大数跨境

مەن 100 مىڭ دانە تېسلا سېتىۋالىمەن!

مەن 100 مىڭ دانە تېسلا سېتىۋالىمەن! Nepkar
2021-10-27
4
导读:ماسكنىڭ شەخسىي بايلىقى بىر كۈندە 36 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 289 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئاش
مەن 100 مىڭ دانە تېسلا سېتىۋالىمەن! زاكاز مىقدارى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ 

-مەن 100 مىڭ دانە تېسلا سېتىۋالىمەن!
يېقىندا، يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان Hertz Global Holdings (ھېرتىس) 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تېسلادىن 100 مىڭ ئاپتوموبىل زاكاز قىلىپ، توكلۇق ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش ئاپتوموبىل ئەترىتى قۇرۇشنى پىلانلىغان. 

بۇ سودا تېسلاغا 4 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بولۇپ، تېسلانىڭ تەخمىنەن %10 يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىگىلەيدۇ. 
ئۇنىڭ ئۈستىگە Model3 ياۋروپا بويىچە سېتىلىش چېمپىيونى بولۇپ، جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل پايدىلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى تېسلانىڭ پېيى %12.66 ئۆرلىدى، پاي باھاسى تۇنجى قېتىم 1000 دوللارغا ئۆرلەپ، بازار قىممىتى 1 تىرىليون دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن تۇنجى ئاپتوموبىل كارخانىسى بولۇپ قالدى. 


ماسكنىڭ شەخسىي بايلىقى بىر كۈندە 36 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 289 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئاشتى. زور سوممىلىق زاكاز تالونى سەۋەبلىك بولغان بازار قىممىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىگە قارىتا، ماسك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ناھايىتى غەلىتە (Hertz زاكاز تالونى) تېسلانىڭ مۆلچەر قىممىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، لېكىن ھازىر تېسلانىڭ مەسىلىسى ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئېھتىياج مەسىلىسى ئەمەس.» 


بۇ 100 مىڭ دانە ماشىنا تالونى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ كەسىپ پىرلىرى «تىرىليون»لۇق تېسلانىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە قانداق قارايدۇ؟ تۆۋەندە كەمىنە كۆپچىلىك ئۈچۈن رەتلەپ بەرگەن ئالتە چوڭ نۇقتىلىق تەپسىلىي ماتېرىيالنى كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن: 

بىرىنچى، Hertz تېسلادىن 100 مىڭ دانە ماشىنا سېتىۋالىدۇ
بۇ توكلۇق ئاپتوموبىل تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سودا بولۇپ قالىدۇ
2020-يىلى 5-ئايدا فورد شىركىتى T تىپلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغاندىن باشلاپ قۇرۇلغان، 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئاپتوموبىل ئىجارىكەشلىكى پېشۋاسى Hertz يېڭىچە تاجىسىمان يۇقۇمىنىڭ زەربىسىدە سوت مەھكىمىسىگە ۋەيران بولۇپ قوغداشنى ئىلتىماس قىلغان. 
2021-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، Hertz ۋەيران بولۇش كىرىزىسىدىن رەسمىي قۇتۇلدى. تۆت ئايدىن كېيىن بۇ ئىجارە ماگناتى 4 مىليارت 200 مىليون دوللار بىلەن ئېلېكتىرلەشتۈرۈش يولىنى ئاچتى. 
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ 100 مىڭ دانە تېسلا كەلگۈسى 14 ئاي ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇرۇلىدىكەن ھەم Hertz نىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش ئاپتوموبىل ئەترىتىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. 

بۇ تۈر ئەڭ ئاخىرىدا Hertz يەر شارى بويىچە 500 مىڭ ئاپتوموبىل ۋە يۈك ئاپتوموبىلىنى قاپلىغان ئېلېكترلەشتۈرۈش پىلانى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ 6-ئايدا ۋەيران بولۇشتىن قۇتۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى مۇھىم پىلانى ھېسابلىنىدۇ. 

11-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تېسلانىڭ Model3 پىكاپى داۋاملىق Hertz نىڭ ئامېرىكا دۇكىنى ۋە ياۋروپانىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى دۇكانلىرىغا ئىجارىگە بېرىلىدۇ. 

Hertz يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىجارىگە بېرىلگەن تېسلا تېسلانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى زەرەتلەش پونكىتى تورىنى ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە كەلگۈسىدە مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۆزىنىڭ زەرەتلەش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ.» 
بۇ پىلان بۇ ئىجارە ماگناتىنىڭ يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئىستىقبالىغا خېلى ياخشى قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 
Hertz نىڭ قارىشىچە، تېسلانىڭ يېڭى توكلۇق ئاپتوموبىلى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە مۇھىت ئاسرىغۇچىلارنى جەلپ قىلىش مۇمكىنچىلىكىدە ئۈمىد بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىلغۇلۇق ماي ئاپتوموبىلىغا سېلىشتۇرغاندا، توكسىكلىتنىڭ ئاسراش تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن ھەمدە بۇ يىل نىمكەش ماللار بازىرىدا قىممىتىنى ساقلاش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان. 

ئىككىنچى، 100 مىڭ دانە ماشىنا چوڭ تالونى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ 
ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ 
بۇ پەقەت زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىش مىقدارى 100 مىڭ دانە توكلۇق ئاپتوموبىل بولۇپلا قالماي، ئومۇمىي باھاسى 4 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ يەككە ئاپتوموبىل سودىسى بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. 
بۇ قېتىمقى سودىدا تېسلا يۇقىرى باھادا زور سوممىلىق زاكاز تالونىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئىستېمالچىلارنى Model3 نى سىناپ ھەيدەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھېرتىس كىشىلەرنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلغا بولغان قىزىقىشىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىشقا جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئىلغار، جەلپكار ماركا بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىيالايدۇ. 
سەھەر يۇلتۇزى ئاپتوموبىل ئانالىزچىسى David Whiston مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «نۇرغۇن ئىستېمالچىلار توكلۇق ئاپتوموبىلنى ئويلىغاندا، تېسلانى ئېسىگە ئالىدۇ، ئەمما ھازىر ئەگەر ئۇلار بىر تېسلانى ئىجارىگە ئالماقچى بولسا، ھېرتسنى ئېسىگە ئالىدۇ.» 

Whiston نىڭ ئېيتىشىچە، ھېرتىس كۆڭۈلدىكىدەك پۇرسەتنى تاللاپ ئويۇنغا كىرگەن، ئەگەر ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئالغۇچى  ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچى خېرىدارغا ئايلانسا، توكلۇق ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرىمۇ نەپكە ئېرىشىدۇ. ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ياكى ھەپتە ئاخىرىدا ساياھەت قىلغاندا توكلۇق ئاپتوموبىلنى ھەيدەش ناھايىتى ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. سىناپ باققاندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار ئىلگىرىكى قاراپ تۇرۇش، ئىككىلىنىپ تۇرۇش پوزىتسىيەسىدىن سېتىۋېلىش ھەرىكىتىگە مۇمكىن. 
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، Model3 ئاپتوموبىلىنىڭ سەپلىمىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، تۆۋەن سەپلىمىلىك ئاپتوموبىل تىپى ئەمەس ئىكەن. Whiston نىڭ كۆرسىتىشىچە، ھېرتىسنىڭ چىقىم قىلىش باھاسى پارچە سېتىش باھاسى بىلەن ئوخشاش ئىكەن، شۇڭا بۇ ھەددىدىن زىيادە ئىشلەپچىقىرىش، ئاپتوموبىلنى تۆكمە قىلىپ سېتىش ئەمەس، تېسلانىڭ پايدىسى تۆۋەنلىمەيدىكەن. ئەكسىچە ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، تېسلاغا پايدىلىق ئىكەن. 
بۇنىڭدىن باشقا، تېسلا يەنە ھېرتىسنىڭ ئېلان تەشۋىقاتىدىن مەنپەئەتلەنگەن، بۇ ئېلاندا 7-نۆۋەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چىنە چېمپىيونى (超级碗冠军) توم برېدى (Tom Brady) باش رول ئالغان. 

ئېلاننىڭ مەزمۇنى تامپا قولتۇقى دېڭىز قاراقچىسى ئەترىتى ئايرودۇرۇمدا تېسلانى ئىجارىگە ئالغان، توك قاچىلىغان ۋە ھەيدىگەن كۆرۈنۈشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شوئار برېيدىنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى: «بىز بىللە ماڭايلى!» ئىدى. 

ئۈچىنچى، تېسلا Model3 ياۋروپا بويىچە سېتىلىش چېمپيىيونى بولۇپ قالدى 
جۇڭگودىكى ئۈچىنچى پەسىللىك كىرىمى شىددەت بىلەن %80 كە يېقىنلاشتى 
ئاپتوموبىل سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىش سودىگىرى Jato Dynasty amics نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئايدا، تېسلا Model3 رېينولد (Renault SA)نىڭ Clio ۋە ئاۋامنىڭ Golf قاتارلىق ئاپتوموبىل تىپلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. 
بۇ توكلۇق ئاپتوموبىل تىپىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم يېقىلغۇلۇق ماي ئاپتوموبىلىدىن ئېشىپ، ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشى، شۇنداقلا ياۋروپادىن باشقا جايلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشى ھېسابلىنىدۇ. 

ئۆزەك كەمچىل بولغانلىقتىن، زور مىقداردىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، مال تارقىتىش كېچىكتۈرۈلدى، بۇ تېسلا ئاپتوموبىل تىپىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلدىن ئېشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. 

جۇڭگودا، يولۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 9-ئايدا تېسلانىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارى 50 مىڭدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. 

كىرىم نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تېسلانىڭ SEC غا تاپشۇرغان ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئۈچىنچى پەسىلدە تېسلانىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى كىرىمى 3 مىليارد 113 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %78.5 ئاشقان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، تېسلانىڭ جۇڭگو رايونىدا تىجارەت كىرىمى 90 مىليارد 15 مىليون دوللارغا يېتىپ، تېسلانىڭ پۈتۈن دۇنيا كىرىمىنىڭ %25 نى ئىگىلىگەن. 

بۇنىڭدىن باشقا، بېيچىڭ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، تېسلانىڭ شاڭخەي تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ۋە سانلىق مەلۇمات مەركىزى رەسمىي پۈتكەن، ھەمدە يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن، بۇ تېسلانىڭ چەتئەلدىكى (ئامېرىكىغا نىسبەتەن) تۇنجى پۈتۈن ئاپتوموبىل تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى ئىكەن. 

تۆتىنچى، نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرىدا model3 كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى 
سېتىلىش باھاسى بەزىدە ھەتتا يېڭى ماشىنىدىنمۇ يۇقىرى بولماقتا
يېڭى ئاپتوموبىل بازىرىدىلا ئەمەس، تەمىنلەش زەنجىرى كىرزىسى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ باج تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە Model3 نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرىدىمۇ ئالقىشقا ئېرىشتى. 

بازار تەتقىقات شىركىتى iSeecars نىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نىمكەش تېسلا Model3 ھازىر ئامېرىكىدىكى بازىرى ئەڭ ئىتتىك نىمكەش ئاپتوموبىل بولۇپ، ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسى بەزىدە ھەتتا يېڭى ماشىنىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. 


سالونىمىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىدا نىمكەش ئاپتوموبىل باھاسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆسۈشىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلغان. ئامېرىكا ئاپتوموبىل ئىستېمال بازىرى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان نىمكەش ئاپتوموبىل جەھەتتە، ئامېرىكا ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىلى ئادەتتە بىر يىلدىن كېيىن (ياكى تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە) نىمكەش ئاپتوموبىل سۈپىتىدە سېتىلىدۇ. ھالبۇكى، 2020-يىلى يېڭىچە تاجىسىمان يۇقۇم ئەھۋالى ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتىنى يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىشقا مەجبۇر قىلىپ، نۆۋەتتە بازارغا كىرگەن نىمكەش ئاپتوموبىل سانىنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان؛ يېڭى ئاپتوموبىل جەھەتتە، ئۆزەك كەمچىل بولۇش يېڭى ئاپتوموبىل ياساشنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان، بۇ يەنە قىسمەن جىددىي ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل ئىستېمالچىلىرىنى نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلغان، بەزى يېڭى ئاپتوموبىللارنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرىغا كىرىش باھاسى ھەتتا يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ يۇقىرى بولغان. 


گەرچە ئىقتىساد قايتا قوزغىتىلغان، ئىجتىمائىي ئالاقە ئېچىۋېتىلگەن ئاساستا ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئۆرلەش نىسبىتىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ تەمىنلەش كەمتۈكلۈكىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تولدۇرغىلى بولمايدۇ. مۇناسىپ ھالدا، نىمكەش ئاپتوموبىل باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ پۇل پاخاللىقىغا بولغان تەسىرىمۇ ۋاقىتلىق بولماسلىقى مۇمكىن. 
بۇنىڭدىن قارىغاندا، پۇلنى شامالغا سورۇپ قايتا ئوتتۇرىغا چىققان Hertz ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ نىرۋانا يولىنى ئاچقان بولۇشى مۇمكىن. 

بەشىنچى، مورگان ستەنلى كۆپ خىل تەتقىقات گېزىتىنى قايتا كۆرمەكتە 
«ئۇلار كەلگۈسىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتى قۇرۇۋاتىدۇ» 
كەسىپ ئومۇميۈزلۈك پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرىغان پەيتتە، تېسلا ئۈچ پەسىلدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاپشۇرۇش مىقدارىدا بىردەك يېڭى رېكورت ياراتتى، يەنە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ساپ پايدا، تىجارەت پايدىسى ۋە ئومۇمىي پايدا نىسبىتىنى ئىشقا ئاشۇردى. 
مورگان ستەنلى يەكشەنبە كۈنى تېسلانىڭ نىشان باھاسىنى %33 ئۆستۈرۈپ، ھەربىر پاي باھاسىنى 900 دوللاردىن 1200 دوللارغا ئۆستۈردى. 
مورگان ستەنلىنىڭ تەھلىلچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ھەممىمىز كۆرىۋاتقان تېسلا، يۇقۇم كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى بازار قىممىتى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدىغان تېسلا ئىدى. كەلگۈسى 12 ئايدىن 18 ئايغىچە، تېسلانىڭ تەرتىپ، تەننەرخ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يەنىمۇ ئۆزگىرىشىگە، شۇنداقلا ئاپتوموبىل ئىشلەتكۈچىلەر ئاساسىنىڭ تېخىمۇ تېز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېسلانىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى باشلامچىلىق ئورنى تەدرىجىي نامايان بولىدۇ ھەمدە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بازار قىممىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. 
مورگان سىتەنلى مۇنداق دېدى: مۆلچەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تېسلانىڭ ياساش ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بۇ «باھانى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىش، بازارنى ئىنچىكە ئايرىش، مەھسۇلاتنىڭ ئىستېمالچىلاردىن ئۆتۈشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش»نى نىشان قىلغان شىركەت. بازار تېسلانىڭ ئاپتوموبىل لايىھەلەش ۋە ياساش جەھەتتە بازارغا بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەن. 
مورگان ستەنلى ئانالىزچىسىنىڭ قارىشىچە، گەرچە تېسلا Model3 ۋە Model Y توكلۇق ئاپتوموبىل ئاپتوموبىلنىڭ «T تىپلىق ئاپتوموبىل ۋاقتى»گە ۋەكىللىك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن توكلۇق ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ «ئاقما قۇراشتۇرۇش لىنىيەسى» ۋاقتى تېخى پەيدا بولمىغان. ئۇ پەيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، تېسلا بولسا ئالاھىدە ئورۇندا، ھەمدە ئاپتوموبىل ياساش ئىسلاھاتىنىڭ مەركىزىدە چەك-چېگرانى بۆسۈپ ئۆتۈشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. 
1908-يىلى فورد T تىپلىق ئاپتوموبىلنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكىدا بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن (بۈگۈنكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى). T تىپلىق ئاپتوموبىل بۇ باھانى تەخمىنەن 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈرگەن، ئەمما 1913-يىلى ئاقما قۇراشتۇرۇش لىنىيەسى پەيدا بولغاندا، ئىستېمالچىلار ئاندىن T تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ باھاسىنىڭ تەخمىنەن 3500 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن. 

مورگان ستەنلىنىڭ قارىشىچە، تېسلانىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە زاۋۇتنىڭ ئاپتوموبىل ياساش تەرتىپىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بار ئىكەن. 
زاپچاسلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، تەگلىكنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېسلا تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان ۋە سىناق قىلىۋاتقان يېڭى باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ لايىھەسى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان ئۆزگىرىشچان تەننەرختە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئېلون ماسك 2020-يىلىدىن باشلاپ ئىتالىيە IDRA گۇرۇھىدىن Giga Press سېتىۋېلىپ، تېسلا Model Y نى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكەن. 


Giga Press دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇيمىچىلىق ۋە ئاپتوموبىل ئارقا كوزۇپى قاتارلىق زاپچاسلارنى ياساش ماشىنىسى. Giga Press نى ئىشلىتىپ قۇيغاندا تەخمىنەن 70 پارچە زاپچاسنى ئازايتقىلى ھەمدە كېيىنكى ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ تەننەرخىنى %40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇنى پۈتۈن ئاپتوموبىل گەۋدىسى ۋە باتارېيەگە كېڭەيگەندە، Giga Press تەخمىنەن 370 زاپچاسنى ئازايتىپ، سۈپىتىنى %10 تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ھەم %14 لىك مۇساپىنى كۆپەيتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. 

ـــ ئۇلار كەلگۈسىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتى قۇرۇۋاتىدۇ. ــ دەيدۇ مورگان ستەنلى. 

ئالتىنچى، تېسلانىڭ بازار قىممىتى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى 
ماسكنىڭ بايلىقى 288 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى 
100 مىڭ دانە زور سوممىلىق زاكاز تالونى تېسلاغا ھۇجۇم قىلىشى، Model3 ياۋروپادا سېتىلىش چېمپىيونى بولۇشى ۋە جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى قاتارلىق كۆپ خىل پايدىلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، تېسلانىڭ پاي باھاسى دۈشەنبە كۈنى %12.66 ئۆرلىدى، بازار قىممىتى 115 مىليارد 744 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، تەخمىنەن 739 مىليارد 100 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئۆسكەن. 


ئامېرىكا ۋاقتى دۈشەنبە كۈنىگىچە تېسلانىڭ پاي باھاسى 1000 دوللاردىن، بازار قىممىتى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى. 
2010-يىلى 6-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، تېسلا قىسقىغىنە 11 يىلدا بازار قىممىتى 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۆرلەش سۈرئىتى Facebook دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى، كېيىنكىسى ئۆتكەن ئىككى ئايدا پېيىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىلىشقا دۇچ كەلگەچكە، بازار قىممىتى 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلەپ كەتتى. بازار قىممىتى تىرىليون دوللارلىق شىركەتلەر ئىچىدە، ئامېرىكىدا پېيى بازارغا سېلىنغان باشقا شىركەتلەردىن پەقەت ئالما، مىكروسوفت، Alphabet Inc ۋە ئامازون بار. 


تېسلانىڭ پاي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ماسكنىڭ شەخسىي بايلىقىمۇ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، شەخسىي بايلىقى كۈنىگە 36 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 288 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئاشتى. 

بۇ بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ مىلياردېر كۆرسەتكۈچى تارىختىن بۇيانقى يەككە كۈندىكى ئەڭ چوڭ ئېشىش نىسبىتى بولۇپ، بۇلتۇر بوتۇلكىلىق سۇ شىركىتى نوڭفۇ شەنچۈەن پاي چېكى بازارغا سېلىنغان چاغدىكى 32 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆسۈش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتتى. (ئاپتورى گاۋ جىمو، جاۋ يىڭ، جوۋ شياۋۋېن، مۇھەررىر ۋېي يۈشياڭ) 
مەنبە: ۋال سىرت كوچىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-------------
مۇناسىۋەتلىك يازما:
تىرىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى 1-بۆلەك (بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
تىرىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى 2-بۆلەك (بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
------------


بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!


تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408