大数跨境

بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي سېتىۋېلىشتا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي سېتىۋېلىشتا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ Nepkar
2021-12-25
1
导读:تاكتىكىنىڭ ھەممىسى توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، شەخسلەر يولغا قويۇش جەريانىدا، ھەقىقىي پۇل تاپالايدىغانل
ئارقا سۇپىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ، يەنىلا «سىياسىي بىيۇرو يىغىنى تەھلىلى ۋە 2022-يىلىغا نەزەر (بۇ يەرنى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ.)» ۋە «مەركەزنىڭ مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى تەھلىلى ۋە 2022-يىلىغا نەزەر (بۇ يەرنى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ.)» دېگەن ئىككى پارچە يازمىنى ئوقۇپ بېقىش تەكلىپىنى بېرىشكە مەجبۇرى بولدۇم.
يەنىلا شۇ كونا گەپ، شەخسنىڭ كۈرىشىمۇ تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق.
ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئەسلىدە سولغا بۇرۇلۇشقا تېگىشلىك دەۋر، بىر قېتىم قايتىدىن نۇر قايتۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى تېز سۈرئەتتە ئوڭغا بۇراپ قويدى.
لەيلىمە قالايمىقانچىلىق يۇقىرى ئۆرلەش پەلەمپىيىنى پەيدا قىلىپ، بىر تۈركۈم زىيالىيلارغا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۈچ ئەۋلاد كەسىپ بەرپا قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
بۇ ئۈچ يىلدا، پاراڭ تېمىسىنىڭ ھەممىسى كەلگۈسى 20 يىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى لىفىتنى چىڭ تۇتۇش ھەققىدە بولۇندى.
خىزمەتتىن مەبلەغ سېلىشقىچە، ئاندىن ئۆي-مۈلۈككىچە ھەممىسىدە پەن-تېخنىكا ئەۋزەللىكى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى.
شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنى پەن-تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى جايلارغا پىشاڭ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
لېكىن، بۇ يىلدىن باشلاپ سالونىمىز ئىزچىل «ھۇجۇم خاراكتېرلىك تاكتىكا» بىلەن تەمىنلىمەيدىغان، كۆپچىلىككە پىشاڭغا ئائىت بىر نەرسە دېمەيدىغان بولدى.
يازمىمىزنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن «مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيە» بولۇپ، «يېڭى ئۈچ چوڭ تاغ»دىن «يېڭى شەھۋانىيلىق، قىمار، زەھەر»دىن تارتىپ ئامېرىكىدا پېيىنى بازارغا سالغان جۇڭگو كارخانىلىرىغىچە، پاراڭ تېمىمىسىنىڭ ھەممىسى كىرىزىستىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەققىدە بولۇپ كەلدى.
بۇنىڭ سەۋەبى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن يەر شارىدا ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە سولغا بۇرۇلۇش باشلانغانلىقىدىن ئىدى.
زىيالىيلار «خۇاڭ بېگىم»گە ئەگىشىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدىغان دەۋر ئاخىرلاشتى، جاڭ مۇجىنىڭ قېرىنداشلىرىنى باشلاپ ئۇلارنى يوقىتىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. (بۇ بۆلەكنى چۈشىنەلمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى «ئوق بىردەم ئۇچسۇن!» دېگەن كىنوغا نەزەر تاشلاڭ.--نەپكاردىن.)


ئادىللىق ئۈنۈمنى يەڭدى، تورت بۆلۈشنىڭ ۋەزىنىمۇ تەدرىجى ئاشتى. (بۇ يەرنى بېسىپ ««تورت» ياساش ۋە «تورت» تەقسىملەشنىڭ ئۆزگىرىشى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قالايمىقانچىلىققا تولغان پەلەمپەي ئاللىقاچان ئېلىپ كېتىلدى، لىفىت بولمىغاچقا، كۆپچىلىك ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ پەلەمپەيدىن چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
تورداشلارنى يەنىلا «تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى "كىرىزىس" ۋە "پۇرسەت"!» دېگەن يازمىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ بېقىشقا دەۋەت قىلىشقا مەجبۇرىمىز. (بۇ يەرنى بېسىپ «تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى "كىرىزىس" ۋە "پۇرسەت"!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
ئاساسى تېمىغا قايتىپ كەلسەك، ئۆي-مۈلۈكتىن ئىبارەت بۇ ساھە، شەھەرلەر ئارا، جايلار ئارا، مەھسۇلاتلار ئارا غايەت زور بۆلۈنۈش خۇددى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىرژىسىدىكى پاي چېكىگە ئوخشاش، قارىغۇلارچە سېتىۋالسىلا چوقۇم پايدا ئالىدىغان دەۋر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى.
ھەتتا ئۆي-مۈلۈك مەسىلىسىدە، سالونىمىز «قىممىتى يۇقىرى بولۇش (含金量)»نى تەدرىجىي «پەن-تېخنىكا ئەۋزەللىكى بولۇش (含科量)»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن قايتا-قايتا ئەمەلىي مەشغۇلات توغرىسىدا پاراڭلاشمايدۇ.
تاكتىكىنىڭ ھەممىسى توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، شەخسلەر يولغا قويۇش جەريانىدا، ھەقىقىي پۇل تاپالايدىغانلىرى پاي چېكى بازىرىدا پۇل تاپالايدىغانلاردىن كۆپ بولمايدۇ.
«قىممىتى يۇقىرى» ئۆي-مۈلۈك دېگەن ئىسىمدىنلا بىلىشكە بولىدۇكى، بۇ ساھە ئاللىبۇرۇن ئەمگەك كۈچى ئامىلىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان، ئۇ ھازىر ئادەتتىكى كىشىلەر تىرىشسىلا سېتىۋالالايدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئاز ساندىكى مۇقىم توپنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوبوروت قىلىنىدىغان سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ.
بۇ خۇددى ئىدىش ئىستاكاننى ھايانكەشلىك بىلەن نەچچە ئون مىليون يۈەندىن نەچچە يۈز مىليون يۈەنگە ساتقانغا ئوخشاش، ئاممىغا پەقەت دوقمۇش پاراڭلىرىنىلا ئاتا قىلىدۇ، پۇقرالارنىڭ ئىستاكان باھاسىغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ھۆكۈمەت ئىدىش ئىستاكاندىن ئالغان باج ئەكسىچە ئاممىنىڭ سۇ ئىچىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
كەلگۈسىدىكى ئۆي-مۈلۈكمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ، قولىدا يېتەرلىك گىردىسى بار چوڭلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار پۇئېر چېيى ۋە جۇڭجى ماركىلىق پۇل مۇئامىلە ئويۇنى ئوينايدىغان چوڭلاردەك ھەر يىلى %10 تىن %20 كىچە يۇقىرى ئۆسۈشتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قوشۇلما قىممەت ياكى مەنپەئەت قىسمى تەخمىنەن LPR بىلەن تەڭلىشىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408