大数跨境

ئورتاق تونۇشنىڭ كۈچى

ئورتاق تونۇشنىڭ كۈچى Nepkar
2021-11-09
1
导读:ئورتاق تونۇش سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تاۋار بازىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇ
بۈگۈن (2021-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى) سەھەردە ئويغىنىپ، دوستلار چەمبىرىكىدىكى كەسكىن مۇنازىرىنىڭ «EDG يەڭدى» بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، «قەھرىمانلار ئىتتىپاقى» ئويۇنى ئوينىيالمايدىغان ئوتتۇرا ياشلىق مەن بىر ئاز گاڭگىراپ قالدىم.

مەن تارىخنى پىششىق بىلىمەن دەپ ماختىنىپ، ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان «قەھرىمان»لارغا قاراپ، تۇيۇقسىز ئالدىنقى كۈنلەردە فوند دىرېكتورلىرىنىڭ ياشلارنىڭ مېتا ئالەمدە ئوينىغاندىكى جىددىيلىكى ۋە خاتىرجەمسىزلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى ئازراق چۈشەندىم. 
چۈنكى، بىلىشنىڭ ئارقىسىدا بايلىق ۋە ھۆكۈمرانلىق كۈچى بولىدۇ. 
قەغەز پۇلدىن پاي چېكىگىچە، ھەققانىي قېرىنداشلاردىن شىركەتكىچە، مىللەتتىن دۆلەتكىچە، ھەر خىل كۈچلەردىن پارتىيەگىچە بولغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسىرى چوڭقۇر بۇ كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق تونۇش ئاساسىدا قۇرۇلغان. 
ئورتاق تونۇش، تۇتۇرۇقسىز نەرسىلەرنى غايەت زور كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. 
ئامېرىكا دوللىرى پەقەت بىر ۋاراق قەغەز، لېكىن پۈتۈن دۇنيادىكى 200 دۆلەتنىڭ سودا ئوبوروتىغا ئاساس بولىدۇ، تېسلانىڭ پاي چېكى ھەتتا قەغەزمۇ ھېسابلانمايدۇ، ئەمما ماسكنىڭ نەچچە ئون مىليارد مەبلەغ توپلاپ ئاپتوموبىل ياساش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. 
ئورتاق تونۇش سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تاۋار بازىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئورتاق تونۇش ئاستىدا، ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى چەكسىز قېزىلىدۇ. 
ليۇ بېي ھەرقانچە قىيىن ئەھۋالدا قالسىمۇ، گۇەن يۈ، جاڭ فېيلار ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدى، جىڭگاڭشەندىكى ئۇچقۇنلار ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ، يانغاندىن كېيىن يانغىن ھالىتىدە تۇردى. 


ئەقىدە، سىياسىي پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، كوللېكتىپنىڭ ئىدىيەسى، شىركەتنىڭ مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل كۈچلۈك قۇرۇلما بىلەن تەمىنلەپ، ئۈزلۈكسىز كۈچ قوبۇل قىلالايدۇ. 

گەرچە مەن كاربونغا چەك قويۇشنى ياقتۇرمىساممۇ، لېكىن ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان گلاسگوۋ كىلىمات باشلىقلار يىغىنىدىمۇ بىر توپ سەرخىللار يەر شارىۋى ئورتاق تونۇش بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن كېيىنكى ئېنېرگىيە دەۋرىگە قەدەم قويۇش ئۈچۈن كۈچ قوبۇل قىلماقتا. 

يېڭى ئورتاق تونۇش رەسمىي شەكىللەنگەن ھامان، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى بايلىق ۋە كۈچنى يوققا چىقىرىدۇ. 
ئەگەر ياشلاردا ئۆي سېتىۋېلىش ئەقىدىسى يوق بولۇپ، دۆلەت تەمىنلىگەن يۇقىرى سۈپەتلىك ئىجارە ئۆينى ئۇزاق مۇددەت ئىجارىگە ئېلىشنى خالايدۇ دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا ئۆي باھاسى پىيازنىڭ باھاسىدەك چۈشىدۇ. 

ئەگەر ئەينى يىللاردىكى ياشلارنىڭ ھەممىسىدە قەغەز پۇل ۋە پاي چېكى ئەقىدىسى يوق، ئۆزىنىڭ ئەمگەك كۈچى بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى بىر خىل يېڭى «ئورتاق تونۇش» قا ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ، دەپ پەرەز قىلساق، قەغەز پۇل بىلەن پاي چېكى خۇددى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنىڭ ئالتۇن دوللىرىغا ئوخشايدۇ. 

بۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىكى. 
ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك تارازىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 
شۇنىڭ بىلەن، بۈگۈنكى كۈندە ئورتاق تونۇشنى بەلگىلەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى شامال ئېغىزىغا چىقىپ قالدى. 

K12 نىڭ پەن تەربىيەسىدىن تارتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنغىچە، زاكېربېرگنىڭ گۈزەل يېڭى دۇنيادىكى مېتا ئالەمنى يارىتىشىدىن، ماسكنىڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ قېنىنى قىزىتىۋاتقان يۇلتۇزلار ئارا ئارزۇلىرىغىچە، قىزغىنلىقنىڭ يۇقىرى بولۇشى تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ھەر قايسى تەرەپلەر كۈچ توپلاۋاتىدۇ. 
كەلگۈسىدىكى يېڭىش-يېڭىلىشنى ھېسابلاشتا، بۇ ئورتاق تونۇشتىكى قوراللارنىڭ كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى. 


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0