搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئېلون ماسك: ئۇ بىر جاھىل تەلۋە غايىچى
>
ئېلون ماسك: ئۇ بىر جاھىل تەلۋە غايىچى
Nepkar
2020-10-12
0
导读:ماسك ئەنئەنىۋى مەنىدىكى كارخانىچى بولماستىن، بەلكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان «خىيا
جاھىل تەلۋە غايىچى
360 شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جۇ خۇڭيى
بۇ كىتابنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن شۇنى بايقايسىزكى، كىرىمنىي جىلغىسىدىكى «پولات پالۋان» دەپ ئاتالغان بۇ ماسك ئەنئەنىۋى مەنىدىكى كارخانىچى بولماستىن، بەلكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان «خىيالپەرەس».
تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، ئىنتېلنىڭ سابىق باش مۇدىرى ۋە CEO سى ئاندى گرۇف (Andy Grove) 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. گرۇف ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانىچى، «ئۈچ بىرلەشمە تۇرمۇش ھەپتىلىك ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خاتىرە ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئۇ ئئەنەنىۋى ئامېرىكا سەرخىللىرى بولۇپ، مويسىپىتلارغا خاس سالاپەتكە ئىگە، بىر ئۆمۈر جان كۆيدۈرۈپ كۈرەش قىلغان. بىر ئاز كەمتەر، بىر ئاز مۇلايىم، بىر ئاز كەسكىن ۋە بىر قىسىم ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش بىلەن يۇغۇرۇلغان خاراكتېرىگە، بىل گايتىس، ستېۋ جوبىس، تىم كۇك، ئېلون ماسك قاتارلىق يېڭى دەۋردىكى شەخسىيەتچىلىككە تولغان سودا ساھەسىدىكى قەھرىمانلار ھازىرلىمىغان بىر خىل سالاپەتكە ئىگە.»
ناھايىتى ئېنىقكى، ماسك ئارزۇ ئىگىسى سۈپىتىدە ئايرىم بىر تۈرگە تەۋە بولۇشى كېرەك. گۇگولنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى پېيج ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن مال-مۈلكۈمنى ماسكقا ئوخشاش كىشىلەرگە ئىئانە قىلىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە رازىكى، خەير-ساخاۋەت ئورگىنىغا ئىئانە قىلىشنى خالىمايمەن.» چۈنكى ئۇ ماسكنىڭ «مارسقا كۆچمەن بولۇش پىلانى»دىن ئىنتايىن زوقلىنىدۇ. راكېتا قويۇپ بېرىش ساھەسىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان SpaceX شىركىتىنى بۇ پىلاننىڭ تۇنجى قەدىمى دېيىشكە بولىدۇ.
تىپىك كىرىمنىي جىلغىسى كارخانىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بازارنى ئىگىلەپ، پايدا يارىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى دەل ئامېرىكا سودا دەرسلىكىدە ئېيتىلغاندەك، مەبلەغ سالغۇچىلارغا پايدا يارىتىپ بېرىش، پايچىكلارنىڭ قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ بىلەن كارخانىنىڭ بازار قىممىتى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ، بازار قىممىتىمۇ كىرىمنىي جىلغىسىدىكى كارخانىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمگە ئايلىنىدۇ.
ئەمما ماسك روشەنكى بىر غەيرىي تىپ، مېنىڭچە ئۇ ياشلىق دەۋرىدە ئىنتېرنېتتا ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىغا ئاتلىنىپ، نۇرغۇن پۇل تاپقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىزگە ئوخشاش ئىنتېرنېتتا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. لېكىن، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا راكېتا قويۇپ بېرىش ۋە توكلۇق ئاپتوموبىلدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ساھەگە قەدەم قويغاندا، بىزدىن ئايرىلىپ بولغان، ئەمدى كارخانىچى ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى غايىچى-- SpaceX نى قۇردى، بۇ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى بىخ سۈرگەن ئارزۇسىنى ئىزدەشتۇر؛ تېسلا قۇرۇپ توكلۇق ئاپتوموبىلنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىغا ئاساسەن دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى. ئەمما دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالاقە تورىدا ئىگىلىك تىكلەش پەقەت ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەش خالاس، پايچىكلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش بۇ پايچىكلار قۇرغان كارخانىنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى.
گەرچە گرۇف «پەقەت جاھىللارلا مەۋجۇت بولالايدۇ» دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى يازغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي جاھىل بولسا ماسىك. پەقەت «تەلۋە» دېگەن سۆز بىلەنلا ماسكنى تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ. ئۇل قىزىقىشى ۋە تۇيغۇسىغا تايىنىپلا ناتونۇش بىر كەسىپكە بۆسۈپ كىرىدۇ، ئەگەر بىر يالاڭاياغ مۇشۇنداق قىلغان بولسا، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ؛ ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر مىلياردېر، مۇۋەپپەقىيەت شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولغان بىر مەبلەغ سالغۇچى بۇنداق قىلسا، ئۆزىنىڭ بارلىق مۈلكىنى دېگۈدەك ئىلگىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كەسىپ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان جايغا سېلىشقا جۈرئەت قىلالىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنىلا ئىككى ناتونۇش كەسىپ بولسا، مېنىڭچە مانا بۇ ھەقىقىي ئارزۇنىڭ قوزغىتىش كۈچى.
تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە راكېتا قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ساھەدە، ئۇ قاتتىق تۇمشۇقىغا يەپ، نەچچە قېتىم ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان. مەسىلەن، ماسك ئىلگىرى مەبلەغ مەسىلىسى سەۋەبىدىن تېسلانى گۇگولغا سېتىپ بەرگىلى تاس قالغان؛ ئوخشاشلا، ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بىر قېتىملىق زاكاز تالونى ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرغان SpaceX نى قۇتقۇزۇپ قالغان. مەھسۇلاتتا كۆپ قېتىم مەسىلە كۆرۈلۈپ، باتارېيە گۇرۇپپىسىدا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلىنىپ، چەكتىن ھالقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئالدىن پۇل تۆلەيدىغان خېرىدارلار قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئەگەر سىز بۇ كىتابنى ئوقۇسىڭىز، ھەرقانداق بىر مەسىلىنىڭ سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئەمما، بۇ ئىككى ساھەدە قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ قانچىلىك پۇل تاپقانلىقى ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتەن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئەلۋەتتە، بۇنى ماسك مۇستەقىل تاماملىغان ئەمەس. خۇددى بىر ئالاقە تورى شىركىتى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئوخشاش، ئامېرىكىدىكى زور تۈركۈمدىكى تەۋەككۈل مەبلەغچىلىرى، راكېتا ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى نۇرغۇن كەسپىي ئىختىساسلىقلار، جانلىق، قولاي ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى، جۈملىدىن ئاپتوموبىل زاۋۇتى قۇرۇش ۋە راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ يەر ئىشلىتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىشنى پەقەت ئامېرىكىدىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئەمما، ناھايىتى ئېنىقكى، ماسكقا ئوخشاش بۇنداق قەتئىي ئارزۇ ئىگىسى بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە قىينىشى بولمىغان بولسا، SpaceX بىلەن تېسلانىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى.
شۇڭا، ماسك ئەسلىدە كىرىمنىي جىلغىسىغا تەۋە ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ كېلىشى كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەدەنىيىتىنى بېيىتتى.
«خىيالپەرەس»لەرنى ئادەتتىكى كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىيالايدۇ. كىرىمنىي جىلغىسى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ دائىم ئۇنىڭ بەزى غەلىتە خەۋەرلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ماسك ۋە شىركەتتىكى باشقا كىشىلەر قۇرغۇچىنىڭ ئورنى ۋە كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، تىپىپ چىقىرىۋېتىلگەن ھېلىقى قۇرغۇچى ئۇنىڭ ئۈستىدىن قانلىق شىكايەت قىلغان؛ ئۇ رەھىمسىز، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ئىجتىھات بىلەن خىزمەت قىلىدىغان پېشقەدەم خىزمەتچىلەر مائاش قوشۇپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاچقا، قوغلاپ چىقىرىلغان؛ ئۇنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان ئويى تۇراقسىز بولۇپ، ئىنژېنېرلار بىھۇدە «ئاۋارە بولۇپ» قاتتىق چارچىغان؛ ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە، چوڭ سۆزلەشكە، سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان مەھسۇلات پىلانىنى ئېلان قىلىشقا ئامراق ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىنقى ئايالىمۇ بىلوگ يېزىپ كىرىمنىي جىلغىسىدىكى بۇ چولپاننىڭ ھەر خىل بولمىغور قىلىقلىرىنى ئاشكارىلىغان، ماسكنى گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلىپ ئۆزىگە چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان.
لېكىن بۇ ئاتالمىش كەمچىلىكلەر، دۇنيانى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ھەمدە ئىزچىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بىر ئارزۇ ئىگىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ قانچىلىك ئىشتى؟ چۈنكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىشلارنى قىلىش چوقۇم ئازابلىق، جاپالىق، باشقىلار چۈشەنمەيدۇ. ئەگەر دەھرىي ئۆلچەم بويىچە بولغاندا، ماسك زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ بولغان بولسا، تېسلانىڭ بازار قىممىتىلا 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن خۇددى ئۇ ھەر قېتىم ئىگىلىك تىكلىگەندە بارلىق بىساتىنى دېگۈدەك سەرپ قىلالىغىنىدەك، ئاسترونومىيە رەقىمىنىڭ بازار قىممىتى ھەقىقىي بىر «خىيالپەرەس»نىڭ ئىنتىلىشى ئەمەس. ماسكنىڭ ئىلگىرى مۇنداق بىر تەسەۋۋۇرى بار ئىدى، ئۇ ۋاكۇئۇملۇق تۇرۇبا ئارقىلىق يولۇچى توشۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنداق بولغاندا نيۇيوركتىن بېيجىڭغا بارىدىغان ۋاقىت ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. سىز بۇ تەسەۋۋۇرنى بەك دادىل، بەك ئەسەبىي، ھەتتا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا، ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى گۇرۇپپا ئادەم بۇ يىل «دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول»نى يەرگە چۈشۈرۈش سىنىقىنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
شۇڭا، مېنىڭچە كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ يېرى شۇكى، ئۇ ھەر خىل غەلىتە تۈرلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، نۇرغۇن غەلىتە ئىختىساسلىقلار، گىكسلار ماسكنىڭ چاقىرىقى ئاستىدا SpaceX ۋە تېسلاغا كەلگەن، ئۇلار ھەر خىل جاپالىق شارائىتلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇزۇن ۋاقىت تىرىشىپ خىزمەت قىلىشنى خالايدۇ، چۈنكى ئۇلار مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنى قىلىشنى خالايدۇ، ئەمما ماسكنىڭ ئۆزى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك غەلىتە تالانت ئىگىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى گىكس. بىر ئادەمنىڭ تېرە رەڭگى، تىلى، دىنى، قەدىر-قىممىتى، جىنسىي يۆنىلىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدە قانداق كەمچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلۇغ، دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىيەلىسىلا، بۇ ئادەم قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ. جوبىس سۇرىيەلىك ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ بالىسى، ماسك جەنۇبىي ئافرىقىدىن كەلگەن كۆچمەن، لېكىن كىرىمنىي جىلغىسى بۇنىڭغا بەرىبىر، يېڭىلىق يارىتالىسىلا، ئامېرىكا قەھرىمانى دەپ قارىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تەلۋىلىكى خەۋپ-خەتەردىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، لېكىن پايچىكلار پەرۋا قىلماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى بازار قىممىتى ئەزەلدىن پايچىكلارنىڭ ئىنتىلىشى ئەمەس.
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن
كىرىپ
كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0