大数跨境

دىققەت: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى مۇھىم ئەسكەرتىش!

دىققەت: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى مۇھىم ئەسكەرتىش! Nepkar
2022-01-10
1
导读:چاغان مەزگىلىدە ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، بېلىق، مېۋە ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش يېتەر

8-يانۋار، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بايرام مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم تاراتقۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. 

دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: چاغان يېقىنلىغانسېرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك 

دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ 8-يانۋار گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى بىر ھەپتىدە دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمار كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 900 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى قېتىملىق يۇقۇم يۇقىرى پەللىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئېلىمىزنىڭ سىرتتىن كىرىشتىن مۇداپىئەلىنىش بېسىمى يەنىمۇ ئاشتى، «سىرتتىن كىرىشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئىچكى قىسىمدا قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە «ھەرىكەت ھالىتىدە تۈگىتىش» باش فاڭجېنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىش، تۈزەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تۈزەش تەلىپىنى كەم-كوتىسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى ۋە كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئېلىش ئېھتىياجىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

مەملىكەت بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى تولۇق ئەملەنگەن ئادەم سانى 1 مىليارد 210 مىليوندىن ئاشتى 

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ 8-يانۋار گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 7-يانۋارغىچە، مەملىكەت بويىچە دوكلات قىلىنغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ ئەملىنىش قېتىم سانى 2 مىليارد 887 مىليون 772 مىڭغا، تولۇق ئەملەنگەن ئادەم سانى 1 مىليارد 215 مىليون 878 مىڭ ئادەمگە يەتتى.

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى: چاغان مەزگىلىدە ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، بېلىق، مېۋە ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولىدۇ 

چاغان مەزگىلىدە، پۇقرالارنىڭ ئاشلىق ۋە كۆكتاتقا بولغان ئېھتىياجى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولامدۇ؟ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى بازار ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ خەن 8-يانۋار ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، بېلىق ۋە كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك بولۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.  

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: شىئەندە نۇقتىلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە زاپاس ساقلاش بىر قەدەر يېتەرلىك 

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ جېڭبىن 8-يانۋار ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەر كۈنى شىئەن شەھىرىنىڭ ئاشلىق، ياغ، تۇخۇم، گۆش، كۆكتات، مېۋە قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش، سېتىۋېلىنىش، توشۇلۇش، سېتىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ۋە ئىگىلەپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ بېجىرىشكە تاپشۇرۇپ، تاراتقۇلار ئىنكاس قىلغان ئايرىم مەسىلىلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ھازىر شىئەن شەھىرىدە نۇقتىلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە زاپاس ساقلاش يېتەرلىك، ئاشلىق، ياغ باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم، گۆشنىڭ باھاسى ئازراق ئۆسكەن، كۆكتات باھاسى ئالدىنقى مەزگىلدە ئۆرلىگەندىن كېيىن تۆۋەنلىدى، شەنشىگە يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانى مۇقىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ ئىچكى يادروسى

2021-09-13

دەۋر ھالقىغان تۇرالغۇ

2021-09-04

مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش: ئۈچ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى

2021-09-03

خەير-خوش خېڭدا، جۇڭگو يەر مۈلكىنىڭ يېڭى دەۋرى

2021-09-02

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 1-بۆلەك

2020-12-23

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 2-بۆلەك

2020-12-23

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئارىلاشما تىجارەتكە قارشى تۇرۇش

2020-12-21

ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ كۈلپەتلىك دەقىقىلىرى

2020-12-20

ئىستېمال تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات قويۇپ بەرگەن پۇرسەت

2020-12-19

روكفېللېر ۋە ما يۈننىڭ تەقدىرداشلىقى ۋە پاراسەت پەرقى

2020-12-26

يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقى

2021-08-13

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى

2021-08-13

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

2021-08-28

سوۋىتنىڭ خاتالىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دانالىقى

2021-09-08

كەلگۈسىدىكى سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن قانداق لوگىكا كېرەك؟

2021-09-11

خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟

2021-09-17

خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر

2021-09-18

ما يۈننىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنالىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

2021-09-19

2021-يىلىدىكى يېڭى تىركىشىش، كىم ئاخىرىغىچە كۈلەلەيدۇ؟

2021-09-20

بايلارنىڭ ھالاكىتى

2021-09-21

يېشىل «قالپاق» كەيگۈزۈلگەن فىرانسىيە

2021-09-23

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قالتىسلىققا يېتىشتىكى يەتتە قەدىمى

2021-09-24

ماۋتەي، خەينەن ئاۋىئاتسىيەسى، ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات

2021-09-25

مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ ئۆي...

2021-09-26

خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟

2021-09-28

بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن قامالنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز؟

2021-09-29

ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى

2021-10-03

ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: يەر-مۈلۈك قىسمى

2021-10-03

قەرز كىرىزىسىدا قالغان خېڭدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى

2021-10-04

لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى

2021-10-06

تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش

2021-10-09

«سىياھ بېلىق ئويۇنى» كەينىدىكى رەھىمسىز رېئاللىق

2021-10-09

ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى

2021-10-10

خېڭدا نېمە ئۈچۈن....

2021-10-11

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

2021-10-13

يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى

2021-10-13

كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن

2021-10-14

كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟

2021-10-15

خېڭدا كىرىزىسنىڭ ھالقىلىق پەيتى

2021-10-16

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈك نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ

2021-10-16

بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»

2021-10-17

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟

2021-10-20

قوش كېمەيتىش ۋە كەسپىي مائارىپ

2021-10-21

كىرىزىستىكى خېڭدا نېمىشقا بۇ 20 مىلياردلىق سودىنى بۇزۇۋېتىدۇ؟

2021-10-21

ئۆي مۈلۈك بېجىنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىش كېرەك؟

2021-10-23

تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش: ئۆي-زېمىن بېجىدىن كېيىنكى يۈزلىنىش

2021-10-24

شياڭگاڭ لى جەمەتىنىڭ خاس شەھىرىمۇ؟

2021-10-26

ئۆي-مۈلۈك بېجى يەر مالىيەسىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

2021-10-26

ئۆي-مۈلۈك بېجىنى «نۇقتىدا سىناق قىلىش» پۇرسىتى

2021-10-27

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە قىزىل بايراق ئاپتوموبىلدىكى ۋاڭ جيەنلىن

2021-10-30

ئۆي-مۈلۈك بېجى: كىم شادىمان؟ كىم پەرىشان؟

2021-10-31

بىر ئۆي-مۈلۈك تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان دۆلەت!

2021-11-01

يەر مالىيەسىدىن ئۆي-مۈلۈك بېجىغا ئۆتۈش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى

2021-11-03

خېڭدادىن كېيىنكى قەرز كىرىزىسىدا قالغان ئۆي-مۈلۈك ئاتامانلىرى

2021-11-06

ئۆي قەرزىنىڭ قەرەلى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

2021-11-07

ھىڭگاڭ چىشلىق «يېشىل» كاپىتال

2021-11-10

«ئورتاق تونۇش»نىڭ كەلگۈسى

2021-11-11

شۈ جيايىن ئۆي بىساتىنى سېتىۋەتسە، خېڭدانى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ؟

2021-11-18

نېمىشقا كورىيەدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆسكەنسېرى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسىدۇ؟

2021-11-22

خىڭدا، يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى!

2021-12-04

شۈجيايىننىڭ تەقدىرى بېكىتىلىپ بولدى

2021-12-06

شۈ جيايىن خېڭدانى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلدى

2021-12-06

نېمىشقا كورىيەدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆسكەنسېرى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسىدۇ؟

2021-12-26

بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي سېتىۋېلىشتا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

2021-12-25

شۈ جيايىننىڭ «مەجبۇرىي چېقىلىدىغان» ئۆي-مۈلۈك ئىمپېرىيەسى

2022-01-04

------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408