大数跨境

ئۆي مۈلۈك بېجىنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىش كېرەك؟

ئۆي مۈلۈك بېجىنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىش كېرەك؟ Nepkar
2021-10-23
2
导读:ئۆي-مۈلۈك بېجى بولغاندىلا، ئاندىن ئۆي-زېمىنچىلىكنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
مەن «ئۆي-مۈلۈك بېجى ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمايدۇ.» دېگەن ئىدىم.
ئاۋۋال تۆۋەندىكى يازمىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار:
ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟

شاڭخەي شەھىرى بىلەن چۇڭچىڭ شەھىرى ئۆي مۈلۈك بېجى ئېلىشنى يولغا قويغىلى نۇرغۇن يىل بولدى، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆي مۈلۈك بېجى شۇ جايدىكى ئۆي مۈلۈك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئۆي مۈلۈك بېجى ئېلىشنى يولغا قويغان كۆپ يىللاردىن بۇيان، كوپىراتىپ مائاشىنىڭ ئۆسۈشى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مائاشقا يېتىشەلمىگەن. 
شۇڭا، ئۆي-مۈلۈك بېجى ياخشى. 
ئۆي-مۈلۈك بېجى بولغاندىلا، ئاندىن ئۆي-زېمىنچىلىكنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. 
ئۆينىڭ ھامان بىر باھاسى بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۆي مۈلۈك بېجىنى مەلۇم قىلىشتا پۈتۈشكەن باھا بويىچە ئەمەس، بەلكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان يېتەكچى باھا بويىچە بولىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان يېتەكچى باھا ئەمەلىي پۈتۈشكەن باھادىن تۆۋەن بولىدۇ. 
يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ ئۆي باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش قوماندانلىقى ئاستىدا، بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولغان يېتەكچى باھانى چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇمۇ بەزى جايلاردىكى نىمكەش ئۆيلەرنى ئېسىپ قويۇشتىكى سەۋەب. سېتىۋالىسىلا، پۇل تاپىدىغانلىقىنىڭ يىلتىزى.
بۇ ئۆينىڭ باج ئىشلىرىنى تەكشۈرمەيدۇ، سودا ئوبوروتىنى تەكشۈرمەيدۇ، بۇ ئۆينىڭ ھەقىقىي پۈتۈشۈش باھاسىنىمۇ بىلمەيدۇ، يېتەكچى باھانى ئاساس، يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيەسىدىكى يۇچۇقنى ئىسپات قىلىپ، ئۆز ئالدىغا باج نوقتىلىرىنى بېكىتىدۇ. 
باج ئېلىشتا مەجبۇرلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىماسلىق، باج ئېلىش رەت تەرتىپىنى قوللانماسلىق، ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنى كېڭەيتىۋېتىش ۋە ھەرىكەتلەشتۈرۈۋېتىشتىن، بىجىنايەت ئاممىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. 
دەسلەپكى ھېسابلاشتا بىر باج كەچۈرۈم قىلىش سىزىقى بېكىتىلگەن، مەسىلەن، كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 كۋادرات مېتىر ياكى ئائىلە ئومۇمىي كۆلىمى 90 كۋادرات مېتىر دېگەندەك تۈرلەر بويىچە باج كەچۈرۈم قىلىش كۆلىمى بېكىتىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭراق بولغانلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. 
بۇ كۆلەمدىن ئېشىپ كەتسە، يىلنى بىرلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت بېكىتكەن يېتەكچى باھا ۋە باج نۇقتىسى بويىچە ئۆي-مۈلۈك بېجىنى ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان، ئۆينىڭ 100 كۋادرات مېتىر بولسا، 90 كۋادرات مېتىر يەر كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، يىغىش كۆلىمى 10 كۋادرات مېتىر. 
ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىنىڭ بىر كۋادرات مېتىرى 15 مىڭ يۈەن، باج ئاساسى 150 مىڭ يۈەن، باج نۇقتىسى 1.4 پىرسەنت بولسا، بىر يىلدا 2100 يۈەن ئۆي-مۈلۈك بېجى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. 
ئۆي-جاي بېجىنى مەجبۇرىي يىغماسلىق، بەلكى ئىختىيارىي ئىلتىماس قىلىش پىرىنسىپى بويىچە تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ، تاپشۇرمىسىمۇ ئۆينى قايتۇرۇۋالمايدۇ. 
لېكىن كېچىكىپ تاپشۇرغانلارغا كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى قوشۇلىدۇ، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنىڭ نىسبىتى نېسى قالغان يىل چەكلىمىسىگە قوشۇپ ئېلىنىدۇ. 
ئۆي-جاي بېجى تۇرالغۇ ئىسپاتى ئەمەس، بەلكى سودا ئىسپاتى بولۇپ، ئۆي سودىسى قىلىش ئۈچۈن، مۇكەممەل ئۆي-جاي بېجى تاپشۇرۇش ئىسپاتى بولۇشى كېرەك، كېيىن تولۇقلاپ بېرىشكە بولىدۇ، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى ئۆي بىلەن بىللە تاپشۇرۇش كېرەك، لېكىن مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى يەڭگۈشلەش ئۈچۈن، شۇنداق بىر ئىسپات بولۇشى كېرەك. 
كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى بېكىتىلىدۇ، يىل چېكى ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئېلىنىدۇ، ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. 
بۇنداق سىياسەتنىڭ بىر قانچە ئاشكارا پايدىسى بار. 
بىرىنچى نۇقتا ساپ ئېھتىياج بولسا ھەرگىز خاتا يارىلانمايدۇ. 
بىر ئائىلىدە بىر بالىنىڭ 90 كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆيدە ئولتۇرۇش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئىككى بالىنىڭ 120 كۇۋادىرات مېتىر، ئۈچ بالىنىڭ 150 كۇۋادىرات مېتىرغا باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 

ئىككىنچى نۇقتا، ئۆزلۈكىدىن باج مەلۇم قىلىشقا ئىلھام بېرىش، باج كەچۈرۈم قىلىنغان كۆلەمنى قوشقاندىن كېيىن، ئېھتىياج تۈگىتىلىدۇ، بىر قەدەر تۆۋەن بولغان باج نۇقتىسى كۆلىمى باج ئاساسىغا يەتكەن ئائىلىلەر تاپشۇرىدىغان ئۆي-مۈلۈك بېجىنىڭ سوممىسىنى كۆپتۈرۋەتمەسلىكنى بەلگىلەيدۇ. 
بىر مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك ئۆي، ئۈچ جان ئائىلە بىر يىلدا تەخمىنەن 2100 يۈەن ئۆي مۈلۈك بېجى تاپشۇرىدۇ، ئۆينى تاپشۇرسىلا سودىلاشقىلى بولىدۇ، كېيىنكى سودىدا تاپشۇرمىسا تېخىمۇ كۆپ تولۇقلاپ ئېلىنىدۇ، ئالدىن تاپشۇرغاننىڭ پايدىسى كېچىككەندىكىدىن كۆپ بولىدۇ. ئۆز ئالدىغا باج مەلۇم قىلىشقا نىسبەتەن بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش رولى بار. 

ئۈچىنچى نۇقتا، مەمۇرىي تەننەرخ ۋە پايدىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆي مۈلۈك بېجىنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئارتۇق تەننەرخ كۆپەيتىشنىڭ ھاجىتى يوق، باج ئىشلىرى يۇمشاق دېتالىغا يېڭى ئۇلىنىشنى بېكىتكەندىن كېيىن، ھاسىل بولىدۇ. باج ئېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئادەم كۈچى تەننەرخىنى تەڭشەشكە سەل قاراشقا بولىدۇ. 
لېكىن پايدىسى ئەمەلىي بولۇپ، شەھەرلەردىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان كىشىلەر توپىدىن باج كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينىڭ كۆلىمى باج كەچۈرۈم قىلىش كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتسە، نەزەرىيە جەھەتتىن باج مەلۇم قىلىش كېرەك. 
بىر ئېغىز ئۆيگە تىزىملاتسا، بىر ئېغىز ئۆينىڭ پايدىسى بولىدۇ. 

تۆتىنچى نۇقتا، تەدبىر قوللىنىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ئويلىشىش كېرەك، ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا، سىياسەت دەل جايىدا يۈرگۈزۈلگەندە، كۆپ يۈرۈشلۈك ئۆي چوقۇم كۆپ سوممىلىق باج مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ، قىسقا ۋاقىت تاپشۇرمىسا ھېچنېمە بولمايدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىغا يەتكەندە مەجبۇرىي تەدبىر قوللىنىش كېرەك. 

ئۈچ جانلىق ئائىلىنىڭ 90 كۇۋادرات مىتېردىن باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈچ يۈرۈش 100 كۇۋادرات مىتېرلىق ئۆيى بار دەپ پەرەز قىلساق، باج ئېلىش كۆلىمى 210 كۇۋادرات مىتېر، يېتەكچى باھاسى 15 مىڭ يۇەن، باج ئاساسى 3 مىليون 150 مىڭ يۇەنگە يېتىدۇ، 1.4 باج نۇقتىسى بويىچە بىر يىللىق ئۆي مۈلۈك بېجى 44 مىڭ 100 يۇەنگە يېتىدۇ. 

ئەگەر بۇ ئۈچ يۈرۈش ئۆينى ئالماقچى بولسىڭىز، بىر يىلدا 44100 يۈەن باج تاپشۇرىسىز، تاپشۇرمىسىڭىز تېخىمۇ كۆپ كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى تاپشۇرىسىز، بىر يىلدا 20 نۇقتا، بىرىنچى يىلى 44100 يۈەن، ئىككىنچى يىلى 97020 يۈەن، ئۈچىنچى يىلى 160524 يۈەن قەرز بولۇپ قالىدۇ، تۆتىنچى يىلى 236728.8 يۈەن قەرز بولۇپ، بەشىنچى يىلىغا كەلگەندە 330 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ. 

ئەگەر ئۆلچەم 300 مىڭ يۈەن دەپ پەرەز قىلساق، بۇ سىزىققا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، لەۋزىدە تۇرمىغانلار بىرىكمە مۇشتى ئىشلىتىدۇ. 
ئۈچ يۈرۈش ئۆي بەش يىلدا ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىغا يېتىدۇ، ئەگەر ئون يۈرۈش ئۆي بولسا، بىرىنچى يىلى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىغا يېتىدۇ. 
ئۆي قانچە كۆپ بولسا، نەق پۇل بېسىمىمۇ شۇنچە چوڭ بولۇپ، كۈچلۈكلەرنى تازىلاش، ئاجىزلارنى يۆلەش رولىنى ئوينايدۇ. 
ئۆي بەك كۆپ بولغاچقا، سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئۆي ساتىدىغانلار كۆپىيىدۇ، نىمكەش ئۆي ئىشقىلىپ يەر سېتىش ھەققىگە چېتىلمايدۇ، ئۆي باھاسى داۋاملىق چۈشسە، كېيىنكىلەر سېتىۋالالايدۇ. 

بەشىنچى نۇقتا، كېيىنكى كونا ئۆيلەرنىڭ كۆچۈشىگە شارائىت يارىتىلىدۇ. كۆپ يىللاردىن كېيىن پەيدا بولىدىغان كونا ئۆيلەرنىڭ زور تۈركۈمدىكى باج قەرزى بار بولۇپ، باج قەرزى ئاز ئەمەس، ۋاقتى كەلگەندە باج ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن تۆۋەن باھادا كۆچۈشتىن ساقلىنىش بىرقەدەر ئاسان بولىدۇ. 

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىش ئىجتىمائىي ئادىللىققا، پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ. ياخشى بولسا، ھەممىسى شادلىققا تولىدۇ، ياخشى بولمىسا، چوقۇم ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللايدۇ. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاممىنى كۆزدە تۇتماي بولمايدۇ، ھەرقايسى قاتلاملارنى كۆزدە تۇتماي بولمايدۇ، دەسلەپكى مەقسىتىمىزنىمۇ كۆزدە تۇتماي بولمايدۇ. 
بىز بۇ جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئادىل يۆنىلىشكە قاراپ ماڭدۇرۇشىمىز كېرەك، مەنمۇ بىزنىڭ چوقۇم بۇ جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئادىل يۆنىلىشكە قاراپ ماڭالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. 
بىردىنبىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، بەزى قارا نىيەت ئۆي ئىگىلىرى ئۆي-مۈلۈك بېجىنى ئىجارە ئالغۇچىغا ئارتىپ قويىدۇ. 
ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، بىز ئامالسىز ئۆي ئىجارە ئېلىش يېتەكچى باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باج ئىدارىسىدىكى يولداشلارنى ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۆي ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئاقما ھېساباتىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇر قىلىمىز.
شەپقەتسىز ئادەم، بىزنىڭ ناھەقچىلىكىمىزدىن ئاغرىنىدۇ. 
مەنبە: ئەمەلىيەتچىلخانا سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
ئەجىركار: نەپكار
------------

-----------
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
1. ئەرلەرنىڭ نۇر ھالقىسى ۋە قوتاندا بېقىش
2. باج سوممىسى ئاران 750 دوللار بولغان تىرامپ باجدىن قانداق قاچىدۇ؟
3. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
4. ئامېرىكا قەرز كرىزىسى قانداق شەكىللەنگەن؟
5. لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى
6. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟
7. ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق كرىزىسى زادى قانچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟
8. پۈتۈن يەر شارى بىر مەيدان ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلدى
9. خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟
10. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
11. نېمە ئۈچۈن توك ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلىدۇ؟
12. تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش
13. ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى
14. خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر
15. بايلارنىڭ ھالاكىتى
16. خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟
17. توك چەكلەش ئويۇنى
18. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
19 . ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى
20. ھەممە ئادەم قەھرىمان
21. شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن
22. ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟
23. ئەلى بابانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىمپېرىيەسى چۈشى بەربات بولامدۇ؟
24. مېيتۈەننىڭ باش ئاغرىقى ساقايدىمۇ؟
25. دوۋيىن تور چولپىنى قانداق تاۋلىنىدۇ؟
26. كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟
27. كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن
28. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
29. پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس
30. يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى
31. «جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى» دېگەن نېمە؟
32. قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى
33. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ پۇقرالار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
34. جوبىس ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى: ئۇنىڭ 10 خىل ئۆزگىچە تەپەككۇرى
35. ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىمەنىلىك ۋە كاپىتال ئەركىنلىكى
36. 100 مىڭ ئوقۇغۇچى چىقسىمۇ بولىۋېرىدۇ...
37. ليەنشياڭ شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ
38. يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش
39. ئىچكى يۆگىمىلىشىش يۈزلىنىشى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ناچار دەۋر
40. خېڭدا كىرىزىسى ھالقىلىق پەيتكە كەلدى
41. كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈپ نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ
42. مەركىزى بانكا نېمە ئۈچۈن 1 ھەپتىدە 2 قېتىم خېڭدانى تىلغا ئالىدۇ؟
43. تەيجىدىيەن ۋە سامسۇڭ نېمىشقا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟
44. نېمىشقا ئاق ھاراقنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ؟
45. بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»
46. ئاق ھاراق پېيىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى نېمە ئۈچۈن؟
47. ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟
48. بەزى ئىشلارنى كۆپ قىسىم كىشىلەر قىلالمايدۇ

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 


ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 
نۇرغۇن تورداشلاردا يازمىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن يۈرەكلەش ئادىتى يوق، كۆپچىلىكنىڭ يازمىنى ياقتۇرغان بولسا، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئالقىشلاپ ۋە تارقىتىپ، بىزگە ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىر ئىشتا چىڭ تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، كۆپ قېتىم ۋاز كېچىش خىيالىدىن مۇستەسنا بولالمىغان. چىڭ تۇرۇش بىر خىل ئەقىدە، كۆڭۈل قويۇش بىر خىل پوزىتسىيەدۇر!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0