搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئېنىق تونۇش 3-بۆلەك
>
نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئېنىق تونۇش 3-بۆلەك
Nepkar
2021-12-01
1
导读:ئالاقە تورى كەسپىدىكى سىياسەتنى تەڭشەش-تىزگىنلەش ۋە «نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش»كە قانداق قار
نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئېنىق تونۇش 1-بۆلەك
نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئېنىق تونۇش 2-بۆلەك
-----
ئۈچىنچى بۆلەك: ئالاقە تورى كەسپىدىكى سىياسەتنى تەڭشەش-تىزگىنلەش ۋە «نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش»كە قانداق قاراش كېرەك؟
ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتىدە ئىككى «غايەت زور كۈچتۈڭگۈر» بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار كىچىكلىكتىن زورىيىپ، يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ھەجىمگە يېتىپ، خەلق ئىگىلىكى قۇرۇلمىسىدىكى كارايىتى چاغلىق بولۇشتىن تېز سۈرئەتتە كېڭىيىش، غەيرىي شەكىلدە تەرەققىي قىلىشقىچە ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ، ئاندىن «چوڭ بولغاچقا يىقىلىشقا بولمايدىغان» ھالەتكە يەتتى، بۇ جەرياننىڭ ھەم مۇقەررەر لوگىكىسى بار ئىدى.
مەسىلەن، ئۆي-مۈلۈك، بازار ئېھتىياجى چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مىليونلىغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاشقا غايەت زور زۆرۈر ئېھتىياج ئېلىپ كەلدى؛ بۇنىڭمۇ سىياسەت لوگىكىسى بار، ئۆي-مۈلۈكنى تاۋارلاشتۇرۇش ۋە بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قوزغىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ يەنە باج ئايرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئېلىپ كەلگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆي-زېمىن كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىنلىقى بار، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى سۇبيېكتىپ ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ «شەكىلسىز قول»، «شەكىللىك قول»لار ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ يېڭى «تۈۋرۈك كەسىپ»نى غايەت زور «بايلىق شورىغۇچى»غا ئايلاندۇرۇپ قويدى، يەنى كۆپ ساندىكى پۇقرالارنىڭ مۈلۈك قۇرۇلمىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۈلۈك ساقلانما قۇرۇلمىسىنىڭ %40 ى ئۆي-مۈلۈك تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ «بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان» ھالەتكە ئايلاندۇردى ھەم ئەمەلىي ئىقتىسادقا زىيان يەتكۈزدى.
يەنە ئىنتېرنېت تورىغا قاراڭ. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، جۇڭگونىڭ ئالاقە تورى ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا دۇنيا دەرىجىلىك ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكا مۆجىزىسىنى ياراتتى، ئامېرىكا ئالاقە تورى ماگناتلىرى بىلەن بەسلىشەلەيدىغان بىر تۈركۈم چوڭ كارخانىلار قەد كۆتۈردى، بۇنىڭدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل كارخانىچىلار روھى، بۇ ساھەدىكى تۈركۈم-تۈركۈم تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىدىغان، مەغلۇبىيەت خەۋپ-خەتىرىگە باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، قەتئىي بوشاشمايدىغان، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىدىغان كارخانىچىلارنىڭ تۆھپە قوشۇش ۋە جان تىكىپ ئېلىشىش روھىدۇر.
مەيلى ما يۈن، ما خۇاتېڭ، لى يەنخۇڭ، ليۇ چياڭدۇڭ ياكى «تۇنجى بولۇپ قىسقۇچپاقا يېگەن» جاڭ شۇشىن قاتارلىق كىشىلەر بولسۇن، ھەممىسى ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئېيتقاندا، ئالاقە تورى جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، خىزمەت ئۇسۇلى، ھەتتا تەپەككۇر ئۇسۇلىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ، ئېلىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا قاتناش، سۇ، توك گىرەلىشىپ كەتكەن دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئۇل ئەسلىھەسىگە ئايلاندى.
كارخانىچىلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ۋە قوشقان تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن سىرت، يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، جۇڭگو ئالاقە تورىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقە تورى كەسپىگە كۆپ يىللاردىن بۇيان سىياسەت جەھەتتىن ئىلھام بېرىش، مايىللىشىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش ئۈستىگە قۇرۇلغان. «ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش»نىڭ ئۆزىلا ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كېڭىيىشىگە چەكسىز تەسەۋۋۇر بوشلۇقى ھازىرلاپ بەردى.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى ھەم جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىستېمال توپىنىڭ مەھسۇلى، ھەم دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش باج نىسبىتى، توردىكى ساختا مال ۋە بىر قىسىم ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرى «ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش»نىڭ مەھسۇلى، شۇنىڭدەك يەنە تور تاراتقۇسى، تور ئويۇنى قاتارلىقلار، ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى 20 يىلدا دۇنيا دەرىجىلىك ئالاقە تورى ئېكولوگىيە ماگناتىغا ئايلىنىپ، دۆلەتنىڭ بۇ كەسىپكە بولغان ئۈمىدى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق سىغدۇرۇشچان يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوشۇمچە قىلغان بولۇپ، زور مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئالاقە تورى كەسىپكارلىرى، كارخانىچىلىرى ئەگەر تېخىمۇ ئىدراكىي ھالدا تىك يۆنىلىشتە ئەسلەپ پىكىر يۈرگۈزسە ۋە توغرا يۆنىلىشتە سېلىشتۇرسا، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ قاراشقا ئانچە كۆپ باشقىچە پىكىر بولمايدۇ.
ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقە تورى كەسپىگە بولغان قانۇن ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ ھەر بىر ئالاقە تورى ماگناتىنىڭ بۈگۈنكىدەك كۆلەمنى ئىشقا ئاشۇرالىشى ناھايىتى تەس. ئالاقە تورى كارخانىلىرىمىز خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، ئات چاپتۇرۇپ يەرنى دائىرىلەش، چەكسىز كېڭىيىش، تەرتىپ بار جايدا تەرتىپ بىلەن ئېتىشىش، تەرتىپ يوق جايدا ئۆزى قائىدە بېكىتىشتەك تىپىك ئىپتىدائىي جۇغلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان.
ھەرقانداق ئىشنىڭ چېكى بولىدۇ. ھەر قانداق كەسىپ، ھەر قانداق كارخانا، ھەر قانداق ئادەم بىر يولدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەندە، «ئۆلچەم» بەلكىم گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرگە، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە، پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان «ئاممىۋى مەبۇد»لارغا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن. ئەمما «ئۆلچەم»دىن ھالقىپ، «ئۆلچەم»نىڭ قارشى تەرىپىدە غالجىرلىق بىلەن چېپىپ، كونتروللۇقىنى يوقىتىپ كېڭىيىپ، چېگراسىز، تۆۋەن تەرتىپلىك، ھەتتا تەرتىپسىز ھالدا «جاھاننى قاپلىغان» بولغاندا، ئەكسىگە قاراپ مېڭىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈمىدى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نىشانىدىن چەتنەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن قارشىلىشىشقا يۈزلىنىپ، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.
بۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە قايتا-قايتا ئىسپاتلانغان لوگىكا ۋە پولات قائىدە.
ئېلېكتىرونلۇق سودىغا كەلسەك، ئېنىقكى، ئېلېكتىرونلۇق سودا دۆلىتىمىزنىڭ سودىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىسادىي سۇپا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، شۈبھىسىز مۇھىم رول ئوينايدۇ ۋە پائال تۆھپە قوشىدۇ، كەڭ ئىستېمالچىلارغىمۇ مىسلىسىز قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
لېكىن ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ساختا ماللارنىڭ يامراپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئەمەلىي ئىقتىسادقا، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق تۈرىدىكى كارخانىلارغا كەلتۈرگەن زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ساختا مال ئەۋج ئېلىپ، ھەقىقىي مالنىڭكىدىن يېرىم ھەسسە تۆۋەن، نەچچە ھەسسە تۆۋەن باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىلىۋاتىدۇ، ھەقىقىي مەبلەغ سالغان، ھەتتا زور مەبلەغ سېلىپ تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتتا يېڭىلىق ياراتقان كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى پەقەت ئېچىنىشلىق ھالدا تىجارەت قىلىپ، كۈچەپ داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، نۇرغۇن كارخانىلار تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئاز ساندىكى ئايرىم مەسىلە ئەمەس.
ئۇنىڭدىن قالسا ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى. پۇل مۇئامىلە دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنىڭ ئۇل تېشى. پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتى بولسا خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەس. پۇل مۇئامىلىدە ھەددىدىن زىيادە يېڭىلىق يارىتىش، تەرتىپسىز يېڭىلىق يارىتىش پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ گېئومېتىرىيەلىك دەرىجىسىدە جۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئامېرىكىدا بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتتى، قىيىن ئەھۋال ئېغىر، بۇ ۋال كوچىسىدىكى ئۆتكەن 50 يىلدا بارلىققا كەلگەن تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە يېڭىلىقلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە خەۋپ-خەتەرنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئىگە ئامېرىكا ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئىگە ئىزچىل ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرمىدى.
بىز شۇنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەككى، مەيلى ئالاقە تورى ياكى پۇل مۇئامىلە بولسۇن، ھەممىسى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ قىممەت يارىتىش قورالى، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى (پايدا قاتارلىق ئۇنىۋېرسال قىممەت) ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۇلۇغ قورال. پۇل مۇئامىلە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى، ئالاقە تورى ھازىرقى زامان خەلق ئىگىلىكىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى، ئۇنىڭ قورال خۇسۇسىيىتىگە ھەقىقىي قايتىپ، ئالدى بىلەن خەلق ئىگىلىكىگە ھەقىقىي، بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان يۈرەك − ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىللە، ئاممىنى ساغلام، خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئەكسىچە، قورالنىڭ ئۆزگىرىشى مەقسەتنىڭ ئۆزىگە ئايلانغاندا، پۇل قۇرۇق ئايلىنىش جەريانىدا توختىماستىن ئۆز ئايلىنىش ۋە ئۆز قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، ئىنتېرنېت تورى ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىرگەن ۋە مونوپول قىلغاندا، دۆلەت ۋە پۇقرالارغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ خۇش خەۋەر بولماسلىقى مۇمكىن.
داۋامى ئەتىكى مەزمۇندا يوللىنىدۇ.
مەنبە: جېڭخې ئارىلى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0