يېقىندا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ، مۇشۇ ئىشتا كەمىنە ئازراق تەسىراتقا ئىگە بولۇپ قالدىم.
ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ياخشىمۇ؟
جاۋابى ياخشى ئەمەس، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ياخشى ئەمەس تۇرۇقلۇق، بەزى زاۋۇتلار (چوڭ ئالاقە تورى كارخانىلىرى) يەنە نۇرغۇن ئادەمنى يۇقىرى مائاش بىلەن قوبۇل قىلىدۇ؟ زاۋۇتلارنىڭ پۇل تېپىش-تاپالماسلىقى ئىككىنچى مەسىلە، لېكىن ئىختىساسلىقلار پايدىسى ھەقىقەتەن كەلدى.

ئىختىساسلىقلار پايدىسى (人才红利) دېگەن نېمە؟
ئىلگىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى تاللىيالمايتتۇق، بىرى بىزگە باغرىنى ئاچسىلا شۇنىڭدىن خۇشال بولاتتۇق، ئىشقىلىپ باغرىنى ئاچمىغاندىن ياخشى.
شۇڭا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم كۈچى ئىشلەتكەندە شاد-خۇراملىققا چۆمەتتى، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلەتكەندە سەل ئۆزىنى تۇتۇۋالاتتى. (ئىختىساسلىقلارغا نىسبەتەن بەك كۆرەڭلەپ كېتەلمەيتتى.)
ھازىر ئىختىساسلىقلار كۆپەيدى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يەنىلا شۇنداق كۆپ، شۇڭا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئامال تېپىشى كېرەك.
شۇڭا، تۈزۈمنى ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان تۈزۈم قىلىپ لايىھەلەش كېرەك، ئادەم قوبۇل قىلغاندا سەمىمىي بولۇپ، يۇقىرى مائاش بېرىش كېرەك.
ئىش ھەققى يېتەرلىك يۇقىرى بولۇشى كېرەك، قوبۇل قىلغىنى يېتەرلىك كۆپ بولۇشى كېرەك، شۇندىلا بازاردا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىختىساسلىقلارغا قارىتا مونوپوللۇق شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
ئىچكى يۆگىمىلىشىش بولغان ئىكەن «يۆگىمە» ياساش كېرەك. ئىچكى يۆگىمىلىشىش بولمىسا ئىچكى يۆگىمىلىشىش پەيدا قىلىش شۇنداقلا «يۆگىمە»لەش كېرەك. بەزى ئالاقە تورى كارخانىلىرى مانا مۇشۇنداق ئۇسۇلدا، ئالدى بىلەن يۇقىرى مائاش بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئاندىن ئۆز شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىچكى «يۆگىمە» ياساپ، «يۆگىمە»دە يەڭگەننى ساقلاپ قېلىپ، «يۆگىمە»دە ئۇتتۇرۇپ قويغانلارنى ئىشتىن بوشىتىدۇ.
ھازىرقى ۋاقىتتا، ئۇتتۇرۇپ قويغانلارنىڭ ھەممىسى ئىشتىن بوشىتىلدى.
ئەمما، خۇددى قىز بالا ئاق بىلەك (ئوغۇللار بەدەن قۇرۇلۇشى، تەقى-تۇرقى، بايلىقى جەھەتتە نۇقسانسىز، ھەم ئېگىز، كېلىشكەن، ھەم پۇلدار بولۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.) يىگىت بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن، مۇھەببەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ تەسلىكىگە ئوخشاش، ئىشتىن بوشىتىلغان ياشلارنىڭ مائاش ئارزۇسىنى قانداق تۆۋەنلىتىش كېرەك؟
ئىشتىن بوشىتىلغانلارنىڭ مائاشىغا ئازراق مائاش بېرىلىدۇ، بۇ پەقەت ئىشتىن بوشىتىلغانلىق تولۇقلىمىسى خالاس. كېيىنكى كىشىلىك ھاياتتا قانداق مېڭىشتا پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى شىركەتنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ.
نېمىلا دېگەن بىلەن قانۇن تەرتىپى بويىچە ئىش كۆردى، ھەتتا مائاش تولۇقلىمىسى بېرىپ، ئىنساپ-ساخاۋەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدى.
ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار توخۇ بېشى بولۇشقا رازىكى، سۇمۇرغ قۇيرۇقى بولۇشقا رازى ئەمەس.
نېمىلا دېگەن بىلەن، ئىختىساسلىقلار پايدىسى دەۋرى ئاخىر يېتىپ كەلدى...
لېكىن چوقۇم ئىشتىن بوشىتىلغان ئادەمنىڭ پايدىسى ئەمەس.
مەنبە: تەيخاڭ سودا ئوبزورى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.

نۇرغۇن تورداشلاردا يازمىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن يۈرەكلەش ئادىتى يوق، كۆپچىلىكنىڭ يازمىنى ياقتۇرغان بولسا، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئالقىشلاپ ۋە تارقىتىپ، بىزگە ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىر ئىشتا چىڭ تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، كۆپ قېتىم ۋاز كېچىش خىيالىدىن مۇستەسنا بولالمىغان. چىڭ تۇرۇش بىر خىل ئەقىدە، كۆڭۈل قويۇش بىر خىل پوزىتسىيەدۇر!
