搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
>
ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
Nepkar
2021-10-07
0
导读:كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بۇ سۆزلەرنى قىلغانلار ھەقىقىي ئاشلىق كرىزىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ب
ئالدىنقى ئايدا، ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 2020-يىللىق ئامېرىكا ئائىلە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى %89.5 ئامېرىكا ئائىلىسى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالىغان ئىكەن. قالغان %10.5 ئائىلە ئاشلىق يېتىشمەسلىك تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە (13 مىليون 800 مىڭ ئائىلە). بۇنىڭ ئىچىدە %3.9 ئامېرىكا ئائىلىسى (5 مىليون 100 مىڭ ئائىلە) بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئاشلىق بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىگە دۇچ كەلگەن.
بۇ يەردىكى بىر قەدەر تۆۋەن ئاشلىق بىخەتەرلىك سەۋىيەسى ئاچ قورساق، يېمەكلىك ئالماقچى بولغاندا يەيدىغان نەرسە تاپالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 60 مىڭ دوللاردىن ئاشقان بىر دۆلەتتە، مەملىكەت بويىچە %4، يەنى 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بىر خىل بىر ۋاق تاماق يېسە، بىر ۋاقلىقىغا تاماق يوق، بۈگۈن كەچتە ئاچ قېلىشتىن ئەنسىرەش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ.
ئادەمنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدىغىنى تۆۋەندىكى بىر گۇرۇپپا سانلار.
2020-يىلى ئامېرىكىدىكى پەرزەنتلىرى بار ئائىلىلەر (2 مىليون 900 مىڭ ئائىلە) ئىچىدە %7.6 بالا يېتەرلىك يېمەكلىككە ئېرىشەلمىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە %0.8 ئائىلە (320 مىڭ ئائىلە) ئىچىدە بالىلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن.
ھالبۇكى، 2019-يىلى، بۇ ئىككى خىل سان ئايرىم-ئايرىم ھالدا %6.5 ۋە %0.6 بولغان.
بالىلارنىڭ قورسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيۋاتقانلىقى بۇ ئائىلىنىڭ يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، چۈنكى ھېچقانداق ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ قورسىقىنى ئاچ قويۇشقا چىدىمايدۇ.
2020-يىلى يىمەكلىك يىتەرلىك بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە چۈشلۈك تاماق پىلانىغا قاتنىشىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكى ٪27.6 تىن ٪19.5 كە چۈشكەن.
بالىلار تويغۇدەك تاماق يېيەلمەسلىكى، ئامېرىكىنىڭ مەھەللە، مەكتەپ، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كىشىلەر ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن زەھەرنىڭ يامراپ كېتىشى، ئوققا تۇتۇش جىنايىتى، ئىرقىي كەمسىتىشنى ئويلايدۇ، لېكىن بۇلارنى تويغۇدەك تاماق يېمەسلىككە سېلىشتۇرغاندا، ئەكسىچە كىچىك ئىش بولۇپ قالىدۇ.
01.
ئامېرىكىلىقلارنىڭ قورسىقى قانداقسىگە ئاچ قالىدۇ؟ بۇ خۇددى ئىچكى موڭغۇللۇقلاردىن نېمىشقا قوي گۆشى يېيەلمەيدىغانلىقىنى سورىغانغا ئوخشاش چۈشىنىش تەس.
چۈنكى ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ھەقىقەتەن بەك تەرەققىي قىلغان. توغرا لىنىيەلىك سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەمەلىي كۈچى ئۇنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن.
كەڭ كۆلەملىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى كەلگۈسى تۇيغۇغا تولغان.
پۈركۈپ سۇغىرىش، بىر پۈركۈپ سۇغىرىش ماشىنىسى بىر چوڭ يەرنى ھۆددىگە ئالغان.
يەر ئاغدۇرۇش، تولۇق ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان 3D سېھرىي ئۈنۈم ھاسىلى.
ئەڭ قالتىس بولغىنى يىغىۋېلىش ھالقىسى بولۇپ، بىر كومبايىن بىلەن بىر رېلىسسىز پويىز كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىكتە تەڭلا ئىشقا كىرىشىدۇ.
بىر كومبايىندا بىر ئادەم مەشغۇلات قىلىدۇ، بىر رېلىسسىز پويىزدا ئىككى ئادەم مەشغۇلات قىلىدۇ، بىر چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۈچ، تۆت ئادەم ئورۇش مەشغۇلاتىنى تاماملايدۇ، يەنە كېلىپ بىر ۋاگونغا مىڭ جىڭ زىرائەت سىغىدۇ، مۇشۇ ئۈنۈم بويىچە، بىر كۈندە نەچچە ئون توننا ئاشلىق يىغىۋالغىلى بولىدۇ، ئۈنۈم نەچچە يۈز ئادەمنىڭ كۈچىگە يېتىدۇ.
بىپايان تۈزلەڭلىككە يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سەپلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك دۆلىتىگە زور بېسىم چۈشۈرگەن.
بىز يەنە مۇنداق بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ باقايلى:
ئامېرىكىنىڭ بىپايان زېمىنىدا 2 مىليوندىن ئارتۇق دېھقانچىلىق مەيدانى بار بولۇپ، ئاشلىق مەھسۇلاتى پۈتۈن يەر شارىنىڭ %16 ىنى ئىگىلەيدۇ؛
330 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتتە يېزا ئىگىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاران 6 مىليون بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛
ئامېرىكا يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ، كالا گۆشى ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، چوشقا گۆشىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛
2016-يىلى، ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئېكسپورت مىقدارى 130 مىليون توننىغا يېتىپ، دۇنيا ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %26 ىنى ئىگىلىگەن.
ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە، ھېچ بولمىغاندا جۇڭگو ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئامېرىكىنى تەخىرسىز ۋە تەھدىت ھېس قىلدۇرالايدۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىكىدە باشقا ئىككى يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى ھىندىستان ۋە جۇڭگودا، قاتتىق دېتال ئەمەلىي كۈچى پۈتۈنلەي ئامېرىكا بىلەن بىر دەرىجىدە ئەمەس.
جۇڭگونىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 618 مىليون توننا، ئامېرىكىنىڭ 440 مىليون توننا، بىزنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمىز ئامېرىكىنىڭكىنىڭ 1.4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، لېكىن نوپۇس ئامېرىكىنىڭكىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ زور مىقداردىكى ئاشلىق ئېكسپورتى ئارقىلىق «دۇنيانى كونترول قىلىش» ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق ئېكسپورت مىقدارى يەر شارى ئاشلىق ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %26 ىنى ئىگىلەيدۇ. قارىماققا %26 لىك نىسبەت ئەمەلىيەتتە يۇقىرى ھېسابلانمايدۇ، ئاۋسترالىيە تۆمۈر رۇدىسى ئېكسپورتى دۇنيا تۆمۈر رۇدىسى ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگونىڭ سىرەك يەر ئېكسپورتى دۇنيا سىرەك يەر ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدۇ.
لېكىن بۇ دېگەن ئاشلىق، بىر دۆلەتنىڭ جان تومۇرى.
باشقا خام ئەشيا ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، ئاشلىقنىڭ ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتىگە بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى. دۆلەت زېمىنى كىچىك، نوپۇسى كۆپ ياپونىيەدىمۇ ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى ٪40 كە يەتكەن.
ئەڭ نامرات ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى %60 كە يېتىدۇ، شۇڭا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئالدى بىلەن جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاشلىقىدا ئۆزىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئاشلىق ئېكىسپورت بازىرىنىڭ %26 نى ئىگىلىشى ھەقىقەتەن ئىنتايىن قورقۇنچلۇق.
نوپۇسنىڭ سانى كۆپ ئەمەس (سەرپىياتى تۆۋەن)، مەھسۇلات مىقدارىمۇ يۇقىرى، بۇ ھال ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئاشلىقىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
دۇنيا ئاشلىق باھاسىنى كونترول قىلىۋاتقان ABCD تۆت ئاشلىق سودىگىرىنىڭ ئامېرىكا يالغۇز ئۈچ ساننى ئىگىلەيدۇ.
بۇ تۆت چوڭ ئاشلىق سودىگىرى ئامېرىكىنىڭ ADM، باڭجى (邦吉)، گاجى (加吉) ۋە فرانسىيەنىڭ لۇئىدافۇ (路易·达孚) بولۇپ، بۇ تۆت ماگنات دۇنيا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ %70 سودا مىقدارىنى ئىگىلىگەن، جەملىگەندە يىللىق سېتىش سوممىسى 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىدىكى ئاشلىق 340 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، تۆت ماگنات بىرلىشىپ خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى تەڭشىيەلەيدۇ، بۇ ئوپېك (欧佩克)نىڭ نېفىت باھاسىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ كۈچلۈك.
لېكىن بىمەنە ۋە قايغۇلۇق يېرى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك بولۇشى، ھەر بىر ئامېرىكىلىقنىڭ تويغۇدەك تاماق يېيەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
02.
سۈتنى تۆكۈۋېتىدۇكى كەمبەغەللەرگە ئىچكۈزمەيدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرىدىكى بۇ كىلاسسىك مىساللارنىڭ ئەمەلىيەتتە كاپىتالىزم تۈزۈمىدە مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ.
ئامېرىكىدا ئەمەلىيەتتە يېمەكلىك كەمچىل ئەمەس، بەلكى كەمبەغەللەر تاماق يېيەلمەيدۇ، بۇ يېمەكلىكنىڭ تاۋار ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئارىسىدىكى خۇسۇسىيەت پەرقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
كاپىتالىستلارنىڭ نەزىرىدە يېمەكلىك تاۋار، نامراتلارنىڭ نەزىرىدە يېمەكلىك تۇرمۇشنى قامدايدىغان زۆرۈر نەرسە.
كەمبەغەللەرنىڭ نەزەرىدە يېسىلا بولىدىغان يېمەكلىك، كاپىتالىستلارنىڭ نەزەرىدە ئەڭ چوڭ پايدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان تاۋار.
مەسىلەن، 10 جىڭ ئالما بار.
بۇنىڭ ئىچىدە %20 ى سۈپىتى ناچار ھەم يېڭى بولمىغان ناچار ئالما، %60 ى ئادەتتىكى ئالما، يەنە %20 ى ھەم چوڭ، ھەم يۇمىلاق ئېسىل ئالما.
ئەگەر بۇ ئون جىڭ ئالمىنى ئارىلاشتۇرۇپ ساتساق، جىڭىنى بەش يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ، ئومۇمىي كىرىم 50 يۈەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى، ئاخىرقى ھېسابتا ئېشىپ قالغىنى چوقۇم ناچار مېۋە بولىدۇ، بۇ ناچار ئالمىلار زادىلا سېتىلماي قالسا، مال زىيانغا ئۇچراپ يۈتۈپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ئالمىلار ئەڭ ئاخىرىدا 50 يۈەنگە سېتىلمايدۇ.
ئەگەر ئالمىنى بىر يەرگە دۆۋىلەپ، ناچار ئالمىنىڭ ھەر جىڭىنى ئىككى يۈەندىن، ئادەتتىكى ئالمىنىڭ ھەر جىڭىنى ئالتە يۈەندىن، ئېسىل ئالمىنىڭ ھەر جىڭىنى سەككىز يۈەندىن ساتساق، ئۇنداقتا ئومۇمىي كىرىم 56 يۈەن بولىدۇ، ناچار ئالما ياخشى سېتىلمىغان ئەھۋالدا، ھەممىسىنى تاشلىۋەتسەكمۇ، يەنىلا 52 يۈەن بولىدۇ، ئارىلاش ساتقانغا قارىغاندا پايدىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
دۆلەت ئىچىدىكى «يەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان»، «پاسسىپ ئىسراپچىلىق» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ئىسراپچىلىقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سودىگەرلەرنىڭ «تەشەببۇسكار ئىسراپچىلىقى» ھېسابلىنىدۇ.
ئىزىلىپ كېتىش، ئوكسىدلىنىش، سولىشىش، سىرتقى يۈزى تەكشى بولماسلىق، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى تاشلىۋېتىلىدۇ، بۇ قىڭغىر، يېرىلغان مېۋىلەرنى شاللىۋەتسەك، ئېشىپ قالغان سورتلۇق مېۋىنى تېخىمۇ يۇقىرى باھادا ساتقىلى بولىدۇ.
جەنۇبىي كالىفورنىيەدىكى %70 تىن ئارتۇق سەۋزىنىڭ ئۆلچىمى بىرلىككە كەلمىگەچكە تاشلىۋېتىلىدۇ، ھەتتا مال جازىسىغا تىزىلىش پۇرسىتىمۇ بولمايدۇ. يېڭى مەھسۇلاتلار رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى خۇددى قېلىپتا سىزىلغان رامكىغا ئوخشايدۇ، چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ھەممىسى شۇنداق رەتلىك.
ئامېرىكىدا ھەر يىلى %7 دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىستېمال ھالقىسىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىنىدۇ.
ئەگەر سىز چوڭ شەھەر مەركىزى كوچىسىدىكى سەرگەردان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ تاللا بازىرى ۋە ئامبار يېنىدىكى ئەخلەت ساندۇقىدىن ئادەتتە سېتىۋېلىشقا پەقەتلا كۆزىڭىز قىيمايدىغان ياخشى نەرسىلەرنى تېپىۋېلىش پۇرسىتىڭىز بار. ئەمما، كۆپ ساندىكى سەرگەردانلار ۋە يېمەكلىك كەمچىل ئائىلىلەردە بۇنداق پۇرسەت بولمايدۇ، مۇكەممەل بولمىغان، ئەمما قورساق تويغۇزالايدىغان «خوراش بۇيۇملىرى» پەقەت ئەخلەت ساندۇقى ۋە ئېتىزدىلا سېسىپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقالمايدۇ.
ھەتتا نيۇيوركتىكى قاغىلارمۇ باشقا جايلاردىنمۇ سېمىز، لېكىن نيۇيوركتىكى سەرگەردانلار قانچىلىك ۋاقىتتا بىر ۋاق ياخشى تاماق يېيەلەيدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.
03.
ئۇزۇندىن بۇيانقى ئىسراپچىلىق يېمەكلىك تەقسىماتىنىڭ تەكشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىلقى ھاسىلاتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس.
قۇرغاق، ھۆل-يېغىن ئاز، ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 2021-يىلى ئامېرىكىنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى مەھسۇلات مىقدارى مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى.
بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ %63 يازغى بۇغدىيىنىڭ ھوسۇلى «ياخشى ئەمەس ياكى ئىنتايىن ناچار» بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە بۇ سان ئاران %6 بولغان. يەنە كۆممىقوناق بىلەن سويا پۇرچاقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئوخشاشلا يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق زاپىسىمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرماقتا. ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئايلىق تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج دوكلاتىدا، بۇ ئورگان كۆممىقوناق، بۇغداي ۋە سېرىق پۇرچاقنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىسكىلات قالدۇقىنى 2013-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە قىلىپ بېكىتتى.
تېرىقچىلىقتا كۈن تەس بولسا، باقمىچىلىقتا قىيىنچىلىق تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شىمالىي داكوتا ئىشتاتى چارۋىچىلىق مەيدانى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھاۋا ئىزچىل قۇرغاق بولغاچقا، شۇ جاينىڭ قۇرۇق ئوت مەھسۇلات مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكى نورمال سەۋىيەنىڭ %10 تىن %25 كىچە بولۇپ، ئېتىزلاردىن ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ ياكى قۇرۇپ كەتكەن زىرائەتلەرنى ئورۇپ، قۇرۇق ئوت-چۆپ قىلىپ چارۋا بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.»
ناچار كېلىمات ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ كېمىيىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ بۇغداي، كۆممەقوناق ۋە سېرىق پۇرچاق قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ باھاسى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %10.8، %39.6 ۋە %18.4 ئۆسكەن. ئاساسىي زىرائەتلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئەڭ ئاخىرىدا يېمەك-ئىچمەك ۋە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئەڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاچ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (دىققىتىڭىز
«دۇنيا بىر مەيدان ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلدى»
ناملىق يازمىدا بولسۇن!)
ئاشلىق بازار قانۇنىيىتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدىغان نەرسە.
نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بازار قانۇنىيىتىنى نېمە ئۈچۈن كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟ ئىستېمالچىلار باھاغا بەك سەزگۈر بولغاچقا، بىزنىڭ تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارىمىز ناھايىتى كۈچلۈك.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز بازار قانۇنىيىتىنى تەڭشەپ كونترول قىلالايدىغان نەرسە چوقۇم تەمىنلەش بىلەن تەلەپ مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ئېلاستىك نەرسە. ساپ ئېھتىياجدا سىزنىڭ باھا ئارقىلىق ئېھتىياجنى قامال قىلىشىڭىز بەك تەس. مەسىلەن، نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىمقى توك چەكلەش (دىققىتىڭىز
«توك چەكلەش ئويۇنى»
ۋە
«نېمە ئۈچۈن توك ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟»
ناملىق يازمىدا بولسۇن)تە بىز باھانى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن توك ئىشلىتىش مىقدارىنى تىزگىنلىمىدۇق؟ چۈنكى ھازىر توك كېرەك، ئۆيدە ئېلېكتىر سايمانلىرى بەك كۆپ، توك بولمىسا بولمايدۇ، توك باھاسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسىنى 5 مودىن 2 يۈەنگە ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ.
شۇڭا، ساپ تاۋار ئېھتىياجى ئالدىدا، باھا ئارقىلىق تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن، چوقۇم ناھايىتى قېلىپتىن چىقىپ كەتكەن دەرىجىگە كۆتۈرۈش كېرەك.
ئەگەر ھازىر ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى %10 تۆۋەنلەپ كەتسە، ئاشلىق باھاسىنى %10 ئۆستۈرسەك، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى مۇقىملىشامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.
ئاشلىق باھاسى %10 ئۆستۈرۈلگەندە، ئەڭ ئاخىرقى %10 ئادەم ئاشلىق سېتىۋالالمايدۇ، ئاچلىقتىن ئۆلگەنگە قەدەر شۇنداق بولىدۇ.
چۈنكى بايلار ھەرگىزمۇ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ئاز بولغانلىقتىن، تاماقنى ئازراق يېمەيدۇ، شۇڭا ئاشلىق باھاسى ئىزچىل ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىرقى %10 كەمبەغەللەر ئاشلىق سېتىۋالالمىغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.
2018-يىلى، ھىندىستاننىڭ باش پىيىزىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، قىسمەن رايونلاردا باھاسى ھەتتا بىر رۇپىيە \ كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالدى. لېكىن، 2019-يىلى، ھىندىستاننىڭ باش پىيىزىدىن كەم ھوسۇل ئېلىنىپ، باھاسى 25 رۇپىيە \ كىلوگىرامغا ئۆرلىدى. 2019-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، ھىندىستاندا پىيازنىڭ باھاسى يەنە بىر قېتىم شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا 80 رۇپىيە \ كىلوگرامغا چىقتى.
2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، يەر شارى بويىچە ئاشلىقتىن كەم ھوسۇل ئېلىندى، بۇ تەخمىنەن دۇنيا بويىچە ئاشلىقنىڭ مىڭدىن 2 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئافرىقىغا مەركەزلەشتى، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا بۇغداي باھاسى بىۋاستە تۆت ھەسسىدىن ئارتۇق قاتلاندى. تاكى ئەڭ نامرات ئافرىقا دۆلەتلىرى بۇغداي سېتىۋالالماي، ئۆز دۆلىتىدىكىلەر ئاچلىقتىن ئۆلگەنگە قەدەر.
دوستانە ئەسكەرتىش:
يازمىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئەمدى كەلدى، كونا قائىدە بويىچە ئەجىر ھەققى تۆلىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن تولۇق يازمىدىن بەھرىمەن بولالايسىز شۇنداقلا بۇ يازمىنى بىر دوستىڭىزغا ھەقسىز سوۋغا قىلالايسىز!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408