搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ھەقىقىي ئۆزى بولۇشلا ھاياتلىقتىكى باياشاتلىقنىڭ «قولاي» يولىدۇر
>
ھەقىقىي ئۆزى بولۇشلا ھاياتلىقتىكى باياشاتلىقنىڭ «قولاي» يولىدۇر
Nepkar
2020-12-01
2
导读:شۇڭا «نېمە كېرەك» ۋە «قانداق قىلىش كېرەك» دېگەنلەرنى ئويلىنىشتىن بۇرۇن، سىز ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ كىملىك
ھەقىقىي ئۆزى بولۇشلا ھاياتلىقتىكى باياشاتلىقنىڭ «قولاي» يولىدۇر
كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، ھەقىقىي ئۆزى بولۇشتۇر.
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، بىر دوستۇم بىلەن تاماق يېگەندە، ئۇ ھازىرقى تۇرمۇشىنىڭ راھەت-پاراغەتكە تولغانلىقىنى، ئۆيى، ماشىنىسى بارلىقىنى، بالىسىمۇ بارلىقىنى ئېيتقان، بۇ خىل «كىشىلىك ھاياتتىكى غالىبلار»دەك ھالەت ئۇنىڭغا ئۇزۇن مەزگىللىك قىممەت تۇيغۇسى بەرمەستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا ئۈمىدسىزلىك ۋە مەنىسىزلىك ھېس قىلدۇرغان.
ئۇ مېنىڭ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يېزىقچىلىق، كىتاب ئوقۇش، رەسىم سىزىشلىرىمنى ماختىغاندىن باشقا يەنە مېنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشىنەلمىگەن ھالدا مەندىن: «يېشىڭمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، يەنە مۇشۇ ئىشلار بىلەن ھەپىلىشەمسەن، ئەرزىمدۇ؟» دەپ سورىدى.
ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ دۇنياسى خىلمۇخىل بولىدۇ، ئۇنىڭ نەزىرىدە مېنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇم تولىمۇ بىئاراملىققا تولغان، راھەتلىكتىن يىراق تۇرمۇشتۇر. لېكىن، مېنىڭچە، ئۇنىڭ دۇنياسىدىكى بۇ خىل «ئاۋارىچىلىق»لار ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى شېرىن، چۈنكى مەن «ئۆزۈم بولۇش»قا ئائىت بەزى ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىم ماڭا ناھايىتى ئايان.
«ليەنشياڭ» گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ چۈەنجى مۇنداق دەيدۇ: «ھەممە ئىش مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان مۇنداق ئۈچ مەسىلىگە يىغىنچاقلىنىدۇ:
مەن كىم؟
نەدىن كەلدىم؟
نەگە بارىمەن؟
بىراق، «مەن كىم؟» دېگەن بۇ سوئال بۇ ئۈچ مەسىلە ئىچىدىكى مۇھىم ھالقا.
2000 يىل ئىلگىرى قەدىمكى يۇنانلىقلار ئاپوللونىڭ دەرۋازا تۈۋرۈكىگە «ئۆزۈڭنى تونۇغىن» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى ئويۇپ قويغان.
ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى بىلىش، ئەمەلىيەتتە «مەن كىم؟» دېگەن سوئالغا ياخشى جاۋاب بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ مەسىلە ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى تاپالايمىز ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىمىزگە ئايلىنالايمىز.
كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ئۆزىڭىز بولۇش.
پەقەت سىز ئۆزىڭىزنى ئېنىق تونۇپ، ئاندىن «ئۆزىڭىزگە ئايلىنىدىغان» ئىشلارنى قىلسىڭىز، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە چىن كۆڭلىڭىزدىن ئارزۇ قىلغان ھالەتتە ياشاپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ باياشاتلىقى ۋە ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلەيسىز.
بىرىنچى، ئۆزىڭىز بولۇش: تەلەيگە تايانماي بېيىش يولىدۇر
«ئۆزۈڭ بول» دېگەن گەپ يېڭى گەپ ئەمەس، پەقەت بۇ دەۋردە كۆپ قىسىملىرىمىز «باشقا ئادەم بول» دېگەن ئىشنى قىلىۋاتىمىز، چۈنكى بىز ئەل قاتارى تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالدۇق.
مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا، بىز باشقىلارنىڭ بالىسى بولۇشنى ئويلايمىز؛ خىزمەت ۋاقتىدا بىز رەھبەرلەردەك ئادەم بولۇشنى ئويلايمىز؛ ھاياتلىقنىڭ ئوتتۇرا ياش باسقۇچىغا كەلگەندە، بىز يەنە تۆھپە يارىتىپ نام چىقارغان كارخانىچىلار، ئەركىن كىشىلەرگە ھەۋەس قىلىشقا باشلىدۇق.
بىزنىڭ ھاياتلىق رېلىسىمىز «كىچىكىمدىن باشلاپ، ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى باشلانغۇچ، ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىمەن، ئاندىن ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىمەن، ياخشى خىزمەت تاپىمەن، ئاندىن تىرىشىپ پۇل تاپىمەن، يەنە بىر توغرا ئادەم تېپىپ، توي قىلىپ بالىلىق بولىمەن، ئاندىن بالامنى ياخشى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپتە، ياخشى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىمەن، ئاندىن ياخشى خىزمەت تېپىپ، داۋاملىق تىرىشىپ پۇل تاپىمەن.» دېگەن ئايلانمىدىن چىقىپ كېتەلمەي، بىر ئىزدا تۈگمەن تېشى كەبى چۆرگىلەپ داۋاملاشماقتا.
ئەلۋەتتە، بۇنداق تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ياخشى بولمىغان تۇرمۇش يولىمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ خىل تۇرمۇش كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ غايىۋىلەشكەن كىشىلىك تۇرمۇش يولى بولۇپ، ئەگەر سىز ئۇنى ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كەلسىڭىز، ئوخشاش غايىۋىلەشكەن نەتىجىگە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن.
ياخشى خىزمەت تېپىشنى ئېلىپ ئېيتساق، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ياخشى خىزمەت كۆپ پۇل تېپىش، چوڭ ئۆي سېتىۋېلىش، ھەر يىللىق زور ساياھەت خىراجىتىنى تۆلەش، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى تەشۋىق قىلىدىغان گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشتۇر.
بىراق، بۇنداق ياخشى خىزمەت سىزگە ھەقىقەتەن ماس كېلەمدۇ؟ سىز بۇ خىل رېتىمغا يېتىشەلەمسىز؟ يېتىشەلىگەن تەقدىردىمۇ، بەك جاپالىق ھېس قىلامسىز؟ سىز ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ھەمراھ بولىدىغان ۋاقىتنى بۇنىڭغا سەرپ قىلىشنى خالامسىز؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا ھەركىمنىڭ ئۆز ئالدىغا جاۋابى بولىدۇ.
ئەمما، ھەربىر ئادەمنىڭ خاراكتېرى، ئەمەلىي ئەھۋالى، قىممەت قارىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئاساسىي ئېقىمدىكى كىشىلىك تۇرمۇش يولى ھەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى خىزمەتكە ئېرىشسىمۇ، لېكىن دائىم مەيۈس يۈرىدۇ، ھەتتا چارچاش سەۋەبىدىن جىسمانىيىتى كاردىن چىقىدۇ، ھەتتا ئائىلىسىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.
بىزنىڭ جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۆزىمىزدىن «ماڭا زادى نېمە كېرەك؟ مېنىڭ ھەقىقىي ئارزۇ قىلىدىغىنىم نېمە؟» دەپ سورايدىغانغا بوش ۋاقتىمىز يوقتەك قىلىدۇ.
چۈنكى بىز ھەممىمىز باشقىلارغا ئايلىنىش يولىدا قىستىلىپ تۇرغاچقا، قەلبىمىزدە تەشۋىش، گاڭگىراش، توقۇنۇش ئۈزۈلمەيدۇ.
Naval Ravikant كىرىمىنىي جىلغىسىدا ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەبلەغ سالغۇچى، ئۇ ھىندىستانلىق كۆچمەن بولۇپ، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئامېرىكىدىكى كىرىمىنىي جىلغىسىدا ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە مەبلەغ سالغان، ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق مەبلەغ سېلىش تۈرى ئىككى بولۇپ، بىرى Twitter، يەنە بىرى Uber دۇر.
ئۇ «قانداق قىلغاندا تەلەيگە تايانماي بېيىغىلى بولىدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە، بىر ئادەم ئالاھىدە ماھارەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي باي بولغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئالاھىدە ماھارەت تۆۋەندىكىلەرگە ئوخشايدۇ:
1. سېتىش ماھارىتى: باشقىلار بىلەن سۆزلىشىشكە ماھىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارشى تەرەپنىڭ قىيىنچىلىقىنى ياخشى بايقاپ، ئېھتىياجىنى قېزىپ چىقىش؛
2. مۇزىكا تالانتى بولۇش: ھەرقانداق چالغۇنى چېلىش ئىقتىدارى بولۇش؛
3. مەجنۇنلارچە خاراكتېر: شەيئىلەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلالايدىغان ھەم تېز سۈرئەتتە ئېسىدە تۇتالايدىغان بولۇش؛
4. نۇرغۇن ئويۇن ئويناپ باققان، قورشاۋ شاھمات (تىركىشىش) نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش؛
ۋەھاكازالار...
ئۆزگىچە ماھارەت بىر خىل غەلىتە بىرىكمە ھېسابلىنىدۇ، ئۇ سىزنىڭ ئۆزگىچە DNA ئالاھىدىلىكىڭىزنى، سىزنىڭ ئۆزگىچە ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىڭىز ۋە سىزنىڭ بۇ خىل مۇھىتقا بولغان ئىنكاسىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز ۋە سالاھىيىتىڭىزدە يىلتىز تارتقان بولىدۇ.
ھېچكىم سىزگە ئالاھىدە ماھارەتنى ئۆگىتەلمەيدۇ، ئەمما سىز ئۇنى بايقىيالايسىز، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ئالاھىدە ماھارىتىنى قېتىر-قىنىپ مەشىق قىلسىڭىز بولىدۇ.
شۇڭا، سىز بالىلىق ياكى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىڭىزدە قانداق ئىشنى ئاسانلا قىلالىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ. ئۆزىڭىز ماھارەت دەپ قارىمايدىغان، لېكىن ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر سىزنىڭ قالتىس ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزغا دىققەت قىلغان ئىشلارنى ئەسلەپ بېقىڭ.
Naval يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«ئۆزىڭىز بولۇش ئىشىدا ھېچكىم سىز بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ. كىشىلىك ھاياتنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى سىزگە كىم ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋە نېمىنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىزدەش بىلەن ئۆتىدۇ.»
سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭىز «سىز كىم؟»نىڭ داۋامى بولسا، ئۇنداقتا ھېچكىم سىز بىلەن بۇ ئىشتا رىقابەتلىشەلمەيدۇ.
«گىگانت ئادەمنىڭ قورالى» ناملىق كىتابتا مەخسۇس سىكوت ئادامس ئىسىملىك بىر ئادەمنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ دابېرتنىڭ چاتما ھەجۋىي رەسىملىرىنىڭ ئاپتورى ئىدى.
ئادامس بىلوگ يازىدۇ، ھەجۋىي رەسىم سىزىدۇ، يەنە كىتاب چىقىرىدۇ، ئۇ ئالاھىدە يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئىقتىدارغا ئىگە ئادەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىگە خاس سىستېما ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ دامبېرت ھەجۋىي رەسىملىرى 25 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، 65 دۆلەتنىڭ 2000 پارچىدىن ئارتۇق گېزىتىگە بېسىلىدۇ.
بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشتىن ئىلگىرى، ئۇ بانكا ۋە ئالاقە شىركەتلىرىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بولۇپ، مىليونلىغان ئىشلەمچىلەر ئارىسىدىكى بىر ئەزا ئىدى.
لېكىن، ئۇ ئۆزىگە ئايلىنىشنى تاللىغاندا، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن رەسىم سىزىش ۋە يېزىقچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، چۈنكى رەسىم سىزىش ۋە يېزىقچىلىق ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ماھارىتى بولۇپ، باشتىن ئاخىر ئۆزىگە خاس ئىز قالدۇرۇپ ماڭاتتى.
گەرچە ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت تۆتتە ئورنىدىن تۇرۇپ رەسىم سىزىش، كەچتە يەنە بىلوگىنى يېڭىلايدىغان ئىشلارنىڭ ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا بېرىدىغان ماددىي پايدىسى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا قاتتىق بېرىلىپ ياخشى داۋاملاشتۇرغان.
شۇڭا، ئۇ «باشقىلارغا ئايلىنىش»تىن ئىبارەت قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ، «ئۆزىگە ئايلىنىش» يولىنى تاپقاندا، كىشىلىك ھاياتنىڭ باياشاتلىقىغا ئېرىشىشمۇ تەبىئىي ئىش بولۇپ قالغان.
ئىككىنچى، خاس ياشاش: ئۆزىڭىزگە تەۋە سالاھىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش
كۆپ قىسىم نىشانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ، سىز بۇ جەرياندا نىشانغا قەدەممۇقەدەم يېقىنلىشىپ، ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىنى قەدەممۇقەدەم ۋۇجۇدقا چىقىرىسىز، بۇ بىر ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىدىغان تەدرىجىي ئىلگىرىلەش جەريانى، ھەرگىزمۇ تۇرغۇن نەتىجىنىڭ بىردىنلا جۇلالىنىشى ئەمەس.
بۇ خۇددى ئادامسنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ نام چىقىرىشى، ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر سالاھىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلغانلىقىدىن كەلگەنگە ئوخشايدۇ.
ئۇنىڭ رەسىم سىزىشى ۋە يېزىقچىلىق قىلىشى قانداقتۇر بىر كونكرېت «نىشان»نى ئورۇنداش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئىدى.
كىشىلىك ھايات ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆپ ھاللاردا ئۈچ قاتلامغا چېتىلىدۇ:
نەتىجە قاتلىمى (Have something)
بۇ قاتلامدىكى ئۆزگىرىش ئۆزىنىڭ قانداق نەتىجىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئورۇقلاش، كىتاب چىقىرىش، چېمپىيون بولۇش دېگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى مۇشۇ قاتلامدىكى ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت.
جەريان قاتلىمى: (Do something)
بۇ قاتلامدىكى ئۆزگىرىش ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلماقچى بولغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، يېزىقچىلىق ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانىڭىزنى ئىجرا قىلىش، بىر ئىنگلىز تىلى دەرسىنى ئۆگىنىش دېگەندەك، بۇ قاتلام ئادەت ۋە سىستېمىنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر.
سالاھىيەت قاتلىمى: (Be something)
ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىش ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشنى، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى، مەسىلەن، قىممەت قارىشىڭىزنى، ئۆزىڭىزنىڭ بىلىشىڭىزنى ياكى جاھاندارچىلىق پىرىنسىپىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزدىن ئىبارەت، بۇ قاتلام ھەمىشە سىزنىڭ ئىچكى ئەقىدىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر.
باشقا ئادەم بولماقچى بولغانلار، كۆپ ھاللاردا نەتىجە قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىشنى ئويلايدۇ، ئالدى بىلەن دىققىتىنى قانداق نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئويلايدىغانلىقىغا قويۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ، بۇ بىر خىل سىرتىدىن ئىچىگە يۈزلەنگەن ئۆزگىرىش بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا سالاھىيەت قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىشكە يېقىنلىشالمايدۇ، بۇمۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن نىشانىمىز ۋە ئۆز قىممىتىمىزنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالماسلىقىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبى.
چۈنكى سالاھىيىتىڭىزنىڭ ئارقىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئەقىدە بار، ئەگەر سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىز بىلەن ئىچكى ئەقىدىڭىز توقۇنۇشۇپ قالسا، سىزنىڭ ئۆزگىرىشكە سەۋەب بولىدىغان ھەرىكەتلەرنى ساقلاپ قېلىشىڭىز ناھايىتى تەس.
مەسىلەن، سىز نۇرغۇن پۇل تېپىشنى ئويلىسىڭىزمۇ، لېكىن كۆڭلىڭىزدىكى يوشۇرۇن سالاھىيەت پۇل تاپىدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى پۇل خەجلەيدىغان ئادەم، ئۇنداقتا سىز داۋاملىق مال سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىپ، ئايلىقچى بولۇشىڭىز مۇمكىن، ھەرگىزمۇ قىممەت يارىتىش، بايلىق توپلاش ئۈچۈن ئەمەس.
سىزنى ھەقىقىي تۈردە داۋاملىق ئۆزگەرتكىلى بولىدىغىنى، ئالدى بىلەن سالاھىيەت قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىشتىن چىقىش قىلىپ، ئۆزىڭىزنى چۈشىنىشىڭىز، ئىچكى جەھەتتىكى ھەقىقىي ئىنتىلىشىڭىزنى تېپىشىڭىز، شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشنى، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز كېرەك.
بۇ خىل سالاھىيەت سىستېمىسىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى، ئەمەلىيەتتە «ئۆزىڭىز بولۇش»تۇر.
ئۆزىڭىزنى تونۇش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىڭىزنى، قانداق ئالاھىدىلىكىڭىز ۋە ئەۋزەللىكىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالايسىز، ئاندىن مۇشۇ ئالاھىدىلىكىڭىز ۋە ئەۋزەللىكىڭىزدىن پايدىلىنىپ، شۇنداق ئادەمگە ئايلىنالايسىز.
نۇرغۇن كىشىلەردىكى مەسىلە شۇكى، ھەمىشە «Have something» ۋە«Do something» دىن ئىبارەت بۇ ئىككى قاتلامنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ يۈرىدۇ، لېكىن ئەزەلدىن«Be something» دىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق قاتلامغا كۈچ سەرپ قىلمايدۇ.
شۇڭا «نېمە كېرەك» ۋە «قانداق قىلىش كېرەك» دېگەنلەرنى ئويلىنىشتىن بۇرۇن، سىز ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.
سىزنىڭ نىشانىڭىز نۇرغۇن كىتاب ئوقۇش (نەتىجە) ئەمەس، بەلكى كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئادەم بولۇش (سالاھىيەت) بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا جىمجىت ھالدا كىتابنى قولىڭىزغا ئېلىپ ئوقۇشنى خالايسىز (جەريان).
سىزنىڭ نىشانىڭىز مارافونچە يۈگۈرۈش (نەتىجە) ئەمەس، بەلكى تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ( سالاھىيەت)گە ئايلىنىش بولۇشى كېرەك، شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزگە تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان يۈگۈرۈش پىلانى تۈزۈپ، ئۇنى ئاكتىپ ئىجرا قىلالايسىز.
سىزنىڭ نىشانىڭىز نۇرغۇن ماقالە (نەتىجە) يېزىش ئەمەس، بەلكى بىر يازغۇچى (سالاھىيەت) بولۇش بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا سىز ئۇنىڭغا داۋاملىق ۋۇجۇدىڭىزنى بېغىشلاپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز ئىجادىيەت ئېلىپ بارالايسىز.
بۇ سالاھىيەت سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان تونۇشىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىزدىن كېلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىڭىز بولۇش ئارزۇيىڭىزدىن كېلىدۇ.
يېڭى سالاھىيەت سىزنى ئۆزگەرتىدۇ، قايتا-قايتا تەكرارلانغان ھەرىكەت ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ ۋە يارىتىدۇ.
مەسىلەن، سىزنىڭ يازغۇچى بولغۇڭىز بار، شۇڭا داۋاملىق يېزىقچىلىق قىلىسىز، سىزنىڭ ئىزچىل يېزىقچىلىق قىلىشىڭىز يازغۇچىلىق سالاھىيىتىڭىزنى كۈچەيتىدۇ.
سالاھىيەت جەھەتتىن ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىككى باسقۇچتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ:
1. ئۆزىڭىزنىڭ قانداق تىپتىكى ئادەم بولماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى جەزملەشتۈرۈڭ
سىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزنى تاپالايسىز، ئاندىن قانداق ئادەمنىڭ بۇ نەرسىلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى قېزىپ چىقالايسىز.
2. كىچىككىنە مۇۋەپپەقىيەت ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇنداق ئادەم بولالايدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلاڭ
سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىز سالاھىيىتىڭىزنى كۈچەيتىدۇ، سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىز ھەرىكىتىڭىزگە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ، سالاھىيەت بىلەن ھەرىكەت ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر توغرا (ئاكتىپ) ئايلىنىش شەكىللىنىدۇ.
ئادەمنىڭ ئىچكى ئورنى (بەلگىلىشى) توغرا بولسا، ئېھتىياج ئۆزگىرىدۇ، ھەرىكەتمۇ تەبىئىيلا ئۆزگىرىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق ھەرىكەت داۋاملىشىدىغان ئىچكى قوزغاتقۇچقا موھتاج بولغاچقا، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، بۇرچىنى ئىزدەش: ئۆزى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېرەك
سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى، قانداق ئادەم بولماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېنىق بىلگىنىڭىزدە ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيەت سىستېمىسىنى «مەن»دىن چىقىدىغان قىلىپ بېكىتەلىگىنىڭىزدە، ئاندىن سىز «ئۆزىڭىز بولۇش»نىڭ كېيىنكى باسقۇچىغا، يەنى بۇرچنى ھېس قىلىش چاقىرىقىغا يېتىپ كېلىسىز.
«بىللى لىنئېننىڭ ئوتتۇرا مەيدان ئۇرۇشى» ناملىق فىلىمدە ئىنتايىن كىلاسسىك سەھنە سۆزى بار:
«Find something bigger than yourself» (ئۆزىڭىزدىنمۇ چوڭ مەۋجۇدىيەتنى تېپىڭ).
فىلىمدىكى بىللى بىر مەيدان توغرا-خاتالىقىنى بىلمەيدىغان ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ، ئاندىن ئۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ دۇنيادا نۇرغۇن ئۇلۇغۋار ئىشلار بار، مەسىلەن مۇھەببەت، مەسىلەن نەپرەت.
لېكىن، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بىز يەنە بىر خىل تېخىمۇ چوڭلۇقنىڭ بەلكى يوقلۇق ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتۇق. بىز ئۆزىمىزدىنمۇ چوڭ بولغان مەۋجۇدىيەتنى تاپقاندىلا، ئاندىن ھاياتنىڭ گاڭگىراش ۋە تېڭىرقاشلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ھېس قىلىپ (بىلىپ) ياشىيالايمىز.
بىر 70 ياشتىن ئاشقان بىر بوۋاي نۇرغۇن بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالمايدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى بىلگەندىن كېيىن، ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت بىلەن پۇل يىغىپ، تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلايدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللىق كۈتۈنۈش پۇلىنى چىقىرىپ، مائارىپ مۇكاپاتى فوندى تەسىس قىلىدۇ.
قىزىدىن ئايرىلغان دادا تۇرمۇشتىن ئۈمىد قالمىغاندەك ھېس قىلىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى تاشلىۋەتكۈسى كېلىدۇ. لېكىن، ئاتىلار بايرىمى كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز قىزىنىڭ ئۆزىگە بىرەر ئىش قىلدۇرماقچى بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، روھلىنىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا قىزىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشقا بەل باغلايدۇ، ئاخىرىدا ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان پروفېسسور بولۇپ قالىدۇ.
ئۇلار خۇددى بۇرچنىڭ چاقىرىقىغا ئېرىشكەندەك، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىنمۇ چوڭ ئارزۇنى تاپقاندەك بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەن. بىز ھەمىشە باشقا نەرسىلەرنى تېپىپ، تۇرمۇشقا «سەۋەب» قىلىشىمىز كېرەك.
ئادەمنىڭ يۈكسەك ئېھتىياجى بولسا ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. مۇقىم، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشكەن، ئىنتايىن مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەتتا ئۆزىدىن ھالقىپ كېتىش ئۈچۈن ھازىرمۇ تىرىشىۋاتىدۇ، يېڭى خىرىسلارنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلىۋاتىدۇ.
پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندا، ئۆگىنىش قىلىشنىڭ ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوق، بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ يىراق ئارزۇيىمىز بولۇشى كېرەك، كىشىلىك ھاياتتىكى بۇرچىمىزنى تېپىشىمىز كېرەك.
ئۇنداقتا كىشىلىك ھاياتتىكى بۇرچ دېگەن نېمە؟
ماركس مۇنداق دېگەن: «ئېنىق ئادەم، رېئال ئادەم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىزنىڭ بەلگىلىمىڭىز بولىدۇ، بۇرچىڭىز بولىدۇ، ۋەزىپىڭىز بولىدۇ، سىزنىڭ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلغان-قىلمىغانلىقىڭىزغا كەلسەك، ئۇ بەرىبىر، بۇ ۋەزىپە سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىز ۋە ھازىرقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىڭىزدىن كېلىپ چىقىدۇ.»
ئۆزىڭىز بولۇش دېگەنلىك، «نېمە قىلغۇڭىز بار» دېگەن سۆزدىن «نېمە قىلالايسىز» دېگەن سۆزگىچە بولغان جەرياندا، سىز ئۆزىڭىزگە ئايلىنىسىز، بۇ سىزنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىڭىز ۋە ئىنتىلىشىڭىزگە چېتىلىدۇ.
ۋەھالەنكى، بۇرچ «ئۆزىڭىزگە ئايلىنىش»تىن ئىبارەت بۇ ئىشنى سىرت بىلەن باغلاپ، باشقىلارنىمۇ «ئۆزىڭىزگە ئايلىنىش»تىن مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
شۇڭا، بۇرچ «مېنىڭ قىلغۇم بار»، «مەن قىلالايمەن» ۋە «باشقىلارنىڭ ئېھتىياجى»نىڭ بىرلىشىشىدىن ئىبارەت.
بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىغىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشقىلارنى قىممەت بىلەن تەمىنلىسەك، ئۇنداقتا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ باياشات بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
چۈنكى بىر ئادەمنىڭ باشقىلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن قىممىتى قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭ قىممىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
خۇددى قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان دادىغا ئوخشاش، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا قىزىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەندە، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىغا ئايلانغان.
زىۋىگ «ئىنسانىيەت يۇلتۇزلىرى چاقنىغان چاغدا» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئامەت ئۇنىڭ ھايات سەپىرىدە، يەنى ياش ۋە غەيرەتلىك ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ بۇرچىنى بايقىشىدىن ئارتۇق ئەمەس.»
ئۆزىڭىزنىڭ «نېمە قىلغۇڭىز بار» ھەمدە «نېمە قىلالايسىز»نى ئېنىق بىلگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ قانداق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ.
ئاخىرقى سۆز
كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ئۆزىڭىز بولۇش.
پەقەت ئۆزىڭىز بولسىڭىزلا، ئاندىن بىر ئىشتا ھەقىقىي تۈردە ئۇزاق مۇددەتلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسىز.
سىز ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق سالاھىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى خالىسىڭىز، ھاياتلىقنى «مەن»دىن تاپسىڭىز ھەمدە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ كىشىلىك ھايات بۇرچىنى شەكىللەندۈرسىڭىز، بۇرچنىڭ چاقىرىقىنى ھېس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا كىشىلىك ھاياتنىڭ باياشاتلىقى ۋە ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشىڭىز ئېنىقلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بىر ئىش بولىدۇ.
«ئۆزىگە ئايلىنىش» كىشىلىك ھاياتنىڭ باياشات بولۇشىدىكى بىر ئۇدۇل يول، چۈنكى بىز چىن قەلبىمىزدىن «ئۆزىمىزگە ئايلىنىش» ئىشىنى قىلغان ۋاقتىمىزدا، بىز ھەمىشە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ھالەتتە تۇرىمىز ياكى قەلب ئېقىمىنى ھېس قىلىمىز.
مۇشۇنداق بىر خىل كەچۈرمىش ئىچىدە، بىز باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل قويۇش ھەم خۇشال كەيپىياتتا تۇرىمىز-دە، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالەتكە كىرىمىز، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىنى ئەكسىچە بەك تېز ھېس قىلىمىز.
ئەمما تويۇقسىز قەدىمىمىزنى توختىتىپ، ئىشلارنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئارزۇ قىلغان نۇرغۇن كىشىلەر، ئىشلار ۋە شەيئىلەر ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولغان بولىدۇ.
ئۆزى بولۇشنى تاللاشتا، بىر ئادەم ئىزچىل تۈردە قەلبىگە نەزەر سېلىشى، ئىزچىل تۈردە ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى، ئىزچىل تۈردە خاتالىقلارنى سىناپ بېقىشى كېرەك، سىزنىڭ ئەقلىڭىز يېتەرلىك دەرىجىدە پىشىپ يېتىلگەندە، نۇرغۇن ياخشى ئىشلار تەبىئىي ھالدا پىشىپ يېتىلىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا بىز ئۆزىمىزگە ئايلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىز ياراتقان دۇنيا ئەركىن ھەم باياشات بولىدۇ.
مەنبە: «ئۆزىگە پىچىرلاش» سالونى
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408