大数跨境

تېز كۆرۈڭ: ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرلىرى مۇنداق بولىدۇ

تېز كۆرۈڭ: ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرلىرى مۇنداق بولىدۇ Nepkar
2021-08-28
0
导读:ناتونۇش كىشىلەرگە كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار


قاچاندىن باشلاندىكىن، بىزنىڭ يانفونلىرىمىز تۆۋەندىكىدەك ھەرخىل ئەخلەت ئۇچۇرلار بىلەن توشۇپ كەتتى...

بۇ ئۇچۇرلارغا بىر قارىساقلا ئۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكى 
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، بىراق يەنىلا بۇنىڭغا ئالدىنىدىغانلار
چىقارمۇ؟
ئەلۋەتتە چىقىدۇ.
ھەتتا ئالدانغانلار ئاز ئەمەس...

ئۇنىڭدىن باشقا، قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىق ئەنزىلىرىدە
ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغىنى تور قەرزى ۋە تالون تولدۇرۇپ قۇشۇمچە كىرىم قىلىش تىپىدىكى ئالدامچىلىقتۇر.

# قەرز بېرىش تىپىدىكى ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە #

ئەمەت (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ ئالدىنىش جەريانى:
ئەمەت (32 ياش، ئىشچى-خىزمەتچى) توردا قەرز ئېلىش ئېلانىنى كۆرگەندىن كېيىن، ناتونۇش بىر قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالىدۇ: «ئەگەر قەرز ئېلىش زۆرۈر بولسا، تىنچ-ئامان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى ئۈندىدارىدىكى XXXX نى قوشۇڭ.» ئەمەت بۇ ئۈندىدارنى قوشقاندىن كېيىن، مۇلازىمەتچى ئەمەتنىڭ قەرز ئېلىشقا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىنى سورايدۇ ھەمدە ئەمەتكە قەرز ئېلىش تەرتىپىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىدۇ. ئەمەت ئۆزىنىڭ 100 مىڭ يۈەن قەرز پۇلغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، مۇلازىمەتچى ئەمەتكە بىر پارچە ئېلېكتىرونلۇق توختام يوللايدۇ ھەمدە ئەمەتنى بەلگىلەنگەن ھېساباتقا 17 مىڭ يۈەن ئاغدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئەمەت پۇلنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، مۇلازىمەتچى يەنە ئەمەتنىڭ 20000 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمەت ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ، جەمئىي 17000 يۈەن زىيان بولىدۇ. 
#تالون تولدۇرۇپ قۇشۇمچە كىرىم قىلىش تىپىدىكى ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە#

   دىلنۇر (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) خانىم بىر قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭدا توك دۇخوپكىسىنى ھەقسىز ئېلىۋالىدىغانلىقى ئېيتىلغان. 

ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارىنى قوشتى، ئاندىن قارشى تەرەپ ئۇنى بىر ئۈندىدار توپىغا كىرگۈزدى. توپ ئىچىدە پەقەت ۋەزىپە ئورۇنلىسىلا، بەلگىلىك پايدا قايتۇرۇش قىزىل بولىقىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. دىلنۇر خانىممۇ بۇنىڭغا قاتنىشىشقا باشلىدى، دەسلەپتە ئۈندىدار سالونى، دوۋيىننى ماختاش قاتارلىق ئاددىي ۋەزىپىلەرگە دىققەت قىلدى، پەقەت بىر نەچچە يۈەنلا پايدا ئالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي توپتىكىلەر دىلنۇر خانىمنى «يېتىپ تۇرۇپ پۇل تېپىڭ» ئىسىملىك ئەپنى چۈشۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ۋەزىپە ئۆتەپ پۇل تېپىشقا ئۈندىدى. قارشى تەرەپ بۇ پاراڭلىشىش يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ ۋەزىپە ئەۋەتىدۇ. دەسلەپتە قارشى تەرەپ دىلنۇر خانىمغا بىر نەچچە تالوننى ئىشلەتكۈزگەن ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 500 يۈەن پايدا بەرگەن. بۇ دىلنۇر خانىمنى بۇ سۇپىدىن پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتالمىش «چوڭ زاكاز»نى قوبۇل قىلدى! ئەمما قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا داۋاملىق پايدا بەرمەستىن، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئاۋۋال دىلنۇر خانىمغا تالون يازغۇزىدۇ. ئالدامچىنىڭ يېتەكلىشىدە، دىلنۇر خانىم قارشى تەرەپكە جەمئىي 170 مىڭ يۈەن پۇل يۆتكەپ بەرگەن. 
بۇنداق ئالدامچلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ تۈرلىرى تولىمۇ كۆپ...
«ھەقسىز» دوخوپكا «سوۋغا قىلىش»تىن باشقا
يەنە تازىلىق قەغىزى «سوۋغا قىلىش» ئارقىلىق
«ئولجا»لارنى ھەر خىل تالون تولدۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ
ھەر خىل توپلارغا تارتىپ ئەكىرگەندىن سىرت،
يەنە باشقا تۈردىكى قىسقا ئۇچۇرلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار:
ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەممىسى ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىدۇر!

1. دۇكاننىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش تىپىدىكى ئۇچۇرلار

2. دوۋيىن قىسقا سىنلىرىنى يۈرەكلەش تىپىدىكى ئۇچۇرلار
ئېسىڭىزدە بولسۇن، دۇنيادا بۇنداق ھەقسىز تاماق يوق!
بۇنداق ئاسان پۇل تاپقىلى بولسا، سىزدىن ئەقىللىق كىشىلەر ساماندەك تولا!
......


يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇچۇردىن باشقا يەنە
تۆۋەندىكىدەك ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرى بار!

1. يالغان بانكا ئۇچۇرلىرى

2. تىجارەت كېنىشكىسىنى يېڭىلاش ئۇچۇرى



 

ساقچىلارنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى



1. گۇمانلىق قىسقا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغاندا، قىسقا ئۇچۇر ئىچىدىكى نامەلۇم ئۇلىنىشنى چەكمەسلىك، قىسقا ئۇچۇر ئىچىگە ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويماسلىق، دەرھال مۇناسىۋەتلىك بانكا قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇچۇرنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. 
2. ناتونۇش كىشىلەرگە كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بەرمەسلىك؛ 
3. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالسىڭىز ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەلىل-ئىسپاتلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىڭ، دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى ئۈرۈمچى شەھىرى (ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق رايون)نىڭ ئالدامچىلىققا قارشى مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سوراڭ. 


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0