搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ۋە ئىچكى دەۋرىيلىك
>
ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ۋە ئىچكى دەۋرىيلىك
Nepkar
2020-12-17
1
导读:ۋەتىنىمىزمۇ يېڭى بىر تاشقى دەۋرىيلىكنى باشلاپ، چەتئەللەرگە ياردەم بېرىدىغان يېڭى دەۋر «مارشال پىلانى
ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ۋە ئىچكى دەۋرىيلىك
بۈگۈنكى ماقالىنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخىنى ئەسلەپ باقايلى.
«ئامېرىكىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى زور سوممىلىق سودا ئاكتىپ بالانىسى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان چەت ئەل قەرزىنى ئۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ سىياسەت دەل غەربىي ياۋروپانىڭ ئېكسپورت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكىدىن تاۋار ئىمپورت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتۇر.» بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا _________ نى يولغا قويدى (ياكى بەرپا قىلدى)؟
جاۋابى: مارشال پىلانى.
ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى يازمىلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز:
1. ماگناتلارنىڭ سەي سېتىش لوگىكىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى
2. «ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات» دېگەن نېمە؟
بۇ يىلقى يەر شارى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ زەربىسىدە، ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرىغا چىققان ئېلىمىزنىڭ يەر شارى بازارلىرىدىكى ئېكسپورت ئۈلۈشى تەخمىنەن %16 ئەتراپىدا بولىدۇ (سانلىق مەلۇماتنىڭ كېلىش مەنبەسى: لى شۈنلېي).
بۇنداق يۇقىرى ئۈلۈشكە پەقەت 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرگەن ئامېرىكىلا ئېرىشكەنىدى.
بۇنىڭ ئارقىسىدا، بۇ يۇقۇم ئەھۋالى ئەۋجىگە چىققان ئەھۋالدا، جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ قوزغىتىش سىياسىتىمۇ پۈتۈنلەي قارىمۇ قارشى ئىككى يولدا ماڭدى، يەنى ياۋروپا، ئامېرىكا پۇل بېسىش ماشىنىسىنى كەڭ ئېچىپ، غالجىرلارچە پۇل باستى، جۇڭگو ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ماددىي ئەشيالارنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقاردى.
بىرىنچىدىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىستېمال تەرەپتە؛ ئىككىنچىدىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەمىنلەش تەرەپتە.
ياۋروپا، ئامېرىكا پۇل تارقاتقاندا مۇتلەق باراۋەرلىككە يۈزلەندى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن كىشىلەرمۇ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشاش كىرىمگە ئېرىشەلەيدۇ (دەل تىرامپنىڭ كۆرسەتكىنى). ھالبۇكى، بىز پۇل تارقاتقاندا نىسپىي ئادىللىققا يۈزلەندۇق، ئەمگەك ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولغان توپنىڭ ئېرىشىدىغان پايدىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى.
بىزنىڭ ئىنتىلىشىمىزنىڭ نەتىجىسى شۇكى، جەنۇپ بىلەن شىمالنىڭ پەرقى، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقى، كاپىتالىستلار بىلەن ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرقى تېز سۈرئەتتە چوڭايتىۋېتىلدى، بىزگە بىۋاستە تەسىر قىلغىنى بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە 10 مىليون دەرىجىلىك ئۆي-مۈلۈكنىڭ تالىشىپ سېتىۋېلىنىشى، جۇڭگونىڭ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى كەسپى ئىستېمالىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى، ھەرقايسى داڭلىق ماركىلارنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇش بولدى.
ھەتتا جۇڭگونى ئەڭ چۈشىنىدىغان ئالمىمۇ تەمتىرەپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، تۆۋەن دەرىجىلىك iPhone 12 بىلەن mini تېز سۈرئەتتە تارقىتىش باھاسىدىن چۈشۈپ كەتتى، لېكىن يۇقىرى دەرىجىلىك Pro بىلەن Max ئۇزاقتىن بۇيان ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى.
يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە تەمىنلەش جەھەتتە كۈچەشتە مەسىلە يوق.
كاپىتالىزمنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىمۇ كۈچى يىغىپ ئىشلەپچىقىرىشنى پۇختا يولغا قويۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكا ئارزۇسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
لېكىن مەسىلە شۇكى، ۋاكسىنىنىڭ كېلەر يىلى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇمنىڭ زەربىسىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان ياۋروپا، ئامېرىكا ئىستېمال جەھەتتىكى غىدىقلاشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى كېڭىيىش ۋە مەبلەغ سېلىشنى قايتىدىن باشلايدۇ.
شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق كۈچلۈك ئېكىسپورتىدا ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ماسكىغا ئوخشاش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر يېڭى بازار تاپالمىسا، كەڭ كۆلەمدە ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش توختايدۇ.
شۇڭا بىز چوقۇم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كەسىپ قۇرۇلمىمىزنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
شۇڭا، بىز 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامېرىكىغا ئوخشاش «مارشال پىلانى» ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ مۇقىم ئۆتۈشىنى ساقلاپ، ئېھتىياجنىڭ تىك شەكىللىك چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
بىراق، ياۋروپا-ئامېرىكا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش پىلانىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، چەت ئەل بازارلىرىنىڭ ئېشىش مىقدارى مۇقەررەر ھالدا توختاپ قالىدۇ، بىز پەقەت نەزەر دائىرىمىزنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىپ، ئالدى بىلەن ئىچكى ئايلىنىشنى تاماملىشىمىز كېرەك.
2008-يىلى تەرتىپسىز كېڭىيىشنى باشتىن كەچۈرگەن بىزمۇ ئالدىنقى قېتىملىق ساۋاقنى قوبۇل قىلدۇق، ئىچكى ئايلىنىشنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالدى بىلەن ئۈچ قىزىل سىزىق ئارقىلىق يەر مۈلۈك ماگناتلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلىدۇق، كېيىن مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئىنتېرنېت تورى ماگناتلىرىنىڭ قوشۇۋېلىشىنى چەكلىدۇق، قۇشلارنى قەپەز ئىچىدىلا قالدۇردۇق.
قانداقلا بولمىسۇن، ئىستېمالنى بوغۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى، بىرىنچىدىن، ئالتە پورتمالنى قۇرۇقداپ قويغان يۇقىرى ئۆي باھاسى، ئىككىنچىدىن، بارىدا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقىدا قاراپ تۇرىدىغان ئىستېمال كىرېدىتى.
ھازىر يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە 600 مىليون تۆۋەن كىرىملىك ئاھالە ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى، مۆلچەرىمىزچە كېلەر يىلى تۆۋەن ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى يەنە داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ.
تۆۋەن قاتلام ئىستېمالىنىڭ گۇمران بولۇشى كەسىپ زەنجىرىگە ئېغىر زەربە بېرىپلا قالماستىن، بەلكى غايەت زور مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا سىياسىي بيۇرو قاتلىمىدا چوقۇم تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ھەم ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرىنى تېخىمۇ كۆپ سېتىش، ھەم پۇل تۆلەيدىغان تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىغا بەختنى ھېس قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل «مىقدار ئاشۇرۇپ سېتىۋېلىش».
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ھۆكۈمەت بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىپ، 10 مىڭ يۈەنلىك يۈرەك تىرىكىنى نەچچە يۈز يۈەنگە ئۇردى، نەتىجىدە چەكلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ-يوق؟ شۇنداقلا يۈرەك تىرىكى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، بازار رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ ھازىرلىتالامدۇ؟
بۇ جەرياندا، پەقەت ئاشۇ غايەت زور ۋاقىت ۋە تەننەرخ سەرپ قىلىپ، مىڭ بىر جاپادا ئۆسۈپ مونوپول دەرىجىلىك يۈرەك-مېڭە قان تومۇر ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ۋاسىتىچى سودىگەرلەرگە ئايلانغانلارغا ئۇۋال بولىدۇ، ئۇلار خۇددى ئىنتېرنېت ماگناتىغا ئوخشاش مونوپول دەرىجىلىك پايدىنى ئەمدىلا تاماملاپ تۇرۇشىغا، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە ئىستېمال ئىسلاھاتى تەرىپىدىن مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇلىدۇ.
ئوخشاشلا، شاڭخەيدە ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن ئىش قىلىۋاتقان تېسلا، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ماسك بىلەن ئىمزالىغان شەرتنامە ماسكنى قىممەت باھالىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى يېسىۋېلەك باھاسىغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالالايدىغان قىلىش ھەمدە كۆپ مىقداردا سېتىۋېلىش ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى تەننەرخنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان
(تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)
.
تەننەرخ، سېتىش مىقدارى بار بولسىلا، يېڭى بازار ۋە يېڭى ئويۇنچىلارمۇ تەبىئىي ھالدا بار بولىدۇ.
خۇددى بۇ بىر نەچچە كۈندىكى خەۋەرگە ئوخشاش، تېسلانىڭ يېنىدا، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئەلى بابا ۋە
CATL
يەنى (
宁德
时代) بىلەن قولدىشىپ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياساشنى باشلىدى. تېسلا بىلەن ئوخشاش تەمىنلەش زەنجىرى، ئوخشاش تەننەرخ، بىزنىڭ كارامەت تېز سۈرئىتىمىز بويىچە بولغاندا، كېلەر يىلى يولدا يۈگۈرەيدىغان بولىدۇ.
ئەگەر «13-بەش يىللىق پىلان»دىكى تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ بەلگىسى باھانى ئۆستۈرۈپ ئامبار قالدۇقىنى تۈگىتىش دېيىلسە، ئۇنداقتا «14-بەش يىللىق پىلان»دىكى ئىستېمال تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ روشەن بەلگىسى باھانى چۈشۈرۈپ ئامبار قالدۇقىنى تۈگىتىش بولۇپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، مىقدارلىق سېتىۋېلىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق باھانى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ ئىستىمال كۈچىگە تۈرتكە بولىدۇ.
شۇڭا نوقۇل ھالدا 2008-يىلىدىكى باستۇرۇپ سۇغىرىش شەكلىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى دورىساق بولىدۇ.
بىز كەلگۈسىدىكى غىدىقلاش پەيتىدە ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادنى غىدىقلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى تاماملايمىز، چوڭ ئېھتىماللىق دورا سېتىۋېلىش بىلەن ئوخشاش، باھانى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ قېيىنچىلىقى بار ئاممىنى سېتىۋالالايدىغان قىلىمىز، شۇنداقلا تەمىنلەش زەنجىرىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىگە ئىگە قىلىمىز.
شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، ئىستېمال جەھەتتە كۈچ سىنىشىپ چىققان دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ-كىچىك ماگناتلار، دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تەڭداشسىز بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
بۇ ئىچكى دەۋرىيلىكنى تاماملىغان ۋەتىنىمىزمۇ يېڭى بىر تاشقى دەۋرىيلىكنى باشلاپ، چەتئەللەرگە ياردەم بېرىدىغان يېڭى دەۋر «مارشال پىلانى»نى يولغا قويىدۇ، شۇ چاغدا بازارلاشقان ماگناتلار ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولغان پۇرسەتلەرنى كۈتىۋالىدۇ.
تارىخنىڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئۇ بىزگە دەريادىن ئۆتكەندە تاش تۇتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، لېكىن دەريادىن ئاۋۋال ئۆتكەن ئاق باش بۈركۈت (ئامېرىكىنى دېمەكچى)نى تۇتۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئۇقتۇرىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونى
ئىقتىسادنىڭ كۈچىگە ۋە ئىقتىسادى قانۇنىيەتلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئىقتىساد چېتىلمايدىغان ساھە يوق، ھەم ئىقتىسادتىن خالىي بۇلۇڭ-پۇچقاقمۇ يوق. مەيلى مەزكۇر يازمىدىكى باش قەھرىمانلار «ئىنتېرنېت ماگناتلىرى» بولسۇن ياكى ئالدىنقى كۈنلىرىدىكى يازمىلىرىمىزدىكى كىچىك ما يۈن ياكى دىڭ جېنلار بولسۇن، ھەممىسى ئىقتىسادنىڭ كۈچى بىلەن ئايلىنىۋاتقان بۇ جەمئىيەتنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان.
بۈگۈنكىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئۇچۇرلىشىش كەسكىنلىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تۈپتىن چۈشىنىمىز دەيدىكەنمىز، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەپەككۇرىمىزنى يېڭىلىشىمىز، ئىقتىسادى ئېڭىمىز جەمئىيەت بىلەن تەڭ رېلىستا مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك كىتابىمىز: ئىقتىساد تەپەككۇرى ۋە ئىقتىساد ئېڭى پاراۋۇزى (شۆ جاۋفېڭنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقچە نۇسخىسى)
ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاڭ ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408