搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئېنېرگىيە بىلەن سانلىق مەلۇمات ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش
>
ئېنېرگىيە بىلەن سانلىق مەلۇمات ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش
Nepkar
2021-12-01
1
导读:ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە، ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ نېفىتى دەل ئېقىم مىقدارىدۇر.
بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، دوستلار بىلەن ماي باھاسى توغرىسىدا سۆزلەشكەندە، ئىختىلاپ كېلىپ چىقتى.
بىر قىسىم دوستلار مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقىرى ماي باھاسى كارخانىلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
مېنىڭ قارىشىمچە، ھازىرقى باسقۇچتا نېفىت باھاسى تۆۋەن بولسا، ئاندىن يېڭى ئېنېرگىيە بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
شۇڭا يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىندا كان ئېچىشتىن ئوتتۇرا ئېقىندا مېتال تاۋلاشقىچە، ئاندىن تۆۋەن ئېقىندا ياساشقىچە ھەممىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە سەرپىياتىغا ئىگە.
بىر دۇلۇق لىتىي باتارېيەسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا 1000 دۇغا يېقىن توك سەرپ قىلىنىدۇ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك نۇر تاختىسىمۇ ئالتە يىلدا ئاندىن بۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.
ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنى بۇ يەردە ھېلىھەم قوللىنىدۇ، بۇ يىل يىل ئاخىرىدا كۆمۈر قىس بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى، يىل بېشىدا يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ تېز ئىلگىرىلەپ، نۇرغۇن ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنى خوراتقان.
ئەگەر جۇڭگوغا ئوخشاش ئېنېرگىيە باھاسىنى چۈشۈرمىسە ھەمدە يېتەرلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى ئاسانلا سىياسەت خاراكتېرلىك مەغلۇب بولىدۇ.
نېمىلا دېگەن بىلەن، ئېنېرگىيە يېتىشمىگەن ئەھۋالدا، مەركەز پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى، جايلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىغان يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرى جاپا تارتسا بولمايدۇ.
ئوخشاش ئېنىرگىيە سەرپىياتىلىق يۇقىرى ئۆزەككە قاراپ باقايلى، كەسپ زەنجىرىدە بىر ھالقىدا مەسىلە كۆرۈلسىلا پۈتۈن ساھە پالەچلىنىپ قالىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنئەنىۋى ئېنىرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كەسىپ زەنجىرىدىكى قاتمۇ-قات باھا قوشۇش ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە يېڭى ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرىغا تارقىلىپ، بىرسى سېتىلسا بىرى زىيان تارتىدۇ، ھەقىقىي پۇل تاپىدىغىنى يەنىلا ئەنئەنىۋى ئېنىرگىيە ماي زومىگىرى بىلەن كۆمۈر خوجايىنى بولۇپ قالىدۇ.
ھەتتا يېقىنقى مەزگىلدە فوتوۋولت گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى مۆلچەردىكىدىن زور دەرىجىدە ئارقىدا قېلىپ، باھا قاسسىپى تېسلانىڭ باھاسى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم ئۆستى، ماھىيىتى ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە كەمچىل بولۇشى بولۇپ، تەننەرخ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تەمىنلەش زەنجىرى كۈنسېرى جىددىيلەشتى.
ئىنسانىيەت سانائىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى شۇنى سانسىز قېتىم ئىسپاتلىدىكى، كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشلا تەننەرخنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، ئاندىن يارىتىلغان پايدىغا تايىنىپ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىدۇ، يېڭى-كونا ئالمىشىشنىڭ ماھىيىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت.
تارىختا كۆپ قېتىم ئىسپاتلاندىكى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ماي زومىگىرى پايدىسىنى ھەميانىغا كىرگۈزۈپلا قالماي، پەقەت يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلارلا تەننەرخنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
شۇڭا، 2009-يىلى ھىلارى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغاندا، خەلقئارادا ئەرەب باھارى ئەۋج ئېلىپ، پارس قولتۇقى رايونىنى چاك-چېكىدىن پارچىلىۋېتىپ، ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازاد قىلىشىنى قوللىدى، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسەت سلانېتس نېفىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق ئاماللار بىلەن نېفىت باھاسىنى چۈشۈرمەكچى بولدى.
ھىلارى دېموكراتلار پارتىيەسى ئىشتاتلىق تەشكىلاتنىڭ ئاچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت ماي باھاسىنى چۈشۈرەلىگەندىلا، ئاندىن يېڭى ئېنىرگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.
ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە، ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ نېفىتى دەل ئېقىم مىقدارىدۇر.
2017-يىلى دۇنيا كونسېرۋاتىپلار ۋەكىلى تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەشتىن توختاپ، ئۆسۈشنى كۈتۈۋېلىپلا قالماي، ئالاقە تورىنىڭ ئېقىم مىقدارى باھاسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى.
بۇ ھەم 2017-يىلىدىن بۇيان، ئالاقە تورىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، يېڭى بىر ئەۋلاد يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى قىممەت بولغان ئېقىم مىقدارى تەننەرخىنى تۆلىيەلمەي، بەس-بەستە ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلانغان بولسىمۇ، يېرىم يولدا ھالسىراپ قالدى.
ھەتتا ئېقىم مىقدارى ماگناتلىرى خۇددى نېفىتتىكى OPEC غا ئوخشاش، بىرلىشىپ ئېقىم مىقدارى باھاسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە تەمىنلەشنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخى ۋە تىجارەت خەۋپ-خەتىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئەسلەپ باقايلى، بىزدە مېيتۇەن، دى دى، پىندودو، دوۋيىنغا ئوخشاش ھادىسە دەرىجىسىدىكى ئەپلەر پەيدا بولمىغىلى خېلى يىللار بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ۋەزىيەت ئاخىرى بۇزۇپ تاشلاندى.
تۈنۈگۈن، ئۈندىدار بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نۇقتا بويىچە پاراڭلىشىش ئارقىلىق بىۋاسىتە سىرتقى ئۇلانمىنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ، توپ ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سىرتقى ئۇلانمىسىنى زىيارەت قىلىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ.
(بۇ يەرنى بېسىپ «ئالاھىدە خەۋەر: ئۈندىدار "ئېچىۋېتىلىدىغان" بولدى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
مۆلچەرىمچە، ناھايىتى تېزلا، ئەلى بابا گۇرۇھىمۇ ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلەشنى يولغا قويۇپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
كېيىنكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتكۈل جۇڭگو ئالاقە تورى بىر قېتىملىق داۋالغۇش ۋە تەرتىپكە سېلىشقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، ھەتتا ماگناتلار رەت تەرتىپىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.
كېيىنكى قەدەمدە كۆپچىلىك ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئېقىم مىقدارى تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىۋاسىتە ھېس قىلالايدۇ.
مەسىلەن، دېموكراتلار پارتىيەسى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سلانېتس نېفىتىغا ئىلھام بېرىپ، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئالاقە تورى ماگناتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشمۇ ئېقىم مىقدارى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يېڭى مېخانىزمنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
بۇ تۆت يىلدا نېفىت ۋە ئېقىم مىقدارىنى بېسىش (زەربە بېرىش) تارىخىي مۇساپىدىكى پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ.
ئالدىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىسمەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى» ساھەلەردە سۇپا ھالقىغان ئېقىم مىقدارى پايدىسى ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەتنى يېتەرلىك تېپىش پۇرسىتى بار.
شۇڭا، پايدا تارقىتىلىشتىن بۇرۇن، يېقىندا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشمۇ ئاۋۋال يولغا قويۇلۇپ، بىر نۆۋەتلىك مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرتىپكە سېلىش باشلاندى.
تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىن، سىياسەتنىڭ ئىلھامىنى قوزغىشى مۇمكىن.
بۇنىڭ ئارقىسىدا، ئامېرىكا ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە مەنبەسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى پارچىلىماقچى بولدى، جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئېقىم مىقدارى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىنى پارچىلىماقچى بولدى، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ مۇسابىقە يولىدا بىر مەيدان تېز سۈرئەتتە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى.
نېفىت ۋە ئېقىم مىقدارى ئالدىنقى ئەۋلادلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە سانلىق مەلۇمات كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر.
كەلگۈسى دۇنيادىكى تاقابىللىقتا ئاساسلىقى جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە سانلىق مەلۇماتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0