大数跨境

يۈ مىنخوڭ ئۇتتۇرمىدى، ما يۈن ئۇتالمىدى!

يۈ مىنخوڭ ئۇتتۇرمىدى، ما يۈن ئۇتالمىدى! Nepkar
2022-01-13
1
导读:100 يىلدىن كېيىن پەقەت تەربىيە بولسىلا، يېڭى شەرق مەۋجۇت بولىدۇ، لېكىن بىر ئالاقە تورى شىركىتى يوق ب

01
يېڭى شەرق 60 مىڭ خادىم قىسقارتتى. بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، بۇ خەۋەر بىلەن تەڭ غۇلغۇلا قوزغىغىنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يۈ مىنخۇڭ بىلەن ما يۈننىڭ بىر مەيدان مۇنازىرىسى بولغان.
سىن كۆرۈنۈشىدە، ئىككىيلەن نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقىپ، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

يۈ مىنخۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «100 يىلدىن كېيىن پەقەت تەربىيە بولسىلا، يېڭى شەرق مەۋجۇت بولىدۇ، لېكىن 100 يىلدىن كېيىن، بىر ئالاقە تورى شىركىتى يوق بولۇشى مۇمكىن.»
ما يۈن دەرھال رەددىيە بەردى: «يۈز يىل ئەمەس، ئون يىلدىن كېيىن مائارىپ چوقۇم بار، لېكىن يېڭى شەرق بولۇشى ناتايىن.»


ئالتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئىككىيلەننىڭ پارىڭىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بەزى تورداشلار، بۇ مۇنازىرە ئاخىرى كېچىكىپ كەلگەن نەتىجىگە ئېرىشتى، ما يۈن يەڭدى، يۈ مىنخۇڭ ئۇتتۇرۇپ قويدى، دېيىشتى.
ما يۈننىڭ بىر ئېغىز گېپى رىئاللىق ئايلاندى، لېكىن يۈ مىنخۇڭ راستتىنلا ئۇتتۇرۇپ قويدىمۇ؟
نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى يۈ مىنخۇڭ ئۆزىگە مۇنداق بىر قائىدە تۈزگەن:
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە «يېڭى شەرق» ۋەيران بولسا، ھېساباتتىكى پۇل چوقۇم مۇنداق ئىككى ئىشنى قىلىشى كېرەك:
بىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش، يەنە بىرى، ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش ھەققى بېرىلىدىغان پۇل بولۇپ، ئىككىسىنىڭ بىر پۇڭمۇ كەم بولماسلىقى كېرەك.


نۇرغۇن كىشىلەر ئۆتكەن بىر يىلدا يېڭى شەرقنىڭ بازار قىممىتىنىڭ %90 چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، شىركەتنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭغا «يېڭى شەرق»نى تاقىۋېتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغاندا، يۈ مىنخۇڭ: «بۇنداق خىيالنىڭ سايىسىمۇ مېنىڭ قەلبىمدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان.» دېگەن.


شىركەت ھازىر قانچىلىك قىيىنچىلىقتا قېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇش كېرەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى تارقىتىش كېرەك. كەسىپداشلارنىڭ ھەممىسى پارتا-ئورۇندۇقلارنى تۆۋەن باھادا سېتىۋاتقاندا، يېڭى شەرق (يۈ مىنخۇڭ) پارتا-ئورۇندۇقلارنىڭ ھەممىسىنى يېزا مەكتەپلىرىگە ھەقسىز ئىئانە قىلدى.
بۇ قېتىم قىسقارتقان 60 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك N+1 نىڭ تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى.


تەلىم-تەربىيە كەسپى ۋەيران بولغان ئەھۋالدا، بۇ خىل ئىناۋەتنى ساقلىماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى جەھەتتە، يۈ مىنخۇڭنىڭ ئابرۇيى يۈكسەكلىككە يەتتى.


ئۆزىنى قۇتقۇزۇش يولىدا، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇتتۇرغۇچى ئەمەس.


مەيلى ئۆزىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا كۆپ قېتىم يازما تارقىتىپ، خىزمەتچىلەرگە ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەن، ئۇلارغا ئىلھام بەرگەن گەرچە بىۋاستە كۆرسىتىشنى سىناپ باققان بولسۇن، ئۇ ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ.

داۋاملىق يېڭى شەرقتە قېلىپ قالغان 50 مىڭ ئادەمنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇش مەسىلىسى بىر كۈنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىن چىقمايدۇ.
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، بەزىلەر ئۇنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتقان بىر پارچە رەسىمىنى توردا يوللىدى.
ئۇ ئىلگىرى دەرسخانىدا «كاپىتان» بولغان ئۇ ناھايىتى تېزلا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىن ئىبارەت بۇ «كەسىپ»كە كۆنۈپ قالدى.


ئۇ كۆممىقوناق، ئالما، خۇاسېڭ مېيى ساتقاندا، ھەربىر مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرغاندا، ئالاقىدار جۇغراپىيە بىلىملىرى ۋە ئانتروپولوگىيەلىك تەمسىللەرنى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىدۇ. بىر تەرەپتىن تورداشلار بىلەن ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلاشقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى مەيدانغا چىقىپ تاماق ئېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئۇ ئىلگىرى زىيارەتتە ئېيتقاندەك «كىشىلىك ھاياتتىكى ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ چېكى بولمايدۇ، بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز ئۆزىمىز قىلالايدىغان ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى قىلىش.»نى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىۋاتاتتى.
كىشىلىك ھاياتتا ھامان داۋالغۇش بولىدۇ، كۈچلۈكلەرنىڭ كۈرەش ئىرادىسى مەيداندىن ئايرىلمايدۇ.
02
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021-يىلى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يۈ مىنخۇڭ شۈبھىسىزكى ئەڭ ئېچىنىشلىق كارخانىچى ئىدى. ئەمما، 60 ياشقا كىرگەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھاڭ كىشىلىك ھاياتتىكى نورمال ھالەت ئىدى.
ئەينى يىلى نامرات يېزىدىن كېلىپ چىققان بالىنىڭ جياڭيىندىن چىققان ھەر بىر قەدىمى، پاتقاقلىقتا ماڭغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە ئىدى.
1980-يىلى ئىمتىھاندىن ئىككى قېتىم ئۆتەلمىگەندىن كېيىن، يۈ مىنخۇڭ ئاخىرى بېيجىڭ داشۆسىگە كىرگەن ئىدى.
ئويلىمىغان يەردىن، بۇ يېڭى ئوڭۇشسىزلىقنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان ئىدى.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، دەسلەپتە تەلەپپۇز ئۆلچەملىك بولمىغانلىقتىن ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىدۇ ۋە چەتكە قېقىلىدۇ، كېيىن ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن بىر يىل توختاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق يازغان: «بىلىمىم كىشىگە يەتمەيدۇ، ئەقىلىممۇ ئۆزگىگە يەتمەيدۇ، سالامەتلىكمۇ باشقىلارغا يەتمەيدۇ، ئۆلۈۋېلىش نىيىتىدىمۇ بولۇپ باقتىم.»
ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى، لېكىن ئۇ نامراتلىق سەۋەبىدىن دۆلەت ئىچىدە قېلىشقا مەجبۇر بولدى.
ئۇ پۇل يىغىپ چەت ئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن، سىرتتا تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقان بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپ تەرىپىدىن جىنايەت يېزىش جازاسى بېرىلىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىنغان.
كېيىن ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، «يېڭى شەرق»نى قۇرۇپ، نەچچە قېتىم ھايات-ماماتلىق كۆرىشىدە بولغان. 
ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان، كەسىپ ئۈچۈن باشقىلارغا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچىپ، ئۇدۇللا ICU غا كىرىپ بەش سائەت قۇتقۇزۇلغان.
ئاخىرى شىركەت مىڭ تەسلىكتە ئىزىغا چۈشكەندە، سارس سەۋەبلىك، مەبلەغ زەنجىرى بىۋاسىتە 20 مىليون يۈەن ئۈزۈلۈپ قالغان.
يۈ مىنخۇڭ تالاي قېتىم ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توختىتىپ قويمىدى.
ئېغىز تىلى ياخشى بولمىسا، كېچە-كۈندۈز مەشىق قىلدى؛ چەت ئەلگە چىقىشقا پۇل بولمىسا، ئامال قىلىپ پۇل تاپتى.
مەكتەپ جازالىسا، ئۇۋالچىلىق تارتقاننىڭ نېمە پايدىسى، يامىنى كەلسە خىزمەتتىن ئايرىلىپ، ئۆزى يالغۇز ئىشلىدى؛ ئىگىلىك تىكلەش ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ، بەرداشلىق بەرسىلا بولىدۇ...
بۈگۈنكى كۈندە نەچچە ئون يىللىق ئەجرى «پارلىنىپ» كەتتى، ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال سېتىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا باشلىدى.
ئۇ ئىلگىرى «ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۈمىد ئىزدەش» دېگەن كىتابىدا: «ھاياتىڭىزغا يۈز كېلەلەمسىز-كېلەلمەمسىز؟ بۇ سىزنىڭ زادى داۋاملىق مېڭىشقا جۈرئىتىڭىز بارمۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلە. باشقىلار سىزنى مەسخىرە قىلغان، سىزگە زەربە بەرگەن چاغدا مېڭىۋېرىشكە جۈرئىتىڭىز بارمۇ؟ پۈتۈن جەمئىيەت سىزنى كۆزگە ئىلمىغان ۋاقىتتا يەنىلا مېڭىشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟» دېگەن ئىدى.
بۇ دۇنيادا، ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر مەزگىل ئۈمىدسىزلىنىدىغان ۋاقتى بولىدۇ: تۇرمۇش مەنىسىزلىككە تولۇش، كىشىلەر تەرىپىدىن زەربە يېيىش، باشقىلار تەرىپىدىن ھاقارەتكە ئۇچراش، نىشانىدا گاڭگىراش...
شامال شامنى ئۆچۈرىدۇ، ئەمما ئوت بارغانسېرى ئۇلغىيىپ كېتىدۇ.
ھەقىقىي كۈچلۈكلەرنىڭ ھەممىسى ھاڭنى كىشىلىك ھاياتتىكى سىناق مەيدانى دەپ قارايدۇ.
بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ھەممىسى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ سوۋغىسى.


03
سىز «بۇرۇلۇش نۇقتىسى نەزەرىيەسى»نى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ھەرقانداق بىر بۆلۈك ئۆرلەش يۈزلىنىشىنىڭ باشلىنىشى چوقۇم ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا جايلاشقان مەلۇم بىر نۇقتىدىن باشلىنىدۇ.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر ئادەمنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، تەقدىرگە تەن بېرىپ بولىدۇ.
مېنىڭ بىر كەسىپداش دوستۇم بار، ئۇ 35 ياشقا كىرگەن يىلى مۇقىم خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئاغىنىلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ ئىگىلىك تىكلىگەن.
ئەسلىدە توختام سۇدەك ئىدارىدىن ئايرىلسام، ئىقتىدارىمنى تېخىمۇ جارىي قىلدۇرالايمەن دەپ ئويلىغان ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن بىر يىل بولمايلا، شىركەت تاقىلىپ قېلىپ، نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان. خوتۇنى ھەر ئايدا ئاران نەچچە مىڭ يۈەن مۇقىم مائاش ئالاتتى، لېكىن بالىنىڭ چوڭى مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ئوتتۇرانچى ئوغلى سەككىز ئايلىق بولغاچقا، ھەر خىل چىقىمى كۆپ ئىدى. قەرزنى بالدۇرراق قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ جان تىكىپ پۇل تېپىشنىڭ يولىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
شۇ مەزگىللەردە، ئۇ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان، تاماقخانىمۇ ئاچقان، بىر كۈندە دۇكاندا ئۇدا 18 سائەت ئىشلىگەن. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىدا نەتىجە يارىتالمىدى.
ـــ ئەجەبا، بۇ ئۆمرۈم مۇشۇنداق ئۆتەمدۇ؟ مەن تەن بەرمەيمەن.»
ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا، ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئۆزتاراتقۇ بولۇشقا باشلىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇ كۈندۈزى ھەرقايسى چوڭ مۇنبەرلەرگە ماقالە ئەۋەتىپ پۇل تاپاتتى، كەچتە ئۆزىنىڭ سالونىغا يازما يازاتتى، ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 نەچچە پارچە ماقالە يازاتتى.

شۇنداق قىلىپ يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى، بىر كۈنى ئەتىگەندە ئويغانغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈن يوللىغان يازمىسىنىڭ مىليون قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇلغانلىقىنى بايقىدى. ھەر قېتىم يېڭىلىغاندا، ئارقا سۇپىدىكى مەستانىلەرنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئېشىپ باراتتى.
ئۇ كىشىلىك ھاياتدىكى تۇنجى ئېلاننى ناھايىتى تېزلا تاپشۇرۇپ ئالدى، ئىككىنچى يىلى، ئۇ ئەينى چاغدا قەرز بولۇپ قالغان قەرزنى قايتۇرۇپ بولدى.
يازغۇچى خا جىننىڭ سۆزى ئورۇنلۇق ئىدى: «ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەرقى دەل مۇشۇ بىر ئۆتكەل، سىز بەرداشلىق بېرەلەمسىز؟ ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا سىز ئوخشىمايسىز.»
بىر ئادەمنىڭ ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەندىكى ماسلىشىش ئىقتىدارى ئۇنىڭ كىشىلىك ھايات ئېگىزلىكىنى بەلگىلەيدۇ.
خىزمەت، ئائىلە، ياشانغانلار، بالىلار بەزىدە قايتا-قايتا ئۆتكەلگە دۇچ كېلىمىز، بەزىدە ئۆيدىن كېچە-كۈندۈز يامغۇر ئۆتۈپ كېتىدۇ...
قۇرامىغا يەتكەن قايسى بىر ئادەم تۇيۇقسىز ھاڭغا چۈشۈپ كەتسە، كېچىلىرى ئۇيقۇدىن بىدار بولمايدۇ؟ يۈرىكى پارە-پارە سۇ بولمايدۇ؟
قايسى قۇرامىغا يەتكەن ئادەم تەقدىر تەرىپىدىن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغاندا، ئون مىڭ قېتىم ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىغان؟ پەقەت بەزى كىشىلەر، تاڭ يورۇشتىن بىر سېكۇنت بۇرۇن يىقىلىپ چۈشىدۇ.
بەزى كىشىلەر ئەڭ قاراڭغۇ جايدا بولۇپ، چىراغ ياندۇرۇپ مېڭىۋاتاتقان بولۇپ، بىر قەدەم ماڭماقمۇ تەس بولۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ كېيىنكى يول ئېغىزىغا كېلىپ قالىدۇ.


04
بۇرۇن، ئۆيدىكى ياشانغان كىشى بىر ھېكايە سۆزلەپ بەرگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، ئامېرىكىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى كالىنى باغلاشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بىر تۈپ ياغاچنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر ھالقا بېكىتپ قويىدۇ. ياغاچنىڭ يوغىنىشىغا ئەگىشىپ، تۆمۈر ھالقا ئاستا-ئاستا دەرەخكە پېتىپ، ئۇنىڭ پوستىدا چوڭقۇر جاراھەت قالدۇرىدۇ.
كېيىن بۇ يەردە يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ، نەچچە يۈز چاقىرىملىق دائىرىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كەتكەن، پەقەت مۇشۇ ياغاچلا ھايات قالغان.
نېمىشقا؟ ئەسلىدە ئۇنى جاراھەتلەندۈرگەن تۆمۈر ھالقا ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئىكەن.
ياغاچ داتلىشىپ كەتكەن تۆمۈر ھالقىدىن كۆپ مىقداردا تۆمۈر تەركىبىنى قوبۇل قىلىپ، زەمبۇرۇغقا قارىتا ئالاھىدە ئىممۇنىتېت كۈچى پەيدا قىلىدۇ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتى بىر قىسىم كۈتۈلمىگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ. لېكىن ئۇلار يەنە بەزى ۋاقىتلاردا بىر خىل ئوزۇقلۇق ماتېرىيالى بولۇپ، بىزنى پىشىپ يېتىلدۈرىدۇ.
ئەينى يىلى شى يۈجۇ 4000 يۈەن پۇلنى ئېلىپ شېنجېنغا كەلگەن، ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 30 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
كىم ئويلىسۇن، بىر قېتىملىق مەبلەغ سېلىشتا مەغلۇپ بولغانلىقتىن، ئۇ بىر كېچىدىلا 250 مىليون يۈەن قەرزگە بوغۇلۇپ، «گىگانت ئادەم»دىن «ئەڭ چوڭ قەرزدار»غا ئۆزگەرگەن.
بىر مەھەل، تونۇيدىغان، تونۇمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئورىۋېلىپ زاڭلىق قىلىشتى، تاراتقۇلارنىڭ مەسخىرىسىمۇ توختىماي ئاڭلىنىپ تۇردى. باشقا ئادەم بولغان بولسا، بۇ كۈنلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغىنى ئېنىق ئىدى، ئۇ قانداق قىلغان بولغىيتتى؟
ئۇ گېزىتتىكى ئۆزىنى تەنقىد قىلغان بارلىق ماقالىلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى قايتا-قايتا تەھلىل قىلغان.
ئاندىن قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ، يېڭى باشتىن ئىش باشلايدۇ.
كېيىنكى ھېكايىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. قىسقىغىنە ئون يىلدا، ئۇ ئۆزىگە تەۋە سودا رىۋايىتىنى قايتىدىن يارىتىپ، ئەينى يىللاردىكى يۇقىرى پەللىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ بۇ كەچۈرمىشىنى تىلغا ئېلىپ: «ئادەم پەقەت قىيىنچىلىق چاغلاردىلا ئاندىن بىر نەرسە ئۆگىنەلەيدۇ.» دېگەن. 
ئازاب-ئوقۇبەت بىر ئادەمنى يىقىتىدۇ، لېكىن بىر ئېگىلمەس-سۇنماس يۈرەكنى يىقىتالمايدۇ.
بەلكىم سىز ئەمدىلا خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن گاڭگىراپ قېلىشىڭىز، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئەتىكى قۇياشنى كۆرەلمەيدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن؛
بەلكىم سىز زىممىڭىزدىكى بېسىمدىن كېچىسى ئۇخلىيالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، كۆزىڭىزنى ئاچسىڭىزلا خىزمەت، كۆزىڭىزنى يۇمسىڭىزلا بېشىڭىز ئاغرىيدۇ؛
بەلكىم سىز ئويلاپ باقمىغان ئاسىيلىق، ئۈمىدسىزلىنىش، ۋەيران بولۇش، ھەتتا كېسەل ئازابىغا دۇچار بولغانسىز. ... ھېچقىسى يوق، پەقەت تەقدىرگە تەن بەرمىسىڭىزلا، تۇرمۇش سىزنى يىقىتالمايدۇ.
پەقەت داۋاملىق ئالدىغا ماڭسىڭىزلا، بارلىق ئەگرى-توقايلىقلار، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى داۋانغا چىقىش يولىدۇر.
سىز زىممىڭىزگە ئالغان بارلىق ئىشلار، چىداپ تۇرغان ياش، ھەممىسى سىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ئەندىزىڭىزنى چوڭايتىدۇ.


نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يۈ مىنخۇڭنىڭ يېقىندا يېڭىلىغان ماقالىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر جۈملە سۆزدىن تەسىرلىنىپ كەتتىم: «بىۋاسىتە تارقىتىشنى ئاخىرلاشتۇرغىنىمدا، سائەت 12 دىن ئاشقان ئىدى، سىرتقا چىقىپ 10 مىنۇت سەيلە قىلدىم، يۇلتۇزلار چاقناپ تۇراتتى، ھاۋا سۈزۈك ئىدى. يول بويىدىكى تۇخۇمەك دەرىخى ناھايىتى مەزمۇت شاخ-شۇمبىلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، خۇددى تىز پۈكمەس قەھرىمانغا ئوخشايتتى، قاراڭغۇدا ئاسماننىڭ چېگرىسىنى ئىزدەيتتى.»
ئوڭۇشسىز شارائىتتا يۆنىلىشنى ئىزدەش، مۈشكۈل شارائىتتا ئۈمىد ئىزدەش.
دەرەخ مۇشۇنداق تۇرسا، ئادەم قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن؟
ئازاب-ئوقۇبەت مۇنبەت تۇپراق، ھاياتلىق دائىم كۆكىرىپ تۇرىدۇ.
كۈچلۈكلەر مەڭگۈ ياش تۆكمەيدۇ ئەمەس، بەلكى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، بۇرۇنقىدەكلا مەزمۇت تۇرىدۇ.
مەنبە: بايقاش سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0