大数跨境

دۇنيادا ئاسان خىزمەت يوق

دۇنيادا ئاسان خىزمەت يوق Nepkar
2020-10-01
1
导读:شۇڭا خىزمەتكە ئوچۇق تەپەككۇر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، شۇ خىزمەت ئورنىنى ۋە شۇ خىزمەت ئورنىنى ياراتقان ئ

دۇنيادا ئاسان خىزمەت يوق

شاكىرجان ھەبىبۇللا

 خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسى شۇ خىزمەت مۇھىتىنى يارىتىۋاتقان ئورۇننىڭ تەرەققىياتىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ يەردە خىزمەتچىنىڭ ساپا ئۆلچىمى نېمە دېگەن بىر سوئال پەيدا بولىدۇ. بۇ سوئالغا يەتتە سەككىز يىللىق شىركەت پائالىيىتى جەريانىدىكى كۆرگەن بىلگەنلىرىمدىن چىقارغان خۇلاسەمنى ئويلىسام كاللامدا تەخمىنەن ئىككى يىل ئەتراپىدا بىر خىل خۇلاسە چىققان بولسا، تۆت يىلدا يەنە بىر خىل خۇلاسە چىقىپ، ئىككى يىلنى دەۋر قىلغان خۇلاسە جەمئىي تۆت خىل بوپتۇ. بۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ جەمئىيەت، شىركەت، سودا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تەجرىبىلىرىمنىڭ يەنىلا كەمچىل ئىكەنلىكىمنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شىركەت تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا كەلگەندە شىركەتتە نەچچە يىل ئىشلەپ شىركەتنىڭ ئاساسىي مەشغۇلات تەرتىپلىرىگە پىشقان، تىجارەت ئەندىزىسى ۋە تەرەققىيات تەپەككۇر ئېڭىنى ئۆزلەشتۈرگەن خىزمەتچىنىڭ توساتتىن خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشى شىركەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ خىزمەتچىنىڭ ئورنىغا يەنە بىر خىزمەتچىنى قوبۇل قىلغاندا، گەرچە بۇ يېڭى خىزمەتچى ئۆزى قوبۇل قىلىنغان خىزمەتنىڭ مەشغۇلات تەرتىپىگە پىششىق بولسىمۇ، شىركەتنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى چۈشىنىشكە ۋە تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە كەم دېگەندە ئالتە ئاي ياكى بىر يىل ۋاقىت كېتىدۇ. چۈنكى شىركەتتىن ئىبارەت بۇ ئىقتىسادىي گەۋدىدە شىركەت ئاساسىي قۇرۇلمىسى، تۈزۈم، باشقۇرۇش ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرى رامكىسى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغاچقا، تاشقى شەكىل جەھەتتىن ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما شۇ شىركەتنىڭ قىلىۋاتقان تىجارىتىنىڭ ئېھتىياجى، شىركەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى، شىركەت خۇجايىنىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئۇخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ھەر بىر شىركەتنىڭ ئوخشىمىغان خىزمەت مۇھىتى، خىزمەتچىلەر ئۇتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئىش بېجىرىشتىكى ئوسوللىرىدا زور دەرىجىدىكى پەرقلەر مەۋجۇت. 
خىزمەتچىنىڭ ئىستېپا بېرىشىدە تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن:
بىرىنچى، ئىش ھەققى
ھازىرقىدەك ئۇچۇر-تېخنىكا دەۋرىدە، ئىقتىسادنىڭ مۇھىملىقى ھەممىگە ئايان. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلىمايدىغان خىزمەتچى بولسا بەلكىم خىزمەتنىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى بىزدە «گېنېرال بولۇشنى ئويلىمايدىغان ئەسكەر ياخشى ئەسكەر ئەمەس.» دېگەن ماقال-تەمسىل بار. خىزمەتچىنىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئورۇندىن ئىستېپا بېرىپ ئايرىلىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئىش ھەققىگە رازى بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەمدى ئىش ھەققى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان خىزمەتتىن ئايرىلىش مەسىلىسى بولسا خىزمەتچىنىڭ شۇ ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئورۇندىن ئېرىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىمىگە رازى بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلساق: بىزدە «چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ.» دېگەن بىر گەپ بار، بىرى، خىزمەتچىنىڭ يارىتىۋاتقان قىممىتى ئېرىشىۋاتقان قىممىتىدىن چوڭ بولغاندا، يەنە بىرى خىزمەتچىنىڭ يارىتىۋاتقان قىممىتى بىلەن ئېرىشىۋاتقان قىممىتى تەڭ، لېكىن خىزمەتچىنىڭ كاللىسىدىكى ئېرىشمەكچى بولغان ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، شىركەت مائاش قوشۇپ بېرىشنى رەت قىلغاندا ئىستېپا بېرىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بىر ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىنىڭ ئىككى يۈز خىزمەتچىسى بار دەپ پەرەز قىلساق، قۇرۇلما جەھەتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىدىن بىردىن ئۈچكىچە، ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار بەشتىن ئۇن نەپەرگىچە، ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكىلەر (ئالاھىدە تېخنىكا، پەن-تەتقىقات تۈرىدىكى خىزمەت ئورنى) بىردىن ئۈچكىچە بولىدۇ. تەمىنات جەھەتتىنمۇ يۇقىرى، ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار ۋە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئىشتاتىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەمىناتى يۇقىرى بولىدۇ، قالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى دۆلەت ۋە يەرلىك بېكىتكەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. 
كارخانىدا يۇقىرىقى كىشىلەر زىممىسىگە نورمال تىجارەت يۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتى، قانۇن خېيىم-خەتىرى، ئىقتىسادىي زىيان مەسئۇلىيىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئېغىر مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەنگەن بولىدۇ، پۈتكۈل بىر كارخانا سىستېمىسىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ئاجرىتىدىغان زېھىن-قۇۋۋەت، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى، يەيدىغان غېمى كۆپ بولىدۇ. بۇلار شۇڭا ئەمگىكىگە ۋە زىممىسىدە كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ئېغىر مەسئۇلىيىتىگە مۇناسىپ ھالدا ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشىدۇ. قالغان خىزمەتچىلەر پەقەت ۋە پەقەت ئۆز خىزمەت دائىرىسىگە تەۋە مەسئۇلىيەتنى ۋە مەجبۇرىيىتىنىلا ئۈستىگىلا ئالىدۇ. شۇڭا ئېرىشىدىغان ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ بولىدۇ. ئەگەر خىزمەتچىنىڭ كارخانىدىكى قىلىۋاتقان خىزمىتى يۇقىرى، ئوتتۇرا قاتلام خىزمىتى، بىراق ئېرىشىۋاتقان كىرىمى ئادەتتىكى خىزمەت ئورنىنىڭ مائاشى بولسا بۇ كارخانىدىكى مەسىلە. يەنە ئەگەر خىزمەتچىنىڭ قىلىۋاتقىنى ئادەتتىكى خىزمەت ئورنى ئىشى، بىراق ئېرىشمەكچى بولغىنى باشقۇرغۇچى ئورنىنىڭ تەمىناتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان خىزمەتتىن ئايرىلىش بولسا بۇ خىزمەتچىدىكى مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقىرى كىرىملىك خىزمەتچى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شىركەتكە كىرىپ ئىشلەپلا يۇقىرى كىرىمگە ئېرىشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھەممىسىگە جەريان كېرەك. كارخانا تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، ئىستراتېگىيەلىك نىشان ۋە پىلانىنىڭ بولماسلىقى، تىجارەتچىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بۇيىچە تىجارىتىنى شىركەتلەشتۈرۈپ، ئەمما كاللىسىدا يەنىلا تىجارەت تەپەككۇرى بۇيىچە شىركەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان، خۇجايىننىڭ تېخىچە كارخانا تەپەككۇرىگە كىرمىگەنلىكى؛ شىركەت تىجارىتىنىڭ بىخ ھالىتىدە ئۆسۈۋاتقان ئالاھىدە ۋاقتى، قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققى سەۋەبلىك خىزمەتچىلەردىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. 
بۇ يەردىكى مەسىلە دەل شۇ شىركەتتە. شىركەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەسلىك، شىركەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىش ئورنى، يارىتىۋاتقان قىممىتى ۋە ئېرىشىۋاتقان قىممىتى ئۇتتۇرىسىدىكى گارمونىك مۇناسىۋەتنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەسلىك، شىركەتكە كىرىپ ئىشلەشتىكى مۇددىئاسىنىڭ شۇ شەخسنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى ھاياتلىق پىلانى ئىچىدىكى رولى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلانماسلىق، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە توغرا باھا بېرەلمەسلىك، قۇرۇق ھاياجان-ھېسسىياتقا بېرىلىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن شىركەتتىن ئېرىشىۋاتقان كىرىمىگە رازى بولماي، ئىستېپا بېرىدىغان ئەھۋالنىڭ سەۋەبى دەل ئىستېپا سورىغۇچى خادىمدا بولىدۇ. 
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل شۇكى-جەمئىيەت ئامىلى. بىر ئادەتتىكى دۆلەت مەمۇرىي ياكى كەسپىي ئىشتاتلىق خىزمەتچىنىڭ مائاش كىرىمى تەخمىنەن 3000 يۈەندىن 4500 يۈەنگىچە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جەھەتتە شىركەت خىزمەتچىلىرىدىن تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى ئارتۇق تۇرىدۇ (دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن خۇسۇسىي شىركەت-كارخانىلار ئوبيېكتىپ رېئاللىق سەۋەبىدىن خىزمەتچىلەرنىڭ سۇغۇرتىسىغا جامائەت ئولتۇراق فوندىنى قوشمايدۇ). شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئادەتتىكى ئىش ئورنىنىڭ مائاشى 2500 يۈەندىن 3500 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا كۆپ قىسىم يېڭى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ چىققان خىزمەتچىلەر مائاش ئۆلچىمى جەھەتتە ئىستىخىيەلىك ھالدا دۆلەت مەمۇرىي ۋە كەسپى ئىشتات ئورۇنلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆزلىرىگە ئۆلچەم قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال شىركەتكە كىرگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردىلا خىزمەتچىنىڭ دىلىدا بىر ئەپسۇسلۇق بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئەپسۇسلۇقنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمىغاندا، قەلبىدە شىركەتكە ۋە خوجايىنغا نارازىلىق پەيدا بولىدۇ. دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئىش تەقسىماتى ئېنىق، سىستېمىلاشقان خىزمەت ئەۋزەللىكى... قاتارلىق بىر مۇنچە ئەۋزەللىكلىرى بىلەن دىيارىمىزدا ئەمدىلەتىن بىخ ئۇرۇپ كۆكلەۋاتقان شىركەت-كارخانىلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى، شارائىتى قاتارلىق روشەن سېلىشتۇرمىلارمۇ نۇرغۇن يېڭىدىن جەمئىيەتكە چىققان ياشلارغا نىسبەتەن زور بىر پىسخىك توسۇق شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. 

ئىككىنچى، سالاھىيەت
ئەگەر مەلۇم رايوندا ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھوقۇقى چوڭ، قانۇننىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىغا بولغان نازارىتى يېتەرسىز بولسا، ھاكىمىيەت ئاپپاراتىدىكى كىچىككىنە بىر خىزمەت ئورنىدىكى ئىش بېجىرىش ھالقىسىمۇ مەلۇم نوپۇز ۋە ئالاھىدە سالاھىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ھازىرقى 80-يىلدىن كېيىنكىلەر ۋە 90-يىلدىن كېيىنكىلەرنىڭ خىزمەت قارىشىدا، خىزمەت يۆنىلىشىنى تاللاش جەريانىدا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پىكرى خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، مېنىڭ بەزى ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىمدىن ھېس قىلىشىمچە ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقىي مەنىدىكى خىزمەت پەقەتلا دۆلەت مەمۇرىي، كەسپىي ئىشتاتلىق خىزمەت ئورنى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن ئىبارەت. باشقا شەخسى ئىگىلىكتىكى شىركەت-كارخانىلار مۇقىم ئەمەس، قاچان ۋەيران بولۇشىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، پاراۋانلىقى تېخى ياخشى ئەمەس، دەم ئېلىشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس دەپ قارايدۇ. يەنە كېلىپ دۆلەت مەمۇرىي، كەسپى ئىشتاتلىق خىزمەت ئورنى ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا پەرزەنتلىرى خىزمەتكە ئورۇنلاشسا پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىغا ئېرىشكەندەك، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەت-كارخانىلاردا خىزمەتكە ئورۇنلاشسا شۇنچە يىل ئوقۇتقان بالىسى خىزمەتتە مەغلۇپ بولغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالىدىغان، يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ ئىمتىھانىنى ساقلاش مەزگىلىدە «پەرزەنتىم بىكار يۈرگەندىن بىرەر شىركەتكە كىرىپ ئىشلەپ تۇرمامدۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتسە توختاپ قالسا بولىدىغۇ.» دەپ ئويلايدىغان ئەھۋال خېلى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. 
بۇ خىل ئەھۋال ئەمەلىيەتتە پەرزەنتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا قارىشىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى رېئال جەمئىتىمىزدە ئۇلارنىڭ قارىشىنى خاتا دېگىلى بولمىسىمۇ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا دۆلەتنىڭ ئۆز فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىدا بۇنچە نۇرغۇن ئادەمنى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ مونوپول تىجارىتى ئىقتىسادنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىش يولىنى توسۇپ قويىۋاتقان، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈنى كۈنسېرى خارابلىشىۋاتقان ھالەتتە بولسىمۇ، ئۇلار يېقىن كەلگۈسىدە يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىدەك گۈزەل كۈنلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ ماڭماقتا. بۇنىڭ بىلەن بۇ كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى سالاھىيىتىدىمۇ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇخىل دۆلەت تارماقلىرىنى چوڭ بىلىش، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەت-كارخانىلارنى ياراتماسلىق كۆز قارىشىنىڭ نۇرغۇن تارىخى ۋە رېئال ئىجتىمائىي سەۋەبى بار. ئەمما دۇنيا مىقياسىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغان ۋاقىتتا، شىركەت-كارخانىلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى كۈچى مىسلىسىز زور (بۇ يەردە كۆپچىلىككە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىم «شىركەتنىڭ كۈچى» ۋە «كىم ئامېرىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەن؟»نى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن). 

ئۈچىنچى، خىزمەت تونۇشى
خىزمەت ئادەمنىڭ ئۆز قىممىتىنى ئىپادىلەشتىكى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى تۈپكى ئاساسى. خىزمەت بولسا كىشىلىك تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى. خىزمەت چوڭ جەھەتتىن ئەقلىي ئەمگەك ۋە جىسمانىي ئەمگەك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. خىزمەتنىڭ تارىخى ۋەخاراكتېرىنىڭ ئۇخشىماسلىقىغا ئاساسەن خىزمەتتىن ئېرىشىدىغان سالاھىيەت، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئوخشىمايدۇ. تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ھازىرغىچە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمىگەن خىزمەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىچىدىكى دېھقانچىلىق بولۇشى مۇمكىن. 
ھازىرقى ئۇچۇر، بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە توختىماستىن يېڭى-يېڭى خىزمەت ئورۇنلىرى پەيدا بولماقتا. تور تېخنىكىسى، پىروگراممېر دېگەنلەر يېڭىچە دەۋردە پەيدا بولغان يېڭىچە خىزمەتلەردۇر. دېھقاننىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە كىرىمى، ماھىر بىر پىروگراممېرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە كىرىمى... قاتارلىقلاردىكى پەرق بولسا شۇ ئىش ئورنى يارىتىۋاتقان قىممەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئاڭ-ساپاسى تەرەققىي قىلسا، ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك گېپى بۇيىچە «ئۆز رىزقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغان» كىشىلەرنىڭ، يەنى مەيلى ھۆكۈمەت كادىرى بولسۇن، مەيلى سودىگەر بولسۇن، دېھقان بولسۇن، تازىلىق ئىشچىسى بولسۇن، ماھىيەتتە ھەممىسى باراۋەر ئەمگەكچىلەر خالاس. كىشىلىك قەدىر-قىممەت جەھەتتە ئوخشاش بولۇشى كېرەك. بىراق كېسەل جەمئىيەتتە خۇددى ئەپەندىمنىڭ «پەرىجەم يېسۇن» دېگەن لەتىپىسىدىكىگە ئوخشاش خىزمەت ئورنىغا، دەرىجىسىگە، كىيىم-كىچىكىگە، پۇلىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ. بۇ «ئىنسانلار تاغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر» دېگەن بىشارەتلەرگىمۇ خىلاپ. بۇنداق بىنورمال ھادىسە خىزمەت تاللاش ئېڭىمىزغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. 
خىزمەتنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، خىزمەت يۈزەكى جەھەتتىكى جان ساقلاش ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماستىن، ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس ۋەزىپىسىدىن ئىبارەت. ئىنساننىڭ مېڭىسى، پۇت-قولى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خىزمەت قىلىشقا قولايلىق قىلىپ يارىتىلغانكى، خىزمەت ئارقىلىق بىز ئۆزىمىزنى ۋە تەبىئەتنى، كىشىلەر ئارىسىدىكى گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇيالايمىز، بۇ تونۇش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرى ھاياتلىق ھېكمەتلىرىنى چۈشىنىشىمىز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شۇڭا خىزمەت بىزگە بېرىلگەن بىر ئامانەتتۇر. ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتى ھەرگىز ئۆز ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن بولمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىش، ۋاقىت، زېھىن، تىرىشچانلىق، سەۋر-تاقەت تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. 
شۇڭا ھەربىر خىزمەت ئورنىدىكى قېرىنداش خىزمەتنى ئۆزىنىڭ يەنە بىر مۇقەددەس ۋەزىپىسى، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەت دەپ قارىشى، خىزمەتنى قەدىرلەپ ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقى كېرەك. 
دۇنيادا ئاسان خىزمەت يوق. ئەڭ يەڭگىل ۋە كۈچ تەلەپ قىلمايدىغان خىزمەتمۇ بەلكىم كىشىدىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان يېتەرلىك سەۋر-تاقەت تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى خىزمەتنىڭ قىيىنچىلىقى سەۋر-تاقەت تەلەپ قىلىش شەكلىدىن كېلىدۇ. ئېغىر ئەمگەك خىزمىتى زور جىسمانىي قۇۋۋەت تەلەپ قىلىدۇ، بۇ يەردىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ياخشى جىسمانىي كۈچنى تەلەپ قىلىش شەكلىدە كېلىۋاتىدۇ. بەزى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى شۇ خىزمەتنىڭ ئۆز ئوبيېكتىغا ئاتا قىلغان سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ... يىغىپ ئېيتقاندا دۇنيادا ئاسان خىزمەت يوق. جەمئىيەتكە يېڭىلا چىققاندا بۇ نۇقتا ھەر بىرىمىزنىڭ كاللىسىدا ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردۇم، مېنىڭ ئۇقۇش ئۇنۋانىم يۇقىرى... دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن خىزمەت ئورنىدىن زىيادە يۇقىرى تەلەپ قىلىپ، ئاخىرىدا ئۈمىد قىلغان نەتىجىگە ئېرىشەلمەي، ئۆزىگە پىسخىك توسالغۇ پەيدا قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىز بىزنىڭ بىرقەدەر كەڭ بىلىم ئاساسىغا، ئەتراپلىق تەپەككۇر ئېڭىغا، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىغا، كىشىلىك قاراش جەھەتتىكى يۇقىرى ساپاغا، شۇنداقلا مەلۇم كەسىپ دائىرىسىدىكى كەسپىي نەزەرىيەۋى بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، رېئال خىزمەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كەسىپلىشىش، ئەتراپلىق تەجرىبىگە ئىگە بولۇش، ھەرقايسى جەھەتلەردىن پىشىپ-يېتىلىشكە كەم دېگەندە 3~5 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئىشلەپ بىر يىل ئۆتە ئۆتمەيلا ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «مەن ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە، ئۇنىڭدىن كۆپ تىل بىلىمەن، ئۇ قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەنغۇ، ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى نېمىشقا مەندىن كۆپ؟» دەپ ئويلاپ، قايمۇقۇپ قالىدىغانلار نۇرغۇن. 
نورمال خىزمەتنى، شۇ خىزمەتنى بىرەر قۇر چۈشىنىپ قالغان ئادەملەر تامامەن قىلىپ كېتەلەيدۇ، بىراق نورمال خىزمەت جەريانىدا توساتتىن يۈز بېرىدىغان ئەجەللىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىڭىز، تەجرىبىڭىز بارمۇ-يوق، خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالالايدىغان قۇۋۋىتىڭىز بارمۇ-يوق... دېگەنلەرنى ئويلىشىڭىز كېرەك. جەمئىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ باقسىڭىز ئۇلاردا مۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكنىڭ، يەنى ھەممىسىنىڭلا قان-ياشلىق خىزمەت تارىخىنىڭ بارلىقىنى بىلىسىز، بۇنى شۇلارنىڭ ئۆزى ۋە ئۆمۈرلۈك يولدىشىدىن باشقىلار بىلمەيدۇ. ئوخشاش ياشتىكى بەزىلەرنىڭ سىزدىن ئىلگىرى كەتكەنلىكى ئۇلارنىڭ سىزدىن بەكرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىنمۇ بولماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىنلا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. 
شۇڭا خىزمەتكە ئوچۇق تەپەككۇر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، شۇ خىزمەت ئورنىنى ۋە شۇ خىزمەت ئورنىنى ياراتقان ئادەملەرنى ھۆرمەتلەش كېرەك. ئاسان خىزمەت يوق، ئەمما كۆڭۈللۈك خىزمەت بار. خىزمەتتىكى قىيىنچىلىققا دادىل يۈزلىنىپ، ئۇنى ھەل قىلىڭ، خىزمەتداشلىرىڭىزغا ئۈمىد ۋە ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئاتا قىلىڭ، خىزمىتىڭىزنى ۋە خىزمەت مۇھىتىڭىزنى كۆڭۈللۈك بىر جەريانغا ئايلاندۇرۇڭ. ھەرگىزمۇ خىزمەت قىيىنچىلىقىڭىزنى ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدەك ئويلاپ، ئۇنداق بولۇشى كېرەك، مۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى دەپ زارلىنىپ يۈرمەڭ. ھەممە ئىشقا ۋاقىت كېتىدۇ، سەۋرچانلىق كېتىدۇ، تىرىشچانلىق كېتىدۇ. دۇنيادا ئاسان خىزمەت يوق. 
        2016-يىلى ماي، ئۈرۈمچى

بۈگۈنكى تەۋسىيە: مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق 10 قىسىملىق مەخسۇس فىلىمى
مەزكۇر فىلىم سىزنىڭ شىركەتنىڭ ماھىيىتى، شىركەتنىڭ يۈرۈشۈش قانۇنىيىتى، تەرەققىيات باسقۇچلىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى فىلىمدۇر. 
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق 10 قىسىملىق فىلىمنى كۆرۈڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408