搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
2020-يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 25 كارخانىچى
>
2020-يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 25 كارخانىچى
Nepkar
2020-12-09
1
导读:كارخانا داھىيسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەسىر كۈچى ئۇنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن كې
2020-يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 25 كارخانا داھىيسى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
بىر ئەۋلاد كارخانىچىلارنىڭ بىر ئەۋلاد كارخانىچىلارغا خاس بۇرچى بولىدۇ. كارخانا داھىيسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەسىر كۈچى ئۇنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن كېلىدۇ.
12-ئاينىڭ 7-كۈنى 2020 (19-نۆۋەتلىك) جۇڭگو كارخانا داھىيلىرى يىللىق يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۈرى «2020-يىلىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 25 كارخانا داھىيسى» رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى ۋە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تىزىملىكنى «جۇڭگو كارخانىچىلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى ئېلان قىلدى، شۇ كۈنى كەچتىكى مۇكاپات تارقىتىش كېچىلىكىدە «بىزنىڭ دەۋرىمىز» باش تېما قىلىنىپ، بۇ يىللىق تەسىر كۈچى ئەڭ زور 25 كارخانا داھىيسى ئېلان قىلىندى.
2020-يىلى ئالاھىدە بىر يىل بولدى. يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خۇددى ئويلاپ باقمىغان «قارا ئاققۇ»دەك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنى، شۇنداقلا خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى. بىر ئەۋلاد كارخانىچىلارنىڭ بىر ئەۋلاد كارخانىچىلارغا خاس بۇرچى بولىدۇ، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدە، ئۇلار جەڭ ئېلان قىلغۇچى ۋە ئاغدۇرغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن پەيدا بولۇپ، مۇمكىنسىزلىك ئىچىدىن مۇمكىنچىلىكنى ئىزدەپ، ئېنىقسىزلىق ئىچىدىن مۇئەييەنلىكنى ئىزدەپ كەلدى.
«ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 25 كارخانا داھىيسى» تىزىملىكى 18-نۆۋەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ 18 يىل ئىچىدە، نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى، شىركەتلەردە ئەۋلادلار ئارا ۋارىسلىق قىلىش تاماملاندى، پۈتۈنلەي يېڭى ساھە ۋە كەسىپلەردە پۈتۈنلەي يېڭى كارخانىچىلار بارلىققا كەلدى، كونا بىر ئەۋلاد كارخانىچىلارمۇ تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلدى. يىللارنىڭ كۈچى جىمجىت ھەم چوڭقۇر تەسىرىنى نامايەن قىلدى.
بۇ يىلقى تىزىملىكتىن قايناق ھېسسىياتقا تولغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق يېڭى چىرايلارنى، شۇنداقلا كۆپ يىللاردىن بۇيان بىر مەزگىللىك جىمجىتلىقتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم مەيدانغا چىققان كونا چىرايلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، كونا-يېڭى كارخانىچىلارنىڭ ئەۋلادلار ئارا ۋارىسلىقى كۆرۈنەرلىك بولدى. كارخانا داھىيلىرىنىڭ تەسىر كۈچى بايلىق ۋە ھوقۇقتىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئىجادىيەت ۋە يىراقنى كۆرەرلىكتىن دېرەك بېرىدۇ؛ كارخانا داھىيسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەسىر كۈچى ئۇنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتىن كېلىدۇ.
1
لېي جۈن
شياۋمى گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى قوشۇمچە CEO سى
ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، شامال يۆنىلىشىگە قاراپ ئىش تۇتۇش كېرەك. ئۇ ئەزەلدىن يانفون ئىشلەپ باقمىغان كەسىپكار بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تاشقىن يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، سىرتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدىكى «دۆلەت مېلى»نى قول ئۇچىدا قالايمىقان ياساشتەك ئۆلۈك تەسىرىنى ئۆزگەرتتى. ئون يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئۇ شياۋمىنىڭ پاي چېكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سېلىپ، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. شياۋمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ «دېڭىز قاراقچىلىرى»دەك تەۋەككۈلچىلىكى ۋە «دېھقان»دەك ئەمەلىي ئىشلەش روھىدىن ئايرىلالمايدۇ.
2
جاڭ يۇڭ
ئەلى بابا مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە CEO سى
ئۆتكەن بىر يىلدا، ئۇ ئەلى بابانىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىي گەۋدىسىنى يېتەكلەپ، ھەر تەرەپلىمە خىرىسقا بەرداشلىق بەردى. ئۇنىڭ رول تۇتۇشى بىلەن، بۇ چوڭ شىركەت يەنە بىر قېتىم رەقەملىك مۆجىزە ياراتتى ھەمدە 20 يىلدىن بۇيان جۇغلانغان سودا كۈچى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى قاتمۇقات تۇمانلارنى يېرىپ، خىرىسقا تولغان 2020-يىلى شانلىق سەھىپىلەرنى ياراتتى.
3
ۋاڭ شىڭ
مېيتۈەننىڭ قۇرغۇچىسى، CEO سى
ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىگە چەك قويمايدۇ، مەڭگۈ چېگرا ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئۇ مېيتۈەننى باشلاپ كەڭ خېرىدارلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، يېمەك-ئىچمەك، مېھمانخانا-ياتاق، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق ساھەلەردە 460 مىليون كىشىگە قولايلىق يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە كەسىپ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى.
4
ياڭ يۈەنچىڭ
ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە CEO سى
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشتىن يېڭى «3S» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقىچە، ئۇ كەسكىن ئىسلاھاتچى، شۇنداقلا يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش دولقۇنىدا تاۋلىنىپ چىققان تەدبىر بەلگىلىگۈچى، شۇنداقلا نامەلۇم نەرسىلەردىن قورقمايدىغان يۇقىرى ئۆرلىگۈچى. ئۇ ليەنشياڭنىڭ 30 يىل ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، سانسىزلىغان ئېگىز چوققىلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كىشىلەر تەرىپلەيدىغان ھەيران قالارلىق ھېكايىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ياراتقان. ئۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىدى، ئۇ بولسىمۇ ليەنشياڭنىڭ ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەڭگۈ دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
5
شېن نەنپېڭ
قىزىل شەمشاد كاپىتال يەر شارى ئىجرا قىلىش شېرىكى
مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى داڭلىق شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ باشتىن-ئاخىر تېز ئۆزگىرىۋاتقان سودا دۇنياسىدا باشلامچى ۋە يۇقىرى ئۈنۈمنى ساقلاپ كەلدى. 2020-يىلى يېڭىچە تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، قىزىل شەمشاد مەبلەغ سېلىشقا قاتناشقان كارخانىلار ئىچىدە، يەنىلا 20 دىن ئارتۇق كارخانا پېيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە نەزىرى ۋە ئالدىن كۆرەرلىك ئېڭىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، يۇقۇم ئەھۋالى دەۋر بۆلگۈچ ئەمەس، بەلكى كاتالىزاتور، ئۇ بۇنىڭدىن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى، غايەت زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتىنى كۆرۈپ يەتكەن.
6
جاڭ يىمىڭ
بايتلىق سەكرەشنىڭ قۇرغۇچىسى، CEO سى
ئۇ بايتلىق سەكرەشنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىل تۇنجى قېتىم دۇنيا پەن-تېخنىكا جامائەت پىكرىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. ئەگەر ئىلگىرى ئۇنى سىنىغىنى مەھسۇلات ئېچىش، ئىقتىساسلىقلارنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارى بولسا، بۇ يىل ئۇنى سىنىغىنى شىركەتنىڭ يەر شارىلىشىش خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئىدى. گەرچە دۇنياۋىلىشىشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەر شارىلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويمىدى. ئۇنىڭ ئەۋرىشىملىكى شىركەت، مەبلەغ سالغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.
7
خۇاڭ جېڭ
پىندودونىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى
بەش يىلدىن بۇيان، ئۇ پىندودوغا باشلامچىلىق قىلىپ توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىككى ماگىناتنىڭ كۈچلۈكلۈكنى تالىشىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، راكېتادەك تەرەققىيات سۈرئىتى ئېلېكتىرونلۇق سودىدا يېڭى تۈر رىۋايىتىنى ياراتتى. دۈەن يۇڭپىڭ مۇنداق دېگەنىدى: «پىندودونى سېتىۋېلىش ئۇنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى دوغا تىككەنگە باراۋەر، ئۇ خۇددى بىر نازۇك ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ، پىندودوغا ئوخشاش ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۇ بۇرۇنلا بايلىققا ئىنتىلىشنى بىردىنبىر نىشان قىلماستىن، بەلكى كارخانا قۇرۇش، قىممەت يارىتىش خۇشاللىقىغا چۆمۈپ كەتكەنىدى.»
8
جاڭ لېي
گاۋلىڭ كاپىتالىنىڭ قۇرغۇچىسى، CEO سى
15 يىل ئىلگىرى ئۇ ئامېرىكىنىڭ يالې شەھىرىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، گاۋلىڭ كاپىتالىنى بەرپا قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىغا قوشۇلغان. بۇ فوند قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىن تارتىپلا شەكىل بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان، بۈگۈنكى كۈندە 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق خەلق پۇلى فوندىنى باشقۇرۇپ، ئاسىيا رايونىدىكى مۈلۈك باشقۇرۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ فوندلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. گاۋلىڭنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ سىرى نېمە؟ ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى: «جۇڭگودا چىڭ تۇرۇش». ئۇنىڭ قارىشىچە، ئېقىن سۇنىڭ بىرىنچىلىكنى تالىشىشى مۇھىم ئەمەس، تالىشىش مۇھىم نۇقتىسى جۇشقۇنلاپ ئېقىش ئىكەن. ئۇزاق مۇددەتلىكتە چىڭ تۇرۇش سەپىرىدە، ئۇ ۋاقىتنى دوست تۇتقان.
9
لى يەنخۇڭ
بەيدۇنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى قوشۇمچە CEO سى
20 يىللىق ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا، ئۇ باشتىن-ئاخىر ئەڭ مۇستەھكەم تېخنىكا ئەھدىسىگە ئىگە بولدى. نەچچە يىللىق پوتېنسىئال ئېنېرگىيەنىڭ جۇغلىنىشى ئارقىلىق، ئۇ بەيدۇغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى، كەسىپ مۇناسىۋىتى ۋە سودا يېپىق ھالقىلىرىنى قايتا قۇرماقتا. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىقتىساد بىلەن يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش پايدىسىنى قوشقاندا، ئۇ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى يېڭى ئۇل ئەسلىھە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى موتورىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
10
جۇ خۇڭيى
360 شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى قوشۇمچە CEO سى
ئۇ ئالاقە تورى دەۋرىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى «ئېقىم چولپىنى (网红)» بولۇپ، ھەر قېتىم «شامال ئېغىزى»نى ئالدىن تۇتاتتى. ئۇ خەتەرلىك يىللاردا بىخەتەرلىك كەسپىگە قايتىدىن تەبىر بېرىپ، تېخنىكا جۇغلانمىسى، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگونىڭ تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدە باشلامچى كارخانا بەرپا قىلدى. بۇ يىل ئۇ رېكورتنى يېڭىلىغان رەقەم ۋە نەتىجىلەر ئارقىلىق سىرتتىكىلەرنىڭ 360 قا بولغان چۈشەنمەسلىكى ۋە گۇمانىغا جاۋاب بەردى. يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ شامال ئېغىزى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ مۇسابىقە يولىنى تاللاپ، 360 كە تېخىمۇ كۈچلۈك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىزدىدى.
11
ۋاڭ ۋېنجىڭ
يۇۋيۇڭ تور تېخنىكىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى
ئۇ يۇۋيۇڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋر ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا يۇمشاق دېتالى ۋە كارخانا بۇلۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ قارىشىچە، سودىدا يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلات ۋە كەسىپ قاتلىمىدىكى يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە كارخانا تەشكىلىي باشقۇرۇشىدىكى ئىسلاھاتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەقەملىك ئەقلىيلەشتۈرۈش دەۋرىدە، ئۇ سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارغا قولايلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
12
جاڭ ۋېنجۇڭ
ۋۇمېي گۇرۇھى، Dmall نىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى
ئۇ چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن ئالىملارنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا قاتناشقان «92»نىڭ ۋەكىلى. بەختكە قارشى ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ، 12 يىل تۈرمىدە ياتقان، ئۇ ئۆز ئەھدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈمىدۋار ۋە كەڭ قورساق بولۇشتىن ۋاز كەچمىگەن. كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش دولقۇنى ئالدىدا، ئۇ ۋۇمېينى رەھىمسىز پارچە سېتىش ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە بىر يول ئېچىشقا يېتەكلەپلا قالماي، يەنە پارچە سېتىش كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ كىمكى رەقەملىشىشكە تېز قۇچاق ئېچىپ، سودىنىڭ ماھىيىتىگە قايتسا، شۇ كىشىنىڭ تېخىمۇ چوڭ كەلگۈسىگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن.
13
ۋاڭ يۈسو
شىنئاۋ گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇدىرىيەتنىڭ رەئىسى
31 يىلدىن بۇيان، ئۇ شىنئاۋنى يېتەكلەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ بىر تامچە سۇنىڭ دېڭىزغا سىڭىپ كەتكەندىلا قۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىغا، بىر كارخانا ۋەتەن بىلەن ھەمسەپەر بولغاندىلا ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. كۈچلۈك كىرىزىس ئېڭى، ئۆتكۈر سەزگۈسى، قەتئىي ئىجرا قىلىش كۈچى ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنئاۋنى لاڭفاڭدىكى بىر شەھەر يېقىلغۇ گاز تىجارىتى كارخانىسىدىن پۈتۈن كەسىپنى قاپلىغان كارخانىغا ئايلاندۇردى.
14
يەن جى
جول پاي كونترولىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى
ئۇ بەرپا قىلغان جول پاي كونترول شىركىتى ۋۇخەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قەد كۆتۈردى. يۇقۇم يۈز بەرگەن جىددىي پەيتتە، ئۇ كۆپ يىل تىجارەت قىلغان تەمىنلەش زەنجىرىدىن پايدىلىنىپ، تۇنجى بولۇپ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش لىنىيەسىنى ئېچىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دوختۇرخانىسى قۇردى. ئۇ بۇنى كارخانىچىلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتىن باش تارتمايدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ۋۇخەندىكى كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇملۇق كېسەلدىن كېيىنكى ۋۇخەننىڭ ئىقتىسادىنى قايتا گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا.
15
خۇاڭ كېشىڭ
چىڭداۋ پىۋىسىنىڭ باش مۇدىرى
ئۇ يۈز يىللىق كارخانا چىڭداۋ پىۋىسىنىڭ رولچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلغۇچى بولماستىن بەلكى جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەپ يول ئاچقۇچى، يېڭىلىق ياراتقۇچىغا ئايلاندى. ئۇ چىڭداۋ پىۋىسىدىن ئىبارەت بۇ بۆلەك ئاساسىدا، ساغلام سۇ ۋە پىۋىخانىدىن ئىبارەت ئىككى يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئېچىپ، چىڭداۋ پىۋىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ «دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە داڭلىق ماركىلىق خەلقئارالىق چوڭ شىركەت»كە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ ئىجتىھاتى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەندىزە ۋە نەزەر دائىرىسىنىڭ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىدى.
16
چېن زۇڭنيەن
خەيكاڭ ۋېيشىنىڭ باش مۇدىرى
20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ تېخنىكا ئۆزگەرتىش دولقۇنىنى چىڭ تۇتۇپ، خەيكاڭ ۋېيشىنى بازار قىممىتى 400 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ئۇ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا قەتئىي ئىشەنگەچكە، خەيكاڭ ۋېيشى شىركىتىنىڭ ھەر يىللىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى %8 ئەتراپىدا بولدى. بۇ قاتمۇقات خىرىسقا دۇچ كەلگەن دەۋردە، ئۇ تېخنىكىنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق دەۋرنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا قارشى تۇردى.
17
لېڭ يوۋبىن
ئۇچار تۇرنا سۈتچىلىكىنىڭ باش مۇدىرى
ئۇ ئىشنى بىر تېخنىكتىن باشلاپ، ئۇچار تۇرنىنى يېتەكلەپ، جۇڭگو سۈتچىلىك سانائىتىدىكى كۆپ قېتىملىق كرىزىستىن باش كۆتۈرۈپ، ئۇنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئالىي دەرىجىلىك بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندۇردى. يېڭىچە تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى تارقالغاندىن كېيىن، ئۇ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلغاندىن سىرت، يەنە ئۇچار تۇرنىنى يېتەكلەپ رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ قارىماققا كارخانىچىغا ئوخشىمايتتى، كەلگۈسىدىكى دانالىقىنى، شۇنداقلا پارچىلىنىش ۋە يىغىلىش غەيرىتىنى كۆرگىلى بولمايتتى، لېكىن ئۇ جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۈت پاراشوكىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆزگەرتتى، ئۇ بۇ ئىشەنچنى ئالتۇندىنمۇ مۇھىم دەپ قارايدۇ.
18
لى شۇفۇ
جىلى گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى
ئۇ باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئويۇن قائىدىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىلگىرى غەرب مونوپول قىلىۋالغان جۇڭگو ئاپتوموبىل كەسپىدە مۇستەقىل مىللىي ماركىنى بارلىققا كەلتۈردى. كەسىپلەر ئۆزئارا تۇتىشىدىغان كەسكىن جەڭ پەيتىدە، ئۇ يەنە پەن-تېخنىكا ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى شىركەتنىڭ يېڭى نىشانى قىلدى. ئۇ جىلىنىڭ تولۇق مەبلەغ سېلىپ ۋولۋونى سېتىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مىللىي ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق چەت ئەل كارخانىسىنى سېتىۋېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ ئۆزگىرىشىگە باشلامچىلىق قىلدى.
19
لى جۈنچى
سانائەت بايلار بىرلەشمىسىنىڭ باش مۇدىرى
ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئاۋانگارتى، نازۇك ياسىمىچىلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئۆتكۈر تېخنىكا ساھەسىدە 30 يىلدىن ئارتۇق ئەجىر سىڭدۈرگەن. ئۇ سانائەت بايلار بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىلغار ئاۋىياماتكىنىڭ رولچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى تېخنىكىلاردا سەۋىرچانلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەتكە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى، ئۇ فۇشىكاڭنىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى 46 يىللىق ئىلغار تەجرىبىسىگە، ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى كۆپ يىللىق ئىزدىنىشىگە تايىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
20
لياڭ ۋېنگېن
سەنيى گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى
بېيجىڭ مەركىزىي سودا رايونىدىكى جۇڭگو قەسىرىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا دۇبەي مۇنارىغىچە سەنيى بىناسىنىڭ ئىزى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان؛ پۇدۇڭ يېڭى رايونىنى ئېچىشتىن گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغىچە، سەنيى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سۈرئىتىنى ئۆلچىگۈچىدۇر. ئۇ ئېغىر سانائەت ئاتامانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈنكى كۈندە سەنيى شىركىتىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى مۇھىم ئىستراتېگىيە قىلىشقا يېتەكلەپ، «ماياك زاۋۇتى» ئارقىلىق جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى داۋاملىق يورۇتتى.
21
ليۇ چىڭفېڭ
كېدا شۈنفېينىڭ باش مۇدىرى
21 يىلدىن بۇيان، ليۇ چىڭفېڭ كېدا شۈنفېيغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مائارىپ، داۋالاش، ئەدلىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك ماكانلىشىپ، ھېسابلاش ئۇسۇلى بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇدا يېپىق ئىتېراتسىيە ئېلىپ باردى. ئۇ مۇنداق دەپ قارايدۇ «پۈتۈن ساھەنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئاستىدا، رەقەملىششىنىڭ پارتلاش شەكلىدىكى ئېھتىياجى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا كىرگۈزدى.» ئۇ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سانلىق مەلۇمات تىرىكى، تېخنىكا ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، كاپىتال ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
22
فاڭ خۇڭبو
مېيدى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش مۇدىرى
2020-يىلىدىكى يېڭىچە تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سىنىقىدا، ئۇ «ئىمتىھان»غا ناھايىتى ياخشى جاۋاب بەردى. ئۇ خەۋپكە دۇچ كەلگەندە بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، كەسكىن قارار چىقىرىپ، بىر قاتار كەسكىن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، مېيدىنى پاتقاقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى؛ ئۇنىڭ نەزىرى ئۆزگىچە بولۇپ، كۆپ يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئائىلە پاكىزلىق ئېلىكتىر ئىمپېرىيەسىنى بەرپا قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزگىرىش مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي جاۋابى ئىدى.
23
ۋاڭ لىنپېڭ
جۈرەن ئائىلىسىنىڭ باش مۇدىرى
ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا، ئۇ جۈرەن ئائىلىسىگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئۆي جاھازلىرى ئوبوروت ساھەسىنىڭ كەسىپ ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بازارغا بولغان سەزگۈرلۈكى ۋە ھېيقىندۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ كەلدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇ ئەلى بابا بىلەن بىرلىكتە رەقەملەشتۈرۈشكە پائال قۇچاق ئېچىپ، ئېچىۋېتىلگەن روھىي ھالەت بىلەن «ئەۋرىشىم تەشكىلات» بەرپا قىلىپ، تور ئىچى-سىرتى بىر گەۋدىلەشكەن سودا ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆي جاھازلىرى كەسپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
24
چېن يەنشۈن
جىڭدۇڭفاڭنىڭ باش مۇدىرى
قانداق قىلىپ جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا خاس يول تېپىپ چىقىش كېرەك؟ ئۇ جىڭدوڭفاڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك جاۋاب بەردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، قاينام-تاشقىنلىق تالاش-تارتىشلار ئىچىدە، ئۇ كارخانا ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىغا ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى مۇستەھكەملىدى؛ ئۇ دەسلەپكى مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، كارخانىنىڭ يادرولۇق گېنىغا قايتىپ كەلدى. كالېيدوسكوپقا ئوخشاش دۇنيا ئۇنىڭ بىلەن كارخانىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ جىڭدۇڭفاڭنى باشلاپ، تېخىمۇ كەڭ بولغان نەرسە تورى يولىغا قاراپ يولغا چىقتى.
25
لى نىڭ
لى نىڭ شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى
ئۇ تەنھەرىكەت ساھەسىدە بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتقان ئەمەلىي ئىشلىگۈچى، ئۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تەنتەربىيە ئېكولوگىيەسىنى ئېنېرگىيەلىدى. ئېقىم ساھەسىدە ئۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان «قەھرىمان» بولۇپ، كەسپىي تەنھەرىكەتنى ئېقىم مەدەنىيىتى، جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ياشلارنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماركىلارغا بولغان ئۆلۈك تەسىرىنى تۈگەتتى. ئۇ سېھرىي كۈچكە تولغان «گىمناستىكا شاھزادىسى»، شۇنداقلا ئېقىمغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان «مودا ئەپەندى»، شۇنداقلا كارخانىنى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ، يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان كېچىكچى.
مەنبە: جۇڭگو كارخانىچىلار ژۇرنىلى
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0