
بۈگۈن يەنىلا ئۆي-مۈلۈك بېجى مەسىلىسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقايلى:
يېقىندا ئۆي-مۈلۈك بېجى سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئاپپاراتلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆي-مۈلۈك بېجى يىغىش كۆلىمىنى مۆلچەرلەشكە باشلىدى.
ئەتراپلىق ھېسابلاش ئارقىلىق، كۆپچىلىك مۇنداق بىر ھەيران قالارلىق يەكۈنگە ئېرىشتى، ئۆي-مۈلۈك بېجىنىڭ ئېشىش مىقدارى يەر سېتىپ قىلغان كىرىمنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەر «ئۆي-مۈلۈك بېجى يەنىلا ئەمەلىيلەشمەيدۇ، يەر مالىيەسىگە تايىنىشتىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.» دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ.
كەمىنىنىڭ قارىشىچە، بۇ 90-يىللاردا «جۇڭگو ئىككى مىڭ يىللىق يېزا ئىگىلىك بېجى بىكار قىلالمايدۇ.» دەپ قارىغانغا ئوخشاش كۈلكىلىك ئىدى.
ئەينى يىلى جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك بېجىنى بىكار قىلىشى بېقىنىشتىن قۇتۇلالمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى يېڭى باجنىڭ كونا باجنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىدىن بولغان.
يېزا ئىگىلىك بېجى دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە دۆلەت كىرىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيتتى، 2000-يىلىنىڭ بېشىدا تۆۋەنلەپ %1 كىمۇ يەتمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، مەركەزمۇ نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان تاۋار ئۆي سىياسىتىنى پۈتۈن مەملىكەتتە تېز يولغا قويۇپ، يەر كىرىمىنى ناھايىتى تېزلا مالىيە كىرىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەتتى.
بۇ يەردىن پايدىلىنىشتىكى «قەپەزنى بوشىتىپ قۇشنى ئالماشتۇرۇش» بولۇپ، پەرقى زىرائەت تېرىشتىن ئۆي تېرىشقا (سېلىشقا) ئۆزگەرگەنلىكىدىنلا ئىبارەت.
ئوخشاشلا، بۈگۈنكى كۈندە يەر مالىيەسىنىڭ قىسقارتىلىشى ئارقىسىدا، يەر مالىيەسى ئۆزگەرگەن ئۆي-مۈلۈك بېجىغا تايانماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئورنىنى يېڭى باج ئالىدۇ.
بۇ يېڭى باج سانلىق مەلۇمات بېجى بىلەن كاربون بېجىدۇر. مانا بۇ سالونىمىزدا بىر يىلغا يېقىن داۋاملاشقان يېڭى «ئىككى باج» توغرىسىدىكى يازمىلار بولۇپ، بۇ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى بىلەن گلاسگوۋ «ئىككى يىغىن»دا كەسكىن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
شۇڭا، يەر مالىيەسىنىڭ كۆتۈرۈۋېتىلىشى ئۆي-مۈلۈك بېجىنىڭ قانچىلىك ئېلىنىدىغانلىقىغا باغلىق ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇمات بېجى ۋە كاربون بېجى جەھەتتە، يەر كىرىمىنىڭ كەملىكىنى تولۇقلىيالايدىغان-تولۇقلىيالمايدىغانلىقىغا باغلىق.
ئەگەر ئۆي-مۈلۈك بېجى راستىنلا يېتەكچى باج تۈرىگە ئايلاندۇرۇلسا، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر بېيىپ پۇلغا كۆمۈلۈپ نەپىسىنى ئالالماي قېلىشقا باشلايدۇ، ئۈچىنچى، بەشىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ھەتتا ئۆي سېتىۋېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇ لايىھە مۇقەررەر ئىنكار قىلىنىدۇ.
«ئىككى باج» لايىھەسى بولسا ئىقتىسادشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قايچىسىمان پەرقتىن پايدىلىنىپ بايلىققا ئېرىشىش بولۇپ، يېڭى تىپتىكى كەسىپلەر ئىپتىدائىي كاپىتال جۇغلانمىسىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن قايچىسىمان پەرق ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن مۇنداق كۆرۈنۈش پەيدا بولىدۇ، دېھقانلار بىر نەچچە مو يەردىكى زىرائەتنى بىكار قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ (يېرىنى قولدىن چىقىرىپ شەھەرلىشىدۇ)، شەھەر ئاھالىلىرى باج تاپشۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىن، دېھقانلار دېھقانچىلىق بېجى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ؛ شەھەر ئاھالىلىرى پۇل قاپچۇقىنى قۇرۇقداپ، تور ئەھلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ (تورغا يۈزلىنىدۇ)، تور ئەھلى سانلىق مەلۇمات ۋە كاربون بېجى تاپشۇرغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرى كۆپ پۇل خەجلەپ ئۆي سېتىۋالمايدىغان بولىدۇ.
بۇ خۇددى يەر مالىيەسىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى باجنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى شەھەر ئاھالىلىرىگە يۆتكىگۈزگەندىن كېيىن، دېھقانلار ئازاد بولۇپ، كەلگۈسىدە سانلىق مەلۇمات بېجى ۋە كاربون بېجى ئالىدىغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەر سېتىشقا تايىنىشتىن قۇتۇلغىنىغا ئوخشايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتە، چىقىم قىلىدىغان پۇل ئۆي-مۈلۈك بېجى ئەمەس، بەلكى سانلىق مەلۇمات ۋە كاربون ئىستېمال قىلىدىغان كارخانا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇشتۇر.
ئەڭ ئاخىرىدا، نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋاقتى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقساق:
2000-يىلى، گوۋۇيۈەن ئەنخۇي ئۆلكىسىنى دېھقانچىلىق بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا بۇيرىدى، 2001-يىلى، جياڭسۇ ئۆلكىسى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى، ئۇنىڭدىن كېيىن، قىسمەن ئۆلكىلەر باج كېمەيتىش سېپىگە بىر-بىرلەپ قوشۇلدى، 2005-يىلىغا كەلگەندە ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
ئىسلاھات بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، يېزا ئىگىلىك بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشمۇ «10-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئاستا-ئاستا تاماملانغان.
تارىخنىڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىك بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئۆلكىلەر ئون يىلدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ غەلىبە قىلغۇچى بولۇپ قالدى.
شۇڭا كۆپچىلىك ناھايىتى تېزلا سىناق نۇقتىسىنى تالىشىشنىڭ ئىنتايىن كەسكىن بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
سىزگە ئالاھىدە نەپ بېرىدىغان تىللالىق يازمىلار (تېمىنى چەكسىڭىزلا بەت ئاتلايدۇ!):

بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!
يۇقىرىقى يازمىلارنىڭ بەزىلىرى ھەقلىق يازمىلار بولۇپ، ئەگەر بىۋاسىتە سالوندىن كۆرسىڭىز بەلكىم چىقىمىڭىز سەل ئارتىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئەگەر يۇقىرىدىكى يازمىلارغا ھەقىقەتەن قىزىقسىڭىز، سىزنىڭ يەنىلا نەپبىلوگىنىڭ ئايلىق كارتىسىنى سېتىۋېلىش شەكلىدە پايدىلىنىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى نەپبىلوگىنىڭ ھازىرقى ئېتىبارلىق ئايلىق كارتىسى ئاران 29.9 يۈەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نەپبىلوگىدا ئېلان قىلىنغان 100 پارچىدىن ئارتۇق يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە يازمىلاردىن بىر ئاي ئىچىدە خالىغانچە ھەقسىز پايدىلىنالايسىز!

ئالاھىدە سەمىڭىزگە سېلىپ قويىدىغىنىمىز، سالونغا قارىغان نەپبىلوگ نىسبەتەن جانلىقلىققا ئىگە بولغاچقا، ئادەتتە كۆپىنچە يازمىلار ئالدى بىلەن نەپبىلوگىدا ئېلان قىلىنىدۇ، شۇڭا يازمىلاردىن تېخىمۇ بالدۇر پايدىلىنىش ئىمكانىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ نەپبىلوگى ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ!
تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


