大数跨境

نېمە ئۈچۈن ئىنتېرنېت ماگناتلىرىنىڭ مونوپۇللۇقىغا قارشى تۇرۇلىدۇ

نېمە ئۈچۈن ئىنتېرنېت ماگناتلىرىنىڭ مونوپۇللۇقىغا قارشى تۇرۇلىدۇ Nepkar
2020-12-14
1
导读:مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئامېرىكا سەرخىللىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەم بىر خىل غايە، ھەم بىر خىل سودا.
ئالاقە تورى ماگناتلىرىغا مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر قاتلاملىق چۈشىنىش 
1998-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەڭ كۈچلۈك مونوپوللۇققا قارشى ئىتتىپاقى دۇنياغا كەلدى، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 20 ئىشتاتنىڭ باش تەپتىشىنى يېتەكلەپ مىكروسوفت شىركىتى «ترېستقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇنى پارچىلاشنى تەلەپ قىلدى.


Windows سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشى ئارقىلىق، ئىلگىرىكى بىر نەچچە يىلدا مىكروسوفت ئامېرىكا يېڭى ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا كېڭىيىشى ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشتى، شۇنداقلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلىدى، بىراق يەنىلا كلىنتون ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمىدى. 
 
ھالبۇكى بۇنىڭ پىلتىسى، مىكروسوفت ئۆزىنىڭ مونوپول ئورنى ئارقىلىق، بىر قاتار ئادەتتىن تاشقىرى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، رىقابەت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تور مەنزىرىسى (网景) شىركىتىنى تەلتۆكۈس يوقاتماقچى بولغانلىقىدىن بولغان ئىدى.
 
ئۇ چاغدا تور مەنزىرىسى شىركىتىنىڭ تور كۆرگۈچى بىر مەھەل %90 تىن ئارتۇق بازارنى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭ بىر قاتار ئىجادىي كەشپىياتلىرى ئىنتېرنېت تورىغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن، Java ئاستا-ئاستاHTML  نىڭ ئورنىنى ئېلىپ، تور بېتىنى يەككە يۆنىلىشلىك بولۇشنى دىئالوگلۇق شەكىلگە ئۆزگەرتكەن، cookies  نىڭ كەشىپ قىلىنىشى گوگۇل ئېلانى، ئامازوندىن مال سېتىۋېلىشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرغان.
 شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خۇددى خاككېر ئىمپېرىيەسىدىكى cookies غا بولغان چۈشەنچىسىگە ئوخشاش، تور مەنزىرىسى شىركىتىنىڭ بىر قاتار يېڭى ئېچىش شەكلىدىكى ئۇلۇغ كەشپىياتلىرى، ئىنتېرنېت تورىنى روھقا ئىگە قىلدى، ئەمدى سوغۇق بەت يۈزى ۋە ۋاكالەت نومۇرى ئەمەس. 

ئىلگىرى يېڭىلىق يارىتىشتا كۆزگە كۆرۈنگەن مىكروسوفت بۈگۈنكى كۈندە يېڭىلىق يارىتىشتىكى پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالدى، تور مەنزىرىسى شىركىتىنى چەكلەپلا قالماستىن، ئۇنىڭ تۆۋەن چېكى يوق مونوپوللۇق قىلمىشى ئامېرىكا پەن تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ لەنەت ئوقۇشىغا تېخىمۇ سەۋەب بولدى.
 
ھەتتا كېيىن باش كۆتۈرۈپ چىققان گوگۇلنىڭ شوئارىدىكى Don’t be evil دىكى evil  (رەزىللىك) مىكروسوفتنى كۆرسىتىدۇ.
 
مانا بۇ نۇرغۇن جۇڭگو ياشلىرىنىڭ دۇنيادىكى بۇ كاتتا باي ۋە خەير-ساخاۋەت ماگناتى (بىل گايتىس)نىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغانلىقى ۋە سېسىق نام بېرىلگەنلىكىنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.
 


ئامېرىكا سەرخىللىرى يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىش-ماڭالماسلىقىدىكى مۇھىم ھالقا دەپ قارايدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۆمۈر پەردىسىنى يىرتىپ تاشلىغان جەڭچىلەر ئەركىنلىك ۋە غايە ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، مىكروسوفتنى ئايرىۋېتىش قارارىغا كەلدى.
 
ئاشۇ قەتئىي ئەھدىگە ئىگە ھەم سېتىلىپ كەتمەيدىغان تەپتىش ئەمەلدارلىرى ئالدىدا بىل گايتىسنىڭ ئاغزى-بۇرنى قانغا بويالغان بولسىمۇ، لېكىن فلورىدادىكى بىر كېپىنەكنىڭ قانىتى مىكروسوفتنىڭ پارچىلىنىش تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى (ئەگەر بۇ جۈملىنى چۈشىنىكسىز ھېس قىلسىڭىز، دىققىتىڭىزنى تارىخى ماتېرىياللارغا ئاغدۇرغايسىز—ئۆزلەشتۈرگۈچىدىن.) ئىشتات باشلىقىنىڭ ئىنىسىنىڭ ياردىمىدە، كىچىك بۇش ئەڭ ئاخىرىدا جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان چوڭ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كلىنتوننىڭ ۋارىسى گورنى يەڭدى.
 
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى تەختكە چىققاندىن كېيىن، مىكروسوفتنىڭ بېسىمى زور دەرىجىدە يېنىكلىدى، كېيىنكى يىلى پارتلىغان 911 ۋەقەسى پۈتكۈل ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ئورتاق دۈشمەن، تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. 
 
خۇددى نەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى بىر ئەۋلاد ياۋۇز ئەجدىھا IBM پارچىلىنىشقا دۇچ كەلگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پلانېتىلار ئارا چوڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان رېگان ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ كۆك رەڭلىك گىگانتنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، ئۇنى پارچىلىنىشتىن ساقلاپ قالغىنىغا ئوخشاش.
 
2000-يىلنىڭ بېشىدىكى ئىراق ئۇرۇشىدا، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ ئارقا ئىشىكنىڭ ئېچىۋېتىلىشى بىلەن مۇداپىئە سىستېمىسى بىردىنلا پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، سانسىزلىغان تېررورچىلار خەۋەردە ئىز قوغلاپ بايقالدى، مىكروسوفت ھۆكۈمەتنىڭ ئەتىۋارلىشىغا تايىنىپ، بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالدى.
 
بۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى مالىيە گۇرۇھلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا خەلقىگە ئورتاق دۈشمەن تىكلەپ بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئىلگىرى چاڭئەن كوچىسىدا تۇمان-تۈتەك ئىچىدە يۈرگەن جۇڭگولۇق كۈيئوغۇل زاكېربېرگمۇ مونوپول سۇئاللىرىغا يولۇققاندا، بېشىنى بۇراپ بىزگە تۆھمەت قىلدى. (تىكتوكنىڭ ئامېرىكىدا چەكلىنىشىگە سەۋەبچى بولغان بىرىنچى قول ۋاسىتىچى).
 


مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئامېرىكا سەرخىللىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەم بىر خىل غايە، ھەم بىر خىل سودا.
 
ھالبۇكى، كۆپ ھاللاردا غايە بىلەن سودا ئۆز ئارا ماس كېلىدۇ.
 
IBM ۋە مىكروسوفتلار ئەينى يىللاردىكى ئۆلچەملىك نېفىت ۋە AT&T غا ئوخشاش پارچىلىنىش تەقدىرىدىن قۇتۇلدى، لېكىن مونوپوللۇققا قارشى داموكىلىس شەمشىرى بۇ ماگناتلارنىڭ چوققىسىغا ئېسىلىپ قالدى، ئالما، ئىنتېل، كامبېردال قاتارلىق يېڭى ئۆتكۈرلەر IBM نىڭ توسقۇنلۇقىدىن قۇتۇلدى، گوگۇل قاتارلىق يېڭى ئۆتكۈرلەر تور مەنزىرىسى شىركىتىدەك تەتۈر پىشانىلىكتىن خالىي قالدى.
 
بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بۇرچى بولىدۇ، خۇددى IBM ۋە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئۆزگەرگىنىگە ئوخشاش، 2015-يىلى، ئۆتمۈشتە Don’t be evil نى ئۆزىنىڭ شوئارى قىلغان گوگۇل بۇ سۆزنى ئېلىپ تاشلىدى ھەمدە ئاندىرويىد بېجى ئېلىشقا پائال تەييارلىق قىلدى، يېڭى بىر ئەۋلاد باتۇرلارنىڭ قانىتى تەدرىجىي قېتىشقا باشلىدى.
 
تارىخ تەبىئىي ھالدا ئۈزلۈكسىز ئايلىنىپ تۇرىدۇ، 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، دېموكراتلار پارتىيەسى كۆپ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالدى، يىل بويى Facebook، ئامازون، ئالما، گوگۇل قاتارلىق تۆت چوڭ پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ مونوپول ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
 
مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ئەمەس.
 
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە مونوپوللۇقنى قوللىغانلىقتىن، ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى توختاپ قېلىشقا باشلاپ، غالجىرانە كېڭەيمىچىلىك سۇپىسى قۇرۇپ پايدا ئېلىشقا قاراپ يۈزلەندى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا 5G جەھەتتە ئەكسىچە جۇڭگودىن ئارقىدا قالدى، ھەتتا مىكروسوفت ۋە Oracle ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا tiktok قاتارلىق قىسقا سىن يېڭى كۈچلىرىنى يوقاتماقچى بولدى.
 
ئەكسىچە، دېموكراتلار پارتىيەسى ھەر قېتىم تەختكە چىققاندا، ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكىسى بىلەن ئالاقە تورى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىتېراتىسىيەلىك تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ، ھالبۇكى، ھەر قېتىملىق تەرەققىياتنىڭ ئارقىسىدا دەرىجىدىن تاشقىرى ماگناتلارنىڭ مونوپوللۇقىنى چەكلەش، ئاندىن بازار رىقابىتى ئارقىلىق يېڭى كۈچلەرنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ھازىرلىنىدۇ.
 
كەلگۈسىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، بايدېننىڭ كېلەر يىلى ئاق سارايغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى زاتلاردىن بولىدۇ، ئىنتېرنېت تورىدىكى ئاتامانلارغا قارىتىلغان مونوپوللۇقنى تەكشۈرۈش يەنىمۇ كۈچىيىدۇ، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىنتېرنېت ماگناتلىرى تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىدۇ.
 
شۇڭا، دۆلىتىمىزمۇ چوقۇم ئالدىن تەييارلىق قىلىشى كېرەك.
 


بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئالاقە تورى ماگناتىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تەكشۈرۈشنى باشلىدى، دۆلىتىمىزنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئاشكارا پىكىر ئېلىش نۇسخىسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى.
 
بۇ يىل 11-ئايدا بايدېننىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشىغا ئەگىشىپ، تىرامپتىن ئىبارەت بۇ ئورتاق دۈشمەن يوقالدى، دۆلىتىمىزمۇ مۇۋاپىق پەيتتە «سۇپا ئىقتىساد ساھەسىدىكى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قوللانمىسى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ھەمدە سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدا مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىدى.
 
شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ترامپ دەۋرىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئىدېئولوگىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىزنىڭ پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىمىزغا زەربە بەردى، كەلگۈسىدە بىز سىياسىيدا توغرا چوڭ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە كەسكىن بازارلاشتۇرۇش رىقابىتىگە دۇچ كېلىمىز.
 
شۇڭا، تۈنۈگۈن خەلق گېزىتىنىڭ ئوبزور بۆلۈمىمۇ ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ «جۇغلانما سانلىق مەلۇمات ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلىدىن ئېقىم مىقدارىنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇشتىن باشقا، يەنە بىر خىل ئېچىش ئۇسۇلى، يەنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى تەلەپ قىلدى.
كەلگۈسىدە ئامېرىكا ئالاقە تورى ماگناتلىرى جۇڭگوغا قايتا كىرىدۇ ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد پەن-تېخنىكا رىقابىتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ ماگناتلىرى ئەمدى بوۋاي-مومايلارنىڭ ھەميانىغا كۆز تىكمەي (دۆلىتىمىزدىكى ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ راستىنلا غايىسى يوقمۇ؟)، بۇ رىقابەتتە ياشاش ئۈچۈن «ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ «0 دىن 1 گە» بۆسۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونى

ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاڭ ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0