大数跨境

تېڭشۈن، ئەلى بابا ۋە بايتلىق سەكرەشلەر ئەمدى ھەددىدىن ئاشمايدۇ

تېڭشۈن، ئەلى بابا ۋە بايتلىق سەكرەشلەر ئەمدى ھەددىدىن ئاشمايدۇ Nepkar
2021-09-12
1
导读:ئادىل رىقابەتلىشىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئالاقە تورى كەسپىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى سۇپىدىن سىرتقى ئۇلانمىنى توسۇشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار كەسپىي تارماقلىرى «تور ئادرېسىنىڭ ئۇلىنىشىنى توسۇش مەسىلىسى بويىچە مەمۇرىي يېتەكچىلىك قىلىش يىغىنى» ئاچقان. يىغىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ھەردەملىك خەۋەرلىشىش (即时通信) يۇمشاق دېتالىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئۆلچەملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۈرۈك ئىچىدە ھەرقايسى سۇپىلاردىن چوقۇم ئۆلچەم بويىچە توسۇشنى بىكار قىلىشنى، بولمىسا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. 
ئىگىلىنىشىچە، بۇ «سۈرۈك» 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇرۇن، ھەر قايسى شىركەتلەر بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆلچەم بويىچە تۈزىتىشنى تاماملاشنى كۆرسىتىدىكەن. شۇ كۈنى يىغىنغا قاتناشقان كارخانىلار ئەلى بابا، تېڭشۈن، بايتلىق سەكرەش (字节跳动)، بەيدۇ، خۇاۋېي، شياۋمى، مومو، 360، ۋاڭيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان كارخانىلار ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، قەتئىي ئۆلچەم تەلىپى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 
كەسپىي زاتلار مۇنداق دەيدۇ: «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا قويغان ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئۆلچەملەر ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئالاقە تورى كەسپىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.» 

نەپكار سالونىدىن تولۇقلىما:
سىرتقى ئۇلانمىنى توسۇش ھەققىدە چۈشەنچە:
سىرتقى ئۇلانمىنى توسۇش دېگىنىمىز، تورداشلارنىڭ بىلگىنىدەك ئىلگىرى تاۋباۋ (ئەلى بابانىڭ قارمىقىدىكى باشقا مەھسۇلاتلارمۇ بار)، دوۋيىن (بايتلىق سەكرەشنىڭ قارمىقىدىكى باشقا مەھسۇلاتلارمۇ بار)نىڭ ئادرېسىنى ئۈندىداردا يوللىغىلى بولمايتتى (قالايمىقان كودلۇق مەزمۇننى كۆچۈرۈپ چاپلاپ مەشغۇلات قىلىناتتى. ئوخشاشلا ئۈندىدار (تېڭشۈننىڭ قارمىقىدىكى باشقا مەھسۇلاتلارمۇ بار) ۋە تاۋباۋ (ئەلى بابانىڭ قارمىقىدىكى باشقا مەھسۇلاتلارمۇ بار)نىڭ ئادرېسىنى دوۋيىندا يوللىغىلى بولمايتتى. دېمەك، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بۇ ئۈچ چوڭ ئاتامان ئۆزئارا بىرىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئادرېسىنى ھەمبەھرلەشنى چەكلەيتتى، بۇ قېتىم سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىسى دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قارىتىلغان. 

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0