大数跨境

باج ئادىللىقى: پۇلدارلار ۋە جاپاكەش ئاممىنىڭ تەقدىرى

باج ئادىللىقى: پۇلدارلار ۋە جاپاكەش ئاممىنىڭ تەقدىرى Nepkar
2022-01-06
0
导读:جۇڭگو ھۆكۈمىتى كاپىتالنىڭ رەھىمسىز ئەمگەكچى خەلقنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا يول قويمايدۇ.
شەخسنىڭ كۈرىشىدىمۇ تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا قاراش كېرەك.
2018-يىلى 3-ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىگە ئاساسەن، دۆلەت بېجى بىلەن يەرلىك باج بىرلەشتۈرۈلدى.
مەسىلەن، 20 نەچچە يىل ئىلگىرى دۆلەت بېجى بىلەن يەرلىك باج ئايرىۋېتىلىپ، ماۋ ئامىن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى.
بۇ قېتىمقى دۆلەت بېجى بىلەن يەرلىك باج بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، يەنە فەن بىڭبىڭنى سەھنىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى.


فەن بىڭبىڭدىن نەچچە يۈز سەنئەت چولپىنىغىچە، نەچچە ئون مىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىدىن نەچچە يۈز مىليون يۈەنلىك ئۆي ئىگىسىگىچە، بۇ قېتىمقى باج ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، مۇقەررەر ھالدا نۇقتىدىن سىزىققا، دائىرىلىكتىن پۈتۈنلۈككە تەدرىجىي كېڭەيدى.


فەن بىڭبىڭ دېلوسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 8-ئايدا باج باش شىركىتى شېرىك كارخانىلاردىن ئاشۇرما باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ سانسىزلىغان يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەرنى غەزەپلەندۈردى. بولۇپمۇ ھە دېسىلا نەچچە يۈز ھەسسە پايدا ئالىدىغانلىقىدە ھەققىدە پو ئاتىدىغان ئىگىلىك تىكلەش چەمبىرىكىنى تىترىتىۋەتتى.
كۆپچىلىك ئاتقان پوغا، ئامما تېخى ئىشىنىشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ، باج ئىدارىسى ئاۋۋال ئىشەندى، شۇنچە كۆپ پۇل تاپقان ئىكەن، باج سېلىقى %20 تىن شىددەت بىلەن %35 كە كۆپەيدى.
شۇ يىلى گوۋۇيۈەن تۇنجى قېتىم ئۆي مۈلۈك بېجى ئېلىشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆي مۈلۈك بېجى ئېلىشنى رەسمىي ئورۇنلاشتۇردى.
نۇرغۇن يەرلىك سودىگەرلەر كېڭىيىش قەدىمىنى توختىتىپ، بىر مەھەل «قىش ئۆتكۈزۈش»كە تەييارلىق قىلدى.
بىراق، كاپىتال غوجايىنلىرى ئۈمىدسىزلىنىۋاتقان پەيتتە، بۇ ئىش يىل ئاخىرىدا ياخشىلىنىشقا باشلىدى.


12-ئايدا، مېڭ ۋەنجۇ كانادا ئامېرىكا جاھانگىرلىكى تەرىپىدىن قانۇنسىز قولغا ئېلىندى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىدىن پەن-تېخنىكا ئۇرۇشىغا كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش چەمبىرىكىنى دېمىنى ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
ئوخشاش مەزگىلدە، تىرامپ يېتەكچىلىك قىلغان باج كېمەيتىش 2019-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجىنى %35 تىن %20 كە چۈشۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بايلارنى كۈلدۈرۈۋەتتى.
دۇنيانىڭ ئويۇن قائىدىسىنى، قائىدىگە رىئايە قىلمايدىغان بىر ئۆي-مۈلۈك خوجايىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
بۇ، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشنى يۇقىرى كىرىم ۋاسىتىسى قىلىۋالغان كىشىلەرنى، ئەسلىدە باج ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان نىشاندىن، ھەش-پەش دېگۈچە جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا پەن-تېخنىكىدىن تارتىپ كاپىتالغىچە قولغا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئوبيېكتقا ئايلاندۇردى.
بىز پەقەت يۇقىرى كىرىملىكلەر توپىغا نىسبەتەن يەنىلا تۆۋەن باج نىسبىتىنى ساقلاپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردۇق.
يەر شارى ئوڭغا بۇرۇلىدىغان ئاشۇ دەۋردە، ئۈنۈم ئادىللىق ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئاز ساندىكى سەرخىللارنىڭ «يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى» خەلق لۇشيەنىنىڭ «ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى»نىڭ ئورنىنى ئالدى.
بۇ سالونىمىز رەسمىي يېڭىلانغان تۇنجى يۈرۈشلۈك يازما، يەنى «كاپىتال بازىرىنىڭ ئەھمىيىتى» بولۇپ، 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدا داۋاملىق كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى لىفىتقا چىقىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى. 
لېكىن، ئەھۋال نۆۋەتلىشىپ ئۆزگەردى، يۇقۇمنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، بايدېن تىرامپنى يېڭىپ، چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ئوڭدىن سولغا ئۆزگەرتتى.
خۇددى مەركەزنىڭ مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا ئوخشاش، كاپىتال ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ كۆپ باج سېلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇزۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تەقسىماتقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. (بۇ يەرنى بېسىپ «چوڭقۇر تەھلىل: 2022-يىللىق ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
(بۇ يەرنى بېسىپ «سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدىن 2022-يىللىق ئىقتىسادىي يۈزلىنىشكە نەزەر» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
كېيىنكى ترامپ دەۋرىدە، كۆپچىلىك چەكلىك سەرخىللارنى تالىشىشتىن، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئايلىنىپ، باج ۋە تەقسىمات مەسىلىسىدە ئادىللىق قايتىدىن ئۈنۈمنى بېسىپ چۈشتى.
شۇنىڭ بىلەن، يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەر يەنە نۇقتىلىق باج تاپشۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى.
«ناخشا سەھنىسىدىكى چولپان» ماۋ ئامىن، «كىنو سەھنىسىدىكى چولپان» فەن بىڭبىڭبىڭغىچە، تىغ ئۇچىدا تۇرغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارىخ ھەمىشە ئوخشاش قاپىيە ھاسىل قىلىدۇ.
4-ئايدا، جېڭ شۇاڭنىڭ باجدىن قاچقانلىقى تەكشۈرۈلدى.
12-ئايدا، بىۋاستە كۆرسىتىش چوڭ ئېقىم چولپىنى ۋېي يانىڭ باجدىن قاچقانلىقى تەكشۈرۈلدى.
ئارقىدىنلا، مالىيە مىنىستىرلىقى باج باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پاي ھوقۇقى، پاي چېكى، شېرىك كارخانىلارنىڭ مال-مۈلۈك ئۈلۈشى قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنمىسى بار شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار، شېرىك كارخانىلار بىردەك ھېسابات تەكشۈرۈپ باج ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ.
ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرسەك، بارلىق «پىلانلاش»نىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي ئاخىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ سىڭىپ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى يۇقىرى پايدا ئالىدىغان پۇلدارلارنىڭ ئىلگىرىكى باجدىن ساقلىنىش ئۈچۈن توپلىغان پايدىسىمۇ بىر قېتىملىق تولۇقلىما باجغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغانغۇچىلار كېيىن زاكاز ساختىلىقى ئۈچۈن باج تاپشۇرىدۇ، ئوخشاشلا، يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سالغۇچى غوجاملار كېيىن «پو ئاتسىمۇ باج تۆلەيدىغان» بولىدۇ، تەشۋىقات تەننەرخى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى، يەنە بىر قېتىم بازار قىممىتىنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق، ئاممىنى ئالداپ زىياننى ئۈستىگە ئالدۇرۇش قىيىنلاشتى.
بۇ جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ ئىش قىلىش، ئامېرىكا پاي بازىرىدا پېيىنى بازارغا سالغان جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئىچ ئاغرىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆتكەن ئۈچ يىلدا يېڭى پۇل تاپقانلار قارشىلىشىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك، بولمىسا داۋاملىق ھالدا كىنو ساھەسىدىكى جېڭ شۇاڭ، بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ۋېي يا قاتارلىقلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.
ئەڭ ئاخىرىدا، شۈ غوجايىنلارنىڭ دېڭىزنى تىندۇرۇپ ئۆي سېلىش مەسىلىسىگە قايتىپ كەلدۇق.
يەرنى ھەقلىق بېرىش سوممىسىنىڭ ماھىيىتى يەر ئىشلىتىش بېجىنى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت.
دېڭىزنى تىندۇرۇپ يەر ئاچقان غوجايىن بىلەن كىنو چولپانلىرىنىڭ «باج پىلانلاش» قىلمىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار «يەر پىلانلاش» ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ «خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋىۋىسكا ئېسىش»تىن ئىبارەت باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنىدۇ.
تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان 39 كورپۇس بىنا «فەن بىڭبىڭ، جېڭ شۇاڭ، ۋېي يا»غا ئايلىنىپ، بۇ بىنالار باشقا تەرەققىيات سودىگەرلىرىگە ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ مەركەزلىك زەربە بېرىشكە قاتناشمىغانلىقىنىڭ بەدىلى بولۇپ قالدى.
شۇڭا، ئاپتوموبىل ياساش، يەر ئېلىش قاتارلىق «باجدىن قېچىش» يوللىرى كېيىنكى قەدەمدە قامال قىلىنىدۇ.
ئوخشاش قائىدە بويىچە، كېيىنكى قەدەمدە، «ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى پىلانلاش»تىن «سانلىق مەلۇماتلارنى پىلانلاش»قىچە، ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ نەيرەڭ يوللىرى تاقىلىپ قالىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كاپىتالنىڭ رەھىمسىز ئەمگەكچى خەلقنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا يول قويمايدۇ.
ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا سودا-سانائەتچىلەر رويخەتكە ئالدۇرۇش ئارقىلىق، قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇللارنىمۇ تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.
پۇلدارلارنىڭ خىيالىغا كەلگەننى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، كەمبەغەللەردىن ئاز ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىغا تېخىمۇ يول قويۇلمايدۇ.
2022-يىلىغا نەزەر يازمىلىرى (بۇ يەرنى بسىپ كۆرۈڭ)دا تىلغا ئېلىنغانغا ئوخشاش، بۇ يىللىق ئاساسى مىلودىيە يەنىلا ئادىللىق، ئادىللىق، يەنىلا ئادىللىق!
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

ئۆي-مۈلۈك بېجى: كىم شادىمان؟ كىم پەرىشان؟

2021-10-31

دۇنيا ئىقتىسادى بارغانسېرى 1970-يىللارغا ئوخشاپ قېلىۋاتامدۇ؟

2021-10-31

ئۆي-مۈلۈك بېجى نوقتا سىنىقى: كىم تۇنجى ئاتاكىغا ئۆتەلەيدۇ؟

2021-10-24

ئۆي مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى!

2021-10-23

چولپانلارنىڭ پاھىشىۋازلىق قىلىش «تەننەرخى» قانچىلىك؟

2021-10-23

دۇنيا بىر قېتىملىق پۇل پاخاللىقىغا مۇھتاجمۇ؟

2021-10-22

جاننى قۇتقۇزۇش پەيتى: خېڭدانىڭ سودىنى «بۇزۇۋېتىش»ىدىكى ھەقىقەت

2021-10-21

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟

2021-10-19

يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش

2021-10-16

قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى

2021-10-14

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

2021-10-13

خېڭدا ۋە ئۆي-مۈلۈكچىلىكنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

2021-10-11

شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن

2021-10-10

ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟

2021-10-10

تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش

2021-10-09

دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى

2021-10-03

قەرز كىرىزىسىدا قالغان خېڭدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى

2021-10-03

لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى

2021-09-29

جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟

2021-09-28

يېشىل «قالپاق» كەيگۈزۈلگەن فىرانسىيە

2021-09-22

خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر

2021-09-20

يېڭى «قالايمىقانچىلىق» بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆرلەش شوتىسىدۇر

2021-09-19

بايلارنىڭ ھالاكىتى

2021-09-18

خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟

2021-09-17

ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ ئىچكى يادروسى

2021-09-14

«ۋېن جېڭ» ۋە «ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات»

2021-09-13

سوۋىتنىڭ خاتالىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دانالىقى

2021-09-09

مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش: ئۈچ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى

2021-09-05

خەير-خوش خېڭدا، جۇڭگو يەر مۈلكىنىڭ يېڭى دەۋرى

2021-09-04

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

2021-09-03


------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408