搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
بۇنىڭدىن كېيىن قەرز پۇلنى قايتۇرمىساقمۇ بولىدىغان بولدىمۇ؟
>
بۇنىڭدىن كېيىن قەرز پۇلنى قايتۇرمىساقمۇ بولىدىغان بولدىمۇ؟
Nepkar
2021-11-11
1
导读:بۇ ئۇنىڭ بوغۇلۇپ كەتكەن بىر مىليون 400 نەچچە مىڭ يۈەن قەرزنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېر
مەملىكەت بويىچە تۇنجى شەخسىينىڭ ۋەيران بولۇش ھېساباتىنى ئېنىقلاش دېلوسى شېنجېن ئالاھىدە رايونىدا بارلىققا كەلدى، سوت مەھكىمىسى قەرزدار خۇ X نىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.
بۇ ئۇنىڭ بوغۇلۇپ كەتكەن بىر مىليون 400 نەچچە مىڭ يۈەن قەرزنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەن پەيتتە، خۇ X كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى: «شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش نىزامىغا رەھمەت، ماڭا <قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش> پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.»
بىرىنچى،
بىز ئاۋۋال خۇ فامىلىلىكنىڭ قانداق ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ نېمىشقا پۇلنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ؟
ئۇ ئەسلىدە سودا سارايدا بىر تەربىيەلەش ئاپپاراتى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن سودا سارىيى تاقىلىپ قېلىپ، ئۇنىڭ تەربىيەلەش ئاپپاراتىمۇ تەڭ تاقىلىپ، 4 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان.
بۇ قەرزلەر سودا-سانائەت بانكىسىدىن ئالغان 2 مىليون 250 مىڭ يۈەن قەرز، ئامانلىق بانكىسىدىن ئالغان 500 مىڭ يۈەن قەرز، ئىناۋەتلىك كارتىدىن چىقارغان 300 نەچچە مىڭ يۈەن قەرز، دوستلاردىن ئالغان 900 نەچچە مىڭ يۈەن قەرز، تىجارەت ئۈچۈن ئالغان قەرز 500 مىڭ يۈەن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇ قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، بىردىنبىر ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، 2 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئۆي پۇلىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داۋاملىق ئۇياقتىن-بۇياققا يىغىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 3 مىليوندىن ئارتۇق پۇلنى قايتۇرغان، قالغان 1 مىليون 400 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇشقا زادىلا ئامال بولمىغان.
2021-يىلى 3-ئايدا، «شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ شەخسلەر ۋەيران بولۇش نىزامى» ئەمەلىيلىشىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى شەخسلەر ۋەيران بولۇش قانۇنىغا ئايلاندى.
خۇ فامىلىلىك سوت مەھكىمىسىگە شەخسنىڭ ۋەيران بولۇشىنى ئىلتىماس قىلدى.
سوت مەھكىمىسى ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، خۇ فامىلىلىكنىڭ سەككىز يىل بۇرۇنلا ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى، قىزىنى ئۆزى يالغۇز باققانلىقىنى، ھازىر ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئايدا 5000 يۈەن كىرىم قىلىدىغانلىقىنى، بىر مىليون 400 مىڭ يۈەن قەرزنى قايتۇرۇشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئەھۋال راست بولۇپ، شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش ھېساباتىنى ئېنىقلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
نىزامغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى خۇ XX نىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاپ، مال-مۈلۈكتىن كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان.
بۇنىڭ ئىچىدە ياشانغانلارنىڭ بېقىلىش ھەققى 487.5 يۈەن، قىزىنىڭ بېقىلىش ھەققى ھەر ئايدا 1100 يۈەن، شۇ كىشىنىڭ ھەر ئايلىق تۇرمۇش چىقىمى 2200 يۈەن، شۇنداقلا تۇرمۇش، ئۆگىنىشكە ئىشلىتىلىدىغان زۆرۈر بۇيۇملارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 3950 يۈەن بولغان.
دېمەك، خۇ XX نىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ 3950 يۈەن قىسمىنى قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىكەن، قالغان كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈش مۇددىتى توشقانغا قەدەر قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىدىكەن.
ئىككىنچى،
نۇرغۇن كىشىلەر «شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش قانۇنى» دېگەن نېمە؟ بىز ۋەيران بولغاندىن كېيىن قەرزنى قايتۇرمىساقمۇ بولامدۇ؟ دەپ سورايدۇ.
مەن بۇ يەردە چۈشەندۈرۈپ قوياي:
«شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش تۈزۈمى» تەبىئىي شەخسنىڭ قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەندە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئېشىپ قالغان مۈلۈكنى ھەقدارغا تەقسىم قىلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر تەقسىم قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن يەنە قەرز بولسا، بۇ تەبىئىي شەخسنىڭ داۋاملىق تۆلەش جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە پەقەت كارخانا ۋەيران بولۇش قانۇنىلا بار، كارخانا ۋەيران بولسا قەرزدىن كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ، لېكىن ئادەم ۋەيران بولسا بولمايدۇ.
شۇڭا، قانۇن ساھەسىدىكىلەر بىزدە پەقەت «يېرىم ۋەيران بولۇش قانۇنى» بار دەپ ئاتايدۇ.
2021-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، «شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش نىزامى» ئالدى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش قانۇنىغا ئايلاندى.
شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش نىزامى يەنە ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى، شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش ھېساباتىنى ئېنىقلاش.
ئىككىنچى، شەخسنىڭ ۋەيران بولۇپ قايتا تەرتىپكە سېلىنىشى؛
ئۈچىنچى، شەخسنىڭ ۋەيران بولۇپ ياراشتۇرۇلۇشى.
ۋەيران بولۇپ ھېسابات ئېنىقلىغان خۇ X تىن باشقا، ۋەيران بولۇپ قايتا تەرتىپكە سېلىش ۋە ۋەيران بولۇپ يارىشىشقا دائىر تۇنجى دېلومۇ ئالدىنقى مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن.
تۇنجى قېتىملىق ۋەيران بولۇپ قايتا تەرتىپكە سېلىش دېلوسىدا، قەرزدار يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، قەرزى بارغانسېرى كۆپەيگەن. ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ۋەيران بولۇپ قايتا تەرتىپكە سېلىنغانلىقىنى جاكارلاپ، شېنجېننىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش ئۆلچىمى بويىچە، بىر قىسىم مال-مۈلۈكنى كەچۈرۈم قىلىپ، قەرزدار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
تۇنجى قېتىملىق ۋەيران بولۇپ يارىشىش دېلوسىدا، 76 ياشلىق قەرزدار 970 مىڭ يۈەن چاتما كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت 52 مىڭ يۈەن تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، قالغان قەرز كەچۈرۈم قىلىنغان.
بۇ پەقەت سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان قەرزدار بولسىلا، بەختكە قارشى قەرز كىرىزىسىغا پېتىپ قالغاندىن كېيىن، قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىپ، ئەسلىگە كېلەلمەسلىكتىن ساقلانغىلى ھەمدە قەرز كىرىزىسىدىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۈچىنچى،
بۇنى كۆرگەن يەنە بەزىلەر: «شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش تۈزۈمى» ئۇششۇقلۇقنىڭ تىلتۇمارى بولۇپ قالامدۇ؟ دېگەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇنداق ئويدا بولغانلار قانۇننى بەك ئاددىي ئويلاپ قالغانلاردۇر، بۇ («شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش تۈزۈمى») قەرزدارلارنى قوغدايدىغان بىر يۈرۈش سىستېما بولۇپ، يوچۇقلارنى ئېتىدىغان رامكىنى تەبىئىي ھالدا لايىھەلەپ چىقىدۇ.
ئالدى بىلەن، جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش
شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش ھېساباتىنى ئېنىقلاشتا، ئۈچ يىللىق مەسئۇلىيەتنى كەچۈرۈم قىلىش تەكشۈرۈش خىزمىتى بار، يەنى، سوت مەھكىمىسى سىزنىڭ كېيىنكى قېتىم راستىنلا قەرزىڭىزنى تۆلىيەلمەيدىغان بولغان-بولمىغانلىقىڭىزنى تەكشۈرىدۇ.
يۇقىرىقى ۋەيران بولۇپ ھېسابات ئېنىقلاش دېلوسىدا، تەكشۈرۈش جەريانىدا خۇ × ۋەيرانچىلىقنى باشقۇرغۇچى ۋە ۋەيرانچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ھەر ئايدا شەخسىي كىرىم، چىقىم ۋە مال-مۈلۈك ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىشى شەرت، ھەر ئايلىق زۆرۈر چىقىمنى چىقىرىۋەتكەندىن سىرت، قالغان كىرىمنىڭ ھەممىسى قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەكشۈرۈش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى يەنە خۇ XX نىڭ تەكشۈرۈش مەزگىلىدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن، قەرزنى قايتۇرماسلىق، چەكلەش قىلمىشىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ۋەيران بولۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقىمۇ بولىدۇ
شېنجېندىكى شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش نىزامىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ماددىسى ۋەيران بولۇشنى بىكار قىلىش ھوقۇقى ۋە ئىناۋەتسىز ھەرىكەت تۈزۈمىدۇر.
يەنى ئەگەر قەرزدارنىڭ ۋەيران بولۇشتىن ئىلگىرى مال-مۈلكىنى يۆتكىۋەتكەنلىكى، يوشۇرغانلىقى بايقالسا، بەلگىلىمە بويىچە ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، سوت مەھكىمىسى ۋەيران بولۇشنى بىكار قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، ھەقدار نازارەت قىلىدۇ
شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش نىزامىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: قەرزدارنىڭ ئايروپىلان سودا بۆلمىسى ياكى بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلمە، پويىزنىڭ يۇمشاق كارىۋىتى، پاراخوتنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بۆلمە ئورنى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋە باشقا دىۋىگاتىللىق پويىزلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشىغا؛ كېچىلىك كۇلۇب، گولف توپ مەيدانى ۋە ئۈچ يۇلتۇزلۇقتىن يۇقىرى مېھمانخانا، مېھمانساراي قاتارلىق سورۇنلاردا ئىستېمال قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ پەرزەنتلىرىنىڭ يۇقىرى ھەق ئېلىنىدىغان خۇسۇسىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ھەقدارنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ئەگەر قەرزدارنىڭ سەمىمىيەتسىزلىك قىلمىشى، ئالدامچىلىق قىلمىشى بايقالسا، سوت مەھكىمىسىدىن ۋەيران بولغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
بۇ قەرزدارنىڭ ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان ھامان، ھەقدارنىڭ بىر ئۆمۈر نازارىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئېنىقكى، ئۇششۇقلۇق قىلىپ بىر نەچچە يىل چىداشلىق بېرىش ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى.
ئاخىرىدا، ئالدامچىلىق خاراكتېرلىك ۋەيران بولسا جازا بېرىلىدۇ
شەخس ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى، ھەقدار قاتارلىقلار زور مىقداردا ئىسپات ئېلىپ، قەرزدارنىڭ «سەمىمىي ھەم بەختسىز» بولۇش-بولماسلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.
ئەگەر ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلسا، بۇ ئالدامچىلىق خاراكتېرلىك ۋەيران بولۇش بولۇپ، تۈرمە ئاپىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
دېمەك، شەخسنىڭ ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، «ئۇششۇق»لۇقنىڭ ۋەيران بولۇش بۆشۈكىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.
تۆتىنچى،
شېنجېن تۇنجى ۋەيران بولۇش نىزامىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، جېجياڭمۇ ۋەيران بولۇش تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.
2020-يىلى 12-ئايدا، جېجياڭ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى «جېجياڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ شەخسىي قەرزىنى مەركەزلىك ئېنىقلاش (شەخسلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى) خىزمىتىنىڭ كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەر شەخسنىڭ ۋەيران بولۇش تۈزۈمى توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى.
ئېنىقكى، جايلار نۇقتىدا سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھامان، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملىشىدۇ.
بۇ بىر يېڭى مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەسئۇلىيەت دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىلگىرى قەرز پۇلنى قايتۇرۇش قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ئىدى.
ھازىر تۆۋەن قاتلام لوگىكىسىدا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى.
ھەر بىر قەرز بەرگۈچى باشقىلارغا خالىغانچە پۇل قەرز بەرسە بولمايدۇ، ئەگەر قەرز ئالغۇچى ۋەيران بولسا، قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىشى ناتايىن.
بۇ يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئالتە ئاي ئىچىدە شېنجېن سوت مەھكىمىسى جەمئىي 755 ئادەمنىڭ ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
بۇ ۋەيران بولماقچى بولغان شەخسنىڭ ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەنبە: TOP互联网 سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408