大数跨境

ماسك: مەن ئىزچىل سىزنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن!

ماسك: مەن ئىزچىل سىزنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن! Nepkar
2021-11-15
1
导读:بىز چوقۇم ئىنتايىن باي كىشىلەردىن ئادىل باج تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. مۇزاكىرە قىلىشقا ئىمكا
ئامېرىكا شۇ يەر ۋاقتى 14-چېسلا، دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي ماسك ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېس تىۋىتتېردا ئاغزاكى ئۇرۇش قىلدى، بۇنىڭ سەۋەبى ساندېس بايلاردىن «ئادىل باج سېلىقى» تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 

ۋېرمونت شتاتى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بونى ساندېس تىۋىتتېردا مۇنداق دېگەن: 
بىز چوقۇم ئىنتايىن باي كىشىلەردىن ئادىل باج تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. مۇزاكىرە قىلىشقا ئىمكانىيەت يوق. 

我们必须要求极度富有的人缴纳公平的税负。没有讨论的余地。

夏雨辰,公众号:华尔街见闻民主党大佬“逼税”,马斯克回应:您还活着呢?要我卖更多股票您就说!
گەرچە ساندېس بۇ قېتىم ماسكنى بىۋاسىتە يوقلىما قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما «ئىنتايىن باي» ماسك تەشەببۇسكارلىق بىلەن «مەيدانغا چۈشكەن»، ئۇ تىۋىتتېردا 80 ياشلىق بۇ كېڭەش پالاتا ئەزاسىنى مەسخىرە قىلغان. 
مەن ئىزچىل سىزنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. 

ماسك ھەتتا تېسلا شىركىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ پاي چېكىنى سېتىش ئويىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان، ھەمدە كېيىنكى بىر پارچە ماقالىنىڭ داۋامى مۇنداق: 
بونى، مېنى تېخىمۇ كۆپ پاي چېكىنى سېتىۋەتسۇن دەمسىز؟ ماڭا ئۇدۇللا دېسىڭىز بولىدىغۇ...


ساندېس 2015-يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسى مالىيە خامچوت كومىتېتى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ داھىيسى بولغان، ئۇزاقتىن بۇيان بايلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ باج تاپشۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. 

بۇ يىل 3-ئايدا ساندېس تىۋىتتېردا تېسلانىڭ CEO سى ماسك بىلەن ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى بېزوسنىڭ توپلىغان بايلىق سوممىسىنى «ئەخلاقسىزلىق (不道德的)» دېگەن ئىدى. 
ماسك يېقىندا ساندېستىن باشقا يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى روئىن خۇيدىن بىلەن ئاغزاكى جەڭ قىلغان. 

خۇيدىن ئورېگون ئىشتاتىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسى، كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، مىلياردېرلاردىن بايلىق بېجى ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ماسك جەمئىي قىممىتى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن تېسلانىڭ پاي چېكىنى ساتقان، بۇ تېسلانىڭ پاي باھاسىنى بىر ھەپتە ئىچىدە تەخمىنەن %15 چۈشۈرۈپ، «20 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار بىر ھەپتە» دەپ ئاتالغان. 

بۇ قېتىمقى تۆكمە قىلىپ سېتىشنىڭ سەۋەبى ماسك 11-ئاينىڭ 6-كۈنى تىۋىتتېردا يولغا قويغان «%10 تېسلانىڭ پاي چېكىنى سېتىش كېرەكمۇ-يوق؟» دېگەن مەسىلە توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پىكرىدىن بولغان. 

ماسكنىڭ دېيىشىچە، ھېچقانداق مائاش ۋە مۇكاپات پۇلى بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ شەخسىي باج تاپشۇرۇشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇلى پاي چېكىنى سېتىش ئىكەن ھەمدە «بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە ئەمەل قىلىدىمەن، نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.» دېگەن. 
تەخمىنەن %58 تورداش ئۇنىڭ پاي چېكىنى سېتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ماسك بۇ قېتىم ساتمىسا بولمايتتى. (بۇ يەرنى بېسىپ «تېسلانىڭ %10 پاي چېكىنى سېتىشىم كېرەكمۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)

ماسك ئىلگىرى تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان يازمىسىدا ئۆزىنىڭ تېسلانىڭ نەچچە مىليون پاي چېكى قەرەللىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، 2022-يىلى 8-ئايدا چوقۇم يۈرگۈزۈش قەرەلى توشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ بۇ يىل 9-ئايدا 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە زور تۈركۈمدىكى قەرەللىك ھوقۇقنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 


ئالدىنقى جۈمە كۈنى بازار يېپىلغاندا تېسلانىڭ پاي باھاسى %2.83 چۈشۈپ، ھەر بىر پاينىڭ باھاسى 1033.42 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىگەن.
مەنبە: ۋال سىرت كوچىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
1. ئېلون ماسك: كەلگۈسىدىكى تۇرالغۇ—مارس 1-بۆلەك
2. ئېلون ماسك: كەلگۈسىدىكى تۇرالغۇ—مارس 2-بۆلەك
3. ماسكنىڭ ھاياتى: 8 شىركىتى ۋە 1 تىرىليون 470 مىليارد بايلىقى
4. تىرىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى 1-بۆلەك
5. تىرىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى 2-بۆلەك
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا بۇ فىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.


بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.

دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408