大数跨境

جىل: 18 ياشتا توي قىلىپ، 56 ياشتا دوكتور بولۇش ھاياتى

جىل: 18 ياشتا توي قىلىپ، 56 ياشتا دوكتور بولۇش ھاياتى Nepkar
2020-11-14
1
导读:كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جىل ناھايىتى ئىرادىلىك، ناھايىتى قەيسەر، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالايدىغان ئادەم.
جىل: 18 ياشتا توي قىلغان، 26 ياشتا قايتا توي قىلغان، 56 ياشتا دوكتور بولغان، قىز ئاۋۋال ئۆزى بولۇشى كېرەك 

بولغۇسى بىرىنچى خانىم جىل ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرىدا ئۆزىنىڭ تەربىيەچى، ھەربىيلەرنىڭ ئانىسى، مومىسى، ئاچىسى، خوتۇنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 
شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، جىل ئۆزىنىڭ كەسپىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان، ئۆزىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى بولسا ئەڭ ئاخىرىغا تىزغان. 
 
جىلنىڭ بۇنداق دېيىشىدە ئىشەنچىسى بار، ئۇ بىر ئۆمۈر مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىرمۇ پۈتۈن كۈنلۈك پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. 
 
ئۇنىڭ مودېللارغا خاس بەدىنى، مودا كىيىنىشى يوق، ئۇنىڭ ھاياتى ھەقىقەتەن كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ھايات. 
 
1951-يىلى 6-ئايدا جىل بايدېن يېڭى جېرسېي ئىشتاتىدىكى بىر ئاددىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى بانكىدا كاسسىر بولۇپ، دائىم كاماندىروپكىغا چىقاتتى. ئانىسى تولۇق ۋەزىپىلىك ئايال ئىدى. ئۆيىدە يەنە تۆت سىڭلىسى بار ئىدى. 
 
جىل چوڭ قىز بولغاچقا، كىچىكىدىنلا مۇستەقىل ئىدى، يەنە تېخى سىڭلىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. 

ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش نىشانى ناھايىتى ئېنىق، يەنى ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى، كەسپى ۋە ئوقىتى بولۇش. 
 
15 ياشقا كىرگەندە، ئۇ بىر داڭلىق ماركىلىق تەنھەرىكەت دۇكىنىغا بېرىپ مال ساتقۇچى بولغان، كېيىن يەنە مودا كىيىم سېتىش كەسپىنى ئۆگەنگەن، لېكىن ئۇ بۇ كەسىپنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەن. 

1970-يىلى، جىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى زەيتۇن توپ تەنھەرىكەتچىسى ساۋاقدىشى بېل بىلەن توي قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىرلىكتە دېلاۋار داشۆسىگە ئوقۇشقا بارىدۇ، جىل ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىنگلىز تىلى كەسپىنى تاللايدۇ. 
 
بېل مەكتەپنىڭ يېنىدا بىر قاۋاقخانا ئاچىدۇ، ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئالىي قاۋاقخانىلارنىڭ بىرى، «دومىلىما تاش» ژۇرنىلى ئۇنى «تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسىنىڭ سىرى» دەپ ئاتىغان. 
 
 ئىش-ئوقەتتە ئۇتۇق قازانغان بىلەن، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي تېزلا ئاخىرلىشىدۇ.

ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، جىل ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئوقۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، قوشۇمچە خىزمەت ۋە تەكشىلىك مودىلى بولۇپ ئىشلىگەن، پۇل تاپقاندىن كېيىن، مەكتەپكە قايتىپ ئەدەبىيات باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. 
 
1972-يىلى بايدېننىڭ خوتۇنى بىلەن قىزى ماشىنا ھادىسىسىدە قازا قىلغان، ئۆيىدە يەنە ئىككى ئوغلى بار بولۇپ، يەنىلا قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە قالغان ئىدى. 
 
بايدېن گەرچە كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بولسىمۇ، ئىككى ئوغلى ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ۋە رەھبەرلىكنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياش كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ. (بايدېننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ
 
1975-يىلى بايدېن جىلنىڭ مودېل بولۇپ ئىشلىگەن ئېلانىنى كۆرگەندە، بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دەل ئۇنىڭ ئىنىسى جىلنىڭ مەكتەپدىشى بولغاچقا، ئۇلارغا تونۇشتۇرغۇچى بولىدۇ. 
 
تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بايدېن جىلنى «ئەرلەر بىلەن ئاياللار» ناملىق كىنونى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ، خوشلاشقاندا قول ئېلىشىپ خوشلىشىدۇ، يەنە تېخى ئۇنى ئۇزىتىپ قويىدۇ. 
 
بۇ ھال جىلنى قىزىقتۇرىدۇ، ئۇ ئىلگىرىكى ئېرىگە قارىغاندا ھەقىقىي مۆتىۋەر ئىدى. 
 
جىل گەرچە ئۆزىدىن 9 ياش چوڭ بايدېننىڭ پىشقان ۋە مۆتىۋەرلىكىنى ياخشى كۆرسىمۇ، بايدېننىڭ ئىككى بالىسىنى ياخشى كۆرسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئۆگەي ئانا بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيتتى. 
 


جىلنىڭ تېخىمۇ بەكرەك بىر قارارغا كېلەلمەسلىكى، ئۆزى ئەمدىلا نەس باسقان تۇرمۇش پاتقىقىدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولغاچقا، قايتا تويلىشىشنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيتتى. 
ئەينى چاغدا بايدېننىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئەمدىلا باشلانغان بولۇپ، كېيىن تېخى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى پىلانلاۋاتاتتى. 
 


بايدېن قەتئىي بوشاشماستىن، ئۇدا بەش قېتىم توي تەكلىپى قويىدۇ، ئاخىرى جىلنى ماقۇل كەلتۈرىدۇ. 

1977-يىلى ئۇلار توي قىلىدۇ. بايدېن جىلغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنىڭ مۇكەممەللەشكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. 
 
جىلمۇ ئۆزىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىن ۋاز كەچمەي، ئىزچىل تۈردە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 

1980-يىلى جىل ھامىلىدار بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە سېچېستېر داشۆسىنىڭ مائارىپ ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. 
 
ئىككىنچى يىلى قىزى تۇغۇلغاندىن كېيىن، جىل ئۆيدە ئۈچ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلايدۇ. 
 
ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ ئائىلە ئايالى بولۇش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، قايتىدىن ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ. 
 


ئۇنىڭدىن باشقا، جىل يەنە بىر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا بەش يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. 
 
1987-يىلى 36 ياشلىق جىل ۋېرانوۋا داشۆسىدە ئىككىنچى ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، ئەدەبىيات ماگىستىرى بولىدۇ. 

شۇ يىلى بايدېن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدۇ. ئەينى چاغدا جىل بىرىنچى خانىم بولغان تەقدىردىمۇ، ھېسسىياتى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارغا داۋاملىق ئوقۇتقۇچى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 
 


1993-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، ئۇ دېلاۋار تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى مەھەللە ئىنستىتۇتىدا ئىنگلىز تىلى ۋە يېزىقچىلىق يېتەكچىسى بولىدۇ، ئۇ مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ خۇشال بولىدىغىنى قىزلارنىڭ قايتىدىن مەكتەپكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈش ئىدى. 
 
2007-يىلى 56 ياشلىق جىل خىزمەتتىكى ئەمەلىي مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان مائارىپ ئىلمىي ماقالىسى يېزىپ، دېلاۋارد مائارىپ رەھبەرلىك ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 
 


2009-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، بايدېن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدىكى ئىككى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، جىل ئەزەلدىن خىزمىتىدىن ۋاز كەچمىگەن، ئۇ شىمالىي ۋىرگىنىيە مەھەللە ئىنستىتۇتىدا ئىنگلىز تىلى پىروفېسسورى بولغان. 
 


ئۇ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپلا قالماستىن، يەنە چوڭ كېلىنىگە دائىم ئۆيدە ئولتۇرماي، ئۆزىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇشىغا، ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆگەتكەن. 
 


ئۇ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولغاندىن باشقا يەنە ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنغان مەھەللە داشۆسىنى تەشەببۇس قىلىپ، راك كېسىلى تەتقىقاتىغا ياردەم بەرگەن، ھەربىيلەر ئائىلىلىرىگە ياردەم بەرگەن. 
 
ئەمەلىيەتتە، ئۆتكەن 231 يىلدا، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى خانىمى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش تارىخىدا، ئەزەلدىن بىرەر ئايال ئۆزىنىڭ مائاشلىق كەسپىگە ئىگە بولۇپ باقمىغان، بىرىنچى خانىم بىر خىل ھەمراھ ۋە ياردەمچى سالاھىيەتتە، مائاشسىز خىزمەت قىلغان. 
 
ئەينى يىلى ھىلارى داۋالاش ئىسلاھاتى ئىشخانىسى قۇرغان، ئامما ئۇنى «ھوقۇقىدىن ھالقىپ كېتىدۇ.» دەپ گۇمانلانغان. 
 
كېيىن مىچېل ئۆزىنى تولۇق ۋەزىپىلىك ئانا دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئائىلە ئايالى بولۇشنى خالىمايدىغان قارا تەنلىك ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغان. 
 
جىل مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مەن ئاق سارايغا كىرەلىسەم، داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن، چۈنكى بۇ ئۆزۈم قىزغىن سۆيىدىغان كەسىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۆھپىسىنى چۈشىنىپ، بۇ كەسىپنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» 
 


ئۇ «ئاياللارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم، ئېرىنى دەپ بىر ئۆمۈر ۋاز كېچىش ئويىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى.» دەپ قارايدۇ. 
 


جىل بىرىنچى خانىم بولغاندىن كېيىن، داۋاملىق خىزمەت قىلىشى مۇمكىن. ئۆزىنى خۇددى بىر ئاددىي ئامېرىكا ئوقۇتقۇچىسى، كۆپچىلىككە ئوخشاش ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. 
 
شۇڭا بايدېننىڭ ئامېرىكىدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە «ئاق سارايدىمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئادىمى بار.» دېگىنىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ.
 
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بايدېننىڭ بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كېلەلىشى كەمتەر، قەيسەر، مۇستەقىل بولغان جىل بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمەس. 
 
گەرچە بالدۇرلا توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق بايدېن بىلەن توي قىلىپ 43 يىلدىن كېيىن، ئىككىيلەن ئەزەلدىن تۇرمۇشىدا كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ باقمىغان، ئىزچىل ئىناق ئۆتكەن. 
 
ئۇ ئاددىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، گەرچە دوكتور بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تىپىك ئۆگىنىش پىرى ئەمەس ئىدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىر ئالىي تېخنىكومدا ئوقۇپ، زادىلا ئوقۇيالمىغاچقا، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، ئاندىن تۇرمۇش پۇلى تېپىش ئۈچۈن ئوقۇشتىن توختاپ پۇل تاپقاندىن كېيىن، مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن. 
 
ئۇ 30 يېشىدا تۇنجى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، 36 يېشىدا ئىككىنچى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، 56 يېشىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 
 


كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جىل ناھايىتى ئىرادىلىك، ناھايىتى قەيسەر، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالايدىغان ئادەم، شۇڭا بايدېننىڭ ئۇنىڭغا زىيادە چوقۇنىدىغىنىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ.
 
ھەممە ئاياللارنىڭ ئىقتىدارلىق ئايال بولۇشى ناتايىن، لېكىن بىز ئەڭ ياخشى ئۆزىمىز بولۇشىمىز كېرەك. 

ھەر قانداق ئادەمنىڭ پالانىچىسىغا ئايلىنىشتىن بۇرۇن، قىز بالا ئاۋۋال ئۆزى بولۇشى كېرەك. 
 
ئۆزىنىڭ ئاياللىقىدا چىڭ تۇرۇش، ئەڭ گۈزەلدۇر.

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408