搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
جۇڭگونىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئاستىلىتامدۇ؟
>
جۇڭگونىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئاستىلىتامدۇ؟
Nepkar
2021-11-03
2
导读:ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇش نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس....
ئىقتىساد گېزىتى: جۇڭگونىڭ كۆمۈر ئېلېكتىرىنى قايتىدىن چوڭايتىشى مۇمكىن ئەمەس
يېقىنقى مەزگىلدە، كۆمۈر قىس بولۇش، كۆمۈر باھاسى تېز ئۆسۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئېلىمىزدىكى 20 نەچچە ئۆلكىدە توك بىلەن تەمىنلەش قىس بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئايرىم غەرب ئەللىرىدىكى زاتلار جۇڭگونىڭ كۆمۈر ئېلېكتىرىنى قايتىدىن كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىن، كاربون چوققا پەللىسىنى چەكلەش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ۋاقتىدا ئورۇنلىيالماسلىقىدىن ئەندىشىگە چۈشتى.
بۇ خىل ئەندىشە ھەقىقەتەن بىھۇدە. كۆمۈر يۇقىرى كاربونلۇق ئېنېرگىيەدۇر، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئارقا كۆرۈنۈشىدە، كۆمۈر ئىشلىتىشنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىش پۈتۈن دۇنيانىڭ يۈزلىنىشى، جۇڭگومۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. لېكىن، رېئاللىقنى تولۇق چۈشىنىش ئوبيېكتىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا پايدىلىق. نۆۋەتتە جۇڭگودا كۆمۈر قىس بولۇش ئېھتىياجى ئېشىشتىن باشقا، تېخىمۇ ئاساسلىق سەۋەب تەمىنلەش يېتەرلىك ئەمەس. بۇنىڭ كەينىدىكى سەۋەب، جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆمۈرنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى زور كۈچ بىلەن تۆۋەنلىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 2016-يىلى باشلانغان تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا، جۇڭگو جەمئىي 1 مىليارد توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈردى، نۇرغۇن كۆمۈر كاننى شاللىدى ۋە تاقىدى. بۇ قېتىمقى كۆمۈر قىس بولۇش بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تەكشى، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، ئالدىراقسانلىق قىلغاندا، تەرەققىيات ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇش مۇمكىن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ جۈنشى فوتوسى
لېكىن بۇ جۇڭگونىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئاستىلىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. يېقىندا، بىر قاتار يۇقىرى ئۆلچەمدىكى مۇھىم ھۆججەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، بۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كاربون چوققا پەللىسىنى چەكلەش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2030-يىلىدىن ئىلگىرىكى كاربون چوققا پەللىسىنى چەكلەش ھەرىكەت لايىھەسى» ۋە «جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى ۋە ھەرىكىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە ئېنېرگىيە، سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، پولات-تۆمۈر، سېمونت قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىدۇ. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كاربون چوققا پەللىسىنى چەكلەش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى ھەم كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كۆمۈرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش قەدىمىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى. «14- بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە كۆمۈر ئىستېمالىنىڭ ئېشىشى قاتتىق كونترول قىلىنىپ، «15-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە تەدرىجىي ئازايتىلىدۇ. كۆمۈر، توكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، توك تەڭشەش يۇقىرى پەللىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۆمۈر، توك گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كۆمۈر، توك گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە جانلىق ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو يەنە بىر قېتىم يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ يۇقىرى نىسبەتتىكى ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى قوبۇل قىلىش ۋە تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىدى.
ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي توك چىقىرىش گېنېراتورلار سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %65.7 تىن 2020-يىلىدىكى %49.1 كە تۆۋەنلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى يېرىمدىن تۆۋەن بولۇشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. جۇڭگونىڭ سۇ ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولتلۇق توك تارقىتىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەن يەن فوتوسى
ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇش نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس، ئۇنىڭ يادرولۇق مەسىلىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ۋە كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئوتتۇرىسىدىكى تەكشى ماسلىشىش. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش جۇڭگونىڭ دۇنياغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھازىرقى زىددىيەت جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە دۇچ كەلگەن خىرىسلارنىڭ بىرى. بۇ جەرياندا گەرچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ، لېكىن پەقەت قەتئىي نىيەتكە كېلىپ مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، گالغا تۇرۇپ قېلىشتىن قورقۇپ تاماق يېمەسلىككە، توسالغۇغا ئۇچرىمايلا ئارقىغا چېكىنىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رېئال مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىگە سەل قارىماسلىق، كاربون چوققا پەللىسىنى چەكلەش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشنى بىراقلا ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك.
ئىشىنىمىزكى، ئىستىقبال پارلاق، يول ئەگرى توقاي، جۇڭگونىڭ كاربون چوققا پەللىسىنى چەكلەش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشىگە ئىشەنچىمىز كامىل.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
------------
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408