大数跨境

كەلگۈسىدە دۇنيادا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئون چوڭ ئۆزگىرىش

كەلگۈسىدە دۇنيادا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئون چوڭ ئۆزگىرىش Nepkar
2020-11-13
2
导读:لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئەمدى ئۆتمۈشكە قايتالمايمىز، بۇ دۇنيا ئەمدى بۇرۇنقى دۇنيا ئە

 ترامپ ئۈمىد قىلغان مۆجىزە يۈز بەرمىدى. 
ئەكسىچە، ۋەزىيەتتە تېخىمۇ جىددىي بۇرۇلۇش بولدى. 

1. ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلار: CNN، NBC، ABC، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى، فوكس قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «بايدېن يەڭدى.» دەپ جاكارلىدى. 

 (بايدېننىڭ زۇڭتۇڭلۇق سايلام نۇتۇقىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)

2. بايدېن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا خەلقى، مەن سىلەرنىڭ مېنى ئۇلۇغ دۆلىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلىشقا تاللىغانلىقىڭلاردىن شەرەپ ھېس قىلىمەن... ئۇنىڭ تىۋىتتېردىكى ئىزاھاتىمۇ «زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان (President-Elect)» دەپ ئۆزگەرتىلدى. 
 
3. گېرمانىيەلىك مېركىل، فىرانسىيەلىك ماكرون، كانادالىق تىرودو، ھىندىستانلىق مودى قاتارلىقلار بەس-بەستە بايانات ئېلان قىلىپ ياكى تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، بايدېننىڭ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى؛ ترامپ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسونمۇ، دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، بايدېننىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى ھەمدە زىچ ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلدى. 
 
(بايدېننىڭ زۇڭتۇڭلۇق سايلام نۇتۇقىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)

ئەلۋەتتە، ترامپ يەنىلا يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي «مەن زور ئۈستۈنلۈك بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلدىم.» دەپ جاكارلىدى. 
 
نېمە دېسەك بولار؟ 
 نېمىلا دېگەن بىلەن يەنە نۇرغۇن دەۋالار بار، ئازدۇر-كۆپتۇر تەشۋىش بولىدۇ، پەقەت غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە سىياسىي ئەربابلارنىڭ نەزىرىدە «بايدېن» مۇقىملىشىپ بولغان، بۇ تېخىمۇ كۆپ كۈلكىلىك ئىش ئىدى. 
 
ئىشقىلىپ، مەيلى قايسى نۇقتىدىن قارايلى، ئامېرىكىدىكى ئەڭ دىراماتىك تۆت يىل ئەڭ دىراماتىك ئۇسۇل بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. 
 
تىياتىر تېخى قويۇلىۋاتىدۇ، لېكىن ئەڭ مۇھىمى، ئامېرىكا بىلەن دۇنيا قانداق بولار؟ 
 
شەخسىي كۆز قاراش، دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاز دېگەندە ئون چوڭ ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. 
 


بىرىنچى ئۆزگىرىش، قالايمىقانچىلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئوڭشاش 
 شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بايدېن سايلام رىقابىتىدە ۋەدە بېرىپ: «مەن كاپالەت بېرىمەنكى، مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنىلا قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشايمەن.» دېدى (بايدېننىڭ زۇڭتۇڭلۇق سايلام نۇتۇقىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ). ئومۇمەن تىرامپ ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن بولسا، چوڭ ئېھتىماللىق يەنە بىر قېتىم ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ؛ ئومۇمەن تىرامپ قەتئىي قىلىشقا بەل باغلىغان ئىشلارنىڭ بەزىلىرى ئەمدى قىلىنماسلىقى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئەڭ تەخىرسىز بولغىنى ئىچكى ئىشلار، مەسىلەن، ساغلاملىقنى قوغداش قانۇنى، بايلار بېجى، قورال-ياراغلارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار يەنە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. يەنە ماسكا تاقاشقا توغرا كەلسە ئەستايىدىل تاقاش كېرەك. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك «قاتلىما ئۆرۈش» بولۇشى كېرەك، يەنە كېلىپ ئامېرىكىچە، بىزنىڭمۇ كۆزىمىز ئېچىلىدىغان بولدى. 
 

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408