大数跨境

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈك نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈك نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ Nepkar
2021-10-16
1
导读:بۇ خىل كاپىتال زەردارلىرىغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ كۈدىلىكى شياڭگاڭ، ئىچكى قۇرۇقلۇق، ئەنگىلىيە بىلەنلا چەكل
ئەنگىلىيەدە توك باھاسى 10 ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى
لى جياچېڭ نېمە ئۈچۈن دائىم يېڭىدۇ؟ 

ئۇ تېگىنى ئاختۇرغۇچى ئەمەس، شۇنداقلا ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر يارماقنى تاپمايدۇ.
ئۇنىڭ تاپقىنى بولسا يۈزلىنىشنىڭ پۇلى. 
ئۇ كرىزىس يېتىپ كەلگەندە ئاندىن قاچمايدۇ، ھەمىشە كرىزىس يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال قاچىدۇ. 

لى جياچېڭ سېپى ئۆزىدىن زېرەك سودىگەر. ئۇنىڭ سودا خەرىتىسىدە، مىللىي ھېسسىيات يوق، ئائىلە دۆلەت ھېسسىياتىمۇ يوق، ئۇ پەقەت سودا مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغلىشىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ ياخشى مۈلۈك تەقسىماتىنى ئىزدەيدۇ.


ئىچكى قۇرۇقلۇق ئۆي-زېمىن شىركەتلىرى ئۆي-زېمىن سودىسىنى كۆككە كۆتۈرگەندە، لى جياچېڭ پەقەت يەر سېتىۋالاتتى. چۈنكى ئۇ دەرھال قۇرۇلۇش باشلىماي، بىر پارچە يەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، تاشپاقىچە ئېچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يەرنى 20 يىل بېسىپ يېتىپ، ئاندىن سېتىۋەتسە، نەچچە ئون مىليارد يۈەن پايدا ئالالايدۇ. 

بۇ خىل ئەندىزە ئاستىدا، ئۇنىڭ يەر-مۈلۈك كەسپى ئىنتايىن يېنىك مۈلۈك ئىدى. ئۇ ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەننەرخنى سۇيۇلدۇرغانلىقتىن، ئەينى يىلى ھەر كۋادراتىنى بىر-ئىككى مىڭ يۈەندىن ئالغان يەر بۈگۈنكى كۈندە ئون مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ ھېچنېمە قىلمىسىمۇ، مۈلكى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. 
«خېڭدا» گۇرۇھىدەك يۇقىرى ئوبوروت بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى قەرزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ئوخشىمايدۇ. بازار مۆلچەرىگە نىسبەتەن، لى جياچېڭمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئالدىن پەرەز قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. 2016-يىلى لى جياچېڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مال-مۈلكىنى ئاساسەن سېتىپ، يىغىۋېلىنغان مەبلەغ ئەنگىلىيەگە سېلىندى. 


2016-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، جۇڭگونىڭ ئۆي-زېمىنچىلىقىنىڭ پايدا مەزگىلى ئاز دېگەندە يەنە ئۈچ يىل بار ئىدى. لى جياچېڭنىڭ زېرەكلىكى دەل مۇشۇ يەردە بولۇپ، ئۇ بىر كەسىپنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش جەريانىدىكى «يۇقىرى پەللە پايدىسى» كۆزلىمەيتتى. ساھە پايدىسىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىغا بىر قەدەر يېقىنلاشقان چاغدا، تېزدىن بۇ ساھەدىن ئايرىلىش كېرەك. 

بۇ جەھەتتە، پەقەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردىلا ئەمەس. شاڭگاڭدىمۇ شۇنداق. لى جياچېڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق مۈلكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىپلا قالماي، يەنە شياڭگاڭدىكى نۇرغۇن مۈلكىنىمۇ تۆكمە قىلىپ ساتتى، بۇ جەمئىي 400 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ لى جياچېڭنى شياڭگاڭدىكى مالىمانچىلىق ۋەقەسىدىن، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئۆي-زېمىن تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدىن ساقلاپ قالدى. 

لى جياچېڭنىڭ كىچىك ئوغلى لى زېكەيمۇ لى جياچېڭنىڭ بۇ سودا تەپەككۇرىغا ۋارىسلىق قىلغان، ئەمما ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۇ دادىسىدەك ئۇنداق پىشىپ يېتىلمىگەن. لى زېكەي 1999-يىلى 1 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەدىلىگە تېڭشۈننىڭ %20 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالغان. ئەمما ئىككى يىلدىن كېيىن، لى زېكەي 12 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بۇ پاي ھوقۇقىنى جەنۇبىي ئافرىقا گېزىتچىلىك گۇرۇھىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. 

بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقا گېزىتچىلىك گۇرۇھى دەل تېڭشۈننىڭ بىرىنچى چوڭ پايچىكى. 


شياڭگاڭ ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق مۈلكىنى سېتىش ئارقىلىق 400 مىليارد يۈەن مەبلەغ يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، لى جياچېڭ ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر كۈچى، خەۋەرلىشىش، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىق تۈرىدىكى كەسىپلەرنى قايتىدىن كۆپەيتتى. پاي چېكى ئوينايدىغان دوستلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، جۇڭگو نېفىتىگە ئوخشاش بۇنداق ئون مىڭ يىلدىمۇ ئۆسمەيدىغان پاي چېكى بۇ يىل ھەسسىلەپ ئاشتى. 

بايلىق پېيى بۇ يىل ئەڭ كۈچلۈك پارتلاش خاراكتېرلىك دەۋرىيلىكنى كۈتۈۋالدى. 

بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە لى جياچېڭنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش نىشانى بولۇپ قالدى. سىجىل سېتىۋېلىش ئارقىلىق، لى جياچېڭ ئەنگلىيەنىڭ 1/4 ئېلېكتىر كۈچى بازىرى، 1/3 تەبىئىي گاز بازىرى، 1/3 پىرىستان، 2/5 تېلېگراف بازىرى ۋە %7 تۇرۇبا سۈيى بازىرىنى ئىگىلىدى. 

بۇ كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ساھەسى. بولۇپمۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بۆلىكى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئەنگلىيەنىڭ ئېلېكتىر كۈچى 10 ھەسسە تېز ئۆرلەپ، ئەنگلىيەنىڭ 22 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى توك باھا سەۋىيەسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئەنگلىيە پۇقرالىرى يۇقىرى توك باھاسى سەۋەبىدىن تىت-تىت بولۇپ كەتكەندە، لى جياچېڭ كۈنىگە 200 مىليون يۈەنگە يېقىن پۇل تېپىپ، ئەڭ چوڭ غەلىبە قىلغۇچىغا ئايلاندى. 


يېرىم يىل ئىچىدىلا لى جياچېڭ ئەنگلىيەنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسىدە 30 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى. 

ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققاندا، پۈتۈن دۇنيا ئەنگلىيە ئىقتىسادىدىن ئەنسىرىگەن چاغدا، لى جياچېڭ ئەنگلىيەگە دو تىكتى. لى جياچېڭ ئەنگلىيە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن، شۇڭا ئۇ خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئاساسىي كەسىپلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرگەن. ئىقتىساد چېكىنگەن چاغدىلا، خەلق تۇرمۇشى كەسپى تېخىمۇ قىممەت يارىتىدۇ.

ئىقتىساد ياخشىلانغاندا، كىشىلەر ئالما يانفونىدىن بىرنى كۆپرەك سېتىۋېلىشى مۇمكىن. لېكىن ئىقتىساد تۆۋەنلىگەندە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تەبىئىي گاز، خەۋەرلىشىش، پىرىستان تىرانسپورتى قاتارلىقلار تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي زۆرۈر كەسىپ، شۇنداقلا كەم بولسا بولمايدىغان كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. 

سودىگەر لى جياچېڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئەزەلدىن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش-تىرىلىشىگە پەرۋا قىلمايتتى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ مۈلكىنىڭ ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش جەريانىدا، داۋاملىق قىممىتىنىڭ ئېشىپ مېڭىشىغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. 
لى جياچېڭ ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن پايدىسىنى ئوڭۇشلۇق يېيەلىدى.


لېكىن بۇنىڭ مەغرۇرلىنىشقا ئەرزىگۈدەك يېرى يوق. جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىمۇ لى جياچېڭ ئىزچىل مۇشۇنداق غىزالانغان. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى لى جياچېڭنىڭ مال-مۈلكىنى يۆتكىگەنلىكىنى سۆكۈپ، ئەمەلىيەتتە، لى جياچېڭ بۇ ياقتىكى پۇقرالارنىڭ قان تەر بەدىلى بايلىقىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە باشقا بىر جايغا بېرىپ داۋاملىق شۇ جاي پۇقرالىرىنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن بايلىقىنى يىغىشقا باشلىغان.

تاڭ بىگىمنىڭ قولىدا بەش ناھىيەگە ھاكىم بولۇش ئىمتىيازى بولۇپ، غاز شەھىرى پەقەت ئۇنىڭ پىلان سىرتىدىكى بىرىنچى بېكىتى ئىدى. ئەگەر جاڭ مازى پەيدا بولمىغان بولسا، تاڭ بىگىم كاڭچېڭدىن باشلاپ بەش ناھىيە بازىرىغا نۆۋەت بويىچە ھاكىم بولغان بولاتتى.


لى جياچېڭ تاڭ بىگىم بولماستىن، ھەرىكەتچان قورغانلىق خۇاڭ سىلاڭ بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىن كۆمۈش يىغاتتى. 

بۇ خىل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى كاپىتال زەردارلىرىغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ كۈدىلىكى شياڭگاڭ، ئىچكى قۇرۇقلۇق، ئەنگىلىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.

لى جياچېڭ پەقەت چەكسىز ھالدا ئىقتىسادنىڭ دەۋرىيلىكىگە ماسلىشىپ، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ئۆزىنىڭ مۈلۈك تەقسىماتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مۈلۈك قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 

كۆرۈنۈشتە، لى جياچېڭ نۇرغۇن ئۆي-زېمىن كەسپىنى بىكار قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تەبىئىي گاز، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، لى جياچېڭ ئىزچىل پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ سېلىشتۇرغىنى، قايسى كەسىپ تېخىمۇ پۇلغا يارايدۇ؟ دېگەننى تاللاپ چىقىش خالاس. 

خۇددى پاي چېكى ئوينىغانغا ئوخشاش، مۈلۈكنى يۆتكەپ، ئامبارنى تەڭشەش كېرەك. 

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، جۇڭگونىڭ ئۆي-زېمىنىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتى تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىپ، شياڭگاڭ كۈندىن-كۈنگە مۇقىملاشقاندىن كېيىن، لى جياچېڭ قايتىدىن شياڭگاڭغا، ئىچكى قۇرۇقلۇققا مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پۇلى يەنە قايتىشقا باشلىدى. 

ئۇنىڭ ئوغلى لى زېجۈ سەمىمىيلىك بىلەن: «بىز ئەزەلدىن ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلىپ باقمىغان.» دەيدۇ. 


ئۇنىڭ بۇ گېپىچە، لى ئائىلىسى چوڭ قۇرۇقلۇققا 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 199 مىليارد 900 مىليون يۈەننى يۆتكەپ كەتكەن، قالغان 100 مىليون يۈەنلىك مۈلكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتا بولغاچقا، لى ئائىلىسىنى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلدى دېيىشكە بولمايتتى. 

كاپىتالىستنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ 10 دېسە، بىز 1 گىمۇ ئىشىنەلمەيمىز. بىز پەقەت ئۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ مەنپەئەتىدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىزدەيمىز. 

لى جياچېڭ ياخشى ئادەم ھېسابلانمايدۇ، ياخشى ئادەم كاپىتالىست بولالمايدۇ. كاپىتالىستلار خەلقنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن يىلىكىنى شورايدۇ، لى جياچېڭ يېيىشكە ماھىر. شياڭگاڭنىڭ قەپەسسىمان ئۆيلىرى، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى يۇقىرى ئۆي باھاسى، ئەنگلىيەدىكى توك باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى لى جياچېڭنىڭ بايلىقىنىڭ ئېتىلىپ چىقىش مەنبەسى ئىدى. 
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
ئەجىركار: نەپكار
-----------
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
1. ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش
2. باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟
3. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
4. ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟
5. لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى
6. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟
7. ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
8. پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى
9. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟
10. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
11. نېمە ئۈچۈن توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟
12. تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش
13. ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى
14. خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر
15. بايلارنىڭ ھالاكىتى
16. خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟
17. توك چەكلەش ئويۇنى
18. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
19 . ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى
20. ھەممە ئادەم قەھرىمان
21. شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن
22. ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟
23. ئەلى بابانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىمپېرىيەسى چۈشى بەربات بولامدۇ؟
24. مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟
25. دوۋيىن تور چولپىنى قانداق تاۋلىنىدۇ؟

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0