شۆ جاۋفېڭ كىم؟
شۆ جاۋفېڭ 1968-يىلى گۇاڭدوڭدىكى بىر ئاددى ئائىلىدە تۇغۇلغان. 23 يېشىدا شېنجېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوللىنىشچان ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ئەزەلدىن ئىقتىسادشۇناسلىق بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغانىدى.

تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!

ئىقتىسادشۇناسلىقنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش، بىر قېتىملىق سۆھبەتتىن باشلىنىدۇ. بىر قېتىم بىر ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچى دەرستىن قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: «مۇئەللىم بۈگۈن دەرسخانىدا بىزگە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۈچ تۈرلۈك كەشپىياتى، يەنى "ئوت، چاق ۋە مەركىزىي بانكا"نى سۆزلەپ بەردى.» دەيدۇ.

شۆ جاۋفېڭ ھەرقانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمەيدۇ، ئوت بىلەن چاق ھەممىگە ئايان، ئەمما مەركىزىي بانكا قانداق قىلىپ ئۇنىڭ بۇ سەپكە تىزىلالايدۇ؟
ئۇ بۇ مەسىلىگە قىزىقىپ، ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە باشلايدۇ، بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تور ۋە ھەرقايسى چوڭ گېزىت-ژۇرناللاردا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق قارىشىنى ئېلان قىلىدۇ.

تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!

35 ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇ ئامېرىكا گېئورگې ماسون ئۇنىۋېرسىتېتى (George Mason University)غا بېرىپ ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە بىلىم ئاشۇرىدۇ ھەمدە ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ، يەنە گېئورگې ماسون ئۇنىۋېرسىتېتىدا قېلىپ «قانۇن ئىقتىسادشۇناسلىقى» دەرسىنى ئۆتىدۇ، كېيىن يەنە ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاشتى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئۇ قانۇن ئىقتىسادشۇناسلىقى جەھەتتە نەچچە يۈز پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇن ژۇرناللار ئۇنى ئاشكارا تەقدىرلەيدۇ.
42 يېشىدا تەكلىپكە بىنائەن ۋەتەنگە قايتىپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت تەرەققىيات شۆيۈەنىدە قانۇن ئىقتىسادشۇناسلىقى پىروفېسسورى بولىدۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكەن يەتتە يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۇنىڭ دەرسلىرى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، ئاممىباب بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىدۇ.

2017 ـ يىلى، 49 ياشلىق شۆ جاۋفېڭ «قوشۇمچە كەسىپ» سەۋەبىدىن مالىيە ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى» بولۇشتەك سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
ھەقىقىي ئىقتىساد تەپەككۇرى دېگەن نېمە؟
ئىقتىسادشۇناسلىق غايەت زور ئىلىم، كەسپىي ئالىم بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممە تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. چەكلىك ھەجىم بىلەن، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئېسىل تەرەپلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، مېنىڭچە مەزكۇر «ھەقىقىي ئىقتىساد تەپەككۇرى » بىر مۇۋاپىق كىرىش ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ.
مەسىلە شۇكى، ھەقىقىي ئىقتىساد تەپەككۇرى دېگەن نېمە؟
ھەقىقىي ئىقتىساد تەپەككۇرى ئىنسان تەبئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. بۇ ئىزدىنىش جەريانىدا سان مۇھىم ئەمەس، ئاتالغۇ مۇھىم ئەمەس، يەكۈنمۇ مۇھىم ئەمەس؛ تەسەۋۋۇر كۈچى مۇھىم، كۆزىتىش نۇقتىسى مۇھىم، ئەقلىي خۇلاسە مۇھىم، دەڭسەپ كۆرۈش تېخىمۇ مۇھىم.
فىزىكا ئىلمى ئادەمسىز دۇنيانى تەتقىق قىلىدۇ، ئىقتىسادشۇناسلىق ئادەم بار دۇنيانى تەتقىق قىلىدۇ. ھەر ئىككى پەن ئادەم بولۇشنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى، ئەمما جانلىق، ئۆزگىرىشچان ئۆزگەرگۈچى مىقدار قوشۇلسا، ئىقتىسادشۇناسلىق فىزىكىغا قارىغاندا كۆپ تەسكە توختايدۇ، چۈنكى ئىقتىسادشۇناسلىققا ئادەم ۋە ئىشنى سىناش قوشۇلىدۇ.
پرىنسىپنى ھەمىشە ئاسان چۈشەنگىلى بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئاسان ئەمەس. بۇ يەردە سەككىز نۇقتىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇرىنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتىنى يەكۈنلەپ، بۇ كىتابنىڭ ئاخىرقى خاتىرىسى قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ۋە چۈشىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!

ساختىلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغىنىلا ھەقىقىي
20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ كارل پوپپېر (Sir Karl Popper) ساختىلىقىنى ئىسپاتلاش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنى ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن ئىلمىي بولمىغان نەزەرىيە ئوتتۇرىسىغا بىر چېگرا سىزىقى سىزىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا زور رول ئوينىدى.
پوپپېردىن بۇرۇن، كىشىلەر «پەقەت ھادىسىلەرنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، خاتىرىلەپ، خۇلاسىلەپ، رەتلەپ، يىغىنچاقلاپ چىقسىلا، بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن نەزەرىيە سىستېمىسى ئىلمىي نەزەرىيە دەپ ئاتىلىدۇ.» دەپ قارايتتى. نيۇتون مېخانىكىسى بىر خىل ئىلمىي نەزەرىيە، ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيەسى بىر خىل ئىلمىي نەزەرىيە، فرېئۇدنىڭ پىسخىكىلىق ئانالىزىمۇ بىر خىل ئىلىمىي نەزەرىيە.
ئەمما پوپپېر ئىجادىي ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «خاتا بولۇشى مۇمكىن بولغان نەزەرىيە ئىلمىي نەزەرىيەدۇر. بۇ نەزەرىيەلەردە باياننىڭ مەزمۇنى قانچە مول، قانچە توغرا بولسا، ئۇنىڭدا خاتالىق كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ ساختا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.»
خاتا بولۇشى مۇمكىن بولمىغان نەزەرىيە ئىلمىي نەزەرىيە ئەمەس. بۇ ھەرگىزمۇ پەقەت ئىلىم-پەنلا قىممەتكە ئىگە دېگەنلىك ئەمەس، ئىلىم-پەن بولمىسا قىممەت بولمايدۇ دېگەنلىكمۇ ئەمەس، بەلكى بىرەر بىلىمنى ئۆگەنگەندە، ئۇنىڭ زادى ئىلىم-پەن ھېسابلىنىدىغان-ھېسابلانمايدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشىمىز، ئۇنى بىر پەن قاتارىدا ئۆگىنىشىمىز كېرەكمۇ-يوق؟ دېگەننى ئويلىشىشمىز كېرەك دېگەنلىكتۇر.
رېئال تۇرمۇشتا فىزىكا، خىمىيە، ئاسترونومىيە، ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ھەممىسى ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، سەنئەت يەنە لوگىكا ۋە ماتېماتىكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم-پەن ئەمەس، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ۋە رولى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئىلمىي بولمىغان ئىلىم بىزگە قەلب تەسەللىسى، ئىدىيە ئىلھامى، ئەقلىي خۇلاسە قورالى تەمىنلەيدۇ. ئىلمىي بولمىغان ئىلىمنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى پەقەت بىر خىل ھېسسىيات، بىر خىل ئارزۇ، بىر خىل مەسىلىگە قاراش نۇقتىسى بولۇپ، توغرا-خاتالىق پەرقى يوق؛ ياكى بىر خىل لوگىكىلىقى مۇۋاپىق، ئۆز گېپىنى ئاساس قىلىدىغان بەلگە سىستېمىسى. ئۇلار مەڭگۈ راست.
پۈتكۈل ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلىمىدە، كۆپ قىسىم مەزمۇن ئىلمىي مەزمۇنغا كىرىدۇ، يەنى ئۇ خاتا، دەلىللەشكە بولىدۇ. مەسىلەن، باھانى باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلسا كەملىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلسە، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلەيدۇ؛ ئۇرۇش مالىمانچىلىقى يىللىرى ھەقىقىي ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلەيدۇ؛ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش كەم بولسا، قىلمىشنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولمىسا، كىشىلەر بىپەرۋالىق، ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ، بايلىقنى ئىسراپ قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيەسىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان دەلىللەشكە بولىدىغان قىياسلار، شۇڭا، ئىقتىسادشۇناسلىقنى ناھايىتى زور دەرىجىدە بىر پەن، ئىجتىمائىي ھەرىكەت قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى ئىجتىمائىي پەن دەيمىز.
ئەلۋەتتە، ئىقتىسادشۇناسلىقتىمۇ ئىلمىي بولمىغان مەسىلىلەرگە تەۋە بەزى مۇھاكىمىلەر بار، مەسىلەن، بىر گۈزەل ئىش قانداق بولۇشى كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ئادىل، ھەققانىي بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا تۆۋەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ دېگەندەك بۇ مۇلاھىزىلەر ناھايىتى زور دەرىجىدە بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ شەخسىي مايىللىقىغا باغلىق.
ئىقتىسادشۇناسلىق بىر ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك پەن، ئۇ ساپ ئەمەس، بىزمۇ ئۇنى ساپ دەپ زورلىمايمىز. لېكىن پوپپېرنىڭ تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى بىزگە شۇنى ئېنىق بىلدۈرىدۇكى، مۇزاكىرە جەريانىدا، ئۆزىنىڭ مۇزاكىرە قىلىۋاتقىنى زادى ئىلىم-پەن كاتېگورىيەسىگە تەۋەمۇ ياكى ئىلىم-پەن كاتېگورىيەسىگىمۇ؟ ئۇ بىزنى كەسكىن، ئۇزۇن مۇھاكىمە جەريانىدا نىشاندىن ئادىشىپ قالماسلىققا ئۈندەيدۇ.
تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!

تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ھەقىقىي
ھازىرقى زامان ئىقتىسادشۇناسلىقى ماتېماتىكىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، ماتېماتىكىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى ئورنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. ئادام سىمىتتىن كېينېسقىچە ئىقتىسادشۇناسلىق ئاساسلىقى كۈندىلىك تىل بىلەن بايان قىلىنغان، ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي ماقالىسىنىڭ تېكىستى كۈندىلىك تىل بولۇپ، ماتېماتىكا، مودېل، تەڭلىمە ئادەتتە ئىزاھات ياكى قوشۇمچىغا قويۇلغان. بىراق بۈگۈنكى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي ماقالىسى دەل ئەكسىچە بولۇپ، تېكىست ئىچىدە نۇرغۇن سان، مودېل، تەڭلىمە بار، چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك مەزمۇن بولسا كۆپىنچە ھاللاردا ئىزاھات ھەتتا قوشۇمچە ئىچىگە قويۇلىدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ يۈكسەك ماتېماتىكىلىشىشىنىڭ نەتىجىسى شۇكى، ئۇنىڭ مەزمۇنى، تەتقىقاتى ھەقىقىي تۇرمۇشتىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى. ئىقتىساد ئىلمىدىكى ماتېماتىكىنى زىيادە قوللىنىش خاھىشىغا قارىتا، بەزى ئىقتىسادشۇناسلار ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەنقىد بەردى.
ئىقتىسادشۇناس دېئىردرې مەكلوسكىي (Deirdre McClosky) بىر «ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ رەزىللىكى ۋە كاپىتالىستلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى (The Vices of Economists; The Virtues of the Bourgeoisie, 1997)» كىچىك كىتابنى يازغان بولۇپ، بۇ كىچىك كىتابتا، مەكلوسكىي 1ـ، 2- ۋە 12-نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ تەتقىقات مېتودولوگىيەسىنى تەنقىد قىلىش ئارقىلىق، ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى نامۇۋاپىق ماتېماتىكىلىق قوللىنىشنى چۈشەندۈرگەن.
ئۇ تۇنجى نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جيەن تىنبېرگېن (Jan Tinbergen)نىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئىلمىنى بەرپا قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. مەكلوسكىي «بۇ ئىلىم ئىنسانلار جەمئىيىتىنى فىزىكا دۇنياسى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىش فىزىكا دۇنياسىنى ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش ئاسان دەپ قارايدۇ.» دېگەن.
ئۇ ساموئېلسوننىڭ قارا دوسكا ئىقتىسادشۇناسلىقىنى تەنقىدلەپ «ئۇنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىقى ھەقىقىي دۇنيادىن يىراق. سامۇئېلسون گەرچە ئەزەلدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ يىللاردىن بۇيان ماتېماتىكىلىق تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يەكۈن چىقارغان، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى ناھايىتى تېزلا ئامېرىكىغا يېتىشىپ، ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلانغان كۈنى ئاندىن بولدى قىلغان.» دېگەن.
ئۇ يەنە 1980-يىلى نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لاۋرېنس كلېئىن (Lawrence Klein)نى تەنقىد قىلىپ «ئۇ بەرپا قىلغان ئۆلچەم ئىقتىسادشۇناسلىقى، ئىلىم-پەننىڭ روشەنلىكى ۋە ئادىمىيەت مۇھىملىقىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن، نەتىجىدە كىشىلەر تەدبىر بەلگىلەپ ھۆكۈم چىقارغاندا، ئادىمىيەت قىممىتىنى ئويلاشمىغان. مەسىلەن، سائەتلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئەگەر بىر ئامېرىكا دوللىرى ئۆستۈرۈلسە، مىڭدىن بىر ئىشسىزلىق پۇرسىتى كۆپىيىدۇ، بۇ مىڭدىن بىر زادى كۆپمۇ ياكى ئازمۇ؟ بىر جەمئىيەتتە ئۇ نەچچە ئون مىڭ، نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنىڭ ئىشسىز قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ زادى مۇھىممۇ ئەمەسمۇ؟ ئىلىم-پەن، ماتېماتىكا ۋە ستاتىستىكا ئىلمىنىڭ ئۆزى بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمەيدۇ، ئۇنىڭغا ئادىمىيەت قىممەت قارىشىنى قوشقاندىلا ئاندىن ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ.» دېگەن.
مەكلوسكىي مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئىنسانلارنىڭ ئۆتكەن 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى چۈشەندۈرۈشى ئۈچۈن، ئىلگىرىكى ئىقتىسادشۇناسلار پىششىق بىلىدىغان ئۇقۇم، قوراللارنى ئىشلىتىشلا كۇپايە قىلمايدۇ.»
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ بەزىلەرنىڭ ئېكسپلاتاتسىيە قىلغانلىقىدىن ئەمەس، ئېكسپلاتاتسىيە پەقەت بايلىقنىڭ يۆتكىلىشىنىلا چۈشەندۈرەلەيدۇ، بايلىقنىڭ ئېشىشىنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ؛ بۇ شۇنداقلا نوقۇل مەبلەغ سېلىشتىن بولغان ئەمەس، ئەگەر پۇلنى بىر يەرگە يىغسىلا ئېشىش كۆرۈلىدىغان ئىش بولسا، ئۆتمۈش تارىختىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بايلىق توپلىغان، بايلىق توپلىغاندىن كېيىنمۇ بۇنداق ئىقتىسادىي ئېشىش كۆرۈلۈپ باقمىغان.
مەكلوسكىي مۇنداق دەيدۇ: «يېقىنقى 200 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولغان كۈچ يېڭىلىق يارىتىش، كارخانىچىلار روھى، زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى، سودىگەرلەرنىڭ تېجەشلىك بولۇشى، توختامغا رىئايە قىلىشى، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى، خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىشىدەك گۈزەل ئەخلاقىدۇر. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇ ئامىللار بولسا، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادشۇناسلىق تەھلىل سىستېمىسىدىن ئورۇن تاپالمايدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلىققا دائىر دەرسلىكلەرنى ۋاراقلايدىغان بولساق، باھا ۋە مىقدارلا بولۇپ، سۈپەتنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە كارخانىچىلار روھىنى دېمەيلا قويايلى. مەكلوسكىي بىزنىڭ ئىقتىسادىي تەھلىل قىلىش جەريانىدا، كۆزىتىش، سۈرەتلەش ۋە ئۆلچەش ئاسان بولمىغان بۇ ئامىللارنى قوشقاندا، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تېز ئىلگىرىلەشنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى، تەمىنلەشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئىچىدىن ئىزدەپ تېپىلغان دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ.
تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!

كۆرگىلى بولمايدىغاننى كۆرۈش ھەقىقىي
باسشاغا ئوخشاش، ئىقتىسادشۇناس ۋوت ۋېليامۇسمۇ ئىلگىرى «نۇرغۇن كىشىلەر ئىقتىسادشۇناسلار ھەر خىل ئېقىملارغا بۆلۈنىدۇ، يەنى ئاۋسترىيە تەرەپدارلىرى، چىكاگو تەرەپدارلىرى، كېينېس تەرەپدارلىرى دەپ ئايرىلىدۇ.» دېگەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادشۇناسلار پەقەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ياخشى ئىقتىسادشۇناس ۋە ناچار ئىقتىسادشۇناس.
ياخشى ئىقتىسادشۇناسلار قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ ناھايىتى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇلار كۆرگىلى بولمايدىغاننى كۆرەلەيدۇ. ياخشى ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇرى مەلۇم يەككە ئۆلچەم جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ چەكنى قوغلاشمايدۇ، ئۇنىڭ قوغلىشىدىغىنى مەڭگۈ ھەر خىل تاللاش تۈرلىرى ئىچىدىكى مارگىنال تەننەرخ بىلەن مارگىنال پايدىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى. بىز ھەر خىل مۇمكىن بولغان تاللاشلاردىن باشلاپ، كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈشىمىز كېرەك.
بىز مەسىلىلەرگە ۋاقىت ئۆلچىمى بويىچە قاراپ، بۈگۈن بىلەن كەلگۈسىنى سېلىشتۇرۇشىمىز كېرەك. تەسەۋۋۇر كۈچى ئىنتايىن مۇھىم، بىز كەلگۈسىدىكى پايدىنى قانچىلىك ئېنىق، قانچىلىك كونكرېت، قانچىلىك چوڭ ئويلىيالىساق، بۈگۈن سالغان مەبلىغىمىز، بەرگەن قۇربانلىقىمىز، قىلغان ئۆزگىرىشىمىز شۇنچىلىك چوڭ بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ئالدىراپ تاقەت قىلالمايدۇ، خۇددى ئەتىسى يوقتەك؛ بەزى كىشىلەر يىراقنى كۆرەلەيدۇ، ئىنتايىن زور پىلان تۈزەلەيدۇ. كەلگۈسىگە بولغان تەسەۋۋۇر كىشىلەرنىڭ تەننەرخ ھېسابلاشقا بولغان ئوخشىماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
كۆرگىلى بولمايدىغاننى كۆرۈشتە، مەسىلىگە رىقابەت نۇقتىسىدىن قارىساق بولىدۇ. رىقابەتنىڭ ئۆزىدە تەننەرخ بولىدۇ، ماددىي نەرسىنىڭ تەننەرخىدىن باشقا، ئىسراپ بولغان ۋاقىت، زېھىن ۋە پۇرسەتمۇ رىقابەتنىڭ تەننەرخى ھېسابلىنىدۇ.
بىز كۆرگىلى بولمايدىغاننى كۆرۈشتە، يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن مەغلۇب بولغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن رىقابەتنى «بىر گېنىرالنىڭ غەلبىسى نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كېلىدۇ.» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە بولىدۇ، «يەڭگۈچى ھەممىنى يەيدۇ.» دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن رىقابەتچىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك، «يەڭگۈچىلەر ھەممىنى يەۋېتىدۇ.» دېگەن بۇ خىل قائىدە تۈپەيلىدىن، ئۇلار بازاردىن ئايرىلىپ، ئۇنتۇلۇپ كەتتى. بىز بىر كەسىپتىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىلا ئەمەس، يەنە بۇ كەسىپتىكى مەغلۇب بولغۇچىلارنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك؛ كەسپتە ھوسۇل ئالىدىغان پەسىلنى كۆرۈپلا قالماي، ئۇرۇق سالىدىغان پەسىلنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك، بۇ بىز كۆرەلمەيدىغان بىر نۇقتا.
بىز يوشۇرۇن رىقابەتچىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. زادى بىر بازار رىقابەتمۇ ياكى مونوپولمۇ، ئاددىي ھالدا بازاردا پەيدا بولغان، تىجارەت قىلىۋاتقان رىقابەتچىلەرنىڭ سانىنى سانىماي، يوشۇرۇن رىقابەتچىلەرگىمۇ قارىشىمىز كېرەك. ئۇلار بازارغا كىرگەندە زادى ئادەملەر تەسىس قىلغان مەمۇرىي توسالغۇغا ئۇچرامدۇ-يوق قاراپ بېقىشىمىز كېرەك. پەقەت توسالغۇ مەۋجۇتلا بولىدىكەن، بازاردا ھازىر بار رىقابەتچىلەرنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇلارنىڭ ھەممىسى بېكىنمە بازار، مونوپول بازار، رىقابەت كەم بازار بولىدۇ؛ ئەگەر بۇنداق توسالغۇ بولمىسا، كىشىلەر خالىغانچە كىرىپ چىقالىسا، ئۇنداقتا كۆرگىلى بولىدىغان رىقابەتچىلەرنىڭ سانى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تولۇق رىقابەتلىشىدىغان بازاردۇر.
بىز يەنە يوشۇرۇن تەمىنلەش ۋە يوشۇرۇن ئېھتىياجنى كۆرۈشىمىز كېرەك. تەمىنلىگۈچى بىلەن تەمىنلەنگۈچى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق يوق، بىز تەمىنلىگۈچى بىلەن تەمىنلەنگۈچىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل رولنىڭ باھانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك.
بىز يەنە شەخسىي چىقىم بىلەن ھۆكۈمەت چىقىمى ئوتتۇرىسىدىكى سەپلىمە (ئورنىنى بېسىش) مۇناسىۋەتنى كۆرۈشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ چىقىمى كۆپەيتكۈچى ئېففېكت پەيدا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. بىز ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆتكۈزگەن چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ ساياھەتچىلىككە بولغان تەسىرىنى، چوڭ تىپتىكى ئاساسى قۇرۇلۇشنىڭ خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان تەسىرىنى، شۇنداقلا كەڭ كۆلەملىك قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى كۆرەلىشىمىز كېرەك. لېكىن ئوخشاشلا مۇھىم بولغىنى شۇكى، بىز ھۆكۈمەت خەجلىگەن بۇ پۇل، ئىشلەتكەن بۇ مەبلەغ، يۆتكىگەن بۇ بايلىقلار ئەگەر شەخسنىڭ قولىغا چۈشۈپ، شەخسنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلسە، كۆپەيتكۈچى ئېففېكت پەيدا قىلالامدۇ-يوق؟ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ يۇقىرى كۆپەيتكۈچى ئېففېكتى پەيدا بولامدۇ-يوق؟ دېگەننى سوراپ بېقىشىمىز كېرەك.
تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!

سەۋەبى ۋە نەتىجىسىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغىنى ھەقىقىي
ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئىنتايىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بىر مۇھىم تارماق بار، ئۇ «ئۆلچەم ئىقتىسادشۇناسلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ مەخسۇس ئوخشاش بولمىغان ئۆزگىرىشچان مىقدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە ناھايىتى مۇھىم بىر خىل مۇناسىۋەت بولۇپ، باغلىنىشچانلىق مۇناسىۋىتى دەپ ئاتىلىدۇ. بىز چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بىر خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە يەنە بىر خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى ئەگىشىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقىساقلا «ئۇلار ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار، باغلىنىشلىق ۋەقەلەر ئوتتۇرىسىدا بىرلا ۋاقىتتا سەۋەب-نەتىجە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.» دەيمىز.
ئەر سەنئەتكارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇن چاچ قويۇۋالغان دەپ پەرەز قىلساق، بۇ ۋاقىتتا ئۇزۇن چاچ بىلەن بەدىئىي سالاپەت ئارىسىدا باغلىنىش مەۋجۇت بولىدۇ. لېكىن بۇ باغلىنىش سەۋەب-نەتىجە خاراكتېرىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، سىزنىڭ تۇيۇقسىز سەنئەتكار بولغۇڭىز كېلىپ قالسا، چېچىڭىزنى ئۇزۇن قويسىڭىز سەنئەت خاراكتېرىڭىزنى ئاشۇرۇپ، سەنئەتكار بولۇشىڭىز ناتايىن. ئۇزۇن چاچ بىلەن بەدىئىيلىك ئوتتۇرىسىدا ئۈچىنچى يوشۇرۇن ئامىل مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ بىر قەدەر مۇتەئەسسىپ جەمئىيەتتە، پەقەت ئاشۇ ئىنتايىن مۇستەقىل كىشىلەرلا ئۇزۇن چاچ قويالايدۇ، يالغۇز ھەرىكەت قىلىش ئالاھىدىلىكى بولسا سەنئەتكارلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى.
ئۇزۇن چاچ قويۇش بەدىئىيلىكنى پەيدا قىلغان بولماستىن، بەلكى ئاشۇ كۆرۈنمەس، يۇشۇرۇن ئامىل، يەنى مۇستەقىل ھەرىكەت بەدىئىيلىكنى پەيدا قىلغان.
نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار بىزنىڭ ئىلگىرى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئىلگىرى كىشىلەر «ياخشى ئارزۇ بولسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتى، ئىقتىسادشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كۆپ ھاللاردا كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئاندىن سەۋەب ئىزدەيدۇ، بۇ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە بولغان بىر ئاغدۇرمىچىلىق.
مەسىلەن، بىز تەننەرخنى مۇزاكىرە قىلغاندا «بوغالتىرلىق دەرسىدە ئۆگەنگەنلىرىمىزدە خام ئەشيانىڭ تەننەرخى ئاخىرقى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنى بەلگىلەيدۇ، ۋاقىت جەھەتتىن قارىغاندا، كۆپ ھاللاردا شۇنداق بولىدۇ.» دەپ ئۆگەنگەن. لېكىن ئىقتىسادشۇناسلىق لوگىكىسى ئەكسىچە، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى ئاخىرقى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنى بەلگىلەيدۇ، ئاخىرقى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسى بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە ھەر بىر خىل ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنىڭ تەننەرخىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتكۈل قىممەت پەيدا قىلغان سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى تەتۈر بولىدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلىق ئادەمنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن، ئادەمنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ۋەقەلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تېپىپ چىقىپلا قالماي، يەنە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىمۇ بېكىتىش كېرەك. كىشىلەردە ئوخشاش بولمىغان ۋەقەلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە قارىتا ئۇنداق ياكى مۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراش ھەتتا خاتا چۈشەنچە مەۋجۇت، ئىقتىسادشۇناسلىق تەھلىلى بولسا بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈزىتەلەيدۇ.
تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!

پاكىت بىلەن تىلنى پەرق ئېتەلەيدىغىنى ھەقىقىي
بىز ئىقتىسادشۇناسلىقنى تەھلىل قىلىش جەريانىدا ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئېنىقلىما، ئۇقۇم، ھۆكۈم، ئەقلىي خۇلاسە ئارقىلىق ئىگىلەشتىن خالىي بولالمايمىز، لېكىن بىز قوللىنىۋاتقان بۇ تىللارنىڭ ئۆزى ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ئۆزى بىلەن ھەمىشە بىردەك ئەمەس. ئۇلار ئالمىشىپ قالغان ھەتتا توقۇنۇش پەيدا قىلغان چاغدا، بىزنىڭ ئۆزگەرتىدىغىنىمىز بىزنىڭ تىلىمىز، ئېنىقلىمىمىز، ئۇقۇمىمىز، يەكۈنىمىز ۋە نەزەرىيەمىز، ھەرگىزمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىزدە بار بولغان ئۇقۇمغا ئاساسەن، تەھلىل قىلماقچى بولغان رېئال دۇنياغا مەجبۇرىي تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەمەس. مەسىلەن، ھەر قېتىم سودا يۈز بەرگەندە، سودىلاشقان ئىككى تەرەپ «ئۆزىنىڭ ئېرىشكىنى تۆلىگەندىن كۆپ، تېخىمۇ ئەرزىيدۇ.» دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى پەرقنى بەزىلەر «ئىستېمالچىلار ئېشىندىسى» دەپ ئاتايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ئىستېمالچى ئورتاق ياراتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ئىستېمالچى ئورتاق ئىگە بولغان، بىز ئۇنى تېخىمۇ توغرا ھالدا «سودا ئېشىندىسى (قالدۇقى)» دەپ ئاتىشىمىز كېرەك.
يەنە مەسىلەن، نۇرغۇن مەھسۇلاتلار بىر خىل ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت، ھەرگىزمۇ ئاددىي ئۆلچەملىك مەھسۇلات ئەمەس. بىر يۈرۈش ئۆي دېگەن نېمە؟ بىر ئوپېراتسىيە دېگەن نېمە؟ ئۆگىنىش پۇرسىتى دېگەن نېمە؟ بىر مەشغۇلات سىستېمىسى دېگەن نېمە؟ خىزمەت دېگەن نېمە؟ ھەممىسىدە بىر يەككە ئۆلچەم مەۋجۇت ئەمەس.
تۇرالغۇ سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، بىز ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ باققان، ئەگەر مەزمۇنى مول، كۆپ خىل ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتنى ئاددىي ئۆلچەملىك مەھسۇلات دەپ قارىساق، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن تۈزۈلگەن ئىقتىسادىي سىياسەتتە ھەر خىل ئويلاپ باقمىغان ئېغىش پەيدا بولىدۇ.
يەنە مەسىلەن، بەزىلەر ئەسلىدە تاۋار بولغان تاۋارلارغا تاۋار ئورنىدا مۇئامىلە قىلمايدۇ. بۇ تاۋارلارنى «تاۋار ئەمەس دەپ جاكارلىغاندىلا مەھسۇلاتنىڭ كەملىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.» دەپ قارايدۇ. ئۇ پاكىت بىلەن تىل ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلاشتۇرىۋېتىش خاتالىقىدۇر.
مەكتەپ رايونىدىكى ئۆيلەر بىر ياخشى مىسال. ئىلمىي ئۇنۋاننىڭ تاۋارلىقىنى ئىنكار قىلغاندا، كىشىلەرنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانغا بولغان قوغلىشىشىنى تۇرالغۇغا بولغان قوغلىشىشقا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئەسلىدە ئاتا-ئانىلار مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا تۆلەيدىغان ھەقنى ھازىر ئۆي-زېمىن تەرەققىيات سودىگەرلىرىگە تۆلەيدىغان بولدى؛ ئەسلىدە ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، پەقەت ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلەش-تۆلىيەلمەسلىك مەسىلىسى ھازىر ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىۋالالماسلىققا ئۆزگەردى؛ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرقى ئەسلىدە ئىمتىھان نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىدى، ھازىر ئاساسلىقى ئاتا-ئانىلارنىڭ بايلىق سەۋىيەسىنىڭ بەيگىسى بولۇپ قالدى. تاۋارغا تاۋار ئورنىدا مۇئامىلە قىلمىغاندا، مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ھەل قىلىش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
بىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى قارشىلىق كۆرسەتكىلى بولمايدىغان قانۇنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، بۇ قانۇنىيەتلەرگە ماسلىشىدىغان كىشىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك، مەيلى قانداق قاراش، نەزەرىيە، شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن قەتئىينەزەر، تىل مۇھىم ئەمەس، تىل بىلەن ئورالغان ھەرىكەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىش-كەلمەسلىكى مۇھىم.
تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!

ئارزۇ بىلەن نەتىجىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغىنى ھەقىقىي
ئىقتىسادشۇناسلىق مەخسۇس ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغان قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. يامان ئادەملەر يامان ئىش قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى باشقۇرىدۇ؛ ياخشى ئادەملەر ياخشى ئىش قىلسا، ئاھالىلەر كومىتېتى باشقۇرىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، يامان ئادەملەرنىڭ ياخشى ئىش قىلىشى، شۇنداقلا ياخشى ئادەملەرنىڭ يامان ئىش قىلىشى، ئاشۇ ئىشلارنىڭ ئويلىغان يەردىن چىقماسلىقىدىكى سەۋەبتۇر.
مەسىلەن، بىر ھاجەتمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ئالمىنى سېتىۋالماقچى بولۇپ، بازارغا كىرىپ دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ئالمىنى ئىزدىگەن ۋاقتىمدا، بۇ قىلمىشىمنىڭ ئۆزى ئالمىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. تەمىنلىگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئەسلىدە ئەڭ قىممەت ئۆينى ساتماقچى ئىدىم، لېكىن تەمىنلىگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆي-زېمىن بازىرىغا كىرىپ بىنا سېلىپ، ئاندىن بىنانى ساتتىم، مېنىڭ ھەرىكىتىم بىنانىڭ باھاسىنى چۈشۈرىۋېتىدۇ. بۇ دەل بىر خىل ئەڭ تىپىك بولغان ئىش كۆڭۈلگە باقمايدىغان ھادىسە.
يەنە مەسىلەن، زادى كىم ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن باجنى تاپشۇرىدۇ؟ ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى كىم تاپشۇرىدۇ؟ كىم توي قىلغاندا ئىشلىتىدىغان ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك سېتىۋالىدۇ؟ ئىقتىساد ئىلمىي سىزگە بۇ ھەرىكەتلەرنى ئەمەلىيەتتە قانۇن، بەلگىلىمە، ئۆرپ-ئادەتلەر بەلگىلىگەن بولماستىن، بەلكى يوشۇرۇن سودىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپنىڭ نىسپىي ئېلاستىكىلىقى بەلگىلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. نىسپىي ئېلاستىكىلىقى بىر قەدەر چوڭ بولغان تەرەپنىڭ ئارتۇقچە تەننەرخنى ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ؛ نىسپىي ئېلاستىكىلىقى كىچىكرەك تەرەپنىڭ ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
بىزدە گۈزەل ئارزۇ بولسىلا ياخشى نەتىجە بولمايدۇ، بىز ئارزۇ بىلەن نەتىجە ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي باغلىنىشنى ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇرى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.
تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!

يەككە بىلەن ئومۇمىينى پەرقلەندۈرەلەيدىغىنى ھەقىقىي
لوگىكا ئىلمىدا «بىرىكمە سەپسەتە (fallacy of composition)» دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار، دېمەكچى بولغىنى يەككە شەخسكە ماس كېلىدىغىنى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ماس كېلىشى ناتايىن. ئەڭ ئاددىي مىسال شۇكى، بىر تىياتىرخانىدا بەزىلەر سەھنىدىكى ئويۇننى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ، ئورنىدىن تۇرغاندىلا ئاندىن ئېنىق كۆرەلەيدۇ. بىر ئادەم ئىككى ئادەم ئورنىدىن تۇرسا، ئۇلار تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيدۇ، ھەممە ئادەم ئورنىدىن تۇرسا، ھېچكىم تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلمەيدۇ. شەخسكە ماس كېلىدىغىنى ھەممىگە ماس كېلىشى ناتايىن.
پۇل شەخسنىڭ پاراۋانلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم. ھەممە ئادەمدە پۇل كەم، كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت ئۆزىنىڭ پۇل مىقدارىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى پۇل ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. لېكىن دۆلەتتە پۇل كەم ئەمەس، ياكى پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەنلا دۆلەتنى باي قىلغىلى بولمايدۇ.
بەزىلەر ھەقسىز داۋالىنىش، مائارىپ، كۈتۈنۈش، ياللىنىپ ئىشلەش، مائاشلىق دەم ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇش شەخسنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل پاراۋانلىق قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى؛ لېكىن جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوقۇم باشقىلار پاراۋانلىق بىلەن تەمىنلەش ئاساسى مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇش بەزى كىشىلەرنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقى، ئۇنداقتا پاراۋانلىق بىلەن تەمىنلەش باشقا بەزى كىشىلەرنىڭ ئاساسى مەجبۇرىيىتى بولۇپ قالىدۇ.
جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك بايلارنى بۇلاپ نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە، ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەڭ پۇلدار كىشىلەردىن باج ئالىدۇ، ئاندىن يىغىلغان باج تولۇقلىمىسىنى جەمئىيەتتىكى ئەڭ نامرات كىشىلەرگە بېرىدۇ. بىراق قانۇن ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى دىرەكتور مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «رېئال ئۈنۈم بۇنداق ئەمەس. جەمئىيەتتىكى زور مىقداردىكى بايلىقنى يۆتكەشكە مۇناسىۋەتلىك جامائەت سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىدىكىلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا جەمئىيەتتىكى ئەڭ نامرات ۋە ئەڭ باي كىشىلەر بەدەل تۆلەيدۇ.»
تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!

ئاساسى پاكىتنى ئەستە چىڭ ساقلىيالايدىغىنى ھەقىقىي
ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا: بەزى ئىشلارنى بىز مەڭگۈ پەرەز قىلالمايمىز.
مۇنداق بىر مەسخىرىلىك ئىقتىسادشۇناسلىق يۇمۇرى بار: بىر فىزىكا ئالىمى، بىر خىمىيە ئالىمى، يەنە بىر ئىقتىسادشۇناس بولۇپ، ئۇلار بىر ئادەمسىز يالغۇز ئارالغا كەلگەن، ئۇلار يېمەكلىككە ئېھتىياجلىق. بۇ چاغدا دېڭىز قىرغىقىدا بىر بوتۇلكا يېمەكلىك كونسېرۋاسى لەيلەپ تۇراتتى، يالغۇز ئارالدا كونسېرۋا پىچىقى يوق ئىدى، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇ كونسېرۋانى ئېچىپ، ئىچىدىكى يېمەكلىكنى يېگىلى بولىدۇ؟ فىزىكا ئالىمى ئۇ ئىگىلىگەن فىزىكا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ «مەن بۇ كونسېرۋانى ئېچىشقا قانچىلىك كۈچ كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقالايمەن.» دەيدۇ. خىمىيە ئالىمى ئۆزى ئىگىلىگەن خىمىيە بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ «مەن بىر قىسىم مىلتىق دورىلىرىنى ياساپ ئۇنى پارتىلىتىۋېتەلەيمەن.» دەيدۇ. نۆۋەت ئىقتىسادشۇناسقا كەلگەندە، ئىقتىسادشۇناس «ئەگەر بىزدە بىر كونسېرۋا پىچىقى بولغان بولسا، بىز بۇ كونسېرۋانى ئاچالايتتۇق.» دەيدۇ. بۇ دەل ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قابىلىيىتى. باشقىلار بىر يۈرۈش مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئىقتىسادشۇناسلار بولسا مەسىلىنى ھەل بولدى دەپلا پەرەز قىلىدۇ.
بۇ يۇمۇرنىڭ بىزگە بېرىدىغان ئىلھامى شۇكى: ئىقتىسادشۇناسلار پەرەز قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بەزى ئىشلارنى بىز مەڭگۈ پەرەز قىلالمايمىز، چۈنكى بۇ ئىشلار مەڭگۈ ھەقىقىي مەۋجۇت.
بىز «رىقابەتتە تەننەرخ بولمايدۇ، باھانى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇچۇر سىممېترىك بولىدۇ، بازارنى تەڭپۇڭ ھالەتكە يەتكىلى بولىدۇ، توختامنى مۇكەممەل، ھەممە ئادەمنى پەرىشتە، سودا خىراجىتى مەۋجۇت ئەمەس.» دەپ پەرەز قىلالمايمىز، «كىشىلەرنىڭ يېڭى ئەھۋالغا ماسلىشىشى ۋە ئۇنى تەڭشىشىگە ۋاقىت كەتمەيدۇ.» دەپ پەرەز قىلالمايمىز.
رېئال مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندا، بەزى مەسىلىلەر، بەزى شارائىتلارنى مەڭگۈ مەۋجۇت ئەمەس دەپ پەرەز قىلالمايمىز، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك.
تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!

مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە:



تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!






تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!






تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!






تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!








تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!








تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!







تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!






تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!







تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!






تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!






تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!



تولۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كىرىپ ئوقۇڭ!


