大数跨境

2021-يىللىق « قوش 11»نىڭ ھالاكىتى

2021-يىللىق « قوش 11»نىڭ ھالاكىتى Nepkar
2021-11-12
2
导读:پۇل تېپىشتا ئەڭ ياخشىسى شامال ئېغىزىدا تۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك.


«قوش 11» ئاخىرلاشتى، سالونىمىزنىڭ قانچىلىك ئوقۇرمىنى «قوش 11»لىق تېزلىتىپ سېتىشقا قاتناشتى بىلمىدىم؟ 
لېكىن مېنىڭ يېنىمدا ھېچكىم 2021-يىلىدىكى «قوش 11» مال سېتىۋېلىش بايرىمىغا قاتناشمىدى. 
مەن بىر پۇڭمۇ خەجلىمىدىم، بىر نەرسىمۇ ئالمىدىم. 
بۇ يىلقى «قوش 11»نىڭ ماڭا بەرگەن بىۋاسىتە تەسىراتى شۇكى، ئەلى بابا ناھايىتى كەمتەر، جىڭدۇڭ ناھايىتى «چوڭ گەپ» قىلدى، پىندودونىڭ «چوڭ گەپ» قىلغۇسى بار ئىدى، لېكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمىدى، دوۋيىن بۇ يىلقى «قوش 11»گە قاتناشمىدى، لام-جىم دېمىدى، تېڭشۈن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك «قوش 11» ئانچە ياخشى ئەمەس، ئەلى بابا بولالمىدى.

جىڭدۇڭ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «2021-يىلى 11-ئايدا جىڭدۇڭنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 349 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.» 


لېكىن مەن بىر ئېغىز گەپ قىلماي تۇرالمىدىم، بۇ پۈتۈشۈش سوممىسى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. مېنىڭ بىر دوستۇم بار، يىۋۇدا ئۇششاق تاۋارلار ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قىلىدۇ. ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە پىندودودا مال ساتاتتى، زاكاس كۆپ، ئەمما ئاساسەن پۇل تاپالماي، يەنە ئەمگەك كۈچىنى زىيانغا ئۇچرىتاتتى. 
ئەمما ئۇ دوستۇم جىڭدۇڭدا «قوش 11» مەزگىلىدە، ئىككى كۈندە 500 مىڭ يۈەن پۇل تاپتى. بۇ 500 مىڭ يۈەن ئىستېمالچىلاردىن ئەمەس، بەلكى جىڭدوڭدىن تېپىلغان. 
چۈنكى جىڭدۇڭ «قوش 11» مەزگىلىدە، دەرىجىدىن تاشقىرى 10 مىليارد يۈەنلىك تولۇقلىما ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. مېنىڭ بۇ دوستۇمنىڭ تاپقىنى دەل مۇشۇ ئون مىليارد يۈەن تولۇقلىما پۇل. بىر تالونغا بەش يۈەن تولۇقلىما بېرىلسە، ئۇ ئۇششاق تاۋارلاردىن پۇل تاپماي، بەش يۈەن تولۇقلىمىغا ئېرىشىپ، ئىككى كۈندە 500 مىڭ يۈەن پايدا ئالدى. 

يەنى كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىدىكى «قوي يۇڭى قىرقىش» مەسىلىسى. جىڭدۇڭ تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق پۈتۈشۈش سودىسىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدى، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە قانچە پۇل «دوستۇم»لارنىڭ يانچۇقىغا كىردى؟ يەنە قانچىلىك پۈتۈشۈش سوممىسىنى شۇ «دوستۇم»لار ئىلگىرى سۈرگەندۇ؟ 


جىڭدۇڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئەمەس. جىڭدوڭنىڭ ئالماقچى بولغىنى پۈتۈشۈش سوممىسى، «دوستۇم»لارنىڭ ئالماقچى بولغىنى نەق پۇل، كۆپچىلىك بىرلىكتە ياخشى بولغان سانلىق مەلۇماتنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، پاي باھاسى ئۆسىدۇ ئەمەسمۇ؟ ليۇ چياڭدۇڭ جىڭدۇڭدا بۇرۇنلا مائاش ئالمايتتى، پاي چېكىگە پايدا تەقسىملەش ئۇنىڭ كىرىم مەنبەسى ئىدى. 

ئەلى بابا نېمىشقا چوڭ گەپ قىلمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى كۆپچىلىككە ئايان، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئەلى باباغا 18 مىليارد 200 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلىسى يەنە ئارقا-ئارقىدىن قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئۇچرىدى، تاۋباۋ، تيەنماۋنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېقىم مىقدارى ھەققى ئوتتۇرا، كىچىك سودىگەرلەرنىڭ ياشاش بېسىمىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇۋەتتى، ئەلى بابا «چوڭ گەپ» قىلىشنى خالىمىدى، «چوڭ گەپ» قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. 


ئەمەلىيەتتە، سودىگەرلەرمۇ «قوش 11»گە بارغانسېرى قىزىقماس بولۇپ قالدى. «قوش 11» پائالىيىتىگە قاتناشساق، سۇپا چوقۇم پۇل تاپالايدۇ، ئەمما سودىگەرلەرنىڭ پۇل تاپالايدىغان-تاپالمايدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. «قوش 11»غا قاتنىشىش ئۈچۈن، سودىگەرلەر باھانى چۈشۈرۈشى كېرەك. باھانى چۈشۈرگەندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق ئەلى بابانىڭ سۇپىسىغا يۇقىرى ئېقىم مىقدارى ھەققى، ئورۇن ھەققى تۆلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەشيا ئوبوروتى ھەققى، ئىش ھەققى، مال قايتۇرۇش چىقىمى... قاتارلىقلار. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە شۇكى، سۇپىدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى ئاشىدۇ، ئېقىم مىقدارى كىرىمى ئاشىدۇ، پاي باھاسىنىڭ قىممىتى ئۆسىدۇ، سودىگەرلەرچۇ؟ 
سودىگەرلەر پايپېتەك بولۇپ، ئاخىرى ئىككى قولى قۇرۇق ھالدا سۇپىنىڭ تاپقان پۇلىغا ھەۋەس قىلىپ قالىدۇ. 
نېمە ئۈچۈن بۇ يىلقى «قوش 11»نى كۆپچىلىك تولا سۆكىدۇ؟ باھانى چۈشۈرۈش بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىدۇ؟ ئېتىبار بېرىش ئۇسۇلىدا بارغانسېرى كۆپ ئويناش ئۇسۇللىرى بارمۇ؟ سودىگەرلەرنىڭ باھانى چۈشۈرگۈسى يوق، ئېتىبار قىلغۇسى يوق، لېكىن ئەلى بابا بىر تەرەپتىن سودىگەرلەرنىڭ يۇقىرى ئېقىم مىقدارى ھەققىنى يىغسا، يەنە بىر تەرەپتىن سودىگەرلەرنى باھانى چۈشۈرۈشكە قىستايدۇ. باھاسىنى چۈشۈرمىسىڭىز، سىزنى «قوش 11»گە قاتناشتۇرمايدۇ. 

سودىگەرلەر ئامال يوق، بىر بولسا ھىيلە-مىكىر ئويناپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدۇ، بىر بولسا ئاۋۋال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاندىن باھاسىنى چۈشۈرۈپ، باھاسىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، بەزى تاۋارلارنىڭ باھاسى ئادەتتىكىدىن تېخىمۇ قىممەت بولىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «دىققەت: «قوش 11»دە سېتىۋالغىنىڭىز بەلكىم ساختا مال بولۇشى مۇمكىن» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)


بۇنىڭغا ئىستېمالچىلار قىزىقمىسا، بۇ ئادەمنى ئەخمەق قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ 

«قوش 11»گە نىسبەتەن ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىنلىقى بولمايلا قالماستىن، سودىگەرلەرنىڭمۇ قىزغىنلىقى قالمىدى. 

بىراق، «قوش 11»نى ھەقىقىي ئۇجۇقتۇرغىنى ھىيلە-مىكىر ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سودىسىدۇر. 

«قوش 11» بولسا بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى ئەڭ چوڭ جەلپ قىلىش نۇقتىسى دەل باھانى چۈشۈرۈپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بىراق، بىۋاستە تارقىتىش سودىسى، باھانى چۈشۈرۈش ۋە سېتىشنى بىۋاستە نورماللاشتۇرىۋېتىدۇ. 

ئەگەر تاۋباۋ تور سىرتىدىكى ئەمەلىي دۇكانلارنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتتى دېيىلسە، ئۇنداقتا بىۋاستە تارقىتىش توردىكى شەخسىي تاۋباۋ دۇكاندارلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتتى. تاۋار سودىسى يەنىمۇ مەركەزلەشتى، توردىكى ۋاسىتىچى سودىگەرلەر يەنە بىر قېتىم ۋەيران بولدى. 

بىر ئادەتتىكى تاۋباۋ دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ھەرگىزمۇ بىر ئېقىم چولپىنى (ۋاڭ خۇڭ)نى ئۇجۇقتۇرالمايدۇ. بىر ئېقىم چولپىنى (ۋاڭ خۇڭ) تاۋباۋدىكى 100 ھەتتا 1000 دۇكاندارنى جايلىۋېتەلەيدۇ.


بۇ ۋاستىچى سودىگەرلەرنىڭ ۋاسىتىچى سودىگەرلەرنى داۋاملىق يوقىتىشتىكى رەھىمسىز رىقابىتى. 

تاۋباۋ ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسى بولۇپ قالدى، بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق مال سېتىش بولسا ھازىرقى تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭى ئېلېكتىرونلۇق سودا ھېسابلىنىدۇ. 

نۇرغۇن كىشىلەر چۈشەنمەيۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئاشۇ تور چولپانلىرى (ۋاڭ خۇڭ)لارنىڭ كىرىمى ئايدا بىر مىليونغا يېتىدۇ؟ بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار بىر خىل يېپيېڭى سودا ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى، ئۇلار دەۋرنىڭ يېڭى شامال ئېغىزىدا تۇردى. 

ئەنئەنىۋى تاۋباۋ دۇكىنى پەقەت تور سىرتىدىكى دۇكانلارنى تور ئۈستىگە يۆتكەيدۇ، يەنى ئاۋۋال توپ سېتىش سودىگىرىدىن مال ئالىدۇ، ئاندىن تاۋبار ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىدۇ. بۇ جەرياندا، سودىگەرلەر خېرىدارلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن سۇپىغا بىر مۇنچە ئېقىم مىقدارى پۇلى تاپشۇرىدۇ. 

بىراق بىۋاستە تارقىتىش تور سودىگەرلىرى ئوخشىمايدۇ، بىۋاستە كۆرسىتىش تور سودىگەرلىرى ئاۋال بىۋاستە كۆرسىتىدۇ، بىۋاستە كۆرسىتىش ئارقىلىق زاكاس ئالىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ زاكاس سانىغا ئاساسەن، زاۋۇتقا بىۋاستە مال زاكاس قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ئالدى بىلەن ئامبار زاپىسى يوقىتىلدى. ئۇنىڭدىن قالسا، تور چولپىنى ئېرىشىدىغان زاكاز قانچە كۆپ بولسا، كۆلەم جەھەتتە شۇنچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ. 


رىياسەتچى زاكاز تالونىنىڭ كۆلەم ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، زاۋۇت بىلەن سۆھبەتلىشىپ، زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى تۆۋەنلىتىلسە، سېتىلىش باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ، پايدا ئىستېمالچىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن توردىكى ئەڭ تۆۋەن باھا شەكىللىنىدۇ. 

بۇ ئەندىزە ئاستىدا، ئەنئەنىۋى تاۋباۋ تور سودىگەرلىرى بىلەن بىۋاستە تارقىتىش تور سودىسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئەنئەنىۋى تاۋباۋ تور سودىگەرلىرىنىڭ قىلچە ئەۋزەللىكى يوق. 

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر لى جياچى، ۋېي يالارنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە بېرىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ چۈنكى لى جياچى، ۋېي يالار غايەت زور ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق، زور زاكاز تالونى توپلاپ، غايەت زور كېلىشىم باھا ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، ئىستېمالچىلارغا ياردەم بېرىپ، باھانى تۆۋەنلىتىدۇ.

لى جىياچى ۋېي يا «قوش 11»دىكى كۈنلۈك ئالدىن سېتىش سانلىق مەلۇماتى. 

بۇ باھا زاۋۇنىڭ مال تەمىنلەش باھاسىنى قانچىلىك تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؟ دەل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى باھاسى چۈشۈرۈلىدىغان ۋاقىت. بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى، بىراق بۇ ئاللىبۇرۇن بىۋاستە كۆرسىتىش تور سودىگەرلىرى تەرىپىدىن دائىملىق باھا بولۇپ قالدى.

«قوش 11»دىكى باھانى چۈشۈرۈش، بىۋاستە تارقىتىش تور سودىسىدا نورمال باھا ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن ئىستېمالچىلار «قوش 11»نىڭ باھاسى ئادەتتىكىچە، باھاسى ئەرزان ئەمەس دەپ قارايدۇ. 
چۈنكى، ئادەتتىكى باھا بىۋاستە كۆرسىتىش تور سودىگىرى تەرىپىدىن ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

بۇ ئەندىزە ماھىيەتتە پىندودودىكى كوللېكتىپ سېتىۋېلىش ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى. پەرقى شۇكى، پىندودو ئەرزان باھالىق ئۇششاق تاۋارلارغا كۆپرەك مەركەزلەشكەن، لى جياچى، ۋېي يالار بولسا داڭلىق ماركا سودىگەرلىرىگە مەركەزلەشكەن. 

مەھسۇلات ئەندىزىسى جەھەتتە، لى جياچى، ۋېي يا پىندودوغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىگە ئىگە. كىشىلەر لى جياچىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىش ئۆيىگە بېرىپ LV سومكىسى سېتىۋالىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ پىندودودىن ئامانى لەۋ سۇرۇقى سېتىۋالمايدۇ. 


شۇڭا، بىز لى جياچى، ۋېي يالارنىڭ ناھايىتى تېزلا بېيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. نامراتلارنىڭ پۇلىنى تېپىش ئەڭ تەس، شۇڭا پىندودو تا ھازىرغىچە زىيان تارتىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار پەقەت پېيىنى بازارغا سېلىشقا تايىنىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ پۇلىنى تاپىدۇ. 

ماركا تەرەپ ئۇزاق مۇددەت لى جياچى، ۋېي يا قاتارلىق چوڭ ئېقىم چولپىنىغا تايىنىۋېلىشنى خالىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزى بىۋاستە كۆرسىتىپ، ئۆزى ساتىدۇ. بىراق ئەندىزە يەنىلا ئوخشاش، ماركا تەرەپ لى جياچى، ۋېي يالارغا ئېتىبار قىلىدىغان پايدىنى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، بىۋاسىتە ئىستېمالچىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىۋاستە تارقىتىش تور سودىگەرلىرى ئېتىبار باھاسىنى دائىمىيلاشتۇرىۋېتىدۇ.

11-ئاينىڭ 11-كۈنى، مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى چۈشۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. بىردىنبىر چۈشۈرۈشكە بولىدىغىنى، يەنى سۇپا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، سودىگەرلەرگە تولۇقلىما بېرىدۇ، مەسىلەن، جىڭدۇڭنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى 10 مىليارد يۈەن تولۇقلىمىسى. 
بىۋاسىتە تارقىتىش سودا ئېكولوگىيەسىدە، ھەر كۈنى «قوش 11» بولىدۇ. 
لېكىن، ھەر كۈنى «قوش 11» بولغاندا، «قوش 11»نىڭ ئەھمىيىتى يوقايدۇ.


بۈگۈن بۇ ماقالىنى يېزىپ كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، پۇل تېپىشتا ئەڭ ياخشىسى شامال ئېغىزىدا تۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك. بۇ چاغدا، كىم سىزنى ئەمەلىي دۇكان ئېچىشقا، تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىشقا، ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ سېلىشقا ئۈندىسە، بۇنىڭ خەتىرىنىڭ چوڭ ياكى چوڭ ئەمەسلىكىنى دېمەيلا قويايلى، شۇ ئېنىقكى بۇنىڭ پايدا قايتۇرۇش نىسبىتى ئاساسەن يوقاپ بولدى.

ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شامالغا قارشى ئاتاكىغا ئۆتۈپ، كىشىلىك ھاياتنى ئۆزگەرتىپ، سىنىپنىڭ بىر ھالەتتىن ئىككىنچى بىر ھالەتكە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، شامال ئېغىزىنى تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئېقىم دەۋرىدە، پۇرسەت سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا قولدىن كېتىدۇ! قولدىن بېرىپ قويساق، يوق بولىدۇ. 
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0