大数跨境

دىققەت: پەقەت بۇلارنى تىلغا ئالسىلا، ھەممىسى ئالدامچىلىق

دىققەت: پەقەت بۇلارنى تىلغا ئالسىلا، ھەممىسى ئالدامچىلىق Nepkar
2021-08-27
2
导读:ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالغان ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇققاندا، دەلىل ئىسپاتلارنى قوغداشق

بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، شېنجېن ساقچىلىرى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارىدىن 1600 دىن كۆپرەكنى قولغا ئالدى 
شېنجېن ساقچىلىرى 27-يانۋار يېقىنقى مەزگىلدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، شېنجېن ساقچىلىرى تۈرلۈك تېلېگراف ئالدامچىلىقى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرىدىن 6400 دىن ئارتۇقنى پاش قىلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 ئاشتى، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان جىنايەت گۇماندارى 3900 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %78 ئاشتى، قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى 1600 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44 ئېشىپ، زەربە بېرىش نەتىجىسى تارىخىي سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى. 


1. «ئېكراننى ھەمبەھرلەش» بولسا بىر تۈرلۈك يىراق مۇساپىلىك ئىش بېجىرىش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىشى، ئەمما ئالدامچىلار ئۇنى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ۋە پۇل تۆلەش ئۇچۇرىنى كۆزىتىش قورالى قىلىپ ئىشلىتىدۇ. نۇرغۇن ئابونتلار ئىلگىرى بۇ خىل ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ باقمىغان، ياكى بۇ خىل ئىقتىدارنى ئاچقاندىن كېيىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە نىسبەتەن ئۇقۇم يوق، ھەتتا ناھايىتى ئاسانلا خېرىدارلار مۇلازىمىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شەخسىي يانفون ئەپ دېتالىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى قارشى تەرەپكە ئاشكارىلاپ قويىدۇ. 

2. «شەخسىي ئىناۋەت» بولسا نۇرغۇن ئابونتلارنى «ۋەھىمە» ھېس قىلدۇرىدىغان يېڭى شەيئىدۇر. ئالدامچىلار بۇ نۇقتىنى تۇتقا قىلىپ، زاپاس پۇل ئېلىش مەشغۇلاتىنى تاماملىغان ئابۇنىچىلارغا پوپوزا قىلىدۇ. ئۇلار سىزگە ئەگەر سىز كۆپ ئالغان «تۆلەم پۇلى»نى قايتۇرۇپ بەرمىسىڭىز، ئۇ ھالدا ئۆسۈم ۋە رەسمىيەت ھەققى مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە سىزنىڭ شەخسىي ئىناۋىتىڭىزگە ئېغىر تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇڭا، ئىشلەتكۈچىلەر «زاپاس پۇل» بىلەن «تۆلەم پۇلى»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق بىلمىگەندە، ئاسانلا ئالدامچىلارنىڭ بۇ گەپلىرىدىن قورقۇپ، تېخىمۇ چوڭ قىلتاققا چۈشۈپ قالىدۇ. 

3. ئالىپاي زاپاس پۇلى ئالىپاي ھەر بىر خېرىدارغا بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى 500 يۈەنلىك ئىستېمال قەرز پۇل سوممىسى بولۇپ، ئەمەلىي ئامانەت پۇل ئەمەس. شۇڭا، ئاتالمىش «خېرىدارلار مۇلازىمىتى» ئېيتقان پۇل قايتۇرۇشنى چىقىمدان زاپاس پۇلىغا يۆتكەش دېگەن گەپ مەۋجۇت ئەمەس. 

خەلق ساقچىسىنىڭ ئەسكەرتمىسى: 
1. «خېرىدارلار مۇلازىمىتى»دىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون كېلىپ «پۇل قايتۇرۇش، تۆلەم بېرىش»نى بېجىرمەكچى بولسا، خەلق ئاممىسى ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت تورىغا چىقىپ تەكشۈرۈپ دەلىللىشى كېرەك، ئەسلىدىكى سۇپىدىن سەكرەپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا QQ، ئۈندىدارنى قوشۇپ ئالاقىدار مەشغۇلاتلارنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ 

2. ناتونۇش كىشىلەر ئەۋەتكەن «ئىككىلىك كود»نى سىكاننېرلىماسلىق، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تور بەت ئۇلانمىسىنى چەكمەسلىك، شەخسىي ئۇچۇر، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىماسلىق؛ 

3. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالغان ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇققاندا، دەلىل ئىسپاتلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىش، دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىش ياكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك (ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى) ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى (ئۈرۈمچىنىڭ  7654321)گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراش كېرەك. 

ئېتىيات قىلىڭ!

مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى 
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408