大数跨境

ئۆي-مۈلۈك بېجىنى «نۇقتىدا سىناق قىلىش» پۇرسىتى

ئۆي-مۈلۈك بېجىنى «نۇقتىدا سىناق قىلىش» پۇرسىتى Nepkar
2021-10-27
1
导读:بۇ قېتىمقى ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر شامال ئېغىزى ۋە فىليۇگېر
نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىسلاھاتى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن ئوخشاشلا غايەت زور پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. 
1998-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، گوۋۇيۈەن «شەھەر-بازارلارنىڭ تۇرالغۇ تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. 
بۇ ئەينى يىلىدىكى بەش چوڭ ئىسلاھاتنىڭ بىرى بولغان «ئۆي ئىسلاھاتى»نىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
ئىككى ئايدىن كېيىن، يەنى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، شۇ چاغدىكى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك ئۆي ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئۆلكىلىك تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، گۇيجۇ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 
ئارقىدىن مالىيە قىيىنچىلىقى بار گۇيجۇ ئۆلكىسى باشلامچى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ تەجرىبىلىرىنى توپلىدى. 
«ئۆي ئىسلاھاتى»نىڭ ماھىيىتى «باج ئىسلاھاتى» بولۇپ، تۇرالغۇنى تاۋارلاشتۇرۇپ مەركەزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق يېتەرلىك باج مەنبەسى قوبۇل قىلىپ، مالىيەنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. 
گۇيجۇنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىشى بىلەن، بەش يىلدىن كېيىنكى 2003-يىلى گوۋۇيۈەن «گوۋۇيۈەننىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى (18-نومۇرلۇق بۇيرۇق)»نى چىقىرىپ، ئۆي-زېمىن كەسپىنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ بېكىتتى. 
دۆلەتنىڭ گۇيجۇنى تاللىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى، بۇ يەردە تارىخىي يۈك ئەڭ يېنىك، چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرى يوق، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كۆلىمىمۇ كىچىك، ئىسلاھاتتا توسالغۇ كىچىك، ھەرىكىتىمۇ تېز، ناھايىتى ئاسانلا ئۈلگە تىكلەپ، مەملىكەت بويىچە نۇسخىلاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. 
ئەكسىچە شۇ چاغدا تۇرالغۇ ئۆي ئىسلاھاتى ئەڭ تەخىرسىز ئىدى، مەركەزدىكى نۇرغۇن مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ۋە مەركەز كارخانىلىرى توپلانغان بېيجىڭنىڭ ھەرىكىتى ئەڭ ئاستا بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىردىلا يولغا قويۇلغان بۇ ئىسلاھات تاھازىرغىچە تولۇق تاماملانغىنى يوق.
بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، تارىخنى پىششىق بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئېنىق، 2800 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ئاز دېگەندە ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن باشلىماستىن، ھەمىشە يۈكى يېنىك، ئىسلاھات ئارزۇسى كۈچلۈك رايونلارنى تاللاپ نۇقتىدا سىناق قىلىپ كەلگەن. 
مەسىلەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دەسلەپتە لياۋنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەركەز قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن رەت قىلىپ، سىياسىي مەركەزگە ئەڭ يىراق، ئىسلاھات توسقۇنلۇقى ئەڭ يېنىك بولغان گۇاڭجوۋنى تاللىدى ھەم كىچىك بېلىقچىلىق كەنتىگە بىر چەمبەر سىزىپ بەردى. 
مەقسەت خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت. 
ئەلۋەتتە، خەۋپ-خەتەر ۋە پۇرسەت مۇقەررەر بىللە مەۋجۇت بولىدۇ، مەركەز ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە مىڭ تىللالىق ئۈلگە تىكلەش ئۈچۈن، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلارغا ئومۇميۈزلۈك يانداش سىياسەت بېرىدۇ. 
بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنەلمەيدۇ، سىياسەت بېرىش پۇل بېرىشتىن مۇھىم. 
پۇل بېرىش پەقەت ۋاقىتلىق ئىش، سىياسەت بەرگەندە نەچچە ئون يىل بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. 
مەسىلەن، مەملىكەت بويىچە ئەڭ نامرات ئۆلكە بولغان گۇيجۇ ئۆلكىسى 99-يىلى ئۆي ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغاندا، نۇرغۇن خىراجەت چىقىم قىلىشقا توغرا كەلگەن، دۆلەتنىڭ ئەينى چاغدا پۇلى بولمىغاچقا، پەقەت سىياسەت بېرىشكە توغرا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن كېيىن باھاسى ئالتۇندىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن گۈيجۇ ماۋتەي بارلىققا كەلگەن. 
98 يىل ئىلگىرى ماۋتەي ھاراق زاۋۇتى مەملىكەتتىكى 17 ھاراق كارخانىسىدا پايدا ۋە باجنى ئۆلچەم قىلىپ، بەشىنچىدىن يەتتىنچىگىچە بولغان ئوتتۇرا قاتلامدا تۇراتتى.
لېكىن گۈيجۇنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى «ئۆي ئىسلاھاتى» ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، 99-يىلىدىن باشلاپ، ماۋتەيمۇ دۆلەت سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ھەشەمەت بۇيۇمىغا، شۇنداقلا ئۆلكە مالىيە كىرىمىدىكى ئەڭ چوڭ تۈۋرۈككە ئايلاندى. 
ئەمما سىياسەت بېرىشتىنمۇ مۇھىم بولغىنى ئورۇن بېرىش بولۇپ، ئورۇن بولسا سىياسەت ئۈزۈلمەيدۇ. 
76ـ يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ باشلامچىسى بولغان شاڭخەينىڭ 1994ـ-يىلىدىكى باج ئايرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى باشلانغانغا قەدەر گەپ قىلىش سالمىقى يوق ئىدى، باج ئىسلاھاتىنىڭ بىرىنچى ئاۋانگارتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۆتكەش بېجىنى تولۇق تاپشۇرغان، ئۈلگە كۆرسىتىش ئويۇنىنى تولۇق ئوينىغان شاڭخەيدە، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل ئەكىس ھۇجۇم باشلاندى. 
ئوخشاشلا، ئەنخۇي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلاھات شەرق شامىلىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستىراتىگىيەسىگە ماس كېلىدىغان زور بىر تۈركۈم كارخانىلارنى كىرگۈزدى ۋە يېتىشتۈردى، شۇنداقلا 79-يىلى ئىشلەپچىقىرىشنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، 2000-يىلىغا بارغاندا يېزا ئىگىلىك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەنخۇينىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتتى. 

ئالاھىدە ئەھۋالغا ياخشىراق نەزەر سېلىش كېرەك. 
مالىيە-باج سىياسىتى ئىسلاھاتى دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم قانۇن ئۆزگەرتىشى بولۇپ، كونا باج مەنبەسىدىن تەدرىجىي ۋاز كېچىش يېڭى باج مەنبەسىنىڭ باشلانغانلىقىدىن، باج ئىسلاھاتىنىڭ باشلامچىلىقىنى ئىگىلىگەنلىكىدىن، شۇنداقلا كەلگۈسىدە باج ئېلىش ھوقۇقى پۇرسىتىنى ئىگىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
گۈيجۇ، ئەنخۇي قاتارلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىدا نۇقتىدا سىناق قىلىش نىسبەتەن سىياسەتكە تايىنىشقا ئاساس قىلغانغا سېلىشتۇرغاندا، دېڭىز بويى رايونلىرىدا نۇقتىدا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ، شېنجېننىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپىدىن شاڭخەي پۇدۇڭدىكى زامانىۋى پۇل مۇئامىلە كەسپىگىچە پۈتۈن مەملىكەتتىن باج ئېلىشقا تايىنىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى باشلىدى. 


 بۇ قېتىمقى ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر شامال ئېغىزى ۋە فىليۇگېردۇر.
كىم بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تەجرىبە توپلىيالىسا، شۇ «يېڭى ئىككى باج» دەۋرىدىكى 2-دۆلەت باج ئىدارىسىگە ئايلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. 
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
------------


بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!


تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0