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن باج ئورگانلىرىدىن باج Ukey نى ھەقسىز ئالماشتۇرۇۋېلىپ تالون كەسسىمۇ بولىدۇ. 
باج باش ئىدارىسى 2019-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلېكتىرونلۇق تالونى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنى يولغا قويدى، باج تاپشۇرغۇچىلار باج UKey نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قوشۇلما قىممەت بېجى قەغىزى ئادەتتىكى تالونى ۋە قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلېكتىرونلۇق ئادەتتىكى تالونى كەسسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، باج ئىشلىرى UKey دا كېسىلگەن قوشۇلما قىممەت بېجى تالون تۈرىنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ھازىر تۈرلۈك قوشۇلما قىممەت بېجى تالون تۈرى (قوشۇلما قىممەت بېجى قەغىزى ئادەتتىكى تالونى، قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلېكتىرونلۇق ئادەتتىكى تالونى، قوشۇلما قىممەت بېجى قەغىزى مەخسۇس تالونى، قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلېكتىرونلۇق مەخسۇس تالونى، قەغەز موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سېتىش بىر تۇتاش تالونى ۋە قەغەز نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىش بىر تۇتاش تالونى)نى قاپلىدى. 
باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، «دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (2021-يىلى 5-فېۋرال)دا «ئەسلىدىكى ئايلىق سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەن باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدە باج تاپشۇرغۇچىلار ھازىر بار بولغان ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ تالون كەسسە بولىدۇ.» دېگەن بەلگىلىمىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى ھەمدە تالوننى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىغا ئاساسەن، ئايلىق سېتىش سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغان كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭمۇ باج ئورگانلىرىدىن Ukey نى ھەقسىز تاپشۇرۇۋېلىپ تالون كەسسە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 

مەنبە: شىنجاڭ باج ئىشلىرى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئەجىركار: نەپكار

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىت»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئۆلمەس كىتاب «باي دادام، نامرات دادام (قايتا تەرجىمىسى)» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسىمى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 


ئەگەر يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۈندىدار 345760552 نى قوشۇپ ئېرىشىڭ!

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408