大数跨境

بىدىكلەر جەمئىيەت ئۈچۈن ئورۇنسىز زىياننى ئازايتالايدۇ

بىدىكلەر جەمئىيەت ئۈچۈن ئورۇنسىز زىياننى ئازايتالايدۇ Nepkar
2020-12-03
1
导读:ئەگەر بىدىكلەر باھانى خالىغانچە ئۆستۈرەلىسە، ئۆزى تاپماقچى بولغان قىسمىنى خالىغانچە يولۇچىلارغا ئارت
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

12-بۆلۈم: باھانى كونترول قىلىش | ئادەم زىياننى ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈشنى قوغلىشىدۇ
باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمىگە ئەڭ تېجەشلىك ھالدا خىلاپلىق قىلىش
ھەر قېتىم باھا سۈنئىي ئارىلىشىشىقا ئۇچرىغاندا، باھادىن باشقا رىقابەت پەيدا بولىدۇ، بىز بۇ خىل ھادىسىنى يېتىشمەسلىك ياكى ئوشۇقچىلىق دەپ ئاتايمىز. ئەمما يېتىشمەسلىك ياكى ئوشۇقچىلىق زادى قايسى تۈردىكى رىقابەتنى پەيدا قىلىدۇ؟
جاڭ ۋۇچاڭنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىلمىي ماقالىسى
بۇ سوئالغا جۇڭگولۇق ئىقتىسادشۇناس جاڭ ۋۇچاڭ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ بىر پارچە «بىر خىل باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش نەزەرىيەسى (A Theory of Price Control, 1974)» ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي ماقالىسى بار. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى. جاڭ ۋۇچاڭ بۇ ئىلمىي ماقالىسىدە ئالدى بىلەن نېمىنىڭ باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش بىلەن باج يىغىش ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بىر ياتاق بىناسىنىڭ ئىجارە باھاسى 100 يۈەن بولسا، ھۆكۈمەت بۇ 100 يۈەننىڭ ئىچىدىن 40 يۈەننى باج سۈپىتىدە يىغىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتسا، ھۆكۈمەت ئىككىنچى ئۆي ئىگىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، يەنى ئۆي ئىجارىسىنىڭ %60 ئى ئۆي ئىگىسىگە، %40 ئى ئىككىنچى ئۆي ئىگىسى، يەنى ھۆكۈمەتكە تەۋە بولىدۇ. بۇ باج يىغىش دېيىلىدۇ. 
لېكىن باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش باج ئېلىش ئەمەس. ھۆكۈمەت پۇل ئالمايدۇ. ھۆكۈمەت «پەقەت بۇ ئۆينىڭ ئىجارە ھەققى 100 يۈەن بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىپتۇ، بۇنىڭغا چەك قويۇش كېرەك، ئىجارە ھەققى 60 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، شۇنداق بولغاندا ئۆي ئىگىسى 40 يۈەننى ئاز ئالىدۇ.» دېسە، بۇ ئاز ئېلىنغان 40 يۈەنگە ھۆكۈمەت ئېرىشمەيدۇ.
بۇ چاغدا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ جاڭ ۋۇچاڭ ئۆزىنىڭ بۇ ئىلمىي ماقالىسىدە ئىككى تېمىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش مۇقەررەر ھالدا قىممەت سەرپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ
بىرىنچى تېما: باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش مۇقەررەر ھالدا بايلىق قىممىتىنىڭ خورىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئىجارە باھاسى ئېنىقلا 100 يۈەنلىك بىر ئېغىز ئۆينى 60 يۈەندىن ئىجارىگە بېرىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئىستېمال قىممىتى ئاران 60 يۈەن بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ ئۆي ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت 60 يۈەنگە يارايدۇ، ئەسلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاشۇ 40 يۈەنلىك قىممەت بىكاردىن-بىكار ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. پەقەت باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمى بولسىلا، ئۆي ئىگىسى ئۆينى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئىشلەتمەيدۇ. ئۆينىڭ قىممىتى خوراپ كېتىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر قېتىم بايلىقنى دەل جايىغا ئىشلەتكىلى بولمىغاندا، ئۇ ئۇنچە پۇلغا يارىمايدۇ. بۇ جاڭ ۋۇچاڭنىڭ ئىلمىي ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى تېما، يەنى باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش مۇقەررەر ھالدا بايلىق قىممىتىنىڭ خورىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئادەم زىياننى ئەڭ كىچىكلىتىشنى قوغلىشىدىغان جانلىق
ئىككىنچى تېما: ئادەم زىياننى ئەڭ كىچىكلىتىشنى قوغلىشىدىغان جانلىق. باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمى مەۋجۇت بولسىلا، بايلىق قىممىتىنىڭ خورىشى پەيدا بولىدۇ. لېكىن ئادەمنىڭ تەدبىرى بار، ئادەم ئۇ 40 يۈەننىڭ بىكارغا كېتىشىنى خالىمايدۇ. كىشىلەر باھا سىرتىدىكى رىقابەتنى قانات يايدۇرۇشقا مەجبۇرى بولغاندا، ئۇلار ئاشۇ زىياننى ئەڭ زور دەرىجىدە قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغان رىقابەت ئۇسۇلىنى تاللايدۇ. بۇ ئۇسۇللار بىر بولسا مۈلۈكنى قايتىدىن مۆلچەر قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلارنىڭ قولىغا چۈشۈرىدۇ، ياكى پۈتۈمنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ زۆرۈر بولمىغان سودا خىراجىتى ۋە رىقابەت سەرپىياتىنى ئازايتىدۇ، ۋەياكى بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈملۈك بىرىكمىسى بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، كىشىلەر باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش پەيدا قىلغان قىممەت سەرپىياتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. پايدىنىڭ ئەڭ چوڭ بولۇشى بىلەن زىياننىڭ ئەڭ كىچىك بولۇشىنى قوغلىشىش ئىنسان تەبئىيىتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىگە بولىدىغان ئىككى تەرىپى.
كىشىلەر باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشقا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟
مۇشۇ ئوي-پىكىر بويىچە، بىز ئۆي ئىجارىسىگە چەك قويۇلغاندا، ئۆي ئىگىسىنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ باقايلى؟ 
بىرىنچى، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا يول قويىدۇ، مەسىلەن ئۆي ئىجارە ئالغۇچىنى تاللاش. ئىلگىرى ئۆي ئىگىسى پايدىنىلا كۆزلەپ، كىم كۆپ پۇل چىقارسا، ئۇ ئۆينى شۇنىڭغا ئىجارىگە بېرەتتى. ھازىر، ئىشقىلىپ باھا تىزگىنلەندى، ئىشقىلىپ ئۇ 40 يۈەننى ئالالمايدۇ، ئىشىك ئالدىدا بىر مۇنچە ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار بار، بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە، كەمسىتىشنى يولغا قويىدۇ: كىچىك بالىسى بارلارغا ئىجارە بەرمەيدۇ؛ ئىت باققانلارغا ئىجارىگە بەرمەيدۇ؛ مۈشۈك باقىدىغانلارغا، تېخىمۇ ئىجارىگە بەرمەيدۇ. بۇ بىرىنچى خىل تەدبىر.
ئىككىنچى، ئۆي ئىگىسى باغلاپ سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ئۆي ئىگىسى ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىغا: «بۇ ئۆي ھۆكۈمەتنىڭ باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشىدا بولغاچقا، ھازىر ئاران 60 يۈەن ئېلىنىدۇ، بىراق سىزدىن سوراپ باقسام، سىزگە ئاچقۇچ كېرەكمۇ؟ ئاچقۇچ 40 يۈەن.» دەيدۇ. بۇ «ئاچقۇچ ھەققى (key money)»دۇر.
ئۈچىنچى، باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئەھۋالدا، يەنە بىر قىسىم زاۋۇت خوجايىنلىرى ئۆيىنى ئۆز خىزمەتچىلىرىگە ئىجارىگە بېرىشى مۇمكىن، ئۆينىڭ ئىجارە ھەققى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا خىلاپ كەلمەيدۇ، 60 يۈەن خالاس، لېكىن ئۇنىڭدىن باشقا ئاشۇ 40 يۈەننى خوجايىن خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىن تۇتۇپ قالىدۇ. دېمەككە ئىسمى-جىسمىغا لايىق: خىزمەتچىلەر تۆۋەن ئىجارىلىك ياتاقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، مائاشى تۆۋەنرەك بولسىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق خوجايىن زىيان تارتقان 40 يۈەننى قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ.
ئوخشاشلا، ئىجارە ئالغۇچىمۇ ئەمەلىيەتتە بەدەل تۆلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆي ئىگىسىگە ياخشىچاق بولۇشىمۇ، بىر خىل تەننەرخ؛ ئۇنىڭ ۋاستىچىلارغا ياخشىچاق بولۇشمۇ بىر خىل تەننەرخ، نېمىلا دېگەن بىلەن ۋاستىچىلارنىڭ بىزگە ئەسلىدىكى بازار قىممىتى 100 يۈەن بولغان، ئەمما ھازىر پەقەت 60 يۈەنلىك ئۆي تېپىپ بېرىشى ئاسان ئەمەس. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە شۇكى، ئىجارىگە ئالغۇچى ۋاستىچىغا «ئاياغ پۇلى (shoe money)» تۆلەيدۇ. يەنى ۋاستىچىلار بىزگە ئۆي تېپىپ بېرىپ، ھەقىقەتەن بەك جاپا تارتىپ، ئايىغىنى ئۇپىرىتىۋەتتى، بىز ۋاستىچىلارغا 40 يۈەنگە ئاياغ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆي ئىجارە ئالغۇچى تۆلىگەن بارلىق بەدەل، ئەمەلىيەتتە بۇ 100 يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.
بۇ ئۇسۇللار ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇپ كونترول قىلىش سىياسىتىگە خىلاپ بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە يەنىلا بىر ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ئۆينى ئىمكانقەدەر ئىشلىتىش قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغا قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ، پەقەت رىقابەت ئۇسۇلى تېخىمۇ ئاينىپ كېتىدۇ، بىۋاسىتە پۇل تۆلەشتەك ئۇنداق راۋان بولمايدۇ.
يەنە بىر خىل ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۇسۇلى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆي ئىگىسى ئۆينىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش. ئومۇمەن ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش پۇقرالار ئىشلىتىدىغان ئۆيلەرگىلا ماس كېلىدۇ، سودا يەر مۈلكى بولسا ئۆي ئىجارىسىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ چاغدا ئۆي ئىگىسى ئەسلىدىكى پۇقراۋى ئۆينى سودىغا ئىشلىتىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئۆينى پۇقرالار ئىشلىتىش ئۈچۈن 100 يۈەن ئىجارە ھەققى يىغىلاتتى، سودىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن پەقەت 80 يۈەن ئىجارە ھەققى يىغقىلى بولاتتى. لېكىن باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ئاستىدا، 80 يۈەن يىغىۋېلىش 60 يۈەن يىغقاندىن ياخشى. ھەتتا بەزى ئۆي ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ كونا ئۆيىنى تۈزلەپ، قايتىدىن سېلىشنى خالايدۇ. قايتا سالغاندا، پۇقرالار ئۆيى سالماي، ئامبار ياكى ئىشخانا سالىدۇ. بۇنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمى شۇكى، پۇقرالار ئۆيلىرى بىلەن تەمىنلەش تېخىمۇ ئازىيىدۇ، پۇقرالار ئۆيلىرى تېخىمۇ قىممەت بولىدۇ.
شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش قانچە ئېغىر بولسا، قىممەت سەرپىياتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئامال قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئەگىپ ئۆتۈش ئاكتىپلىقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ؛ ھۆكۈمەتنىڭ قورشاش سالمىقى قانچە چوڭ بولسا، كىشىلەر قوللانغان تەدبىر شۇنچە كۆپ ئاينىيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئورۇنسىز ئىسراپ بولۇپ كېتىدىغان رىقابەت تەننەرخىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ئاستىدا، ھەر خىل قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەيدانغا چىقىش تەرتىپىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
 

بىز دائىم بەزىلەرنىڭ «بۇ سىياسەت ياخشى سىياسەت، پەقەت ئىجرا قىلىش بىر قەدەر قىيىن.» دېگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، سىز بۇ سۆزگە قانداق باھا بېرىسىز؟
چاغانلىق يولۇچى توشۇش پويىزىنىڭ بېلەت باھاسى تېخى يېتەرلىك يۇقىرى ئەمەس
بىز ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئەمەلىيەتتە ئۆگىنىش تەس ئەمەس دەيمىز، چۈنكى ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرى ناھايىتى ئاددىي؛ ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ قىيىنلىقى ئۇنى قوللىنىش جەھەتتە، يەنى ئۇنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتماي، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئىشلىتىشنىڭ تەسلىكىدە؛ ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە كەيپىياتىنى ئايرىۋېتىش تەس. تۇرمۇشتا بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى سۆزلىگەندە مەسىلە يوقلىقىنى، ئۆز مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغان ھامان پۈتكۈل تەپەككۇر يولىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ كىشىلەر مۇقىم ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇر سۈپىتىنى يېتىلدۈرمىگەن.
ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇرىنىڭ گىر تېشى
چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە «پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى ئۆسۈشى كېرەكمۇ-يوق؟» دېگەن مەسىلە كىشىلەرنىڭ مۇقىم ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇر سۈپىتىنى سىنايدىغان گىر تېشى.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا شەھەرلىشىش يۈكسەك تەرەققىي قىلدى، ھەر يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشى يۇرتىغا قايتىدۇ، بۇ چاغدا چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى پەيدا بولىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە باھا ئارقىلىق تەڭشەش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ، باھا قانۇنىيىتى يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ. ئەگەر بىز پەقەت مۇشۇنداق ئابستراكت قىلىپ ئېيتساق، ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسخانىسىدا ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېسەك، ھېچكىم قوشۇلماي قالمايدۇ. لېكىن بىز ئۇنى بىر كونكرېت تاۋار، يەنى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتىگە ئېلىپ كىرسەك، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى بىردىنلا ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئۇلار تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ «چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرمەسلىك كېرەك.» دەيدۇ.

پويىز بېلىتىنىڭ تاۋار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىق تۆگىقۇش پىسخىكىسىغا تەۋە
كىشىلەرنىڭ چاغانلىق پويىز بېلىتىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە قارشى تۇرۇشىدىكى بىرىنچى سەۋەب: ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش تاۋار ئەمەس دەپ قارىغانلىقىدا. كىشىلەردە دائىم مۇشۇنداق تۆگىقۇش پىسخىكىسى بولىدۇ، باھا ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلغاندا «نېرۋىغا تېگىۋاتقان تاۋارلار ئىنتايىن ئالاھىدە، ئۇلار تاۋار ئەمەس، شۇڭا باھا قانۇنىيىتى رول ئوينىيالمايدۇ.» دەيدۇ؛ سۇ پۇلى ئۈستىدە توختالغاندا «سۇ تاۋار ئەمەس.» دەيدۇ؛ ئوقۇش پۇلى ئۈستىدە توختالغاندا «مائارىپ تاۋار ئەمەس.» دەيدۇ؛ دورا پۇلى ئۈستىدە توختالغاندا «ساغلاملىق تاۋار ئەمەس.» دەيدۇ؛ ساياھەت چىقىمى ھەققىدە پاراڭلاشقاندا «ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش تاۋار ئەمەس.» دەيدۇ. ئەمما، بۇنداق روھىي ھالەت ئادەمنى رېئاللىقتىن ئايرىپ، مەسىلىلەرگە توغرا قاراش ۋە تەدبىر ئىزدەشكە ئامالسىز قالدۇرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ.
ناھايىتى ئېنىقكى، ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش تاۋار بولۇپلا قالماي، بەلكى قىممىتى يۇقىرى تاۋار بولسىمۇ بولىدۇ. تاراتقۇلار «ئۆيگە قايتىشتا سەۋەب كەتمەيدۇ. لېكىن، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆيگە قايتىشتا سەۋەب كېتىدۇ.» دەپ كۆپتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ توختىماي يۈز بېرىۋاتقىنىغا نۇرغۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، يەنىلا تۈپتىن ھەل قىلىنماسلىقىدىكى سەۋەب، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۆيىگە قايتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلدا بىر قېتىملا يۈز بېرىدىغانلىقتىن، بۇ ھەشەم ئېھتىياجغا ئايلاندى.

چاغاندا ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش زۆرۈر ئېھتىياج ئەمەس
قارشى تۇرۇشنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى، ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش زۆرۈر ئېھتىياج دەپ قاراش. بۇنىڭ مەنىسى باھانىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلەر يەنىلا ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزىدۇ، شۇڭا باھا ئۆستۈرۈش تۆمۈر يول سىستېمىسىنى كۆپرەك پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، چاغاندا ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش زۆرۈر ئېھتىياج ئەمەس. ئىلگىرى جۇڭگولۇقلار يۇرتىدىن ئايرىلسا، ناھايىتى ئاز قايتاتتى، ھەر يىلى قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشى تېخىمۇ مۇمكىن بولمايتتى. بىزنىڭ ھازىر ھەر يىلى چاغاندا ئۆيگە قايتالىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەب قاتناش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدە. چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن يىل ئۆيىگە قايتمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئوخشاشلا چاغاننى ئۆتكۈزەلەيدۇ.
بىز ئىلگىرى ئېھتىياج قانۇنىيىتىنى سۆزلىگەندە، «ئوڭ تەرەپ ئاستىغا مايىللاشقان ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىدا، ھەر بىر نۇقتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، باھا جايىدا بولسىلا، ئېھتىياج تەبئىيلا ئاجىزلىشىدۇ.» دېگەنىدۇق. ئەگەر بەزى يولۇچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى ئوڭ تەرەپ ئاستىغا قىيسىيىپ قالماي تىك بولسا، ئۇنداقتا بۇ يولۇچىلار ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ئۆيىگە قايتىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنداق بولغاندا ئۇلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى ساقلاپ ئاندىن ئۆيگە قايتمايدۇ، ھەتتا چوقۇم پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتمايدۇ.

بىدىكلەر جەمئىيەت ئۈچۈن ئورۇنسىز زىياننى ئازايتالايدۇ
يەنە بىر خىل قاراش بولسا بىدىكلەرنى ئەيىبلەش بولۇپ، پويىز بېلىتى باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەب، بىدىكلەر تەرىپىدىن يۇقىرى باھادا سېتىلغان دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر بىدىكلەر باھانى خالىغانچە ئۆستۈرەلىسە، ئۆزى تاپماقچى بولغان قىسمىنى خالىغانچە يولۇچىلارغا ئارتىپ قويسا، ئۇنداقتا ئۇلار نېمىشقا باھانى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرمەيدۇ؟
ئەمەلىيەتتە بىز باھا نەزەرىيەسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن شۇنى چۈشىنەلەيمىزكى، بىدىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، كىشىلەر باھانىڭ سىرتىدا رىقابەتلىشىشكە، يەنى ئۆچرەتتە تۇرۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ. ئۆچرەتتە تۇرۇش جەريانى، ئورۇنسىز زىيان پەيدا قىلىدۇ. بىراق ئادەم بولسا زىياننىڭ ئەڭ كىچىك بولۇشىنى قوغلىشىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، ۋاقىت تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن كىشىلەرنى ئۆچرەتتە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، شۇڭا بىدىكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۆچرەتتە تۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئورۇنسىز زىياننى ئازايتىدۇ. بىدىكلەر جەمئىيەتنىڭ ئورۇنسىز زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى پويىز بېلىتى باھاسىنى تېخىمۇ قىممەت قىلىدۇ
ئىلگىرى يەنە بىر خىل قاراشتا «بىز پويىز بېلىتىگە ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك، ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى يولغا قويۇلسىلا، پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.» دېيىلگەن ئىدى. ھازىر ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، بىز پويىز بېلىتىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسكەن ياكى چۈشكەنلىكىگە قاراپ باقايلى؟
مەن ئىلگىرى بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ساۋاقداشلاردىن: «ئىلگىرى سېتىۋالغان ئەڭ قىممەت بىدىك بېلىتى قانچە پۇل، ئەسلى باھاسىنىڭ قانچە ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئومۇميۈزلۈك جاۋاب شۇكى، بىدىك بېلىتى ئەسلىدىكى بېلەت باھاسىدىن 100 يۈەن، 200 يۈەن، 300 يۈەن ئۆسكەن بولۇپ، ئاساسى جەھەتتىن بىر ھەسسىگە يەتمىگەن. پەقەت بىرلا ساۋاقداش ئەسلىدىكى بېلەت باھاسىنىڭ 30 يۈەن ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئاخىرقى بىدىك باھاسىنىڭ 200 يۈەن ئىكەنلىكىنى، 7 ھەسسىگە يېقىن ئۆسكەنلىكىنى ئېيتقان. مەن «نېمىشقا بۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؟» دېسەم، بۇ ئوقۇغۇچى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پويىز بېلىتىدە ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كىملىك تەكشۈرۈلىدۇ، كىملىك توغرا بولمىسا كىرگىلى بولمايدۇ، بۇ 200 يۈەن بىدىكنىڭ كاپالەتلىك باھاسىدۇر.»

چاغانلىق تىرانسپورت كۈچىدە قىلچە قىينالماسلىق ئىشقا ئاشمايدۇ
يەنە بىر خىل قاراش بار، مەسىلىنى ئېلىمىز تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىزلىكىگە ئارتىپ قويۇش. بۇ خىل قاراشمۇ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئويلاپ باقايلى، ھەر يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئېلىمىز ئىككى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئادەم يۆتكىلىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ، نەچچە يۈز مىليون ئادەم قىستېزىكىنا ۋاقىت ئىچىدە بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بېرىپ، ناھايىتى تېزلا يەنە باشقا بىر جايدىن ئەسلىدىكى جايغا قايتىپ كېلىدۇ.
ئەگەر بىز تۆمۈر يول تىرانسپورتىنىڭ توشۇش كۈچىنى چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە قىلچە قىينالمايدىغان دەرىجىگە كۆتۈرسەك، ئۇنداقتا قالغان 11 ئايدا تۆمۈر يول تىرانسپورت كۈچى بىكار قالمامدۇ؟ بۇ قانچىلىك ئىسراپچىلىقنى پەيدا قىلىدۇ، پەيدا بولغان زىياننى يەنە كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

مونوپول تاۋارلار بازار باھاسىنى بېكىتىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئەمەس
يەنە بەزىلەر «پويىز بېلىتىنىڭ قىممەت بولۇشى، سېتىۋېلىشنىڭ تەس بولۇشى تۆمۈر يول مونوپوللۇقىدىن بولغان.» دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئارقىدىنلا «تۆمۈر يول مونوپول قىلىنغان ئىكەن، پويىز بېلىتىنى تەڭشەپ كونترول قىلىپ، پويىز بېلىتىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش كېرەك.» دەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش بىر خاتالىق سادىر قىلغان. ئەگەر مونوپولنىڭ ئۆزى باھانى كونترول قىلىشنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، مونوپول بىز قوغلىشىدىغان نىشان بولۇپ قالمامدۇ؟ مونوپول تارماقلار ئىشلەپچىقارغانلىكى مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى مەمۇرىي چارە بىلەن چۈشۈرۈپ بېرەلىسەك، بۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ بىز تېخىمۇ كۆپ مونوپوللۇققا ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك، نېمە ئۈچۈن يەنە مونوپوللۇقنى ئەيىبلەيمىز؟ بۇ قائىدە ئېنىقكى توغرا ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە، بىر تاۋارنى مەيلى مونوپول كارخانىلار ياكى رىقابەت كارخانىلىرى تەمىنلىگەن بولسۇن، باھاسىنى بازار بەلگىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك يېتىشمەسلىك ياكى ئوشۇقچىلىق ھادىسىلىرى كۆرۈلۈپ، ئورۇنسىز زىيان پەيدا بولىدۇ. مونوپول كارخانىلارغا نىسبەتەن، يەنى ئاساسلىقى ئاشۇ مەمۇرىي قوغداش ئارقىلىق شەكىللەنگەن مونوپول كارخانىلارغا نىسبەتەن، مۇۋاپىق تۈزەش چارىسى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى تىزگىنلەش بولماستىن، بەلكى مەمۇرىي قوغداشنى توختىتىپ، بازارغا كىرىش يوللىرىنى ئېچىپ، رىقابەتچىلىرىنىڭ كىرىشىگە ئىلھام بېرىشتىن ئىبارەت. ئۇنداق بولمايدىكەن، باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش بىلەنلا مەمۇرىي مونوپوللۇقنى يوقاتقىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى مەھسۇلات تەقسىماتى جەريانىدا ئورۇنسىز زىياننىمۇ پەيدا قىلىدۇ. مەمۇرىي مونوپوللۇق خاتا، باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشمۇ خاتا، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈش توغرا بولۇپ قالمايدۇ.
پويىز بېلىتىنىڭ باھاسىنى بېكىتىشتە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش كېرەك
يەنە بىر خىل قاراشتا «نامراتلار پويىز بېلىتى سېتىۋالالمايدۇ.» دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل قاراشمۇ مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بىر دېھقان ئىشلەمچى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېنغا بېرىپ ئىشلىسە، ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى 100 يۈەنگە يەتمىسە، كۈن كەچۈرۈشى تەسكە توختايدۇ. چۈنكى دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلارنىڭ مائاش سەۋىيەسى مۇشۇ يىللاردا ئۆسۈپ كەتتى، شۇڭا پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى بازار ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ داۋالغۇپ تۇرسىمۇ، ئۇ دېھقان ئىشلەمچىنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئارتۇق تۆلىگەن پۇلى بەلكىم 10 نەچچە كۈنلۈك مائاشىغا تەڭ بولۇشى مۇمكىن.
ئۇ شەھەردە بىر يىل خىزمەت قىلسا، بۇ پۇلنى تۆلىيەلمەمدۇ؟ ئەگەر ئۇ تۆلىيەلمىسە، نېمىشقا چوقۇم قاتناشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىدۇ؟ چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، پويىز بېلىتىنىڭ باھاسىنى بېكىتىشتە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشقا تامامەن بولىدۇ، كېيىنكىسىنىڭ ئۇسۇلىدا بېلەت باھاسى ئىنتايىن جانلىق ھالدا يۇقىرى-تۆۋەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئايروپىلان بېلىتىنىڭ ئەڭ قىممەت ۋاقتى قەمەرىيە 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە، ئەڭ ئەرزان ۋاقتى چاغاننىڭ 1 ـ، 2-كۈنلىرى بولىدۇ.
مەن ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا نامرات ئوقۇغۇچى ئىدىم، ئۇدا يەتتە يىل ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، شۇ چاغدا شياڭگاڭلىق بىر ساۋاقدىشىمغا بەك ھەۋەس قىلاتتىم. ئۇ ھەر يىلى ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزەتتى. شۇنچە قىممەت ئايروپىلان بېلىتى بىلەن ئۆيگە قايتسىمۇ ئۆيدە ئىككى كۈنلا تۇراتتى، بۇنداق ھەشەم ساياھەت پۇلىنى مەن تۆلىيەلمەيتتىم.
بەك قىممەت بولسا ئورۇنباسار لايىھە ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، بۇمۇ مۇتلەق زۆرۈر ئېھتىياجنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، يەنى بەدەل قانچە چوڭ بولسىمۇ قىلچە ئۆزگىرىش بولمايدىغان ئېھتىياجنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

پويىز بېلىتى باھاسىغا چەك قويۇش ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۈرلۈك قاراشلارنى تەھلىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىز پۈتۈن ئىشنىڭ تەرەققىياتىنى خۇلاسىلەپ، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنىڭ ئالدىن ھۆكۈمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ.
چاغاندا كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىدا ئۆزگىرىش بولغاچقا، باھادا ئەسلىدە ئۆزگىرىش بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن بەزىلەر ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر خىل تاۋار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، پويىز بېلىتىنىڭ باھاسىغا چەك قويدى. پويىزنىڭ بېلەت باھاسى تىزگىنلەنگەندىن كېيىن، كىشىلەر باھادىن باشقا رىقابەت ئۇسۇلىنى قانات يايدۇرۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇش ياكى بىدىكلەرنى ئىزدەش. ھۆكۈمەت قانۇننى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، بىدىكلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئاپىرىپ بەرسە، بۇنداق بولغاندا كىشىلەر تېخىمۇ ئايلىنىپ ئۆتۈش رىقابىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ئۇسۇل شۇكى، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە پويىز بېلىتى تەستىقلىيالايدىغان كىشىلەرگە پارا بېرىش. جۇ چىرېن مۇئەللىم ئىلگىرى «تېپىلغۇسىز دەرسلىك» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بېلەت باھاسىدىكى پەرق ئارقىلىق قارا كىرىمگە ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە سۆزلەنگەن.

باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش ئاستىدىكى «تېلېفوننى قوغلاپ ئۇرغۇچ»
پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇش نۇرغۇن ئورۇنسىز زىيانلارنى پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ يىللاردا بىز تېلېفوندا بېلەت زاكاز قىلىش چارىسىنى قوللاندۇق. لېكىن تېلېفوندا بېلەت زاكاز قىلىش تەمىنلەش-ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى پەسەيتەلەمدۇ؟ قىلالمايدۇ. ئۇ پەقەت رىقابەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ. كىشىلەر ئىلگىرىكى ئۆچرەتتە تۇرۇشتىن، شىركەت، ئىدارە ياكى ئۆيدە تېلېفون ئۇرۇشقا ئۆزگىرىدۇ.
تېلېفوننى ئۇلاش ئەمەلىيەتتە بەك تەس. يەنىلا بىكار ۋاقتى بار كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان تېلېفون ئۇلىيالايدۇ. بۇ چاغدا بازاردا يەنە بىر خىل يېڭى ئۈسكۈنە، يەنى تېلېفوننى قوغلاپ ئۇرغۇچ بارلىققا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كىشىلەر يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، توردا بېلەت تالىشىش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ئىزچىل رولىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئۇ بولسىمۇ: باھا رىقابىتى ئۇسۇلى چەكلىمىگە ئۇچرىسىلا، كىشىلەر باھادىن باشقا رىقابەت ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇرى بولىدۇ، باھادىن باشقا بۇ رىقابەت ئۇسۇللىرى بولسا، ئۇنى يولغا قويۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاساس قىلىپ تەرتىپ بويىچە قوللىنىلىدۇ.

ئۈچ خىل تەدبىر
«چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە پويىز بېلىتىنىڭ يېتەرلىك يۇقىرى بولماسلىق» مەسىلىسىدە، ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئۈچ ئاساسى تەدبىر بار:
بىرىنچى، پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى قانچىلىك ئۆستۈرۈلسە ئاندىن يېتەرلىك بولغان ھېسابلىنىدۇ؟ پەقەت چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ نورمال تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولغاندا ئاندىن يېتەرلىك بولغان ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچى، باھانى قانداق ئۆستۈرگەندە مۇۋاپىق بولىدۇ؟ چاغاننىڭ ئالدىدا تەدرىجىي ئۆرلىتىپ، چاغاندىن كېيىن تەدرىجىي تۆۋەنلەتسەك، بۇنىڭ بىلەن ۋاقىت تەننەرخى تۆۋەن كىشىلەرنى بالدۇر مېڭىپ كېيىن قايتىشقا ئىلھاملاندۇرغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، باھانى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ بىر قىسىم ئەڭ تۆۋەن باھاغا ئېھتىياجلىق (لېكىن ئەڭ نامرات بولۇشى ناتايىن) كىشىلەر چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە يولغا چىقالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، باشقا يولۇچىلار ئوخشاشلا ئۆيىگە قايتالايدۇ، لېكىن ئۇلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ بېلەت تالاشمايدۇ، بەلكى ئەمگەك تاپاۋىتى بىلەن، باھاسى تولۇق ئۆستۈرۈلگەن پويىز بېلىتىنى سېتىۋېلىپ ئۆيىگە قايتىدۇ.
چاغانلىق يولۇچى توشۇش پويىز بېلىتى پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىن قالغان قۇيرۇق، بازار ئىگىلىكىگە كۆنۈپ قالغان ياشلارنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشىدىكى بىر ئەمەلىيەت. تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ئەگەر «ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش»تىن باشقا تېخىمۇ ئاساسى زۆرۈر بۇيۇملار سۇ، توك، مېھمانخانا، ئاشلىق ۋە دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پويىز بېلىتىگە ئوخشاش باھانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلسا، تۇرمۇشىمىز قايسى دەرىجىگە چېكىنىپ كېتىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۈگۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋە دىنامىكىلىق پويىزنىڭ تەدرىجىي ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ بېلەت باھاسى باشتىلا يېتەرلىك يۇقىرى بېكىتىلسە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە پويىز بېلىتىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىمۇ بارا-بارا يوقىلىشى مۇمكىن.
 

چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى ئانچە يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسى توغرىسىدا، سىز يەنە تولۇقلاشقا ئەرزىگۈدەك قانداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەمسىز؟

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0