搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرىشىنى خاتا ئىستېمال قىلماڭ
>
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرىشىنى خاتا ئىستېمال قىلماڭ
Nepkar
2021-11-03
2
导读:بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەت
سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا تارقاتقان «بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»دا، «ئائىلىلەرنىڭ ئېھتىياجغا ئاساسەن بەلگىلىك مىقداردىكى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ساقلاپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە تاسادىپىي ئەھۋاللارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىر جۈملە سۆز تورداشلارنىڭ ھەر خىل قىياسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزغىن مۇنازىرىنى قوزغىدى.
سودا مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ كەسمە رەسىمى
ئەمەلىيەتتە، تورداشلارنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن مۇشۇ سەۋەبلىك زىيادە كۆپ ئويلىۋېلىش، جۇغلانما تەشۋىشلىنىشنىڭ پۈتۈنلەي زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇقتۇرۇشنىڭ مەقسىتى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، كىشىلەرنى تەمتىرىتىپ قويماسلىق، كۆپچىلىكنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى بەك مول بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، ئۇقتۇرۇشتىكى بۇ سۆز ئاساسلىقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە قارىتىلغان، بىر قىسىم مەھەللىلەردە ۋاقىتلىق قامال قىلىش تەدربىرى قوللىنىلغان بولۇپ، تۇرمۇشتا قولايسىزلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، شۇنداقلا ئاھالىلەرنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، زۆرۈر بولغان ئائىلە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تاۋار زاپىسىنى كۆپەيتىپ، ئۇنى دۆلەتنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىنىڭ زۆرۈر تولۇقلىمىسى قىلىش كېرەك.
جۇڭگو ئىقتىساد تورى
رېئال تۇرمۇشقا سېلىشتۇرغاندا، زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ قولايلىقلىقى تۈپەيلىدىن، زاپىسى يوق ئائىلىلەرنىڭ كۆپىيىشى نورمال ھالەتكە ئايلاندى. بىراق يېقىندىن بۇيان يۇقۇم ئەھۋالى تارقىلىپ كەتتى، كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئاز-تولا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەھۋال. قانداقلا بولمىسۇن، بەزى مەھەللىلەر قامال قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىدە گۈرۈچ ۋە كۆكتات يوقلۇقىنى، تېز يوللانمىنى كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كۆپچىلىكتە بېسىم پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئۆيدە ئازراق زاپاس بۇيۇملار تۇرسا، بىر-ئىككى كۈن كېچىكتۈرسىمۇ باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە قۇلايلىق بولىدۇ، ئەجىبا بۇ بىر «سۇ كەلگۈچە توغان سال!» دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-------------
سودا مىنىستىرلىقى ئائىلىلەرنى بەلگىلىك مىقداردىكى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ساقلاشقا ئىلھاملاندۇردى، خاتا چۈشەندۈرمەڭ!
بۈگۈن، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشى ئېكراننى بىر ئالدى. كۆرۈپ باقايلى، ئۇقتۇرۇشنىڭ تېمىسى «بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»
مەزمۇن جەھەتتە مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.
كۆپچىلىك كۆپ ئويلىۋالماڭلار، زىيادە كۆپ سېتىۋالماڭلار.
ئورگان تورى كەسمە رەسىمى
ئورگان تورىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا «بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلاردىكى سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارماقلار سىياسىي ئورنىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمەت نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «كۆك-تات» قۇرۇلۇشىغا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، توغرا لىنىيەلىك ھەمكارلىق ۋە تىك لىنىيەلىك بىرلەشمە ھەرىكەتنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش؛ ئۆلكىلەر ئارا ۋە شۇ رايوننىڭ بىرلەشمە كېپىللىك بىرلەشمە تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار خىزمەت لايىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتكە ئاساسەن رايون ھالقىپ توشۇشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، بازار ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر كۈنى كۆكتات، گۆش قاتارلىق نۇقتىلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ تەمىنلەش-تەلەپ ۋە باھا ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا مۆلچەرلەپ، ئالدىن سىگنال بېرىش كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:
جايلار چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەمىنات ـ سودا كېلىشىمى ئىمزالىشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىش كېرەك؛
زاپاس ساقلاشقا چىداملىق كۆكتاتلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن سېتىۋېلىپ، مال مەنبەسىنى مۇقىمداپ، يەرلىك كۆكتاتلار بىلەن يولۇچىلار كۆكتاتلىرى، شىمال كۆكتاتلىرى بىلەن جەنۇب كۆكتاتلىرى، ئەسلىھەلىك كۆكتاتلار بىلەن ئۈستى ئوچۇق كۆكتاتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەلەمپەيسىمان ئالماشتۇرۇش ۋە جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛
يەرلىك گۆش تۈرلىرىنى زاپاس ساقلاش كۆلىمى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛
شىمالدىكى ئۆلكىلەر بۇ يىللىق قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتات زاپىسى پىلانىنى ۋاقتىدا تاماملىشى، جەنۇبتىكى ئۆلكىلەر ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆكتات زاپىسى تەسىس قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛
گۆش، كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ زاپىسىنى ۋاقتىدا بازارغا سېلىپ، بازارنى تەمىنلەشنى تولۇقلاش؛
ئائىلىنى ئېھتىياجغا قاراپ مۇئەييەن مىقداردىكى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ساقلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە تاسادىپىي ئەھۋال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش؛
جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، تارقىتىش ئورنى ۋە تور نۇقتىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تارقىتىش يوللىرىنىڭ راۋان، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛
چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان سودا كارخانىلىرىنىڭ تور ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇھىم مەزگىل ۋە جىددىي ئەھۋالدا سودا تەمىناتى تورىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛
تاۋار بازىرىدىكى تەمىنلەش-تەلەپ ۋە باھا ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛
مەنبە: جۇڭگو ھەپتىلىك ژۇرنىلى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
------------
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0