大数跨境

قوش كېمەيتىش ۋە كەسپىي مائارىپ

قوش كېمەيتىش ۋە كەسپىي مائارىپ Nepkar
2021-10-21
2
导读:بۇ تۆۋەن قاتلام لوگىكىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بۇ قىممەتلىك دەۋردە توخۇ بالىسىنىڭ توخۇغا يەتمەيدىغانلىقىن
بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش خاتىرىسىدىن ئاشكارە مۇزاكىرە قىلىشقا قولايلىق بولغان بىر قىسمىنى تاللاپ چىقىپ، بۈگۈنكى (2021-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى) ماقالىنى تەييارلىدىم. 
بۈگۈن زەربە بېرىلگەن مەكتەپ سىرتىدىكى پەن مائارىپى ۋە قوللاشقا ئېرىشكەن كەسپىي مائارىپ توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقايلى:
مېنىڭ مېھرىبان ئۇستازىم شەرقىي شىمالدىكى مەلۇم نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلىم پەن باشلامچىسى، ئۇ ھەر يىلى يېتەكلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، چىڭخۇا داشۆسى، بېيجىڭ داشۆسىگە ئۆتىدىغان ئوقۇغۇچى سانى خېلى بار، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى 985 كە ئۆتەلەيدۇ. 
لېكىن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا، پۈتۈن شەھەر ئېتىراپ قىلغان بۇ داڭلىق ئۇستاز ئۆزىنىڭ بالىسىنى ياخشى تەربىيىلىيەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ كەينىدىكى لوگىكا مۇرەككەپ ئەمەس. 
ئەگەر نوقۇل ھالدا ئىمتىھان ئۈچۈن تىرىشىشقا توغرا كەلسە، مەسىلەن، مېھرىبان ئۇستازىم ئۆزى ئېيتقاندەك، پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئۇ، ئۆزى ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلارغا تەڭ كېلەلمەيدۇ.
ئەمما يىل بويى بىرىنچى سەپتە ئوقۇتۇش تەجرىبىسى بولغاچقا، مېھرىبان ئۇستازىمدا ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر يۈرۈش مائارىپ ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ئىمكانىيىتىنى ياراتقان.
بۇ ئەندىزە تەجرىبە ۋە ئەمەلىي جەڭنىڭ يىغىندىسىدىن كەلگەن بولۇپ، پەقەت زېرەك تۇغما قابىلىيەت ۋە پۇختا ئاساسىي ماھارەتكە تايىنىپ، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغىلا ماس كېلىدۇ. 
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇستازىمنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى يۇقىرى ئۈنۈملۈك مائارىپ ئەندىزىسى كارغا كەلمەيدۇ، ھەتتا ئەمەلىي ئۈنۈمى تەجرىبىسى مول بولغان ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلاردەك ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. 
بۇ خۇددى ۋاسكىتبول ئوينايدىغان جوردان ھەرقانچە قالتىس بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدىكى توپ تېپىش سەۋىيەسى چوڭ قورساق جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا يەتمەسلىكى مۇمكىن. 
ئوخشاشلا، بۇ لوگىكا ئىلمىي مائارىپ ساھەسىدىمۇ شۇنداق. 
«يېڭى شەرق» قاتارلىق تەلىم-تەربىيە ئاپپاراتلىرىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدەك ئەقىللىق ئەمەس. 
لېكىن، يېڭى شەرقنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تەلىم-تەربىيە جۇغلانمىسىدىن پايدىلىنىپ، سانسىزلىغان «تەلىم-تەربىيە بىلىم قوللانمىسى» شەكىللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان شارائىتنى ھازىرلىغان. 
زور مىقداردىكى تەلىم-تەربىيە جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەلىكىلىك دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، تەلىم-تەربىيە ئاپپاراتلىرىمۇ قايتما ئىنكاس ئارقىلىق بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانداق ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ بىلەن بىرلىكتە بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇشىنى تېپىپ چىقتى. 
بۇ بىر كۆلەملەشكەن كەسپ، نۆللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قايتا قۇرۇش تەسكە توختايدۇ. 
ئەگەر يېڭى شەرقتىن ئىبارەت بۇ تەشكىللىگۈچىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئائىلە باشلىقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆز بالىسىنى تەربىيەلەشكە ماس كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىنى تېپىش ئىنتايىن كىچىك ئېھتىماللىققا ئىگە ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. 
كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ مېڭىشقا ماھىر ئوقۇغۇچىلىرى بار، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇسۇللىرى باشقا بالىلارغا ئومۇميۈزلۈك ماس كەلمەيدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئاتا-ئانا مېنىڭ ئاشۇ بۇ كەسىپ ساھەسىدە تەكلىپ قىلىش ئاسانغا توختىمايدىغان مېھرىبان ئۇستازىمنى تەكلىپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ئۇنىڭ بالىسىنىڭ ئاساسى ياخشى بولمىسا، چوڭ ئېھتىماللىقتا ھېچقانداق نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ. 
ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ تەشكىللىگۈچى بولمىسا، دەرستىن سىرتقى تەكرار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەجرىبىسى يېتەرلىك بولمىسا، پېشقەدەملەرنىڭ توپلىغان تەجرىبىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزى يېتەكلەشكە ماس كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تېپىپ يېتەكلىيەلمەيدۇ.
شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەر چۈشەنگەن پەن تەربىيەسىگە زەربە بېرىشتىن كېيىن، زور مىقداردىكى 1V1 مائارىپى باش كۆتۈردى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئانچە توغرا ئەمەس. 
1V1 مائارىپىنىڭ ماھىيىتى «ئوقيا»، «خاسلىققا ئىگە» بولۇپ، ليۇ بېينىڭ جۇ گېلياڭنى ئوغلىغا ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، جيا جىڭ جاڭ جۈجېڭنى ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىگە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلغاندەك، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقىللىق كىشىلەرگە تايىنىپ تۈزۈملەشتۈرگەن مائارىپ ھېسابلىنىدۇ. 
مۇتلەق كۆپ قىسىم «يېڭى شەرق» ئوقۇتقۇچىلىرى «يېڭى شەرق»نىڭ ئوقيا سەپلەش مېخانىزمىدىن ئايرىلغان ھالەتتە ھەقىقىي «1V1» مائارىپى ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان، شۇڭا ئۇلار «يېڭى شەرق»تىن ئايرىلغاندىن كېيىن «1V1» بىلەن شۇغۇللىنىشى ناھايىتى تەس. 
1V1 نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلار سەرخىللار مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندا... (ئەلۋەتتە، ۋېرىتاس ئېنگلىز تىلى تور دەرسخانىسى دەل مۇشۇ ناھايىتى ئاز ساندىكىلەرنىڭ بىرىدۇر!)
نۇرغۇن دوستلار «قوش كېمەيتىش»نى چۈشەنمەيدۇ، كەمىنىنىڭ قارىشىچە، سىياسەت لوگىكىسى بىلەن باغلىساقلا، چۈشىنىشكە قولايلىق بولىدۇ. 
پەن مائارىپىدا قوش كېمىيىشكە ئەگىشىپ، زور تۈركۈمدىكى ئوقۇش تارىخى مائارىپى تەمىناتى يوقىتىلىپ، يېڭى ھۆججەتلەر بارلىققا كەلدى. 
يېقىندا ئېلان قىلىنغان «زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى مىسالغا ئالساق، دۆلەت پۇقراۋى كاپىتالنىڭ كەسپىي مائارىپ ساھەسىگە كىرىشىگە زور كۈچ بىلەن ئىلھام بېرىپ، يېڭى شەرق ئىنگلىز تىلىنى يېڭى شەرق ئاشپەزلىكىگە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ لەنشياڭ بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى. 


چوڭ بۆسۈش چوڭ تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، مائارىپتىكى قوش كېمەيتىشتىن كېيىن، مائارىپمۇ «ھەشەمەت بۇيۇم ۋە ئادەتتىكى تۇرمۇش بۇيۇمى»دىن ئىبارەت ئىككى خىل بۆلۈنۈشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، تەمىنلەش تەرەپتىن قول سېلىش ئارقىلىق، پەن مائارىپىنىڭ ئىچكى يۆگىمىلىشىشى رەسىمى يوقىتىلغاندىن كېيىن، كەسپىي مائارىپنىڭ مەيدانغا چىقىشقا قولايلىق بولىدۇ. 
ھەتتا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مائارىپتىكى قوش كېمەيتىش قانچە قەتئىي بولسا، كەسپىي مائارىپ سالمىقىنىڭ شۇنچە زور بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
مائارىپ ماگناتلىرى ھايات قېلىش ئۈچۈن چوقۇم كەسپىي مائارىپقا ئۆزگىرىشى، سانائەتلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تۈركۈم كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك. 
كەسپىي مائارىپنىڭ كۈچىشى بىلەن، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بارغانسېرى گېرمانىيەگە ئوخشاپ قالىدۇ، نۇرغۇن ياشلار ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن كەسپىي مائارىپنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن مۇناسىپ خىزمەت ئورنىغا مۇقىملىشىدۇ، دۆلەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاق ياقىلىقلار ۋە كۆك ياقىلىقلارنىڭ كىرىمى تەدرىجىي ئازىيىدۇ. 
شۇڭا، بۇ ئىشلارنىڭ تۆۋەن قاتلام لوگىكىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بۇ قىممەتلىك دەۋردە توخۇ بالىسىنىڭ توخۇغا يەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
ئەجىركار: نەپكار
------------

-----------
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
1. ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش
2. باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟
3. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
4. ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟
5. لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى
6. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟
7. ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
8. پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى
9. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟
10. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
11. نېمە ئۈچۈن توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟
12. تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش
13. ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى
14. خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر
15. بايلارنىڭ ھالاكىتى
16. خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟
17. توك چەكلەش ئويۇنى
18. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
19 . ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى
20. ھەممە ئادەم قەھرىمان
21. شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن
22. ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟
23. ئەلى بابانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىمپېرىيەسى چۈشى بەربات بولامدۇ؟
24. مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟
25. دوۋيىن تور چولپىنى قانداق تاۋلىنىدۇ؟
26. كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟
27. كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن
28. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
29. پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس
30. يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى
31. «جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى» دېگەن نېمە؟
32. قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى
33. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ پۇقرالار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
34. جوبىس ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى: ئۇنىڭ 10 خىل ئۆزگىچە تەپەككۇرى
35. ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىمەنىلىك ۋە كاپىتال ئەركىنلىكى
36. 100 مىڭ ئوقۇغۇچى چىقسىمۇ بولىۋېرىدۇ...
37. ليەنشياڭ شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ
38. يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش
39. ئىچكى يۆگىمىلىشىش يۈزلىنىشى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ناچار دەۋر
40. خېڭدا كىرىزىسى ھالقىلىق پەيتكە كەلدى
41. كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈپ نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ
42. مەركىزى بانكا نېمە ئۈچۈن 1 ھەپتىدە 2 قېتىم خېڭدانى تىلغا ئالىدۇ؟
43. تەيجىدىيەن ۋە سامسۇڭ نېمىشقا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟
44. نېمىشقا ئاق ھاراقنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ؟
45. بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»
46. ئاق ھاراق پېيىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى نېمە ئۈچۈن؟
47. ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟
48. بەزى ئىشلارنى كۆپ قىسىم كىشىلەر قىلالمايدۇ

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 


ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 
نۇرغۇن تورداشلاردا يازمىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن يۈرەكلەش ئادىتى يوق، كۆپچىلىكنىڭ يازمىنى ياقتۇرغان بولسا، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئالقىشلاپ ۋە تارقىتىپ، بىزگە ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىر ئىشتا چىڭ تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، كۆپ قېتىم ۋاز كېچىش خىيالىدىن مۇستەسنا بولالمىغان. چىڭ تۇرۇش بىر خىل ئەقىدە، كۆڭۈل قويۇش بىر خىل پوزىتسىيەدۇر!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0