搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ماسكنىڭ كېيىنكى نىشانى: قىستاڭچىلىقنى ھەل قىلىش!
>
ماسكنىڭ كېيىنكى نىشانى: قىستاڭچىلىقنى ھەل قىلىش!
Nepkar
2022-02-16
0
导读:بۇ يىل يانۋاردا لاسۋېگاستا ئۆتكۈزۈلگەن ئىستېمال ئېلېكترون كۆرگەزمىسى (CES)دە ماسك بىر تونېلنى كۆرگەز
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
بۇ يىل يانۋاردا لاسۋېگاستا ئۆتكۈزۈلگەن ئىستېمال ئېلېكترون كۆرگەزمىسى (CES)دە ماسك بىر تونېلنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى.
CES ئەللىك نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ. سىنئالغۇ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزور، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق بىز ئايرىلالمايدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۇنجى قېتىم CES دا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
كۆرگەزمە مەزگىلىدە، پۈتكۈل كۆرگەزمە رايونى ھەرقايسى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىدىغان سەھنىگە ئايلىنىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىچىلار ۋە مۇخبىرلار ئارقا-ئارقىدىن بۇ يەرگە كېلىپ، شەھەردىكى چوڭ-كىچىك مېھمانسارايلاردا بىر ياتاق تېپىش تەس بولىدۇ، يوللارمۇ دائىم توسۇلۇپ قالىدۇ.
ماسك بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگەن تونېل دەل ئالتە يىل ئىلگىرى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان كەلگۈسى ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى «Vegas Loop» ئىدى.
«Vegas Loop» قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى بولالامدۇ؟
بۇ تونېلنىڭ كۆلىمى چوڭ ئەمەس، ئۇ لاسۋېگاسنىڭ يەر ئاستىغا 40 فۇت (تەخمىنەن 12 مېتىر) كېلىدىغان چوڭقۇرلۇققا قېزىلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1.7 مىل (تەخمىنەن 2.7 كىلومېتىر) كېلىدۇ. ھازىر پەقەت لاسۋېگاس كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئوخشىمىغان كۆرگەزمە زالىدىلا دەريادىن ئۆتكىلى بولىدۇ، بىراق بۇ ھەرقايسى مەيداندىكى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.
بۇ تونېل شەخسىي ئاپتوموبىل ياكى مېترودا ماڭىدىغان ئادەتتىكى تونېل بولماستىن، بەلكى «كەلگۈسىدىكى ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى»دۇر.
تونېلنىڭ ئىشلىتىلىش جەريانى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ۋوگزالدا ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئاپتوموبىللاردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ: يولۇچىلار ئاپتوماتىك پەلەمپەي بىلەن پويىز كۈتۈش زالىغا كىرسە، پويىز كۈتۈش ئورنىدا شوپۇرسىز تېسلا Model 3 ياكى Model X كېلىپ يولۇچىلارنى ئېلىپ كېتىدۇ، تۆت مېتىر كەڭلىكتىكى تونېلدا ئىككى مىنۇتتىن كېيىن مەنزىلگە يېتىپ بارىدۇ.
ئىلگىرىكى CES دا، بۇ ئىككى كىلومېتىرغا يېقىن يولنى پەقەت يىغىنغا قاتناشقۇچىلارلا ماڭالايتتى، بۇ يىل، تونېلنىڭ پەيدا بولۇشى بارلىق كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىللىق CES كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، تونېلدا ھەر كۈنى تەخمىنەن 15 مىڭدىن 17 مىڭغىچە ئادەم توشۇلىدىكەن، بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدىكەن، يولۇچىلارنىڭ ئۈچ بېكەتتە ئوتتۇرىچە ساقلاش ۋاقتى 15 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
تونېلدىكى يولۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، تونېل ئىچى ناھايىتى تار بولۇپ، چىراغ نۇرى خۇددى دىسكوخانىغا كىرىپ قالغاندەك كۆزنى قاماشتۇرىدىكەن. توردىكى پەن-تېخنىكا بلوگى BT مۇ تونېلنى بىرىنچى بولۇپ سىناپ كۆرگەن، ئۇ بۇ قېتىمقى كەچۈرمىشنى «دەرىجىدىن تاشقىرى فانتازىيەلىك» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ناھايىتى رازى بولغان، ئاددىي ئولتۇرۇش تەرتىپى ئۇنىڭ كۆرگەزمىگە پىيادە بېرىش باش قېتىنچىلىقىنى ئازايتقان.
بۇ تونېل ھەقىقەتەن يول يۈزىدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە ساقلىنىپ، مۇخبىر ۋە پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ئازايىتتى. لېكىن، ئەينى ۋاقىتتا دېيىلگىنى بىلەن ئانچە ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ.
ماسك تۆت يىل كەپشەرلىگەن بىر تونېل
بەزىلەر بۇ تونېلنىڭ قانچىلىك كارامىتى بار؟ بۇ پەقەت بىر كۈچەيتىلگەن نۇسخىدىكى تاشقىن ئاپتوموبىل يولىغۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. نېمىشقا بۇنچە كۆپ ئادەم دىققەت قىلىدۇ؟
چۈنكى سىرتقا ئېچىۋىتىشتىن بۇرۇن، ماسك خېلى پو ئاتقان ئىدى.
شەھەرنىڭ تېگىدىن شۇنچە ئۇزۇن تۆشۈك ئاچقىنى ماسك قۇرغان «زېرىكىشلىك شىركەت» ئىدى. بۇ شىركەتنىڭ ئىسمى ئاڭلىماققا تولىمۇ غەلىتە بولسىمۇ، لېكىن زېممىسىگە بىر مۇھىم ۋەزىپە يۈكلەنگەن، ئۇ بولسىمۇ دۇنيادا ھېچقانداق قاتناش قىستاڭچىلىقى بولماسلىق.
ئېلون ماسك 2016-يىلى The Boring Company يەنى «زېرىكىشلىك شىركەت»نى قۇرغان. Boring قوش مەنىلىك سۆز بولۇپ، ھەم «زېرىكىشلىك» ھەم «تۆشۈك تېشىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ بىر ئۇل ئەسلىھە ۋە تونېل قۇرۇلۇشى شىركىتى.
ئەينى چاغدا، ماسك قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بولۇپ، ئۇ ئۆڭكۈرنى چوڭقۇر قېزىش، تورنى كېڭەيتىش، كېچىكتۈرۈش... ئارقىلىق قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ھەل قىلىشقا قەسەم قىلغان.
ئۇنىڭ زېرىكىشلىك شىركىتى شەھەر ئاستىدا تونېل قېزىپ، يېڭى يول ئاچماقچى ئىدى.
2018-يىلى 10-ئايدا، ماسك تارقاتقان جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ خوسان شەھىرىدىكى تونېل شۇ يىلى 12-ئايدا ئېچىلماقچى ئىدى. ئەمما، خوسان تونېلى پەقەت سىناق قىلىشقىلا ئىشلىتىلىپ، كۆپچىلىكچىلىككە ئېچىۋېتىلمىگەن. تۆت يىلدىن كېيىنكى 2022-يىلىغا كەلگەندە، كىشىلەر تۇنجى قېتىم ئۇ كولىغان تونېلنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولغان.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەسەۋۋۇرلاردا، تونېلنىڭ ئاساسلىق توشۇش شەكلى شوپۇرسىز توكلۇق ئاپتوموبىل «سۇپىسى» ئىدى. ئاپتوماتىك ھەيدەش سۇپىسىدا شەخسلەر ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە 16 يولۇچىنى سىغدۇرالايدىغان كىچىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىمۇ ھەيدىگىلى بولىدۇ. يول يۈزىدە ئاپتوماتىك لىفىت سۇپىسى بار بولۇپ، پىيادىلەر ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتىك ھەيدەيدىغان تونېل سىستېمىسىغا بىمالال كىرەلەيدۇ. تونېل تاق لىنىيەلىك يول بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا سائىتىگە 200 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
قالتىس تەشۋىقات فىلىمى ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان، بۇ چوقۇم ئاممىۋى قاتناشنىڭ كەلگۈسى ئىدى.
ئەمما لاسۋىگاستا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تونېلنى ئىنتايىن تارىيىپ كەتتى دېيىشكە بولىدۇ. شوپۇرسىز ھەيدەش، سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىر، يولۇچى توشۇغىلى بولىدىغان ئاپتوموبىل، ئاپتوماتىك ئېلېۋاتور قاتارلىق قارا پەن-تېخنىكا مەزمۇنلىرىدىن ئۇچۇر يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا تار تونېلدا شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان تېسلا ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 65 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
لېكىن، مېترو ۋە توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىللارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، تونېلدىكى يولۇچىلار بىۋاسىتە مەنزىلگە بارالايدۇ، ئوتتۇرىدىكى بېكەتتە توختىمىسىمۇ بولىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
كەلگۈسىدە، زېرىكىشلىك شىركەت يەر ئاستىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تونېلنى 29 مىل ئۇزۇنلۇقتىكى تور قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ تور ئەڭ ئاخىرىدا خاررى رېد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن لاسۋىگاس شەھىرى مەركىزىگىچە كېڭىيىپ، پۈتكۈل ئىستىراھەت كەنتى كارىدورىنى كېسىپ ئۆتىدۇ.
تونېل تورى پۈتكەندىن كېيىن، مۇلازىمەت ھەقسىز بولمايدۇ.
زېرىكىشلىك شىركەتنىڭ ئورگان تورى كەلگۈسىدە ئايرودرومدىن كۆرگەزمە مەركىزىگە بارىدىغان بېلەت باھاسىنىڭ تەخمىنەن 10 ئامېرىكا دوللىرى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئېچىۋېتىلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، تونېل سىغىمچانلىق نىشانىغا يېتىپ، سائىتىگە 4400 يىغىن قاتناشقۇچىسىنى مەنزىلگە يەتكۈزدى. لاسۋېگاس ئەمەلدارىمۇ CES مەزگىلىدىكى نەتىجىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
Loop نىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى قەيەردە؟
CES مەزگىلىدە، تېز ئېشىۋاتقان يولۇچىلار ئېقىمى Vegas Loop نى تۇنجى قېتىم خىرىسقا دۇچار قىلدى، تونېل ئىچىدە ھەتتا قىسقا ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توسۇلۇش ھادىسىسى كۆرۈلدى.
بىر سىن كۆرۈنۈشىدە شوپۇر جەنۇبىي زال ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى سەۋەبسىز تاقاپ، قالغان ئىككى ئايلانما يولدا يولۇچىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ، قىستاڭچىلىق پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتقان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزىلەر بۇ تار تونېلنىڭ بىخەتەرلىكىدىن گۇمانلانغان.
Reddit
نىڭ ئابونتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر تونىلدىكى ئاپتوموبىلغا ئوت كەتسە، يولۇچىلارنىڭ قاچىدىغان يېرى يوق بولۇپ، پەقەت ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق ئىكەن.
«مەن ناھايىتى ھەيران قالدىم، بۇ نەرسە قانۇنلۇق ئىكەن، ئاپتوموبىل بىلەن تام ئارىسىدا ھەتتا پۇت دەسسىگۈدەك يەرمۇ يوق ئىكەن، ئەگەر ئاپتوموبىلغا ئوت كەتسە، يولۇچىلار پەقەت ئۆلىدۇ.»
ئەمما زېرىكىشلىك شىركەت ئورگان تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تونېل ئىچىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، تونېلنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ئىس-تۈتەكنى تازىلاپ، يولۇچىلارنى بىخەتەر چېكىندۈرەلەيدىكەن. تونېلغا يەنە جىددىي چىقىش ئېغىزى، ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى، ئوت ئۆچۈرۈش سىستېمىسى ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئالاقە سىستېمىسى سەپلەنگەن.
زېرىكىشلىك شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە، تونېل يەر تەۋرىگەندىمۇ بىخەتەرلىكنى ساقلىيالايدىكەن. تونېل يەر ئاستىدا بولغاچقا، يەر تەۋرىگەندە يەر بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، تەۋرىنىش ئامپىلتۇدىسى يەر يۈزىدىكى ئىمارەتلەرنىڭكىدىن كىچىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زور مىقداردىكى يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنى چۈشۈپ كەتكەن پارچە-پۇرات نەرسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، تونېل ئىچىدە بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ.
كەلگۈسىدە، زېرىكىشلىك شىركەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تونېللارنى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئويلايدۇ، شۇنداقلا تونېلدىكى بارلىق تېسلا ئاپتوموبىللىرىغا شوپۇرسىز ھەيدەش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي قوللىنىدۇ.
نۆۋەتتە، Loop نىڭ تىجارەت شەكلىمۇ پىشىپ يېتىلىشتىن خېلى يىراقتا بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى خېرىدار كۆرسىتىش كۆرگەزمىسى يەنىمۇ قىسقىرامدۇ يوق؟ پەقەت كەلگۈسىدىكى تىجارەت جەريانىدىلا ئىسپاتلىنىدۇ.
سىزنىڭچە ماسك بۇ قېتىم ياخشى ئىش قىلدىمۇ؟
مەنبە: شاكال سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408