大数跨境

ئۈندىدار، دوۋيىن، مىكرو بىلوگلارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئۈندىدار، دوۋيىن، مىكرو بىلوگلارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە ئۆتتى Nepkar
2021-11-25
3
导读:كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ نازارەت قىلىپ، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، ئىناق تور مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى قارشى
يېقىندا، مەركىزىي تور ئۇچۇر ئىشخانىسى «كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ توردىكى ئۇچۇرىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. 
يېقىندا، مىكرو بىلوگ، دوۋيىن، ئۈندىدار قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئېلان چىقىرىپ، «ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپى بويىچە، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۈندىدار 
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ سالونى «ئۈندىدار 110»دا ئېلان چىقىرىپ مۇنداق دېيىلدى «ئۈندىدار سۇپىسى كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرى ئۇچۇرىنى توردا تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرىدۇ. 
ھېسابات نومۇرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، ئىسپات بېرىش، باشقۇرۇش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا، ئۈندىدار سۇپىسى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قاتتىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، چولپان، ۋاسىتىچىلىك شىركىتى (خىزمەت ئىشخانىسى)، MCN ئاپپاراتى قاتارلىق سۇبيېكتلارنىڭ ئۈندىدار سالونى، سىنقانىلىغا ماكانلىشىشنى ئىلتىماس قىلىش قائىدىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، «ئۈندىدار سىنقانىلى تىجارەت قائىدىسى»گە ئاساسەن، چولپان سەنئەتكارلارغا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ توپلاش، كونترول قىلىش ۋە باھالاش ماتېرىيالى قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى ئىلتىماس قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، مەنبەدىن باشلاپ چولپانلارنىڭ توردىكى ئۇچۇرىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ. 


شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈندىدار ھېسابات نومۇرى سۇبيېكتىنى  داۋاملىق تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەپ، كەڭ ئابۇنىچىلارنىڭ ئاكتىپ، ساغلام، ئاساسىي ئېقىم قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن مەزمۇنلارنى ئىجاد قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، چاكىنا ئۆسەك خەۋەرلەرنى كۆپتۈرۈپ ئېلان قىلغان، يالغان، ئەمەلىي بولمىغان، ئىدراكسىز قوغلىشىشقا يېتەكلەنگەن مەزمۇندىكى ناچار ھېسابات نومۇرلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. 
ئۈندىدار كوللېكتىپى بىخەتەر، ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، «كۆڭۈل ئېچىش ھەممىدىن ئەلا»، «ئېقىم مىقدارى ھەممىدىن ئەلا» دەيدىغان ناچار كەيپىياتقا قارشى تۇرۇپ، مەسئۇل ئورگاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، چىڭلاڭ «مەستانە چەمبىرىكى»نى تۈزەش مەخسۇس تۈرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سۇپا مەزمۇنى ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئابۇنىچىلار پاش قىلىش، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە سۈنئىي تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سۇپا مەزمۇنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ نازارەت قىلىپ، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، بىز بىلەن بىرلىكتە ئوچۇق، ئىناق تور مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى قارشى ئالىمىز. 

دوۋيىن
11-ئاينىڭ 24-كۈنى دوۋيىن بىخەتەرلىك مەركىزى ئۈندىدار سالونىدا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: دوۋيىن «مەستانە چەمبىرىكى»دىكى قالايمىقان ھادىسىلەرنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى ئاساسىدا، كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرى تۈرىدىكى مەزمۇنلارنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ، مەزمۇن يۆنىلىشىنى چىڭىتىپ، ئۇچۇرلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھېسابات نومۇرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىك پىكرىنى نازارەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ. 


دوۋيىن كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرى مەزمۇنىنىڭ سەلبىي تىزىملىكىدىن باشلاپ، كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنىڭ ئويۇن قويۇش تۈرى، شەخسىي ھەرىكەت تۈرى، سودا پائالىيىتى تۈرى، ئېلان تۈرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى تۈرى، نوپۇزلۇق ئېلان قىلىش تۈرى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ئۇچۇر قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ئالاقىدار ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ نام ئۇچۇرى، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، بىرلىشىپ جازالاش، رويخەتكە ئېلىپ گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزەش تەپسىلىي قائىدىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىغا چېتىلىدىغان توردىكى قىزىق نۇقتا كۆپچىلىك پىكرىنى نازارەت قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ كۆڭۈل ئېچىش خاھىشىغا، چاكىنىلىق بىلەن كۆپتۈرۈش ئەھۋالىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، ئېقىم مىقدارى ھەممىدىن يۇقىرى بولۇش، غەيرىي گۈزەللىك، «مەستانە چەمبىرىكى» قالايمىقان بولۇش قاتارلىق ناچار مەدەنىيەتكە قارشى تۇرۇپ، ساغلاملىق سالاپىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. 
دوۋيىن ئىزچىل تۈردە بىخەتەر، ساغلام، يېشىل تور ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنى بىرلىكتە ئابۇنىچىلارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، ساغلام مەزمۇن بىلەن تەمىنلەپ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە قۇياش نۇرى، ئىجابىي ئۈلگە كۈچىنى تىكلەشكە مۇراجىئەت قىلدى. بىزمۇ كەڭ تورداشلار بىلەن بىرلىكتە ساغلام، مەدەنىي تور بوشلۇقىنى ئورتاق قوغداشنى ئۈمىد قىلىمىز. 

مىكرو بىلوگ 
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنلاڭ مىكرو بىلوگ مەھەللىسىنى باشقۇرۇش ئورگان تەرەپ مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دېيىلدى: 5-ئايدىن بۇيان، مىكرو بىلوگ مەستانە چەمبىرىكىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى. كېيىنكى قەدەمدە، مىكرو بىلوگ «ئۇقتۇرۇش»تىكى ئالاقىدار تەلەپلەرنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزەش نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش، قىزىق نۇقتا ئىزدەش قائىدىسى قاتارلىق جەھەتلەردە «ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇلىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ساغلام ئۇسلۇبنى نامايان قىلىدىغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇنىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ. كەڭ تورداشلارنى ئاكتىپ قاتنىشىپ، كەڭ دائىرىدە نازارەت قىلىپ، سۈزۈك تور بوشلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىدۇ.


مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.

دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408