ئېنتېرنېت تورىنىڭ قورشاۋ تېمى ئۈزلۈكسىز تۈزلەنمەكتە.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سۇپىدىن سىرتقى ئۇلىنىش توسۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە، دوستلار بىلەن تاۋباۋ ئۇلىنىشىنى ھەمبەھىرلەنگەندە بىر قاتار قالايمىقان كودلارنى تارقىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، دوۋيىننى ھەمبەھىرلەنگەندە ئاۋۋال ئۇنى يانفوندا ساقلاپ تارقىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بەيدۇمۇ سالوندىكى يازما ۋە تاۋباۋدىكى تاۋارلارنى ئىزدەپ تاپالايدۇ.
بۇ قېتىم سىرتقى ئۇلىنىش توسۇقىنى بىكار قىلىشتا، مەھسۇلات ۋە پەن-تېخنىكا نۇقتىسىدىن نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى، بىز بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن يېڭى نۇقتىدىن، كۆپچىلىك بىلەن ئىسلاھاتنىڭ قانداق چوڭقۇر تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئېقىم مىقدارى تەدرىجىي ھالدا بىر خىل تاۋارغا ئايلىنىۋاتىدۇ، ھەرقايسى ئالاقە تورى ماگناتلىرى ئېقىم مىقدارىدىن پايدىلىنىپ باج يىغىۋاتىدۇ (ئېقىمنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ)، ئەمما ئۆزئارا سىرتقى ئۇلىنىش توسۇقىنىڭ ماھىيىتى بىر خىل تاموژنا بېجى قورغىنىدۇر.
بۇ سىزنىڭ «سەن ئۆل، مەن ياشايمەن» تىپىدىكى كۈرىشىڭىز ئەمەس، بەلكى بىر خىل سودا رىقابىتىدۇر.

تېڭشۈن ئەلى سىستېمىسى ئارىسىدىكى ئۆزئارا توسۇشى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئېقىم مىقدارى ئالالمىغان ھەرقايسى كىچىك دۆلەتلەرنى ئىككى كۈچلۈك دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىقنى تاللاشقا مەجبۇر قىلغان.
ئۈندىدارنىڭ دوۋيىن بىلەن ھەمكارلاشقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغان، مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملاشقىنىغىمۇ خېلى ئۇزۇن بولغان، ئەمما ئۈندىدار تۇيۇقسىز ئۇلىنىشنى ئۈزۈۋەتتى، بۇ ئامېرىكىنىڭ كۆپ يىل ھەمكارلاشقان جۇڭگوغا 301 تەكشۈرۈش قوزغىغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
تېڭشۈن پىندودو ۋە كۇەيشۇۋنى بىر مەھەل ھەقسىز ئېقىم بىلەن قوللىغان، بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە ۋە گىرمانىيەگە ھەقسىز ياردەم بەرگىنىگە ئوخشاش بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتى يوقالغاندا، ياردەم دەرھال تەبئىيلا ئازىيىپ كېتىدۇ.
ھەتتا بىز ئۈندىداردا دوستلىرىمىزغا تاۋباۋ بىلەن دوۋيىننىڭ ئۇلىنىشىنى يوللىشىمىز شۇنداقلا بىر خىل «ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش» قىلمىشىغا ئوخشاش بولۇپ، مەزمۇننى يانفوندا ساقلاپ، چېگرا ئىچىگە ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن تارقىتىش قىلمىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
بۇنى چۈشەنگەندىن كېيىن، مەسىلىنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ.
سىرتقى ئۇلىنىشنىڭ توسۇلۇشى ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئىقتىسادىي ئاساس ۋە ھەرىكەت مىزانىنىڭ تۆۋەن قاتلام لوگىكىسى بولۇپ، ئۇلار كاپىتالنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىدىن پايدىلىنىپ، غايەت زور تىرىشچانلىق ۋە بەدەل تۆلەپ، ئۆزىنىڭ سېپىل ۋە قورغان خەندىكىنى ياسىدى.
بۇ خۇددى سودا لىنىيەسىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بىلەن پورتقا ئوخشاش غايەت زور قۇرۇلۇش تەننەرخىنى سەرپ قىلىپ، سانسىز قېتىم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ تىجارەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ يولدىن ئۆتكەن سودىگەرلەردىن يول ھەققى ھەمدە نۇرغۇن ھەقلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇزاق مۇددەتلىك شېرىنكانە ئالغانغا ئوخشايدۇ.
شۇ تاپتا شەھەر سېپىلى چېقىلىپ، ھەممە ئادەم بۇ ئۆتكەلدىن ھەقسىز ئۆتەلەيدىغان بولدى، بۇ ئۆتكەل چوقۇم تېز سۈرئەتتە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ چوڭ شەھەرگە ئايلىنىدۇ. ئەمما ئۆتكەلدە ئەسلىدە بار بولغان مەبلەغ سالغۇچى ئەنئەنىۋى يول خىراجىتىدىن كىرىم قىلالمايدۇ، پەقەت تىرىشىپ مۇلازىمەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ يولۇچىلاردىن ئازغىنە شېرىنكانە ئالىدۇ.
مودېلدىن پايدىلىنىپ شۇنى چۈشىنىۋېلىش مۇمكىنكى، سىرتقى ئۇلىنىشنىڭ توسۇلۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، پۈتكۈل جۇڭگو ئالاقە تورىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، غايەت زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن ئالدىنقى مەزگىلدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، غايەت زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
بۇنىڭ تەپەككۇر لوگىكىسى بىلەن مائارىپتا مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپاراتلىرىنى تاقاشتەك بۇ سېپىلنى چېقىۋېتىش بىلەن ئوخشاشلىقى بار.
ئۇنداقتا بىز نېمىشقا بۇنداق قىلىمىز؟
يەنىلا تارىخىي مودېلدىن پايدىلىنىپ، «سىرتقى ئۇلىنىشنى توسۇش»نى تاموژنا دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
جۇڭگونىڭ شيا، شاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە قول سانائەت بىلەن سودىنى ھۆكۈمەت باشقۇرغان بولۇپ، تاموژنا ۋە تاموژنا بېجى ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى.
جوۋ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەمىر زېمىن سىستېمىسى ئاستىدا تاموژنىنىڭ ئىلگىرىكى مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، تاموژنىدىن ئۆتىدىغان سودىگەرلەردىن باج ئېلىنغان.
ئەمىنىيە، ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىگە كەلگەندە ھەرقايسى بەگلىكلەر باش كۆتۈرۈپ، بەس-بەستە چېگرا تەسىس قىلىپ، جۇ سۇلالىسى خان جەمەتىنىڭ ئورنىدا تاموژنا بېجى ئالغان.
چىن بەگلىكى ئالتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تاموژنا بېجىنى بىكار قىلغان.
خەن سۇلالىسى چىن سۇلالىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يىپەك يولىدا، سەددىچىن سېپىلىنىڭ بويىدا يېڭى تاموژنا بېجى تەسىس قىلغان.
بۇ تارىخ بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئۈستقۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن.
پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەرقىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراشنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئايرىۋېتىلىش ۋە تاموژنا بېجى بىر-بىرىدىن كۈچلۈك فېئوداللىق دۆلەت، شۇنداقلا ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان فېئوداللىق ئىتتىپاقنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئەگىشىپ، بىر ئىزدىلا توختاپ قالىدىغان بۇنداق باج قۇرۇلمىسى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ، قۇدرەتلىك مەركىزىي ھۆكۈمەت ئايرىۋېتىلگەن تاموژنا بېجى سېپىلىنى ۋەيران قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن بازار شەكىللەندۈرىدۇ.
تۆمۈر خان، چىن، خەن سۇلالىلىرىدىكى سەددىچىن سېپىلىدىن تارتىپ، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدىكى چوڭ قانالغىچە، ئاندىن بۈيۈك مىڭ خانىدانلىقىدىكى گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆتەڭگىچە؛ قاتار-قاتار يوللار رىمغا تۇتاشقاندىن تارتىپ، بۈيۈك ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقىچە، يەنە ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلىپ قۇرغان ئەركىن سودا سىستېمىسىغىچە نەزەر سالساق شۇنى بايقايمىزكى، ھەر بىر ئۇلۇغ دەۋردە، ھەر بىر ئۇلۇغ ھۆكۈمران ئىچكى قىسىمدىكى چېگرانى بۇزۇپ تاشلاپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارادىكى رىقابەت ۋە كېڭەيمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
ھەر قېتىم كونا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندا، يېڭى باج مېخانىزمى بارلىققا كېلىدۇ، خۇددى چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئالتە دۆلەتنىڭ كونا سەددىچىن سېپىلىنى چېقىۋېتىپ، ئون مىڭ چاقىرىملىق يېڭى سەددىچىن سېپىلى سېلىنغانغا ئوخشاش. دۆلەت ئىچىنى تىنچلاندۇرغاندىن كېيىن، يەنە چەتكە كېڭىيىش كېرەك، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، يېڭى تاموژنا بېجى ئۆلچىمىنى دۆلەت دەرۋازىسى سىرتىغا تەسىس قىلغىلى بولىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدە تەييارلاندى.
ئەجىركار: نەپكار
يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىت»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئۆلمەس كىتاب «باي دادام، نامرات دادام (قايتا تەرجىمىسى)» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسىمى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
ئەگەر يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۈندىدار 345760552 نى قوشۇپ ئېرىشىڭ!


