大数跨境

خەلق گېزىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان زاڭزۇ قىز پوتبولچى

خەلق گېزىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان زاڭزۇ قىز پوتبولچى Nepkar
2020-12-14
1
导读:زاڭزۇ قىز پۇبۇجىما كىچىكىدىن تارتىپلا پۇتبولنى قىزغىن
ئىلاۋە ئورنىدا:
خەلق گېزىتى ۋە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ زاڭزۇ قىزى ئەمدى دىڭ جېندىن كېيىنكى ئېقىم چولپىنى بولۇپ قالامدۇ؟ 
ئاۋۋال تۆۋەندىكى يازمىلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىڭ (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ):
1. ئېقىم چولپىنى دىڭ جېنمۇ كىچىك ما يۈننىڭ تەقدىرىگە دۇچ كېلەرمۇ
2. دىڭ جېننىڭ ئىسمىدا خالىغانچە ماركا ئىلتىماس قىلماڭ
3. تراگېدىيەلىك ھايات: خەير-خوش، كىچىك ما يۈن
-----
زاڭزۇ قىز پۇبۇجىما كىچىكىدىن تارتىپلا پۇتبولنى قىزغىن سۆيەتتى. ئۇ نەنكەي داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەندىن كېيىن، قالتىس توپ تېپىش ماھارىتىگە تايىنىپ مەكتەپنىڭ ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا باشلامچىلىق قىلغان تۇنجى ئايال كوماندا باشلىقى بولۇپ قالدى، ئۇ يەنە مەكتەپنىڭ قىزلار پۇتبول كوماندىسىنى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ قىزلارغا پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. 
 


توپ تەپكەندە ئۆزۈمنى نۇر چىقىرىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن 
 
پۇبۇجىما شىزاڭ لاسادا چوڭ بولغان. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇ بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ پۇتبولغا «بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ». 

پۇبۇجىما: «ئۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىر ۋارتارنىڭ ھەممىسى ۋاز كەچتى، تۇيۇقسىز بىر توپچى توپنى چىقىرىۋەتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ چاغدا پۇتبولنى كۆپچىلىكنىڭ قەلبى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم، مانا بۇ پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچى ئىدى.»  
 
دەسلەپ توپ مەشىق قىلغاندا، پۇبۇجىمانىڭ پۇتبولى بولمىغاچقا، پاسىلداق قۇتا تېپىپ مەشىق قىلىدۇ. كېيىن ئۇ ئوغۇللار بىلەن بىللە مەيدانغا چىقىپ مەشىق قىلىشقا باشلايدۇ. پۇبۇجىما ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، بىر نەچچە قىز بىلەن ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنى تەشكىللەيدۇ. پۇتبول پۇبۇجىمانىڭ تەن ساپاسىنى چېنىقتۇرۇپلا قالماي، ئۇنى بارغانسېرى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ.  
 


پۇبۇجىما ئەسلەپ تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئۇ تۇنجى قېتىم ھەقىقىي مەنىدىكى مۇسابىقە ئوينىغان. مۇسابىقە باشلىنىپ بىر نەچچە مىنۇت بولمايلا، ئۇ توپنى تارتىۋالىدۇ ھەمدە توپ كىرگۈزىدۇ. شۇ پەيتتە، پۇبۇجىما ئۆزىنى نۇرلىنىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
 
مۇسابىقىگە قاتنىشىشتا رەت قىلىنغاندىن كېيىن، مەكتەپ قىزلار پۇتبول كوماندىسى قۇرۇش 
 
پۇبۇجىما 2019-يىلى نەنكەي داشۆسىنىڭ ساياھەت ۋە مۇلازىمەت ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ. ئۇ پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان بولۇپ، ئىنستىتۇتنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا كىرىشنى تاللايدۇ. ئۇ كوماندىدىكى بىردىنبىر قىز كوماندا ئەزاسى بولسىمۇ، جاپالىق مەشىق قىلىش ۋە قالتىس توپ ئويناش ماھارىتىگە تايىنىپ كوماندا باشلىقى بولۇپ سايلىنىدۇ. 
 


لېكىن، پۇبۇجىما ۋە كوماندا ئەزالىرى مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى بولغاندا، ئۇنىڭغا مەيدانغا چۈشسە بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ. سەۋەبى، يېڭى ئوقۇغۇچىلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بەش يىلدىن بۇيان، ئەزەلدىن قىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار بىللە مۇسابىقىگە چۈشمىگەن. ئەينى ۋاقىتتا پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن قىزلار قائىدىگە ئەمەل قىلىشنى تاللاپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەن. 
 
پۇبۇجىما ۋاز كەچمىدى، ئۇ يېڭى ئوقۇغۇچىلار لوڭقىسىنى قىزلارنى رەت قىلماسلىقى كېرەك دەپ قارايدۇ. رېپىر بىلەن سۆزلىشىپ پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ھەر قايسى كوماندىلار بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قارار چىقارماقچى بولىدۇ، نەتىجىدە كۆپ قىسىم كوماندا باشلىقلىرى قوشۇلىدۇ. 
 


پۇبۇجىما كۈتكىنىدەك كوماندىنى باشلاپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، بۇ نەنكەي داشۆسىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى ئىدى. 
 
بۇمۇ نۇرغۇن پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارغا تەسىر قىلدى. 2019-يىلى 11-ئايدا پۇبۇجىما باش بولۇپ مەكتەپتە ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنى قۇرىدۇ ھەم كوماندا باشلىقى بولىدۇ. ھازىر ئەترەتتە 40 تىن ئارتۇق ئەزا بار. 
 


پۇبۇجىما: «ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنى تەشكىللەشتە مەن ئۇلارغا جاسارەت ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. قىزلارنى باتۇرلۇق بىلەن چىملىق مەيدانغا چىقىپ توپ تېپىشكە دەۋەت قىلىپ، ئاخىرىدا پەقەت ئۆزۈم بىرلا ئادەم چىقتىم.» 
 
بىر ئادەمنىڭ قىزغىن سۆيۈشىدىن بىر توپ كىشىلەرنىڭ قىزغىن سۆيۈشىگىچە
 
ئاياللار پۇتبول كوماندىسىغا ترېنېر تېپىش جەريانىدا، پۇبۇجىما كۆپ قېتىم رەت قىلىنغان. ئۇلار «ھازىر تيەنجىندە ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى يوق، ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرنىرى تەرەققىي قىلالمىدى.» دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن. 
 
پۇبۇجىما قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، مەكتەپ ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، تېخىمۇ كۆپ ئېتىبارغا ئېرىشىشىدە نەنكەي داشۆسى ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، ئاياللار پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى سەھنىسىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. 
 
بۇ ئوي باشقا ئالىي مەكتەپلەردىكى پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان نۇرغۇن قىزلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، ھەمدە بەش ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پۇبۇجىما يەنە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس سۇنۇپ، مەكتەپ فوندى تۈرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.  
 


يېڭىچە تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، بىرلەشمە مۇسابىقە كېلەر يىلى 3-ئايغا كېچىكتۈرۈلدى، ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدىكى قىزلار مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشنى قارار قىلدى. كۆپچىلىك قەلبىدىكى ئاشۇ قىزغىن مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا. 
 
 قىزغىن سۆيۈش ۋە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، پۇبۇجىمانى پۇتبول يولىدا توختىماي ئىلگىرىلەتكۈزدى، ئەگەر سىزنىڭمۇ قىزغىن سۆيىدىغان ئىشلىرىڭىز بولسا پۇبۇجىماغا ئوخشاش باتۇرلۇق بىلەن قوغلىشىڭ.

مەنبە: خەلق گېزى سالونى

ئىقتىسادنىڭ كۈچىگە ۋە ئىقتىسادى قانۇنىيەتلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئىقتىساد چېتىلمايدىغان ساھە يوق، ھەم ئىقتىسادتىن خالىي بۇلۇڭ-پۇچقاقمۇ يوق. مەيلى مەزكۇر يازمىدىكى باش قەھرىمانلار «ئىنتېرنېت ماگناتلىرى» بولسۇن ياكى ئالدىنقى كۈنلىرىدىكى يازمىلىرىمىزدىكى كىچىك ما يۈن ياكى دىڭ جېنلار بولسۇن، ھەممىسى ئىقتىسادنىڭ كۈچى بىلەن ئايلىنىۋاتقان بۇ جەمئىيەتنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان. 
بۈگۈنكىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئۇچۇرلىشىش كەسكىنلىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تۈپتىن چۈشىنىمىز دەيدىكەنمىز، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەپەككۇرىمىزنى يېڭىلىشىمىز، ئىقتىسادى ئېڭىمىز جەمئىيەت بىلەن تەڭ رېلىستا مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. 
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك كىتابىمىز: ئىقتىساد تەپەككۇرى ۋە ئىقتىساد ئېڭى پاراۋۇزى (شۆ جاۋفېڭنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقچە نۇسخىسى)

ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاڭ ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0