大数跨境

مەۋھۇم پۇل توغرىسىدا، مەركىزىي بانكا تەڭشەش ئېلىپ باردى!

مەۋھۇم پۇل توغرىسىدا، مەركىزىي بانكا تەڭشەش ئېلىپ باردى! Nepkar
2021-09-28
0
导读:قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنى بىردەك قاتتىق مەنئى قىلىش، قانۇن بويىچە قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇر
9-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى «مەۋھۇم پۇل (虚拟货币) سودىسىدا خەۋپ-خەتەرنىڭ يەنىمۇ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش» توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «مەۋھۇم پۇل قانۇنىي پۇل بىلەن ئوخشاش قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە ئەمەس. بىت پۇلى، يىتەي پۇلى (以太币)، تەيدا پۇلى (泰达币) قاتارلىق مەۋھۇم پۇللار غەيرىي پۇل دائىرىلىرى تارقاتقان، شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ھەمدە تەقسىملىمە ھېسابات ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش تېخنىكا، رەقەملەشتۈرۈش شەكلىدە مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، قانۇنىي تۆلەم خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنى پۇل سۈپىتىدە بازاردا ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.» 


مەۋھۇم پۇلغا ئالاقىدار كەسپىي پائالىيەت قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىگە تەۋە. قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇل بىلەن مەۋھۇم پۇلنى ئايرىباشلاش كەسپى، مەۋھۇم پۇل ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىباشلاش كەسپىنى قانات يايدۇرۇش، مەركەزنىڭ رىقابەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەۋھۇم پۇل ئېلىپ-سېتىش، مەۋھۇم پۇل سودىسىنى ئۇچۇر ۋاسىتىچىلىكى ۋە باھا بېكىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، پۇل تارقىتىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، شۇنداقلا مەۋھۇم پۇل ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى سودىسى قاتارلىق مەۋھۇم پۇلغا ئالاقىدار كەسپىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۇل بېلەتنى قانۇنسىز سېتىش، ئاكسىيەنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاشكارا تارقىتىش، قەرەللىك مال كەسپى بىلەن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قاتارلىق قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنى بىردەك قاتتىق مەنئى قىلىش، قانۇن بويىچە قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.» 


مەنبە: جۇڭگۇ خەلىق بانكىسى ئورگان تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئەجىركار: نەپكار

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىت»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئۆلمەس كىتاب «باي دادام، نامرات دادام (قايتا تەرجىمىسى)» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسىمى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 


ئەگەر يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۈندىدار 345760552 نى قوشۇپ ئېرىشىڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408