ئىلاۋە:
ئىككى كۈندى بىرى مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسى ناھايىتى چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، مەيلى دۆلىتىمىز بولسۇن ياكى خەلقئارادا بولسۇن، بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرى، دۆلىتىمىزگە بولغان ئاكتىپ رولى جەھەتلەردە بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ قارىماققا شەخس بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك كۆرۈنگەن ۋەقە ئەمەلىيەتتە بولسا دۆلىتىمىز ۋە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ كۈچ سىنىشىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ ھەقتە سالونىمىز ناھايىتى ئەتراپلىق يازمىلارنى تەييارلىدى، مەزكۇر ۋەقەنى تولۇق چۈشۈنۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى يازمىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرسىڭىز، ئاندىن پۈتۈن ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ماھىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە نىسبەتەن ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز.
1. مېڭ ۋەنجۇنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدى كەينىدە (بۇ يەرنى بېسىڭ)
2. مېڭ ۋەنجۇنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئوبزور (بۇ يەرنى بېسىڭ)
3. مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى (بۇ يەرنى چېكىڭ)
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ يازمىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئېرىشىڭ!

------------------------------------
2013-يىلى 4-ئايدا، فىرانسىيە ئارستون گۇرۇھى پار قازان بۆلۈمىنىڭ يەر شارى مەسئۇلى پىيېرۇچ ئايروپىلان بىلەن نىيۇيورك كېننىدى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونۇپ، ئەمدىلا يەرگە چۈشۈشىگە، ساقچىلار ئۇنى قولغا ئالىدۇ ھەمدە FBI باش ئىشتابىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.
FBI خادىمى پىيېرۇچىغا مۇنداق دەيدۇ: «بىز سىزنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ تالاخان ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى بىلەن ئازراق مۇناسىۋىتىڭىز بارلىقىنى بىلىمىز، بۇ ئىش بىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدۇ، سىز ھازىر ياكى بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ گۇۋاھچى بولۇپ ئارستوننىڭ CEO سىنى ئەرز قىلىڭ، ياكى بىز ھازىرلا سىزنى يىغىشتۇرىمىز.»
پىيېرۇچ بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئارستون شىركىتىگە كۆز تىككەنلىكىنى چۈشىنىپ، تەكلىپنى رەت قىلىپ، قانۇن ئىشلىرى باش نازارەتچىسىگە تېلېفون بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە فرانسىيە كونسۇلخانىسىغا خەۋەر قىلىدۇ.
لېكىن قانۇن ئىشلىرى باش نازارەتچىسىنىڭ ھېچقانداق ياخشى ئامالى يوق ئىدى، ئۇ پەقەت ھېچنېمە دېمەستىن، ئامال قىلىپ ئۇنى كېپىللىككە ئالماقچى بولىدۇ، پىيېرۇچ شۇ كۈنىلا تۈرمىگە قامىلىدۇ، ئۇنىڭ بۇنداق ئادەتتىكى ئىقتىسادىي دېلوسى ئۈچۈن پۇت-قولىغا كويزا ۋە كىشەن سېلىنىدۇ، يەنە ئۇزۇن تۆمۈر زەنجىر بىلەن باغلىنىپ، ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ.
پىيېرۇچنى قاماپ قويغان جاي خەتەرلىك جىنايەتچىگە مەخسۇس تاقابىل تۇرىدىغان ئۈچىنچى دەرىجىلىك تۈرمە ۋيات قاماقخانىسى بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بىر ۋېيتناملىق ۋە بىر قارا تەنلىك زەھەر ئەتكەسچىسى بىلەن بىر يەرگە سولانغان، ئىككى قېرى يالماۋۇز ئۇنى زوراۋان جىنايەتچى دەپ قاراپ، ياخشى نىيەت بىلەن ئۇنىڭغا كامىردا ئولتۇرۇش ماھارىتىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ.
پىيېرۇچ قامىلىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا ئىككى خىل تاللاش بېرىدۇ، يەنى بىرى جىنايىتىنى بوينىغا ئالماي، 15 يىل تۈرمىدە يېتىش، يەنە نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇش، ياكى جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇنى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت.
پىيېرۇچ قىلچە ئىككىلەنمەستىن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىدۇ، لېكىن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، 2013-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئۇنى بىر يىل قاماپ قويىدۇ، كېيىن كېپىللىك پۇلى تاپشۇرۇپ ئۈچ يىل كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىدۇ، 2017-يىلى يەنە بىر يىل قاماپ قويۇلىدۇ، 2018-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تۈرمىدىن ھەقىقىي چىققان ھېسابلىنىدۇ.
ئەسلىدە ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئايلىق جازا مۇددىتى بېرىشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بەش يىلغا يېقىن ئىجرا قىلىنغان.
چۈنكى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن پىيېرۇچى بۇ «ئامېرىكا قىلتىقى»نى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن ئوينىتىلغانلىقىنى بايان قىلغان، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۇ بىر ئادەمگىلا دىققەت قىلغان، ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا ئارستون شىركىتىدە تۇتۇلغىنى پەقەت ئۇ بىرلا ئادەم ئەمەس، يەنە باشقا ئۈچ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن تۇتۇلغان، جۈملىدىن 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكىلىقلار ۋېرگېنۋى ئارىلىدا ئارستون ئاسىيا رايونىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى خوكىنىسنى تۇتقان.
تۇتۇپ كېلىنگەن بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۈرمىدىكى ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئامېرىكىنىڭ قولىدا 49 سائەتكە سوزۇلغان مەخپىي ئۈنئالغۇ ماتېرىيالى بولۇپ، ئامېرىكا بۇنى پاكىت قىلىپ، ئارستون شىركىتىگە جەمئىي 772 مىليون دوللار جەرىمانە قويىدۇ.
ئارستون شىركىتىمۇ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولىدۇ، 2014-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە ئارستون شىركىتى زىيان تارتىش ھالىتىدە بولغانلىقتىن، 772 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقاچقا، شىركەتنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
سېتىش جەريانىدا، سىمېنس بىلەن مىتسۇبىشى بىرلىشىپ 16 مىليارد دوللار باھا قويغان، ئەمما ئامېرىكا ھەممىباپ شىركىتى پەقەت 13 مىليارد دوللار باھا قويغان.
بۇ چاغدا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئارستونغا 772 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلغانلىقى، چوقۇم سېتىۋېلىنمىغان كەسىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ، قورققىنىدىن سىمېنس بىلەن مىتسۇبىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېتىۋېلىشنى توختىتىدۇ، ئامېرىكا ھەممىباپ شىركىتى ئارستوننى ئاسانلا يەۋېتىدۇ.
ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكتىر شىركىتى، بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى ئارستوننى يەۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن.
2000-يىللاردا ھەممىباب ئېلېكتر توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماي، ئاساسىي مەبلەغنى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا سالىدۇ، نەتىجىدە ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى پارتلاپ، پۇل مۇئامىلە تاشقىنى يېتىپ كەلگەندە، ھەممىباب ئېغىر تۆلەم كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ، شۇڭا ھەممىباب شىركىتى ئۆزى بىر پارچە تەكشۈرۈشنامە يېزىپ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى قىلماي، ياۋاشلىق بىلەن ياسىمىچىلىققا قايتىشنى قارار قىلىدۇ.
لېكىن ھەممىباب ئېلېكتر كەسىپتىن ئېغىپ كەتكىلى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، بۇ چاغدىكى ئېنېرگىيە تېخنىكىسىدا كونا رەقىبى ئارستونغا تەڭ كېلەلمەيدۇ، ھەر قېتىملىق خېرىدار تالىشىشتا ئارستون ئۇنىڭغا قىلچە پۇرسەت بەرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىباب شىركىتى ئارستوننى سېتىۋېلىشنى قارار قىلىدۇ.
ئارستوننىڭ فىرانسىيەگە بولغان ئەھمىيىتى زور بولۇپ، فىرانسىيە سانائىتىنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز، ئاۋىياماتكا موتورى، سۇ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى تېخنىكىسىنىڭ ھەممىسى فىرانسىيەنىڭ مۇتلەق سانائەت مەسئۇلىيىتى، مەسىلەن، فىرانسىيەنىڭ %80 توك چىقىرىشى يادرو ئېلېكتىرىگە تايىنىدۇ، يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسىنىڭ ھەممىسى ئارستوندىن كېلىدۇ، شۇڭا ئارستون شىركىتى فىرانسىيە دۆلىتىنىڭ مۇھىم قورالى، فىرانسىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسى.
ھەممىباب نورمال تەرتىپ بويىچە ئارستوننى سېتىۋېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى پەملەپ كۆرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلار قوللىنىدىغان ئالاھىدە ۋاسىتە ئارقىلىق ئارستوننى ئۆلتۈرىدۇ.
بۇ ئالاھىدە ۋاستە بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «چەتئەلدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى»دۇر.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ قانۇنلىرى جۇڭگونىڭ شىركەتلىرىنى، فىرانسىيەنىڭ قانۇنلىرى فىرانسىيەنىڭ شىركەتلىرىنى باشقۇرىدۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇ «چەتئەللەردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» پۈتۈن دۇنيادىكى شىركەتلەرنى باشقۇرىدۇ.
توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇ قانۇن لايىھەسىدە، ھەرقانداق كارخانا، شەخس پەقەت ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابات قىلسىلا ياكى ئامېرىكا تەمىنلىگەن مۇلازىمېتىرنى ئىشلەتسىلا، ئامېرىكىلىقلار «چەتئەلدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» بويىچە ئۇنى يىغىشتۇرسا بولىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جىنايەت نامى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە سىزنى قولغا ئالالايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
لېكىن ئامېرىكا دوللىرى دۇنيا پۇلى، قايسى شىركەت ئامېرىكا دوللىرى ئىشلەتمەيدۇ؟ كىم چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلسا، ئازراق ئامېرىكا دوللىرى ئالماشتۇرمايدۇ؟
كەچۈرۈڭ، سىز ئامېرىكا دوللىرى بىلەن چېتىشلىقكەنسىز، مەيلى سىز قايسى دۆلەتتىن، قايسى كەسىپتىن كەلگەن بولۇڭ، سىز ئامېرىكىنىڭ «چەتئەللەردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا شەرتسىز بويسۇنۇشىڭىز كېرەك.
ئامېرىكىنىڭ «چەتئەللەردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئەسلىدە «سۇ دەرۋازا ۋەقەسى (Watergate scandal)»دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كېيىن ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى چىرىكلىكىگە زەربە بېرىشكە ئىشلىتىلگەن، لېكىن ئامېرىكىلىقلار بۇ قانۇن ئارقىلىق دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت، بارلىق كارخانىلارنى بوزەك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ، ھوقۇق دائىرىسىنى بارغانسېرى كېڭەيتىۋەتكەن.

زومىگەرلىك دېگەن نېمە؟ مانا بۇ قىپيالىڭاچ زومىگەرلىك!
ئادىل ئەخلاق-پەزىلەت دېگەن نېمە؟ ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسى ۋە F22 ئالدىدا بىر تىيىنچىلىكمۇ قىممىتى يوق نەرسە.
ھەممىباب شىركىتى ئارستوننى يىغىشتۇرماقچى بولغاندا، دەل مۇشۇ «چەتئەلدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا تايىنىپ، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلاشتى، ئۇلار ھەر خىل خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئارقىلىق، ئارستون شىركىتىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى خېرىدار چاقىرىشقا قاتناشقانلىقىغا ئوخشاپراق كېتىدىغان «يىپ ئۇچى»نى تاپىدۇ.
ئاندىن بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئارستوننىڭ ئۇلارنىڭ چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ.
بىر فرانسىيە شىركىتى پۈتۈن دۇنيادا سودا قىلىدۇ، ئەمما ئۇنى ئامېرىكىلىقلار قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ، سىزنىڭچە بۇ بىمەنىلىك ئەمەسمۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى شىركەتلەر دۆلەت ھالقىپ سودا قىلغاندا، بەزىدە شۇ جايدىكى رەھبەرلەرگە قىزىل بولاق بېرىشتىن ساقلىنالمايدۇ، پۈتۈن دۇنيا مۇشۇنداق قىلىدۇ، لېكىن ئامېرىكىلىقلار بۇنى كۆرۈپ قالسىلا، دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ «سىلەر سودا قىلغاندا دوللار ئىشلەتتىڭلار، ماۋۇ قىلىقىڭلار بولمايدۇ، سىلەر قىزىل بولاق ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، بىزنىڭ "چەتئەلدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى»مىزغا خىلاپلىق قىلدىڭلار، ھەممىڭلار مەن بىلەن مېڭىڭلار.» دەيدۇ.
ئارستوننىڭ CEO سى بېركلون ئەلۋەتتە ماسلاشمايدۇ، ئۇ ئەلۋەتتە نېمىشقا ئامېرىكىلىقلارغا ماسلىشىدىكەنمەن؟ دەپ ئويلايدۇ. ئۇ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، شۇڭا بۇ قانۇننى ئىجرا قىلغاندا قەستەن تاغدىن-باغدىن گەپ سېتىپ، ئېلخەت يوللىسىمۇ ئۈچ ئاي كەينىگە سۆرەيدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلىدۇ، ئامېرىكا بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يەر شارىدا ئارستوندىن كاماندىروپكىغا چىققان باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنى تۇتۇپ، ئۇلارنى جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا قىستايدۇ، ئۇلارنى CEO بېركلوننى ئىسپات كۆرسىتىشكە قىستايدۇ.
شۇڭا 2013-يىلى 4-ئايدا، ئامېرىكىلىقلار نىيۇيوركتا ئارستون گۇرۇھى پار قازان بۆلۈمىنىڭ يەر شارى مەسئۇلى پىيېرۇچنى قولغا ئالىدۇ، ئارقىدىن يەنە ئارستوننىڭ باشقا ئۈچ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئالىدۇ، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ بەس-بەستە جىنايىتىنى «ئىقرار» قىلىدۇ.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جىنايىتىنى «ئىقرار قىلىش» ماتېرىيالىنى ئېلىپ، ئارستوننى زور سوممىلىق جەرىمانە تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، ئارستوننى ۋەيران قىلىدۇ ھەمدە رىقابەتچىسى سىمېنس بىلەن مىتسۇبىشىنى قوغلىۋېتىدۇ، ئاخىرىدا ھەممىباپ بىر يالماپلا ئارستوننى يۇتۇۋەتكەن.
بۇ بىر تىپىك مىسال، ئامېرىكا شىركىتى ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكىدىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يادرولۇق كەسپىنىڭ ئۆلچەملىك تەرتىپىنى يەۋاتىدۇ.
سىلەر ئامېرىكىنى پەقەت ئارستونغىلا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باققان دەپ قارامسىلەر؟
ياق، ياق، ياق، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى «چەتئەللەردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى خېلى بۇرۇنلا ياخشى ئىشلىتىپ، باشقا دۆلەتلەردىكى شىركەتلەرنى قايتا-قايتا بوزەك قىلغان.
يازمىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەمدى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئەجىر ھەققى بېرىۋەتكەندىن كېيىن تولۇق يازمىدىن بەھرىمەن بولالايسىز!