搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
«ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات» دېگەن نېمە؟
>
«ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات» دېگەن نېمە؟
Nepkar
2020-12-16
2
导读:كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرمىسە، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش يېڭى دولقۇنىمۇ كېلەر يىلى
«ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات» دېگەن نېمە؟
ھەر يىلى 12-ئايدىكى سىياسىي بيۇرو يىغىنى يىل ئاخىرىدىكى مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، نۇرغۇن مۇھىم تەدبىرلەرگە دائىر ئۇچۇرلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىدۇ، كېلەر يىلى يەنە «14-بەش يىللىق پىلان»نىڭ باشلىنىش يىلى، بۇ تەدبىرلەر كەلگۈسى بەش يىلىمىزغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئايلىق يىغىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ مۇھىم ئىش «ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھ قىلىش»نىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر.
تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئېھتىياج ھالقىسىدىكى ئىسلاھاتقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
2020-يىل 12-ئايدىكى سىياسىي بيۇرو يىغىنى
بۇ سۆزنىڭ زادى قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بەش يىل ئىلگىرىكى سىياسىي بيۇرو يىغىنىنى ئەسلىسەكلا بىلىۋالالايمىز.
ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
2015-يىلى 12-ئايدا سىياسىي بىيۇرو يىغىنى
دەل بەش يىل بۇرۇنقى بۇ يىغىندا تەمىنلەش سىستېمىسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، تەمىنلەش تەرەپلىك ئىسلاھات مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
مەركەزنىڭ 2015-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى
ئىقتىسادقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار ئاسانلا چۈشىنەلەيدۇ، بەش يىل بۇرۇنقى بۇ ھەل قىلغۇچ يىغىندىن كېيىن، بىزمۇ «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى بەش يىلغا سوزۇلغان تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات يولىنى كۈتۈۋالدۇق.
بۇ ئىسلاھات جەريانىدا، دەۋران سۈرگەن لېشى، ۋەندا، خەيخاڭ، ئەنباڭ، خۇاشىن قاتارلىقلار كىشلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدىن چېكىنىپ چىقتى؛ كۆمۈردىن پولات-تۆمۈرگىچە، سۇ تىرانسپورتىدىن كېمىچىلىككىچە، ئېنېرگىيەدىن يەر-مۈلۈك كەسپىگىچە نۇرغۇن كىچىك دۇكانلارنىڭ بازاردىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ماگناتلار تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈردى.
پەقەت تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر چۈشەنگەن كىشىلەرلا، ئېھتىياج ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ يەر-جاھاننى قانداق زىلزىلىگە سالىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.
ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلمىسە، مۇشۇ ئايدا ئېچىلىدىغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتمۇ رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ھەمدە كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىمىزدىكى ئاساسىي لىنىيەگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
بۇ ئۆتكەن بەش يىلدىكى نۇرغۇن يوللىرىمىزنىڭمۇ مەشغۇلات لوگىكىسىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەگەر ھەرىكەت لوگىكىسى ئۆزگەرتىلمىسە، بەش يىل ئىلگىرى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن كىچىك دۇكانلار ۋە ساختا ماگناتلار بۇنىڭغا ئىبرەت بولالايدۇ.
بازاردا سېتىلىۋاتقان بۇ نۆۋەتلىك ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىستېمالنى قوزغىتىش ياكى سۇ قويۇپ بېرىش دەپ چۈشىنىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسلىرىگە كەلسەك، ئېھتىمال ھەممىسى ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت دەرسىنى ياخشى ئۆگەنمىگەنلەر بولۇشى مۇمكىن.
ئىسلاھات ئۈستقۇرۇلمىنى ھەل قىلىدۇ، توسالغۇلارنى يۆتكىۋېتىدۇ، ئۈستقۇرۇلما ئارقىلىق ئىقتىساد بازىسىقا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. «سۇ قويۇپ بېرىش» ياكى ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى دۆلەت دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلالايدۇ. سىياسىي بيۇرو ۋە بارلىق مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى ھاجەت ئەمەس.
ئىسلاھاتنى تەتقىق قىلىشتا، مۇقەررەر ھالدا ئۈستقۇرۇلما كاتېگورىيەسىگە قايتىشىمىز كېرەك.
قانداقلا بولمىسۇن، يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى، پەقەت بىزلا مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولدۇق، بۇ يىل گەرچە دۇنيا بويىچە GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى بويىچە بىردىنبىر مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان بولساقمۇ، لېكىن ئاھالىلەر ئىستېمالىنىڭ CPI سى مەنپىي سان بولدى.
داۋاملىق مەبلەغ سېلىش نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنى چوڭايتىۋېتىدۇ، كېيىنكى ئىسلاھات چوقۇم ئىستېمال سىستېمىسى ئىسلاھاتى بولۇشى كېرەك، قارىغۇلارچە سۇ قويۇپ بېرىش نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىدۇ.
جېڭشىتاڭنىڭ قارىشىچە، گەرچە تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن ئىستېمال تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئازراق ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئىككىسىنىڭ بىر جۈپ ئورتاق ئىچكى يادروسى بار، ئۇ بولسىمۇ تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىكى «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»تىكى «تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش» ۋە «كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش»تىن ئىبارەت.
چۈنكى مەيلى تەمىنلىگۈچى تەرەپ ياكى ئىستېمال تەرەپ بولسۇن، ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئايلىنىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، يەنى فىزىكىدىكى سۈنئىي «ئېنتروپىيەنى تۆۋەنلىتىش».
تەخمىنىي نەتىجىدىن قارىغاندا، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۇسۇلى قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۆلەملەشتۈرۈپ كەسىپلەشتۈرۈش ئارقىلىق تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت.
«13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، بىز 100 دىن ئارتۇق مەركەز كارخانىسىنى بىرلەشتۈرۈپ 50 كە يەتكۈزدۇق، پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ مونوپول قىلىش ئارقىلىق تېزدىن زورىيىپ، كۈچىيىشىگە، مەبلەغ سېلىپ قايتا تەشكىللەش ئۇسۇلى ئارقىلىق قىسقا مۇددەت ئىچىدە دۇنيا دەرىجىلىك رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇشىغا يول قويدۇق.
ئەكسىچە، ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات شەكلىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كەسكىن بازار رىقابىتى ئارقىلىق، مونوپول ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مەركەز كارخانىلىرى بىلەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كەسكىن ئىستېمال رىقابىتىنى قوزغىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر تەرەپتىن باھانى تۆۋەنلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىستېمالنى قوزغىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق مونوپول دەرىجىلىك كارخانىلارنىڭ مونوپول دەرىجىلىك پايدىغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئالدىنقى نۆۋەتلىك تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ئەڭ كۆپ پۇل خەجلىگەن ئىشنى مىسال قىلىپ ئۆتەيلى.
«13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە دى دى زور سوممىلىق تولۇقلىما تارقىتىش ۋە كۇەيدىنى قوشۇۋېلىش قاتارلىق رىقابەت ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تېزدىن مونوپول دەرىجىلىك ئاپتوموبىل بازىرىنى قۇرۇپ، ئىجادىي تەمىنلەش ھالقىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈردى. بىراق «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە دى دىنىڭ مونوپول بازاردىن پايدىلىنىپ زور سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ۋە باھانى ئۆستۈرۈشنى قەتئىي بوغۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەھەتتە مېيتۈەن قاتارلىق باشقا ماگناتلارنى قويۇپ بېرىپ، بازاردىن پايدىلىنىپ ئىككى تەرەپنى پايدىنى ئازايتىپ ئاممىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلايدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش، يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ماگناتلار غالجىرلارچە ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللە كوللېكتىپ سېتىۋېلىش ئىشلىرى تازا ياخشى بولماي قالدى.
ئەسلىدە «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە پۇل كۆيدۈرۈپ بەرپا قىلىنغان نەرسىلەر، «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىپ قالىدۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شىركەتلىرىنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشىنى چەكلىمەيدۇ، لېكىن زور سوممىلىق تولۇقلىما تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن يەنە باھاسىنى ئۆستۈرىمەن دەپ ئويلىماڭ، شۇنداقلا دى دىسىمان مونوپوللۇقنى شەكىللەندۈرۈشنىمۇ ئويلىماڭ، ھەتتا كەلگۈسىدە ھەر قانداق سەلبىي مەسىلە كۆرۈلسە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ چېكى بولمايدۇ.
ئوخشاشلا، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە يېمىرىلگەن شاكالسىمان ئۇزۇن ئىجارىلىك ياتاق، ئۆي ئىجارىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان مونوپول دەرىجىلىك ماگناتلار، تەبىئىيكى، ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئوبيېكتىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، يۇقۇمنىڭ زەربىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ، كەلگۈسىدە يەنىلا ئىسلاھ قىلىنىدىغان ئوبيېكتقا ئايلىنىدۇ.
ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، «13-بەش يىللىق پىلان»دىكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ئىسلاھات ۋە «14-بەش يىللىق پىلان»دىكى ئېھتىياج ھالقىسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ ھەممىسى كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنى چەكلەش «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا، «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە مونوپول سۇپىلارغا قارىتىلغان.
خۇددى بەش يىل بۇرۇنقى ۋەندا، خېڭدا شىركىتىنىڭ A پاي چېكىگە قايتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، لېشى، باۋفېڭ قايتا تەشكىللەنمىگەنگە ئوخشاش، بەش يىلدىن كېيىن ئەسلىدە مۇددەتتىن بۇرۇن قاچماقچى بولغان چۈمۈلىمۇ (蚂蚁) بوسۇغۇغا كېلىپ قالغان پەيتتە ئەجدادلارنىڭ ئىزىدىن ماڭدى
(تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)
.
بۇنىڭ ئارقىسىدا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ماگناتلىرىنى ئۆزلىرى بېرىشقا تېگىشلىك جايغا بېرىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشقا يېتەكلەيدۇ.
شۇڭا، ئەگەر ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئېھتىياج تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش رەسمىي بېكىتىلسە، ئۇنداقتا بىزنىڭ كەسىپ ۋە كاپىتال بازىرىمىز غايەت زور شىيلىنىشقا دۇچ كېلىدۇ.
خۇددى بۈگۈن ئەلى بابا، تېڭشۈن، شۈنفېڭ «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلىپ، بىرلىكتە جازالانغانغا ئوخشاش، ئەمدى سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەلى بابا، تېڭشۈننىڭ ئەيچىيى (爱奇艺)نى سېتىۋېلىشى، دۇۋيۈ بىلەن خۇيانى بىرلەشتۈرۈشى مۇقەررەر ھالدا قاتمۇقات قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ.
كاپىتال بازىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەينى يىللاردىكى
«3Q ئۇرۇشى (تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)»
غا ئوخشاش، دۆلەت ئىچىدىكى زور بىر تۈركۈم مونوپول كەسىپلەردىكى چوڭ-كىچىك ماگناتلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ مونوپول خاراكتېرلىك پايدىسى ئېلىپ كەلگەن ئۆرلىگەن باھا ۋە ھېكايىلەرمۇ گۇمانغا دۇچ كېلىدۇ، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئوچۇق ۋە تولۇق بازار رىقابىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.
كەلگۈسى بەش يىلدا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەر قايسى ساھەلەردە كەسكىن بازارلاشقان رىقابەتنى باشلاپ، ئەنئەنىۋى بازاردىكى ئىستېمال باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىستېمال قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدۇ ھەمدە پايدىسى تەگمەيدىغان ماگناتلارنى يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىگە قەدەم قويۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ، توسالغۇلارنى ئېچىپ، سېپىل خەندىكىلىرىنى ئېچىۋېتىپ، يېڭى كۈچلەرنىڭ ئۆز ئاساسىدا يىلتىز تارتىپ بىخلىنىشىغا يول قويىدۇ.
شۇڭا، ئىنتېرنېت تورى ۋە مەبلەغ سېلىش بازىرىنىڭ كەلگۈسى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ كۆكتات بازىرى
ئەمەس، «نادانلار»نىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى بېجىمۇ ئەمەس، بەلكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئىقتىساسلىقلارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرمىسە، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش يېڭى دولقۇنىمۇ كېلەر يىلى باشلىنىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونى
ئىقتىسادنىڭ كۈچىگە ۋە ئىقتىسادى قانۇنىيەتلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئىقتىساد چېتىلمايدىغان ساھە يوق، ھەم ئىقتىسادتىن خالىي بۇلۇڭ-پۇچقاقمۇ يوق. مەيلى مەزكۇر يازمىدىكى باش قەھرىمانلار «ئىنتېرنېت ماگناتلىرى» بولسۇن ياكى ئالدىنقى كۈنلىرىدىكى يازمىلىرىمىزدىكى كىچىك ما يۈن ياكى دىڭ جېنلار بولسۇن، ھەممىسى ئىقتىسادنىڭ كۈچى بىلەن ئايلىنىۋاتقان بۇ جەمئىيەتنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان.
بۈگۈنكىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئۇچۇرلىشىش كەسكىنلىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تۈپتىن چۈشىنىمىز دەيدىكەنمىز، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەپەككۇرىمىزنى يېڭىلىشىمىز، ئىقتىسادى ئېڭىمىز جەمئىيەت بىلەن تەڭ رېلىستا مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك كىتابىمىز: ئىقتىساد تەپەككۇرى ۋە ئىقتىساد ئېڭى پاراۋۇزى (شۆ جاۋفېڭنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقچە نۇسخىسى)
ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاڭ ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0