
2021-يىلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 چوڭ پەن-تېخنىكا يۈزلىنىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش
مەنبە: «پەن-تېخنىكا ئاقىللىرى»

2020-يىلى، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇم پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ، دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا؛ دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكىدا مۇستەقىل بولۇش، ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادقا ياردەم بېرىپ، 2020-يىلى يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر ئىقتىسادى مۇسبەت ئاشقان ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى.
2021-يىلى پەن-تېخنىكىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ساھەلەردە قوللىنىلىشى زور دەرىجىدە تېزلەشتى ۋە تېزلىشىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدىكى پەن-تېخنىكا يۈزلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالدىن مۆلچەرلەش، پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ھەرىكەت ھالىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، «پەن-تېخنىكا ئاقىللىرى» (《科技智囊》) ژورنىلى 2021-يىلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون چوڭ پەن-تېخنىكا يۈزلىنىشىنى رەتلەپ چىقىپ پايدىلىنىشقا سۇندى.
1. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار (AI) ئىچكىرلەپ تەرەققىي قىلىدۇ

يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ھەم مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا، AI تېخنىكىسى تېز تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، 2021-يىلى داۋاملىق ھالدا كارخانا، ھۆكۈمەت، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ھەم كاپىتال ۋە بازار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى ۋە ئايلىنىۋاتىدۇ. مېڭە ھېسابلاش سىستېمىسى «مەخسۇس ئىشلىتىش» تىن «ئورتاق ئىشلىتىش» كە قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ؛ نېرۋا ھالىتى قاتتىق دېتال ئالاھىدىلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېزىلىدۇ ھەمدە تېخىمۇ ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مېڭە قۇرۇلمىسىدىن ئىلھام ئېلىشتىن قۇرۇلما بىلەن ئىقتىداردىن ئىلھام ئېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە يۈزلىنىدۇ؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزى ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەۋرنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەسىگە ئايلىنىدۇ.
2. «بۇلۇت» تېخنىكىسى كۆپ خىللىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ

يېڭى تاجىسىمان يۇقۇم ئەھۋالى، ھەم ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋە ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئىش بېجىرىش ئەندىزىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، "بۇلۇت" ھېسابلاش ئېھتىياجى تېز ئاشتى. 2021-يىلى «بۇلۇت» ھېسابلاش كۆپ خىللاشقان تەرەققىيات يۈزلىنىشى بارلىققا كېلىدۇ: بۇنىڭدا نۇرغۇن "جامائەت بۇلۇتى" ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ؛ بۇلۇت سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى بازار ۋە تېخنىكىنىڭ قوش ئايلىنىش تەرەققىياتىنى كۈتۈۋالىدۇ؛ بۇلۇت بىرلەمچى تېخنىكىسى بۇلۇت ھېسابلاش كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3. 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ

2021-يىلى تېلېگراف شىركەتلىرى 5G مۇستەقىل گۇرۇپپا تورى (SA) قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك ۋە چوڭ سىغىملىق خەۋەرلىشىش بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، قوللىنىشچان پىروگراممىغا ئاساسەن تور زاكاز قىلىشقا ۋە ئادەتتىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك تور ئېھتىياجىنى تەدبىقلاشقا بولىدۇ. 5G تېخنىكىسى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر 6G غا دىققەت قىلىشقا باشلىدى ياكى تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشىپ كەتتى؛ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ كېڭەيتىلمە رېئاللىق (XR) ئۈسكۈنىلىرىنى بىرىكتۈرۈش (VR، AR، MR، 8K ۋە تېخىمۇ كۆپ سۈرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەمەلگە ئاشىدۇ، پۈتۈن تەسۋىرلىك پرويېكسىيە ئالاقىسىنى قوللىنىش تېخىمۇ ھەقىقىي بولىدۇ، بۇ تېخنىكىلار ئارقىلىق يىراق ئۇچ خىزمىتى، كونتروللاش، مېدىتسىنا، مائارىپ قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئۈمىد بار.
4. مەۋھۇم (تۇتاشتۇرۇش) رېئاللىق تېخنىكىسى ھېس قىلىپ سىناش ۋە مەنزىرىگە قاراپ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىدۇ

مەۋھۇم مۇھىتنى چىنلاشتۇرۇش 3D لىق بېسىش قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، مەۋھۇم لايىھەدىكى مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىق جىسىملارنى رېئاللىقتا نامايان قىلىدۇ، يەنە مەۋھۇم ئۇچۇرنى ھەقىقىي دۇنياغا ئېلىپ كىرىپ، كىشىلەر بىلەن مەۋھۇم رول، جىسىملارنى ئۆزارا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ؛ گولوگرافىك (全息) ئالاقە تورى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئادەم، شەيئى، نەرسىلەرنى ماس قەدەمدە «پىرويېكسىيەلەپ»، ۋاقىت، ئورۇن ۋە تىلدىن ھالقىپ، ھەتتا مەۋھۇم ۋە ھەقىقىي دۇنيانىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بارلىق كىشىلەرنى تېخىمۇ ھەقىقىي ۋە تېخىمۇ يېقىن ھالدا ھەمتۈرتكە قىلىدۇ؛ كەلگۈسىدە، مەۋھۇم توپلاشتۇرۇش دۇنياسىدا يەنە مەۋھۇم ۋە چىنلىق دۇنياسى ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، ۋاقىت ۋە ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىجرا قىلىش گەۋدىلىرى (ماشىنا ئادەم ياكى ئادەم بىلەن بىرلەشكەن ماشىنا ئادەم) بارلىققا كېلىدۇ.
5. نەرسە تورى تەدرىجىي ھالدا ئەقلىي ئالاقە تورىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ

2021-يىلى نەرسە تورى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئەقلىي ئالاقە تورىغا ئايلىنىپ، AI بىلەن چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى قىممەتنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسلىق يادروسى قىلىدۇ. ئۆي مۇھىتىدا، نەرسە تورى ئۆيدىكى ئۈسكۈنىلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ. "سانائەت 4.0" ھەرىكىتى ئەقلىشىش تېخىمۇ تېزلىشىدۇ، ئاقىل زاۋۇتلارنىڭ ئەۋرىشىملىكى، ئېلاستىكىلىقى ۋە ئىش ئۈنۈمى ئاشىدۇ، زاۋۇتلار ئاپتوماتلاشتۇرۇشتىن ئەقلىلىشىشكە قەدەم قويىدۇ. داۋالاش كەسپى جەھەتتە، CT ۋە باشقا ئاپپاراتلاردا دىياگنوز قويغان گىرافىك قەغەزلىرىنى پەرقلەندۈرۈش تېخىمۇ تېزلىشىپ ۋە ئېنىقلىشىپ، كلىنىكىلىق تەدبىر بەلگىلەشكە ياردەم بېرىدۇ، ھەتتا يىراقتىن دىئاگنوز قويۇش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى "AI + داۋالاش" بىرلەشمە تورىنىڭ كەلگۈسىدە تېخنىكىنى ئاقىل دۇختۇرخانا ۋە شىپاخانىغىچە بىرىكتۈرۈش، يىراقتىن داۋالاشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى.
6. كەسىپ بۆلەكلەر زەنجىرى: سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

دۆلىتىمىز مەركىزىي بانكىسى رەقەملىك پۇلىنى رەسمىي قوللىنىش تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى تۇنجى رەقەملىك پۇلغا ئىگە دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىنىڭ 2030-يىلى دۇنيا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نى 1 تىرىليون 760 مىليارد دوللار ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار. بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ تۈرلۈك كەسىپلەردە قوللىنىلىشى كۆپ تەرەپ ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، سىستېما بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەنئەنىۋى پۇل مۇئامىلە مۈلكىنى رەقەملەشتۈرۈشكە قاراپ كۆچۈرىدۇ، بۇ جەريان IoT (نەرسە تورى) ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۈلۈك تورى ئۆتكىلىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى رولى — مۈلۈكنى رەقەملەشتۈرۈشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
7. ئاپتوماتىك ھەيدەش كۆلەملىشىدۇ ۋە سودىلىشىشقا يۈزلىنىدۇ

ئاپتوماتىك ھەيدەش سىنىقى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورنى ئاساس قىلغان ئۈلگە كۆرسىتىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە ئون شەھەردە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ. دۆلىتىمىز، ئامېرىكا قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ 5G-V2X تېخنىكا ئۆلچىمىنى قوللىنىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئاپتوموبىل، خەۋەرلىشىش ۋە قاتناش كەسپى ئىقتىدارىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، شۇنداقلا چەكلىمىسىز سىناش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئېلىمىز 5G-V2X قوللىنىشتا ئۈلگە كۆرسىتىشتىن كۆلەملىك سودىغا يۈزلىنىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كىرىدۇ.
8. مېڭە-ماشىنا ئۇلىنىش ئېغىزى ئادەملەرنىڭ بىئولوگىيەلىك چەكتىن ھالقىشىغا ياردەم بېرىدۇ

مېڭە-ماشىنا ئۇلىنىش ئېغىزى بولسا يېڭى بىر ئەۋلاد ئادەم-ماشىنا ئارىلاشقان ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىدىكى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكا. مېڭە-ماشىنا ئۇلىنىش ئېغىزى پەن-تېخنىكىنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىشىدىكى بىر چوڭ "ئابىدە". مېڭە-ماشىنا ئۇلىنىش ئېغىزى ئادەم مېڭىسى بىلەن كومپيۇتېر ياكى باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان ئۇلىنىش يولى ۋە كونترول قىلىش يولى. كومپيۇتېر ئارقىلىق سىگنال قوبۇل قىلغاندا، ئادەم مېڭىسى ئوي ـ پىكرىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەيدۇ ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلىدۇ، ئەتراپتىكى نېرۋا ۋە مۇسكۇللارغا تايانمايدۇ: «ئوي-پىكىر» ئارقىلىق ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلىپ، پۇت-قوللارنى ئازاد قىلىدۇ.
9. كۋانتلىق ھېسابلاش تىنچلىق دەۋرىدىكى "يادرو قورالى" بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

پەن جيەنۋېي كوللېكتىپى ياسىغان كۋانت كومپيۇتېرى «جيۇجاڭ»دا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھېسابلاش ئىقتىدارى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، گۇگول 2019-يىلى ئېلان قىلغان كۋانت كومپيۇتېرىنىڭ 10 مىليارد ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتتى. كۋانتلىق ھېسابلاشنى تىنچلىق دەۋرىدىكى يادرو قورالى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ھەر قايسى چوڭ دۆلەتلەر كۋانت تېخنىكا ئىنقىلابى رىقابىتىدە قاتتىق تىركىشىدۇ. 2021-يىللىق كۋانتلىق ھېسابلاش ئۇچۇق مەنبە تۈرى پەن-تېخنىكىغا كەڭ ۋە چوڭقۇر تۆھپە قوشۇپ، ئۆگىنىش ھەم تەتقىقات تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئىلمىي بولمىغان ئامىللارنىڭ كۋانت مەھەللىسىنى ۋەيران قىلىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.
10. ئۆزەك تېخنىكىسى مىكرولاشتۇرۇشتىن ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا قاراپ يۆتكىلىدۇ

2020-يىلى، ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېي قاتارلىق دۆلىتىمىز كارخانىلىرىغا قاراتقان «ئۆزەك بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزۈپ قويۇش» ھەرىكىتى، بىزگە «ئۆزەك قىيىنچىلىقى» نىڭ ئازابىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىلارنىڭ چوقۇم ئۆز قولىمىزدا بولۇشى كېرەكلىكىنى تونۇتتى، شۇڭا ئۆزەك تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئۆزەك تېخنىكىسى مىكرو تىپلىقتىن ئەقلىي ئىقتىدارلىققا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، كەلگۈسى ئۆزەك تېخنىكىسىنىڭ تۆت يۈزلىنىشى: يېڭى پىرىنسىپلىق زاپچاسلار؛ قايتا قۇرۇشقا بولىدىغان ئۆزەك؛ كىلاسسىك ئۆزەك بىلەن كۋانتلىق ھېسابلاشنىڭ بىرىكمىسى؛ مېڭە تۈردىكى ئۆزەكلەر.
来源:《科技智囊》

سەمىمىي ئەسكەرتمە: مۇنبىرىمىزدىكى مەزمۇنلارنى
رۇخسەتسىز ھالدا باشقا تاراتقۇ ۋاستىلىرىغا كۆچۈرۈپ
تارقاتماڭ، بايقالغان ھامان پاش قىلىنىدۇ.
مەنبە: ئىدراك مۇنبىرى (智力思维)
تەييارلىغۇچى: QB
idrak salonidewir sadasi
"ئىدراك" مۇنبىرى ئىلىم-پەن، تېخنىكا، تۇرمۇش، ئەقىل-پاراسەت، چىن ھېس-تۇيغۇلارنىڭ چېگراسىغا ھەم بۇ ساھەلەر كېسىشكەن تەپەككۇر مەنزىللىرىگە يېتىپ بېرىشنى ئىستەيدۇ...


