大数跨境

ئۆي باھاسى ئۆرلىسە ياخشىمۇ-ئەمەسمۇ

ئۆي باھاسى ئۆرلىسە ياخشىمۇ-ئەمەسمۇ Nepkar
2020-12-10
0
导读:مانا بۇ ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ كۆپ يىللىق شەھەرلىشىشى، نوپۇسنىڭ تەبئىي توپلىشىشىدىن كېلىپ چىققان
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

بازار ئامىلىنى ھېچكىم كونترول قىلالمايدۇ

ئۆي باھاسى ئۆرلىسە ياخشىمۇ-ئەمەسمۇ؟

ئىقتىسادشۇناسلىقنى تۇرمۇشتا قوللانساق، مەسىلىلەرگە قانچە بىۋاسىتە يۈزلەنسەك، ھېس قىلغانلىرىمىز شۇنچە ئېنىق، چوڭقۇر بولىدۇ. ئەمدىكى بىر نەچچە تېمىمىزدا بىز ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىز ئارقىلىق تۇرالغۇ ئۆي بازىرىدىكى مەسىلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىمىز.
ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ-چۈشۈشىدە، ئىجابىي ۋە سەلبىي ئامىللارنى ئېنىق ئايرىش كېرەك
ئۆي باھاسى توغرىسىدا ئىككى خىل پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارىشى قاراش بار، بىرى، «ئۆي باھاسىنى چوقۇم تۆۋەنلىتىش كېرەك.» دەپ قاراش. بىر قېتىم تاكسىدا شوپۇر بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۆي باھاسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ «ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدۇ، ئۆي باھاسىنى چۈشۈرۈپ بېرىشنى خالىسىلا، چوقۇم چۈشۈرگىلى بولىدۇ.» دېدى. بۇنىڭغا قارىتا، ھۆكۈمەت ھەقىقەتەن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەر بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا، نۇرغۇن سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. مەسىلەن، بېيجىڭدا 2011-يىلىدىن باشلاپلا ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش تەپسىلىي قائىدىسى بار بولدى، بېيجىڭ نوپۇسى بار ئائىلىلەرنىڭ 3-يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشىغا يول قويۇلمىدى، بېيجىڭ نوپۇسى يوقلارنىڭ بېيجىڭدا چوقۇم باج تاپشۇرۇپ بەش يىل توشقاندىن كېيىن ئاندىن ئۆي سېتىۋېلىش سالاھىيىتى بولىدىغان بولدى.
يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر «چوقۇم ئۆي باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.» دەپ قارايدۇ. نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، شياڭگاڭدىكى بىر داڭلىق ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى، بىر قاتار ماقالىلەرنى يېزىپ شياڭگاڭدا ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، ئۇ ئەينى چاغدىكى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلار ئۈچۈن شۇنچە كۆپ يەر ۋە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان ئىدى. چۈنكى ئۇ «شياڭگاڭدىكى نۇرغۇن كىشىلەر قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ بايلىقى بىناغا ئاتىۋېتىلگەن، ئەگەر ئۆي باھاسى چۈشۈپ كەتسە، زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئۆيى مەنپىي مۈلۈككە ئايلىنىپ، ۋەيران بولىدۇ، شۇڭا ئۆي باھاسى چۈشۈپ كەتسە بولمايدۇ.» دېگەن.
ھېچنېمىگە قارىماي ئۆي باھاسىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس، ھېچنېمىگە قارىماي ئۆي باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس. بىز قايسى ئامىللارنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە، قايسى ئامىللارنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. بىز تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلايدىغان ئىجابىي ئامىللارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ئاشۇ سەلبىي ئامىللارنى يېڭىپ، ئۆي باھاسى كىشىلەرنىڭ ئۆيگە بولغان ھەقىقىي ئېھتىياجىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئىجابىي ئامىللار
ئەمەلىيەتتە، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجىندىن ئىبارەت بۇ چوڭ شەھەرلەردە ئۆي باھاسى ئىزچىل ئۆسۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا مەركەزلىشىشتۇر. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ شەھەرلەرگە كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرسە، ئۆي باھاسى نېمىشقا قىممەت بولمايدۇ؟ بېيجىڭدا ئىنتايىن ياخشى دوختۇرخانا، تىياتىرخانا، ئالىي مەكتەپ بار. بېيجىڭ داشۆگە ئوخشاش، نۇرغۇن دەرسلەر سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن داشۆلەر بار. بېيجىڭدا ياشاۋاتقان كىشىلەر تۆلەيدىغان ئۆي باھاسىغا ئادەتتىكى بىر يۈرۈش ئۆي پۇلدىن باشقا ئۇنىڭغا يەنە ئەتراپتا ئېرىشكىلى بولىدىغان مۇلازىمەتنى قوشقاندا، ئۇلارنىڭ باھاسى قانداقمۇ باشقا شەھەرلەردىن، چەت-ياقا شەھەرلەردىن ئەرزان بولسۇن؟ ئەلۋەتتە بىز ئېغىزىمىزنى ئاچساقلا نۇرغۇن «شەھەر كېسىلى»، يەنى قىستاڭچىلىق، ھاۋا ياخشى بولماسلىق، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولۇش قاتارلىقلارنى تىزىپ چىقالايمىز. لېكىن كىشىلەر نېمىشقا يەنە چوڭ شەھەردە قېلىشنى خالايدۇ؟ چۈنكى نوپۇس يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن جايلار باشقا جايلارغا قارىغاندا كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0