大数跨境

بۇ 6 تۈرلۈك مەزمۇن يوللانسا، ھېسابات نومۇرى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

بۇ 6 تۈرلۈك مەزمۇن يوللانسا، ھېسابات نومۇرى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ Nepkar
2021-09-11
1
导读:ھېچقانداق ئاساسى يوق چولپانلار ھەققىدىكى پىتنە-پاساتلار، پاكىتنى كۆپتۈرۈش، پىتنە-ئىغۋا توقۇش، يامان

جۇڭگو ئويۇن قويۇش كەسپى جەمئىيىتى يېقىندا ئەزالىق سىستېمىسىدىكى مىكرو بىلوگ، دوۋيىن، كۈەيشوۋ قاتارلىق ئالاقە تورى سۇپىسى كارخانىلىرى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، «پاكىزە تور مەدەنىيىتى ئېكولوگىيە تەلەپچانلىقىنى بەرپا قىلىش ئەھدىنامىسى»نى تەشەببۇس قىلىپ، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ تارقىتىلىشىغا چەك قويۇش، گەپ قىلىشنى چەكلەش، تەرتىپكە سېلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى: 

1. ھېچقانداق ئاساسى بولمىغان چولپانلار ھەققىدىكى پىتنە-پاساتلار، پاكىتنى كۆپتۈرۈش، پىتنە-ئىغۋا توقۇش، يامان غەرەزدە كۆپتۈرۈش؛ 

2. ئىش تۇغدۇرۇش ياكى ئەسلىي مەزمۇننىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى بۇرمىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەستانىلەر توپىنىڭ ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشىغا ياكى يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا ھۇجۇم قىلغان بولسا؛ 

3. ئەگەشكۈچىلەر توپى ئارىسىدىكى قارشىلىشىش كەيپىياتىنى خالىغان ئۇسۇلدا قوزغىغان، پەيدا قىلغان بولسا؛ 

4. قانۇنلۇق ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا تور سۇپىسىدا ئويۇن قويغۇچىلارنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى، مېھمانساراي قاتارلىق مۇساپە ئۇچۇرى ياكى ئادرېسى، كىملىك نومۇرى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىق شەخسىي مەخپىيەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغان بولسا؛ 

5. چولپانلارنى تەشۋىق قىلىش، سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش، تىزىملىك تۇرغۇزۇش قاتارلىق ناملار بىلەن چولپان مەستانىلىرىنى مەبلەغ توپلاشقا چاقىرىش، كۈشكۈرتۈش، قۇترىتىش ياكى سىرتقى ئۇلانما، توپقا قوشۇش، ئىككىلىك كود قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىغا بېرىپ مەبلەغ توپلاشقا يېتەكلىگەن بولسا؛ 

6. چولپان مەستانىلەرنى قۇترىتىپ ياكى تەشكىللەپ نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار، مەسىلەن: ھۆكۈمەتنىڭ پاش قىلىش يوللىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تەرتىپىگە كاشىلا قىلىش، تەستىقسىز توپلارنىڭ توپلىنىشى قاتارلىقلار.

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى مىكرو بىلوگى 
مۇخبىر: ۋاڭ پېڭ، بەي يىڭ 

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىت»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئۆلمەس كىتاب «باي دادام، نامرات دادام (قايتا تەرجىمىسى)» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسىمى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى (بۇ يەرنى چېكىڭ)» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

ئەگەر يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۈندىدار 345760552 نى قوشۇپ ئېرىشىڭ!

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0